بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahat0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 19:01 # `( @& `2 O3 b+ e! [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; s; h; z$ o) F6 L6 ^9 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمدىلا خەت تونۇش، ئوقۇش، يېزىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. بۇ مەزگىل ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ۋە ھەرپلەرنىڭ سىزىق بەلگىلىرىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغان، خەت شەكلىگە نىسبەتەن تېخى دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئالاھىدە مەزگىلىدۇر. ئۇلارنىڭ خەت يېزىش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خەت سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم خىزمەتتۇر ھەم باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. تۆۋەندە مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
& m6 t$ f7 s' c a; @3 a1.باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خېتى چىرايلىق بولۇشى، يېزىش قائىدىسى توغرا بولۇشى لازىم. ئوقۇتقۇچىنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق ياكى سەت بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار خەت يېزىشنى ئۆگەنگەندە دوراپ ئۆگىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك ۋە ئەينەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ خەت سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىنىڭ خەت سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. خەتنى سەت يازىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەندە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ دوسكا خېتىنى ياخشىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغىنى بويىچە ئۆگىنىپ خەتنى سەت يازىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ. ; {( a, I' t1 f$ k4 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئۆگەتكۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم ئەستايىدىل ۋە سەۋرچان بولۇشى لازىم. زېرىكمەي ئۆگىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خېتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرسىتىپ ۋە تۈزىتىپ بېرىش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا خەت شەكلىنى ئۆگەتكەندە چوقۇم ئەستايىدىل بولۇشى لازىم، سەۋەبى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر نەرسىنى تۇنجى ئۆگەنگەندە غەلىبە قازىنىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، ھەرقانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، خەت يېزىشنى ئۆگىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. بولۇپمۇ تۇنجى ئۆگەنگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەربىر ھەرپ ۋە ھەربىر ھەرپنىڭ قۇرۇلما – سىزىقلىرىنى ھەم خەتنىڭ شەكلىنى توغرا ئىگىلىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، پەقەت ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگەتكەندە ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 9 y" g `' C, d8 x- o. yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتنى چىرايلىق، ئۆلچەملىك يېزىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك كۆرسەتمىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك. چۈنكى چىرايلىق يېزىلغان خەتلەر ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەللىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ ھەم چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، خەتنى چىرايلىق يېزىش قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار خەتنى چىرايلىق يېزىشقا تىرىشىدۇ.
: V2 T# w% @5 \4 G 4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتلەرنىڭ يېزىلىش قائىدىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش مەشىقى قىلىشىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يېزىش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر بولۇپ كېتىپ، زېرىكىش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىش كېرەك.
9 T% a9 y3 }9 c5.پىسخىكا يېتەكچىلىكىنى ياخشى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەتلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلاردا چىرايلىق خەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئېڭىنى ۋە چىرايلىق خەت يېزىشقا ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. + T2 B3 I; c6 T- v$ s1 Z5 K% mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتور: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم باشلانغۇچ مەكتەپتىن: قۇرباننىسا ئەمەت $ {8 U7 Q+ D/ z0 O; g( d$ Y# hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |