روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 4

ئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

240

تېما

13

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

يولباشچى

ھەۋەس

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تەجرىبە
6544 سەر
ئىناۋەت
4295 سەر
تەڭگە
1896 دانە
قىزغىنلىق
1900 سەر
تۆھپە
513 سەر
توردا
231 سائەت
تىزىملاتقان
2010-7-28

شەرەپ ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز
بالىلىقىمدىكى سۆيۈملۈك ئۇستازىم ھەسەن دۆلەت مۇئەللىم 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (جۈمە) بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
ھەسرەت چېكىپ يىغلايدۇ گۈللەر،
سوغۇق تۇمان ئۆرلىگەن كۈزدە.
جىلۋە قىلار بەرگىدە ئازاب،
سەرسان بولۇپ خۇشپۇراق تۈزدە.

ئەگىپ يۈرەر مۇڭلىنىپ شامال،
دەردلىك كۆزى ئېچىشىپ نەمدە.
چۈشۈپ كېتەر ئەلەمدە بېشى،
قايناپ كەلگەن مۇسىبەت-غەمدە.

سالۋا تۇماق كېيىشكەن ھاۋا،
ئاستا كېلىپ يوقلايدۇ چىمەن.
جىمىپ قالار ناۋاگەر قۇشلار،
بېقىپ بوزرەڭ تۇپراققا تىمەن.

ئەسنەپ ياتار قۇرىغان شىۋاق،
ئەلۋەك باھار چۈشىنى كۆرۈپ.
شۈرمەل ئاقار دەريادا غېرىپ،
مۇزلاپ كەتكەن قىرغاقنى سۈرۈپ.

نۇرغا چۆمگەن قەدىمىي دەرەخ،
تاشلاپ تۇرار پەرۋاسىز سايە.
ئۆمۈر دېگەن تېپىشماق بولۇپ،
قىلار دۇنيا مېھرىنى زايە.

داڭقى چىققان دانىشمەن ئەردىن،
قالار ئەلگە پەخىرلىك زامان.
ياخشى نامدىن سۆيۈنۈپ ئىنسان،
ئۈمىد بىلەن ياشايدۇ ھامان.

ئۆكسۈپ تۇرار يارىدار كۆڭۈل،
ئۆتۈپ ئەجەل سورىقى جاندىن.
نېمە قالدى، نېمىلەر كەتتى؟
سىرى غايىپ تىلسىم جاھاندىن.

لەيلەپ ئۇچقان ئاخىرقى ياپراق،
سۈكۈت باسقان قەبرىگە چۈشەر.
قىلغاچ باقى ئالەمگە سەپەر،
ئۇلۇغ ھېكمەت قۇچاقلىغان ئەر.

ئەركىن پەرۋاز قىلارمۇ روھى،
بولۇپ گۇناھ-كەبىردىن ساقىت؟
ئۇستاز دېگەن، ئۇستازغۇ ئاخىر،
دەرمۇ شۇنداق ئاخىرقى ۋاقىت؟

تەندىن چىققان ئامانەت جاندىن،
قالدى مەسۈم يۈرەككە بەلگە.
ئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز،
ھەسسە قوشۇپ باھادىر ئەلگە...
مەنبە: ئىجادىيىتىم

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئەجەل يېتىپ كەتتىڭىز ئۇستاز
heatlevelناچار ئوقۇتقۇچىلار قانداق بولىدۇ؟
heatlevelۋەتەنپەرۋەرلىك–ئەخلاق-تەربىيىسىنىڭ يادروسى
heatlevelبىر سائەت دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش ھەققىدە
heatlevelبىر قىسىم ئەدەبىي ئېقىملارغا قىسقىچە ئىزاھات
heatlevelمەكتەپ دەرسىنىڭ سېھرىي كۈچى نەدە؟
heatlevelئوقۇتۇشتا نۇمۇس تەربىيىسى
heatlevelئوقۇتقۇچىنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
heatlevelئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن كەسىپتىن بىزار بولىدۇ؟
heatlevelئوقۇتقۇچىلاردا كەسپىي غۇرۇر بۇلۇشى كېرەك
heatlevelمەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىناۋىتىنى كىم تىكلەيدۇ؟
heatlevelبىر سائەتلىك دەرسنىڭ قىممىتى نەدە؟

ھەۋەس نامىدىكى ئەسەرلەرنى كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ

240

تېما

13

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

يولباشچى

ھەۋەس

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تەجرىبە
6544 سەر
ئىناۋەت
4295 سەر
تەڭگە
1896 دانە
قىزغىنلىق
1900 سەر
تۆھپە
513 سەر
توردا
231 سائەت
تىزىملاتقان
2010-7-28

شەرەپ ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ھەسەن دۆلەت 1980-يىلى  سىياسەت دەرسى بەرگەن ئىدى. شۇ دەرسنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك،مەندە ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياق قوزغالغان ئىدى....
ئۇستازىمنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى كۆڭلۈمنى بەكمۇ يېرىم قىلدى. بۇ شېئىردا ھەسەن دۆلەت دېگەن ئىسىمنى چىقىرىش جەريانىدا بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمنىڭ كۈلكە كەتمەيدىغان چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.
ھەۋەس نامىدىكى ئەسەرلەرنى كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

285

تېما

100

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

يولباشچى

ئەركىن جۈمە

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تەجرىبە
6815 سەر
ئىناۋەت
4430 سەر
تەڭگە
3462 دانە
قىزغىنلىق
4167 سەر
تۆھپە
673 سەر
توردا
614 سائەت
تىزىملاتقان
2009-4-14

شەرەپ ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى تەلەي ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى بىھىش بولسۇن!
مۇشۇ كۈنلەردە ئەجەپمۇ ئالدىراش بوپ كەتتىغۇ كىشى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

42

تېما

3

دوست

1343

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
420 سەر
ئىناۋەت
290 سەر
تەڭگە
598 دانە
قىزغىنلىق
629 سەر
تۆھپە
22 سەر
توردا
203 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-23

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.ناھايتى ياخىشى چىقىپتۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

25

تېما

24

دوست

2954

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تەجرىبە
1606 سەر
ئىناۋەت
939 سەر
تەڭگە
634 دانە
قىزغىنلىق
403 سەر
تۆھپە
23 سەر
توردا
428 سائەت
تىزىملاتقان
2013-4-18

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇ ن،   شېرىڭىزغا باركاللا  
روھلان تور بېكىتى ياشنىسۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|archiver|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-25 14:20

چوققىغا قايتىش