ئەرلەر ساغلاملىقى ۋە ۋىتامىن
* _( Z: A! Z# g l ۋىتامىن A ۋىتامىن A بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۇرۇش رولىغا ئىگە. بىر ئەر ھەر كۈنى 1000mg ۋىتامىن A غا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. ئادەتتە سەۋزە، جىگەر، سۈت ياسالمىلىرى، بېلىق، شوخلا، ئۆرۈك ۋە قوغۇننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول. ۋىتامىن A ئاساسلىقى كۆرۈش سېرىق ئالكوھولنى كۆرۈش سېرىق ئالدېھىدغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئېتىل ئالكوھول ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆرۈش سېرىق ئالدېھىدنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، كۆرۈش دەۋرىيلىكى ۋە ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك.
+ ?' w. t( ?* @! ?. W( x0 z ۋىتامىن B6 ۋىتامىن B6 بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن گەۋدىلىك. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن B6 تېرە راكى، دوۋساق راكى ۋە تاش چۈشۈش كېسىلى (ئەرلەرنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈش ئاياللارغا قارىغاندا 2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ) نىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. بىر ئەر كىشى كۈنىگە 2mg ۋىتامىن B6 (تەخمىنەن 2 دانە چوڭ بانان تەركىبىدە شۇنچىلىك بار) گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدىغانلار كۆپرەك تولۇقلىسا ياخشى. ئادەتتە توخۇ، بېلىق، جىگەر، ياڭيۇ ۋە گازىر قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B6 بىر قەدەر مول. مۇتەخەسسىسلەر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ۋىتامىن B6 نىڭ 50mg دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ( Y! q. K3 _: z! tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋىتامىنC ۋىتامىنC ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە زۇكام، راك، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىش ۋە چىش يىلتىزىنى ئاسراش، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، ئۇ يەنە ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادەتتە ۋىتامىنC گازىر، كۆك مۇچ، ئاپېلسىن، ئۈزۈم شىرنىسى، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.
9 K$ o5 X( l% R# M6 T, k- t ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كۈندە 200mg ~ 300mg ۋىتامىنC قوبۇل قىلسا مۇۋاپىق بولىدىكەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ gμ60 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. يېرىم پىيالە ئاپېلسىن شەربىتى كۈندىلىك ئىھتىياجنى قامدىيالايدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلار ۋىتامىنC نى كۆپرەك تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
% Z) {1 Q' n G, C9 z ۋىتامىنE ۋىتامىنE خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئارتېرىيە ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ۋىتامىنE ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ ۋە ياۋا ياڭاق تەركىبىدە مول.
6 v7 j( x1 N' x% T |