روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3862|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۈزۈم كۆچىتى يىغلايدۇ !!!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ دىھقانچىلىق بېلىملىرى سەھىپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ قارىسام ھىچقانداق تېما يېزىلماپتۇ ، مېنىڭ ئوقوغان كەسپىم باغۋەنچىلىك بولسىمۇ ھازىر قىلىۋاتقىنىم ئوقوتقۇچىلىق ، نىمە ئامال پىشاينام شۇ ئوخشايدۇ ، بىراق كەسپىمنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن . ئۈزۈم كۆچىتى يىغلايدۇ دىسەم سىلەر نىمەدەپ ئويلاپ قالغانسىلە ھې ھې ...  سەۋەبى بار ., b$ E) S( P" H  k/ I& n* q% Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتەپكە يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمدا مەكتىۋىمىزنىڭ ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر ئۈزۈملۈك باراڭ بار ئېدى ، باشقىلارنىڭ بۇ ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى ئەتىيازدا چاتىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن . بىر چاغدا ئوقوغۇچىلار مەندىن سۇئال سوراش ئۈچۈن ئىشخانا ئالدىغا كەپتىكەن ، مەسىلە چۈشەندۈرىۋاتسام كىتاپ يۈزىگە يېشىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشتى ، ئۈستىگە قارىسام ئۈزۈم كۆچەتلىرى كېسىلگەن يەردىن يىغلاپ ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپتۇ ، يەرگە قارىسام يەر ياپ- يېشىل بولۇپ كېتىپتۇ ، ئىچىم سىرىلىپ كەتتى ، بۇ ئۈزۈملەر خېلى بىر چاغقىچە ياش تۈكۈپ بولۇپ توختىدى ، كىيىن قارىسام خېلى كۆپ ساپاق چۈشۈپتىكەن ، بۇ ساپاق ساپاق ئۈزۈملەر مېۋە بولۇپ پىشارمۇ دەپ ئويلىدىم ، يازدا قارىسام ھوسۇل بەك تۆۋەن . يوق دىيەرلىك ئۈزۈم بولۇپتۇ .1 m7 Z8 U5 d* d0 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىۋىلىك كۆچەتلەر ئەتىيازدا بىخ سۈرىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور مىقتاردىكى تەن ئوزۇقلىقى ھەر قايسى بىخلارغا قاراپ ئاقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كېسىلسە ئوزۇقلۇق كېسىلگەن جايدىن ئېقىپ كېتىپ بىخقا يىتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلانماي كۆكلەپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا ھوسۇلغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
! e: Z0 V* r$ d* gكېسىلگەن ئۈزۈم كۆچەتلىرىنىڭ يېغلىشى دەل شۇ كېسىلگەن جايدىن سۇ ئېقىشى ، بۇ سۇ دەل شۇ دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىدىن ئىبارەت . شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى ئەتىيازدا چاتىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئەگەر كۈزدە چاتالمىغان بولسا باراڭغا ئېسىپ قويۇپ تۇرۇپ يازدا چاتاڭ ، بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق ئەتىياز ۋاقتىسىدىكىدەك ئۇنچە ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ ، يازدا چاتىغاندىمۇ بەك ئىسسىق ئاپتاپ كۈچلۈك ۋاقىىتتا چاتىماي كەچقۇرۇنلىرى چاتاڭ.
* X& E8 I8 M1 ?% r! F$ l0 Tيىغلايدىغان دەرەخلەر بەك كۆپ ، ھەتتا ھەممىسى يېغلىشى مومكىن لېكىن ئۈزۈم بەك ئاجىز بولغاچقا ئاسان يىغلايدۇ.
) @; b* _$ T! W6 Q/ v2 H1 Vيەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم مىۋىلىك دەرەخلەرنى چاتىغاندا كەكە پالتا كەتمەن دىگەندەك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەتمەڭ ، قايچا ، ھەرە قاتارلىق سىپايە كېسىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ ، قىرغۇچى قوراللار كېسىدۇ بىراق بەك زىدە قىلىۋىتىدۇ ۋە دەل جايىنى كېسەلمەيدۇ.
/ L( q; s% i/ `# w" Yئۈزۈملەرنى ئەڭ ياخشىسى كۈزدە كۆمۈشتىن بۇرۇن چاتاپ ئاندىن كۆمۈڭ ، كۆممەيدىغان ئۈزۈملەرنى ئەتىيازدا چاتىماي كۈزدىن بۇرۇن ياكى يازدا چاتاڭ .
* l( e& u& _# p( @9 ~& O

! x+ z4 U3 D# k) Y1 T! P( Q- Nمەن دىھقان ئەمەس ، دىھقان پەرزەنتىمۇ ئەمەس بۇ جەھەتتە بەزىلەردەك تەجرىبەم بولمىسىمۇ ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، توغرا يېرىنى قوبۇل قىلىپ دىقەت قىلىپ كەتسەك .
6 V; p+ V& Z9 K2 C% M" l4 S! Y8 kباشقا پىكىرى بار دوستلار بولسا ئىنكاس يازساڭلار پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +40 ئىناۋەت +37 تەڭگە +37 بايلىق +37 تۆھپە +34 يىغىش سەۋەبى
yarkanboy + 20 + 20 + 20 + 20 + 20 ياخشى تېما
ADiL + 20 + 17 + 17 + 17 + 14 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-7 09:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈزدە چاتىغان تاللاردىنمۇ ئاشۇنداق سۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ ئاشۇ ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىمىدۇ؟ مەن تېخى ئۆيدىكىلەرنىڭ تال يىغلاپتۇ دەپ خوشال بولۇشلىرىدىن بۇنى ياخشى ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن، ھە راست، يەنە بىر گەپ، ئاشۇ ئۈزۈمنىڭ يىغلىغان سۈيىنى يىغىپ چېچىنى يۇيسا چاچ چۈشمەيدىكەن، چاچقا ئوزۇقلۇق بولۇپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى ياخشى قىلىدىكەن، چاچتىكى كېپەكنى يوقىتىدىكەن، تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتىسىپ جۇمۇ.

باھا سۆز

كۈزدە چاتايدىغان ۋاقىت دەل ئۇنىڭ غازاڭلىرى چۈشكەن ، ئۆچەككە كىرگەن ۋاقتى . بالدۇر چاتىسا يەنىلا سۇ ئاقىدۇ . ئۈ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-4-7 12:50
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 12:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيىق يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 09:02 ' y/ x3 G1 Q) R1 K. k  E6 j3 q' Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۈزدە چاتىغان تاللاردىنمۇ ئاشۇنداق سۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ ...

/ [4 O2 n9 }3 k0 b- E% Eكۈزدە چاتايدىغان ۋاقىت دەل ئۇنىڭ غازاڭلىرى چۈشكەن ، ئۆچەككە كىرگەن ۋاقتى . بالدۇر چاتىسا يەنىلا سۇ ئاقىدۇ .
3 _& h2 W- L) s6 O1 Lئۈزۈمنىڭ يېغا سۈيىدە چاچ يۇيسا پايدىسى بولسا ئۇنداقتا ئەتىيازدا كېسىپ سۈيىنى ئالسا ئەڭ كۆپ چىقىدۇ .
ۋاقتى: 2013-4-7 14:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۈزۈم باراڭلىرىنى ( تەك) باراڭغا ئالغىچە تال نەچچە يېرىدىن سۇنۇپ كېتەتتى . ئۈزۈم تېلىدىن ئاققان سۇيۇقلۇققا مۇشۇ كەمگىچە پەرۋا قىلمىغان ئىكەنمەن ...
ۋاقتى: 2013-4-7 16:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى ىىلىمكەن.
ۋاقتى: 2013-4-7 20:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈملۈك باغنى ئوغوتلاش تۇغرسىدا ئۇچۇر بېرۋاتسىڭز قانداق ؟مەسلەن مەھەلىۋىي ئوغوت ۋە خىمىۋىي ئوغوتنى قاچان ،قانچىلىك بەرسە ياخشى دىگەندەك .بۇلۇپمۇ خىمىۋې ئوغوتنى قانداق تىپتىكى ئوغوتنى قاچان بېرش دىگەن مەسىلەرنى خاپا بولماي ئەتىراپىلق قىلىپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭز .

باھا سۆز

ئورىيا ئۆسۈشكە پايدىلىق ، ئەتىيازدا مۇۋاپىق بېرىلىدۇ ، مىقتارى جەھەتتىن 3يىللىق بولغان تەككە 25گىرام بولسا مۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-4-8 11:17
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-8 11:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوسچى يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 20:18 8 u- S# q; Z& |$ h( A0 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈزۈملۈك باغنى ئوغوتلاش تۇغرسىدا ئۇچۇر بېرۋاتسىڭز قان ...

6 P1 G" `- B) q5 _- bئورىيا ئۆسۈشكە پايدىلىق ، ئەتىيازدا مۇۋاپىق بېرىلىدۇ ، مىقتارى جەھەتتىن 3يىللىق بولغان تەككە 25گىرام بولسا مۇۋاپىق .
# f. ]. u$ `+ Z! g( Nكالىيلىق ئوغوت مىۋە قىزارتىش، پىشۇرۇش، تەم كىرگىزۈش قاتارلىق جەھەتتىن مۇۋاپىق. ئوغوتلايدىغان ۋاقىت مېۋە پىشىشتىن بۇرۇن ، ئىشقىلىپ ئوغۇتلاپ 15كۈندىن بۇرۇن مىۋە ئۈزۈلسە ياخشى بولمايدۇ . مىقتارى جەھەتتىن بەك كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ ، دەرەخ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ بېرىش كىرەك . دەرەخ كۈچلۈك بولسا ئاز بېرىش كىرەك .9 h) q" i1 u5 ]+ r" c1 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پوسفورلۇق ئوغۇت ئادەتتە مېۋە ئۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن بىرىلىدۇ . رولى دەرەخ تېنىدىكى ئوزۇقلۇقنى تولۇقلايدۇ ، قىشتىن ياخشى چىقالايدۇ .
  d3 Z6 }- x. ?1 E' h9 p" n" jمەھەللىۋى ئوغۇت ، بۇنى بەرگەندە چوقۇم ياخشى چېرىگەن ئوغۇتنى دىزىمفىكسىيەلەپ كۈزدە يېتەرلىك ئوغۇتلاش لازىم . ئەتىيازدا بەرسىمۇ بولىدۇ .' B* `/ P" @8 ~& k, I& e7 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خېمىيۋىلىك ئوغۇتنىڭ مىقتارىنى ھەرگىز ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا مېۋە يېشىل يىمەكلىك دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ .  {3 F+ ^( |5 u1 m/ C7 P' cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +9 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
فارابى + 9 + 5 ياخشى تېما،ياخشى بىلى.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-4-8 13:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە زور بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .داۋاملىق يىڭى دىھقانچىلىققا دائىر بىلىملەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ۋاقتى: 2013-4-16 18:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تال كۆچىتى كۆمگەن ۋاقىتتا سۇنۇپ كەتسە ،ئاچقان ۋاقىتتا سۇنغان يېرىدىن سۇ ئاقىدۇ.
ۋاقتى: 2013-4-16 19:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ساۋاتكەن.
+ W9 D* Z2 V! [" q) Eسىزنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىدە ئوقۇغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ ھازىرقى كەسپىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم مۇمكىن بولسا كۆپ قىرلىق بولۇپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنى تولۇق چۈشىنىشى، ھىچ بولمىغاندىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ قەلبىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.( v9 v$ w4 \4 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزدەك تىرىشچان «باغۋەن» لەر كۆپرەك بولسا ئىدى ھە مىللىي مائارىپ سېپىمىزدە.....
6 a9 H0 Z& h- d0 r- ^ۋاقتىڭىزنىڭ يېتىشىچە بىزدىن بىلىم- تەجرىبىلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 08:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش