روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1750|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تور بېكەت قۇرماقچى،مىنى قوللايدىغانلار قانچىلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-21 15:11  ' w* M* D! c, T) V% m. G( Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 g, K! O2 \  j, e# r; kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار  .  مەن     يېقىندا  بىر  تور بەت سېتىېالغان.  لىكىن تور     بەتنى قايسى سەھىپىنى  ئاساس  قىلىپ     ئېچىشنى  بىلمەي     يۈرەتتىم  .  بايا روھلان     مۇنبىرىنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ بىرەيلەننىڭ  خاس  سەھىپىلىك  بەت ئېچىش توغرىسىدىكى     پىكىرنى كۈرۈپ قېلىپ  . ئويلۇنۇش ئارقىلىق     مەن بىر يۇمشاق دېتال  تور بېكىتى قۇرۇشنى   نىىيەت   قىلدىم  .  بوشلۇق بىلەن  تورنامى تەييار  بۇلۇپ  بولغان  .  بوشلۇقمۇ يېتەرلىك  چوڭ  .  ھازىر  مەن كەڭ.  توربەت ساھەسىدىكى  دوسلارنىڭ مىنى تېخنىكا  جەھەتتىن قوللاپ  قۇۋۋەتلەپ  بەرسە  دىگەن  ئۈمىدتە؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-21 15:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە روھلان مۇنبىرنىڭ ھازىرقى ئەزىز مېھمىنى بولغان noshirwan   ئەپەندى يوللىغان بۇ تېمىنى تەۋىسيە قىلاي.
+ [+ e, \) }+ }* Q* _# I3 ?$ Fتور بېكەت قۇرغان ۋە قۇرماقچى بولغانلارغا ئىككى كەلىمە
( Q6 Z" h9 j, X; \& `3 Y: k: Bتور بەتچىلىكىمىزنىڭ تارىخىنى ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇلغان ۋاقتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئازغىنا كەم 15 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا، نۇرغۇن بېكەتلەر قۇرۇلدى، نۇرغۇن بېكەتلەر تاقالدى، تور بەتچىلىكىمىز نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. كۆپلىگەن ئىرادىلىك قېرىنداشلىرىمىز تور بەتچىلىكىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، تور بېكەتلەرنى قۇرۇپ، تورداشلارنىڭ ئورتاق بەھرلىنىشىگە ئېچىپ بەردى. % k3 V8 Q. D. I1 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، لېكىن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىكى بېكەت سانى ۋە مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىكى سان-سېفىرلارغا ئاساسەن، نۆۋەتتە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
7 x( j) U* F* Z( `+ ?9 {نۆۋەتتە، تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلار، شۇنداقلا تورداشلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانىدىن كۆرە سۈپىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.. k0 O3 t$ ]7 E: e6 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تور بەتچىلىكىمىز كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يەردە تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەردىن بىرىنى يەنى تور بېكەت باشلىقلىرى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق.
/ |# g7 {0 Q9 q. `, K8 p0 G$ C( jھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تور بېكەت قۇرۇش مودا بولغاندەك، ئازراق كومپيۇتېر بىلىمى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى بارلار مەخسۇس ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىنى قۇرىۋاتمىز (كەمىنە مۇئەللىپمۇ شۇ قاتاردىن قالمىغان). (خاتا چۈشىنىش بولۇپ قالمىغايكى،  بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، بېكەت قۇرغانلارنى ۋە قۇرماقچى بولغانلارنى ئەيىپلەش، قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سېپىش نېيىتىمىز يوق. تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلارنىڭ نى-نى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇلۇغۋار مەقسەدلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كېچىنى كېچە دېمەي قان-تەر ئاققۇزىۋاتقانلىقى كۆڭلىمىزگە ئاياندۇر.)  لېكىن، ئۇچۇرنىڭ يېڭىلىنىشى، بېكەتنىڭ موقىم يۈرۈشلەشتۈرىلىشى، تور ئەھلىگە كېرەكلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، تور ئەھلىگە ئەمەلىي "نەپ بېرىش" بىلەن بىرگە، مۇناسىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان تور بېكەتلىرىمىز  يەنىلا ئاز بولىۋاتىدۇ. # _1 ?& O2 J2 i+ Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان تور بېكەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، لېكىن، ئۇلارنىڭ تور بېكەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلساق، بىزگە پايدىلىق بولسا، ئۆرنەك قىلساق، تور بېكەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىز مۇمكىن. بىزدىمۇ بەيدۇ، شىنلاڭ، سوخۇ، ۋاڭيى، تېڭشۇن، يوكۇ، 56، تۇدو دېگەندەك داڭلىق تور بېكەتلەر چىقىشى مۇمكىن.
6 c) H+ }  O# A- Z1 [: {! [  G/ z3 f; Dھازىرقى چوڭراق بېكەتلىرىمىز ئۆز يولىدا داۋاملىق مېڭىپ تەرەققىي قىلىشنى خالىسا، ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسە، ئەگەر باشقا تور بېكەتلەر بىلەن بىرلىشىشنى، ھەمكارلىشىشنى، قوشۇۋېلىشنى خالىسا، ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا بىرلەشسە، ھەمكارلاشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
; m8 T4 @4 \, Yئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرگە كەلسەك، مەزمۇن جەھەتتە يېقىنراق كېلىدىغان بېكەتلەر ئەڭ ياخشىسى پاي قوشۇش شەكلىدە شىركەت قۇرۇش ياكى گۇرۇپپا-ئەترەت شەكلىدە بىرلىشىپ باشقۇرسا ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. بۇنداق قىلغاندا، ھەم بېكەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتقىلى، ھەم كۆپچىلىكنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىشقا قاراتقىلى بولىدۇ. زىيارەتچىلەر نىسبەتەن مەركەزلىشىدۇ، بېكەتنىڭ ئۇچۇر بايلىقى كۆپىيىدۇ، يېڭىلىنىشى تېزلىشىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرقانچە بېكەتتىكى ئۇچۇر بايلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىرلەشسە، ياخشى بىر بېكەت مەيدانغا كېلىدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار.6 ^# ~# L0 m- h. v) a- M8 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزى ئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرنىڭ ئاتامانلىرى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇشى، تور بېكىتىنى كەلگۈسىدە چوڭ بېكەتلەردىن قىلىپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىپ ئىش باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەگەر ئۇلار بىرلىشىشنى ئەمەس، بېكەتنى مۇستەقىل باشقۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە.: h. y+ L; T5 ]: y% S% hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭىدىن تور بېكەت قۇرماقچى بۇلغانلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىش كېرەككەن. ئەگەر ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسا، ئايرىم بېكەت قۇرىمەن دېمەي،  قۇرماقچى بولغان تور بېكەت بىلەن ئوخشاشراق بېكەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇناسىپ سەھىپە ئېچىپ، ئەقىل-پاراسىتىنى شۇ يەردە نامايان قىلسىمۇ بولامدىكىن دەيمەن. ( k" n) S/ q% \  b  K8 x- A& Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە بىر مەسىلە، ئاز بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنى سەمىمىي قوللاش ئورنىغا، كۆرەلمەسلىك، بىر-بىرىنى سېسېىتىش، ئۆزىنىلا ئويلاش، ھەمكارلىققا سەل قاراش، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، باشقا بېكەتنىڭ ۋە بېكەت باشلىقىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىللەتلەرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى.+ s2 D/ {0 ^, q" U( R- Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«جۇڭگۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتچىلىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بارىكەن. بۇ گەپنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم. ئەل سۆيەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە تور بەتچىلىكىمىز ھەقىقەتەن كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. لېكىن، تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقمۇ ئاز ئەمەس. 5 o* z: D& Z, Y. {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەردە تور بېكەت باشلىقلىرى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دېگەن نىيەت بىلەن بۇ يازمىنى يوللىدۇق. تور بېكەت قۇرغانلار، قۇرماقچى بولغانلار ۋە تورداشلار كۆڭلىدىكىنى دەپ باقسا. ياخشى نىيەت، ياخشى پىكىرلەر تور بەتچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغۇسى.' X7 k; ?7 ]2 N# Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& \7 ]- M% t3 N4 qمەنبە:/forum.php? ... 0%D9%83%DB%95%D8%AA
ۋاقتى: 2013-5-22 16:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزچۇ  ئەڭ  ياخشىسى  رەسىم  تورىدىن  بىرنى  قۇرۇڭ  ،  قانداق  مەنزىرە  رەسىم  ئىزدىسە  تاپقىلى  بولىدىغاندىن
ۋاقتى: 2015-1-7 13:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-27 05:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش