روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 2

ئۇ، سېنىڭ ئاناڭ ‹‹ئىزھار››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

436

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تەجرىبە
158 سەر
ئىناۋەت
180 سەر
تەڭگە
113 دانە
قىزغىنلىق
96 سەر
تۆھپە
22 سەر
توردا
36 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-19

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 15:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ، سېنىڭ ئاناڭ
‹‹ئىزھار››


سەن ئارلاشما،مەنمۇ بىلىمەن.
بىچارە ئانىنىڭ يۈرىكى قان بولدى.
سەن ئىشىكنى ۋاڭ يېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
بىچارە ئانا-بالام قاچان قايتىپ كېلەر؟ۋاقتىدا كېلىپ تامىقىنى ئىسسىق يەۋالسا بولاتتى،سوۋۇپ قالارمۇ؟
بىچارە ئانا -كېلە، ئوغلۇم تامىقىڭنى يەۋالغىن!
يەنە چۆچۈرە ئەتتىڭما!ئۆزۈڭ ئىچىۋال...
ئورنىدىن ئاران تەستە تايىنىپ ئىنجىقلاپ تۇرغان بىچارە ئانا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
ۋاڭ يېپىپ ئايرىم خانەڭگە كىرىپ كەتتىڭ.
سېنى سورۇنلارغا باشلاپ ئېلىپ مېڭىشنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كېرەكسىز تېلېفۇنىڭ جىرىڭلاپ قالدى
تەلىيىڭگە.
سېنىڭ قىممەتلىك دەپ بىلىدىغان دوستۇڭ -چىقە ئاداش،ماقۇل ھازىرلا.
ۋاڭ يېپىپ چېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
بىچارە ئانا سېنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز. سېنى بالام نەگە؟دېيىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.
بىچارە ئانا-چىراقنى ئۆچۈردى،ئەمما نۇرى ئۆچەي دەپ قالغان كۆزلىرى كېچىچە يۇمۇلمىدى،
كېچە سائەت 12،11،10بولدى.
سېنىڭ ئامانلىقىڭنى تىلىدى،سېنى قاچان كېلەركىن دەپ كۈتتى.
«ۋاڭ!» ئېچىپ كىردىڭ. تاماق ئەتتىڭمۇ؟
ئاخشامقى ئېشىڭنى ئىسسىتىپ بېرەي،ئوغلۇم.
«ۋاڭ!» يېپىپ ئايرىم خانەڭگە كىرىپ كەتتىڭ.
شۇ كىرىپ كەتكىنىڭچە ئەتە سائەت 12،11،10بولدى.
سېنى ئويغىتىپ ئاناڭ ئۈچۈنلا ئاچىدىغان قورسۇقۇڭغا تاماق بېرىشكىمۇ پېتىنالمايدۇ.بىچارە ئاناڭ.
سەن شۇنداق ئۇيقۇڭنى ئاچالماي ياشايسەن.
بىچارە ئانا سېنى تۇغۇپ چوڭ قىلدى.
بىچارە ئاناڭ سەن ئۈچۈن پەقەت بىر تۇغۇتخانا ھېسابلاندى.
بىچارە ئانا ھايات - ماماتلىق تالىشىدىغان قانلىق جەڭگاھقا سېنىڭ ئۈچۈن كىردى.
بۇ سېنىڭ ئەقىلسىز كاللاڭدا پەقەت مەجبۇرىيەت ھېسابلاندى.
سېنى ئاپرىدە قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ئالىي ئىنسانغا ئايلاندى،قەھرىمانلىق ھەلقۇمىغا ئايلاندى،
ئەمما سېنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ھېچنىمە ئەمەس ھېسابلاندى.
بىچارە ئانا سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇۋاتقان ئاغرىق ئىچىدىمۇ،دوختۇر!قانداق قىلىپ بولسۇن بالامنى ئامان-ئېسەن ئېلىپ بېرىڭ»دەپ زارلىدى.«دوختۇر!تېنىمنى كېسەمسىز،تومۇرۇمنى ئۈزەمسىز،بالامنى تىرىك قالدۇرسىڭىزلا بولدى»دەپ مۆلدۈرلەپ قاراپ ئۆلۈم -كۆرۈم ئالدىدا جان تالاشتى. كۆزى يورىغان ئاشۇ ئانا سېنىڭ ئۈچۈنلا بىچارە بولدى. سېنىڭ ئۈچۈنلا ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى.
ھەي ئەخمەق بالا بىلەمسەن ؟
كۆزى يورىغان ئانا بالىسىنى دوختۇر قولىدىن ئالمايدۇ،ئۆلۈمنىڭ قولىدىن ئالىدۇ-شۇنى بىلىپ قال-ئەخمەق.
سەن ئەسلىڭنى ئۇنۇتقان بولساڭ بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ يۈزىگە زەن سېلىپ باق،بالىسىنى خۇددى كۆز قارچۇقىغا كۆچۈرۋاتقاندەك مېھىر بىلەن قارايدۇ. ساڭىمۇ شۇنداق قارىغان بىچارە ئانا يېنىڭدىكى شۇ. ئانام مېنى ماتاغا يۆگەپ باقتىمىكىن دەپ ئويلىما-خاتالىشىسەن،ئاناڭ سېنى ماتاغا ئەمەس جېنىغا يۆگەپ باققان.سېنى تۇغۇپ پەرزەنتلىك بولغاندا،ئانىنىڭ جېنىدا مىڭ ئەندىشە قىمىرلاشقا باشلىغان.ھەتتا سەن ئاناڭنىڭ قورسىقىدا پىلتىڭلاپ تۇرغان ۋاقىتلاردىلا ئاناڭنىڭ بىر جېنىدا مىڭ ئەندىشە قىمىرلىغان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن ياشىماي قويغان...
سەن نامەرد بالا ئاناڭنىڭ  مانا شۇ بەخشەندىلىكىنى ئۇنۇتتۇڭ. سەن ئۈچۈن ياشاپ قالغان ئاناڭنىڭ ئايىقىغا كۈندە بىر باش قويساڭمۇ قەرزىڭ تۆگىمەيدۇ. سېنىڭ ئۆمرۈڭگە ئۆز جېنىنى پاسىبان قىلغان ئاناڭ سېنىڭ قايغۇڭنى بۈگۈنگە قەدەر كۆتۈرۈپ كەلدى.ئەمدى سەن زىرىكتىڭما؟ تونۇشقىلى نەچچە كۈن بولغان سورۇنخۇمار دوستۇڭ ئاناڭدىن ئەزىز ھېسابلاندىما؟سەن بىچارە ئاناڭنىڭ ھامىيسىدا چوڭ بولدۇڭ،ياق سەن چوڭ بولمىدىڭ، ھەر قانچە بولساڭمۇ ئاناڭدىن چوڭ بولالمايسەن.
سەن پىلتىڭلاشنى باشلىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئاناڭنى مالال قىلىپ كەلدىڭ.بىلەمسەن؟ بۇ دۇنيادا ئاتا- ئانىنىڭ ئالدىدا«مالال»دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك،بۇنىڭغا تەڭرىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ! چۈنكى ،سەن ئاناڭنى مالال قىلغۇدەك چوڭ بولالمايسەن، سەن مەڭگۈ ئاشۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىچىكىنە بىر زەررىچىسىسەن! ئاناڭنى مالال قىلىشتىن كۆرە ئۆزۈڭدىن كەچ!
سەن ھەر قېتىم ئۇلارنى نارازى قىلىپ مالال قىلغىنىڭ -سېنىڭ ھەر قېتىم ئۆلۈپ تۇرغىنىڭ بىلەن باراۋەر .
بىچارە ئانا لەڭمەن ئەتمىگەن كۈنى رەنجىدىڭ. ئۆزۈڭ ۋاقتىدا كەلمەي تامىقىڭ سوۋۇپ قالسا يەنە ئاناڭدىن رەنجىدىڭ. بىچارە ئاناڭنىڭ سەن ئۈچۈن خورىغان،سەن ئۈچۈن تالغان پۇت -قوللىرىنى يېنىك -يېنىك تۇتۇپ،ئۇۋلاپ قويغىدەك ئەقىل ساڭا كەلمىدى. زېرىكىپ قالساڭ ئاناڭدىن رەنجىپ «ۋاڭ!» يېپىپ چىقىپ كەتتىڭ.
ئەمما ئاناڭچۇ؟
سەن قانچە يىراققا كەتسەڭ يۈرىكى شۇنچە بەك ئاغرىدى. سەن قانچە ئۈزۈن يوقاپ كەتسەڭ ئاناڭنىڭ يۈرىكى شۇنچە ئۇزۇن ئاغرىدى.
سەن يىراق جايغا ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا:«جېنىم بالام، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا، تامىقىڭنى ۋاقتىدا يە...، سەپىرىڭ قۇتلۇق بولسۇن!» دەپ سىنى ئۇزاتتى، كۆزلىرىڭدىن جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، قىيمىغان ھالدا يىغلىدى.قاچان كېلەرسەن؟ سالامەتمۇسەن؟....دەپ سانسىزلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، سانسىزلىغان كۈنلەرنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مىسكىن، غەمكىن كۆزلىرى بىلەن سېنى كۈتتى، يولۇڭغا تەلمۈرۈش بىلەن كەچ قىلدى،بىچارە ئاناڭ قورايدەك قوللىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ،ئېتىزلىرىدا ئىشلەپ،دېھقانچىلىقىنى قىلىپ بىر كوي بىر كويدىن توپلاپ ساڭا قىزىل پۇلنى ئېۋەتتى.ئەپسۇس، بۈگۈن سەن خىيانەت قىلدىڭ.
ئانا ئۇ تومۇرىمىزدا ئاققان ھەربىر تامچە قاننى،ھەربىر تىنىقلىرىڭنى ئاتا قىلغان،ئەمما ئۇ ھەمىشە غەمكىن، دەرتلىك يۈرۈۋاتىدۇ. سەن خورلاۋاتىسەن.
بىچارە ئانا ياشاندى. سەن تاشلاپ قويدۇڭ. ئەمما، ئانا سېنى ھازىرغا قەدەرتاشلاپ باقمىدى. ئۇنىڭ بارلىق مۇھەببىتى پەقەت سېنىڭ ئۈچۈنلا.ئۇ ھەرۋاقىت سەن ئۈچۈن باش قاتۇرغىنى قاتۇرغان، سېنىڭ ئۈچۈن ياش ئاققۇزغىنى ئاققۇزغان.لېكىن ئۇ يەنىلا يالغۇز، مەيۈس، دەرتلىك، غېرىب، ئەڭ كۆپ ئازار يېگۈچى.
دۇنيادا ئەڭ كۆپ، ئەڭ سەرخىل،ئەبەدىي ئۇنتۇلماس نەرسە مۇھەببەت بولسا كېرەك، ئەمما مۇھەببەتنى ھەقىقىي ئاتا قىلالايدىغان، كىشىگە ئالەمچە سۆيگۈ ۋە بەخت بېغىشلىيالايدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسان بار، ئۇ بولسىمۇ- ئانا.
ئانا-سەن يىقىلساڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ. كۆزۈڭدىن ياش تامچىلىغاندا، يۈرىكىدىن قان تامچىلايدۇ. سېنىڭ كۈلكەڭ- ئۇنىڭ بەختى،سېنىڭ كۆز يېشىڭ- ئۇنىڭ ئازابى.
بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت
ئانىنىڭ مۇھەببىتىلا ئەبەدىي خورىماستۇر.مەڭگۈ پاك، غۇبارسىز،مىننەتسىز .
ئانا قۇچىقى_ ئىنسان بالىسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنى.ئانا قۇچىقى_ جىمى يامانلىقلاردىن، ساختا مۇھەببەتتىن، خىيانەتتىن، ئۇنتۇلۇشلاردىن، تەرك ئېتىشلەردىن يىراق جەننەت ئىدى،سەن بىلەلمىدىڭ.
قاپقارا چاچلىرى سېنىڭ ئۈچۈن توزۇپ ئاز قالدى. پېشانەڭگە ھەر كۈنى بەخت تىلەپ سۆيۈپ،ئۆز ماڭلىيىغا ئىز سالدى.
سېنىڭ ئۈچۈن قەدەم بېسىپ تېتىكلىكى يوقالدى.جاھاننى سېنىڭ ئۈچۈنلا ياشاپ تۈگىتىپ قويدى.ئەمدى سېنىڭ ئېغىرىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەمدى بول قىل. كۆڭۈل سۇدەك نازۇك نەرسە،بېچارە ئانا ئەمدى چوقۇم رەنجىيدۇ،ھەر قانچە ئۇلۇغ سۇمۇ مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.سەنمۇ بىچارە ئۈچۈن ئازراق ياشاپ قوي!موڭدىشىپ قوي! يوقلاپ قوي! ھالىنى سوراپ قوي! ئەركەك بولساڭ ئوغلى بولۇپ قوي!ئايال بولساڭ قىزى بولۇپ قوي! پۇتلىرىنى يۇيۇپ،چاچلىرىنى تاراپ قوي! يەلكىسىنى تۇتۇپ،قوللىرىنى سىيلاپ قوي!بىر كېچە بەرگەن سۈتىنىڭ بولىسىمۇ ھەققىنى تۆلەپ قوي! سېنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق يېگەن تولغىقى ئۈچۈن،توققۇز ئاي ئەمەس توققۇز مىنۇت ۋاقتىڭنى چىقىرىپ بىچارىنى ئويلاپ قوي!دوختۇرنىڭ پىچىقى ئالدىدا سېنى بەختىم دەپ ئويلىغان ئاناڭنى ئەمدى مېنىڭ بەختىمسەن دەپ ھال سوراپ قوي!ساڭا قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتى يوق،بىلىپ قوي! بىچارىدىن باشقا ھېچ ئاناڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ قوي!بىر تال كەمپۇت،بىر تال ئالما،يۇمشاق نان سەنسىز ئۇنىڭ گېلىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئويلاپ قوي!
پۇتلىرى سىقىراپ تۇرماقتا،يۈرىكىمۇ سىقىراپ تۇرماقتا. ئەمدى ئۇ چىدىمايدۇ.قىسقىسى،سېنى دېمىگەن بولسا ئىدى،بۇرۇن ئاچچىق تولغاق يېگەن ۋاقىتتىلا دۇنيادىن ۋاز كەچكەن بولاتتى.
سېنىڭ ئۈچۈن قۇلىقى ئېغىرلاشتى، قەدەملىرى ئېغىرلاشتى،بىچارە ئانىنىڭ كۈنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر.ئۇيقۇڭنى ئاچ، بىچارە ئانا بالىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زەرىچە بەدەل تۆلەپ باققىنىنى كۆرۈپ باقسۇن!ئازراققىنە قالغان ھاياتىدا كۈلۈمسىرەپ باقسۇن!


مەنبەسى:ئىزھار مۇنبىرى

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئالبوم ئىشلەشكە قىزىققۇچىلارغا
heatlevelكۆپ ئىختىدارلىق ئېسىل دىتال -يەل تاپان
heatlevelيالغۇز كارۋان
heatlevelئۇ، سېنىڭ ئاناڭ ‹‹ئىزھار››
heatlevelDiscuz! X2.5 دىن ياردەم سورايمەن.
heatlevelئاندىروئىد تىلفۇن ئۇيغۇر تىلۋىزىيە دىتالى
heatlevelئانا تىلىمىزدا،ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇلغان تۇنجى تور دىسكىسى
heatlevelكومپىيۇتىر،ئاندىروئىد دىتاللىرى،كىتاپ ناخشىلار 1000دانە تاللانغان
heatlevelئاندىروئىد سېستىمىلىق تىلفۇنلارنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپلىرى
heatlevelئەڭ يېڭى يۇمۇرلار كەتتى
heatlevelئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش گرامماتىكىسى توپلىمى
heatlevelباسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان شوپۇر قىز (ھىكايە)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىئىناۋەت تەڭگە يىغىش سەۋەبى
不_qǘx_amas + 14 + 8 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ئىناۋەت + 14  تەڭگە + 8   باھا خاتىرىسى

0

تېما

0

دوست

31

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 2

تەجرىبە
12 سەر
ئىناۋەت
11 سەر
تەڭگە
2 دانە
قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 22:38:32 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەك تەسىرلىك تېمىكەن اللە رەھمەت  قىلسۇن
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

2

دوست

436

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تەجرىبە
158 سەر
ئىناۋەت
180 سەر
تەڭگە
113 دانە
قىزغىنلىق
96 سەر
تۆھپە
22 سەر
توردا
36 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-19

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 01:06:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياختۇرۇپ ئوقۇغان بولسىڭىزلا خوش بولىمەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|archiver|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-24 14:03

چوققىغا قايتىش