روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 657|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۆھەر تىلىم،زەر تىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل،ئۇيغۇر تىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلىدا ناۋاسى؛
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل،ئەمما تاتلىق،چۈچۈك تىل،
مەن شۇم تىلنىڭ شەيداسى،مىراسخورى ھەغداسى.

ئۇچ ئانا تىل،ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،
مەن بۇ تىلنى ئۆگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا؛
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئۇۋلاپ جانان مەيلىنى،
پاراڭلاشقان سىرداشقان ئالمازارلىق باغلاردا ...

بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرىكىمگە پىچىرلاپ،
ۋاپادارلىق،ئەخلاقنىڭ مىزانىنى مىزانىنى بىلدۈرگەن؛
ئوغلۇم قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن،مۇرادىمنى كۈلدۈرگەن.

           گۆھەر تىلىم،زەر تىلىم

                                            ــــــ روزى سايىت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاجايىپ پىشقان ئەسەردە بۇ .ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
روزى سايىت ئەپەندى نىڭ شىئىرلىرى تولىمۇ پاساھەتلىك
بىرىنجى كوپلىتنىڭ تۆتىنچى مىسراسىدا شۇ تىل شۇم تىل بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟
savir يوللىغان ۋاقتى  2014-01-14 00:36:42
بىرىنجى كوپلىتنىڭ تۆتىنچى مىسراسىدا شۇ تىل شۇم تىل بول

مەن شۇم دەپتۇ شۇم تىل دىمىگەندۇ
5230 يوللىغان ۋاقتى  2014-01-15 02:08:10

مەن شۇم دەپتۇ شۇم تىل دىمىگەندۇ

ھەر قانچە بولسىمۇ ئاپتور ئۆزىنى شۇم دىمەس، مىنىڭچە يەنىلا شۇ تىل دىسە مۇۋاپىقمىكىن.
savir يوللىغان ۋاقتى  2014-01-16 01:33:22

ھەر قانچە بولسىمۇ ئاپتور ئۆزىنى شۇم دىمەس، مىنىڭچە يە

بۇ گەپنىڭمۇ  ئاساسى بار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 14:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش