بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xjcfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-15 01:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلىرى! ژۇرنىلىمىز ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاپتورلارنى پەن–تېخنىكا يېزىقچىلىقىدا تەربىيەلەش ۋە ئاپتورلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25~30-كۈنلىرى ئەتراپىدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئۈرۈمچىدە ئاپتورلار ئۈچۈن پەن-تېخنىكا يېزىقچىلىقى كۇرسى ئاچماقچى، كۇرسنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى 1~3 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
بېرىش-كېلىش يول كىراسىنى ئاپتورلار ئۆزى كۆتۈرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تاماق، ياتاق دېگەندەك چىقىملارنى ژۇرنال كۆتۈرىدۇ.
ژۇرنىلىمىز ئاپتورلار ئىشلەۋاتقان ئىدارە ياكى شىركەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نامىدا تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ. بۇ ھالدا بېرىش-كېلىش يول كىراسىنى ئىدارىڭىزگە ئاتچوت قىلدۇرالايسىز.
بۇ قېتىمقى كۇرستا پولات ھېۋزۇللا، ئالىم ئەھەت، ئەمەتجان رۇسۇل قاتارلىقلار ژۇرنالغا قانداق ماقالە يېزىش، ماقالىنى قانداق يېزىش، قايسى جايلارغا دىققەت قىلىش ۋە باشقا تەرەپلەردىن لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئەھۋالغا قاراپ ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلاممۇ لېكسىيە سۆزلىشى مۇمكىن.
لېكسىيە سۆزلەيدىغانلار ھەققىدە تۆۋەندە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدى.
ھوشۇر ئىسلام: ئاكادېمىك، دوكتور يېتەكچىسى، كومپيۇتېر پەنلىرىدىكى يولباشچى، ئالىم، دۆلەت دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس.
پولات ھېۋزۇللا: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئالىم ئەھەت: «ئۇيغۇرسوفت» كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جۇڭگو IT ساھەسىدىكى 10 مەشھۇر ياشنىڭ بىرى، Windows 8 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئەمەتجان رۇسۇل: «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى.
بۇ كۇرسقا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئاپتورلار (ياكى ئاپتور بولماقچى بولغانلار) ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، ئىشلەۋاتقان ئىدارە ياكى شىركەت ئىسمى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قىلىپ xjcfan@sina.com غا يوللاپ بەرسەڭلار. بىز شۇ بويىچە ئاپتورلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتىمىز.
ئەسكەرتىش: بۇ كۇرسقا ژۇرنىلىمىزدا ماقالە ئېلان قىلمىغانلار ياكى ماقالە ئېلان قىلىش پىلانى يوقلار تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بۇ كۇرستا پەقەت «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئاپتورلار قوشۇنىنى زورايتىش ۋە ئاپتورلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان. كۇرسقا غەيرى مەقسەتتە تىزىملىتىپ، ئۆزىڭىزنى ھەم بىزنى ئاۋارە قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى، تور بېكەت ئىگىلىرىنىڭ بۇ تېمىنى بېكەتلىرىدە بىر مەزگىل چوققىلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسلى تېما ئادرېسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3778-1-1.html
ھۆرمەت بىلەن: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
|