روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1980|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھايا بىلەن يۈرۈڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مائارىپشۇناسلار ، جەمئىيەتشۇناس ، پسىخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە ، ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ- يىتىلىشىگە مۇھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن . يەنى ئىناق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئائىلىدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن بالىلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك، چىقىشقاق كېلىدىكەن، ھەدېسىلا جېدەل ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۇرۇشقاق، جېدەلخور، ئۆكتەم، كىشىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ماجرا تېرىشقا ئامراق ياكى بولمىسا قورقۇنچاق كېلىدىكەن......... دېمەككى، بىز بۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېر يىتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنۋالالايمىز.
7 z" i3 C( h4 K; d" D& o    بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ - ھايا بىلەن يۈرۈڭ. بالىلىرىڭىز كىچىك بولسا كۈندىن- كۈنگە چوڭ بولىدۇ، ئىش ئاڭقىرىدۇ، مەسلىلەرنىڭ ياخشى - يامىننى بىلىش چۈشىنىشكە باشلايدۇ. يەنە كىلىپ بالىلار كۆپىنچە نەرسىنى ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تەقلىد قىلىش، دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. دىققەت قىلىڭ ، بالىلىرىڭىز سىزنىڭ يامان ، ناچار تەرىپىڭىزنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن .! X5 P  X3 C7 X+ P) z6 d) mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    1. ئۆي ئىچىدە ھاياسىز چاقچاق ، سەت ، قوپال ، گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ، بولۇپمۇ، بالىلىرىڭىز بار يەردە. بالىڭىز كىچىك بولسا سىزنىڭ بىزەب، بەدىۋىي سۆزلىرىڭىزنى دەرھاللا ئۆگىنىپ، ھەممىلا يەردە ۋاتىلداپ سۆزلەپ يۈرۈپ، سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى ئاشكارلايدۇ.  چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىننى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. نىمە دەۋاتقان، قىلۋاتقىنىنى چۈشىندىغان سىزدەك چوڭلار ئېغىزىنى چايقىمىسا، كىچىكلەرنىڭ ئېغىزىدىن بېزەپ، ھاياسىز گەپلەرنى تۆكمە قىلىشنى ھار ئالمىساقمۇ بولىدۇ. بالىڭىز چوڭ بولسا ھاياسىز گەپلەر بىلەن ئۇنى خىجىل قىلىپ قويىسىز. ئەگەر بۇ ھال تەكرارلىنىۋەرسە ئۇ بارا - بارا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش، دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان، قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان، ئەدەپسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ.; U0 b, F: [0 `- P3 j6 ~) _% l
& o2 c, S6 s8 U' I) w& C    2. ئۆي ئىچىدە تار، نېپىز ئىچ كىيىملەر( لىپتىك ،كالتە كۇسار) بىلەن مېڭىپ يۈرمەڭ .2 l+ j+ r, D2 g" Y, _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    3. ئۆيدە بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ. ئۆيگە مەست كىلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قورقۇتماڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتىڭىزنى بالىڭىزغا كۆرسەتمەڭ. ئۇلار سىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن. دادىنىڭ بالا ئالدىدىكى ئۇياتسىزلىقى ئۇنى بالىسىنىڭ نەزىرىدىن تىزلا چۈشۈرۋىتىدۇ ۋە بالا دادىسىدىن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.8 G4 ?, i6 E9 D2 z3 L& Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    4. بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا ھەر قانداق شەكىلدە يېقىنچىلىق قىلماڭ. ھاياسىز، ياپتا گەپلەر بىلەن چاقچاقلاشماڭ.' u& v/ n7 R+ _8 ?8 W+ g. R/ e  P0 J. N7 j  _" s! J1 D" L8 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    5. ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋېزور كۆرمەڭ. شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىلىرىڭىز ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى كۆرسۇن. لېكىن مۇنداق قىلىش بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتى ۋە ئارىدىكى يېقىن ھېس - مىھرىنى بۇزىۋىتىدۇ. بىرگە كۆرمەكچى بولسىڭىز قولىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ < ھاياسىز ئات - ئىشەك> لەر خۇدىنى بىلەلمەي قالسا < تىزگىن> تارتىپ يول - قانال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا بالىلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەتتە قالىسىز. يېنىڭىزدا بالىلىرىڭىز ئولتۇرسا، بىھايا كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى نومۇس پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
! d. |* Q1 O8 U    بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ھايا پەردىسىگە ئورالغان پاكىز مېھرى- ھۆرمەت بولسۇن. شۇندىلا ئۇ سىزدىن تەپ تارتىدۇ، ئەيمىنىدۇ، گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدۇ. ئىپپەت قوغلىشىدىغان مىسكىندىن، ئەقىدىسى دۇرۇس، تەقۋا پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ.0 u& z3 r* `/ r& x+ o
- f( m& @  u% P* m# uمەنبە خوتەن قەدىمىي دىيار ھورداقخانىسى تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-12 12:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن. بولۇپمۇ ئانا ياكى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇڭلار.
ۋاقتى: 2013-5-12 14:25:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوپ-چوڭ قىزلېرىنى سەت تىللار بىلەن تىللايدىغىنى ئاساسلىقى ئۆز ئانىسى،مەن بۇنداق تىللىغاننى ئىككى قىتىم ئاڭلاپ باقتىم...
ۋاقتى: 2013-5-12 19:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىڭىزغا ئاپىرىن! بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينەكتەك ھەقىقەت بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئائىيلە باشلىقلىرى، جۈملىدىن، ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۆزىگە تىلتۇمار قىلغۇدەك ئۈگۈتلەر ئىكەن...
ۋاقتى: 2013-5-12 23:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېلۋىزورلارمۇ يامان لاۋزا نەرسىلەرنى بېرىدىغان بوپ كەتتى ھازىر
ۋاقتى: 2013-5-13 15:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن .باللارغا ئالدى بىلەن ئاتا -ئانلار ئۆلگە بولۇشى كىرەك.
ۋاقتى: 2013-5-15 11:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز ، بىز چوقۇم دىققەت قىلشىمىز كېرەك ،ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-14 20:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش