ئېلىمىز 12-بەش يىللىق ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بېكىتتى ( d" H+ T9 l6 w6 Z7 f( jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 w7 L2 j H* v5 ?0 n f1 s H0 @ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا «دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى 12- بەش يىللىق پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. پىلانغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلار، ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. كاپالەت ئۆلچىمىدە ئوقۇش ھەققى، پارچە ھەق ھەمدە يېزا ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ ياتاق ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن دەرسلىك ماتېرىيال ھەققى ئالمايدۇ. يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي خىراجەت ئۆلچىمىدە ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 500 يۈەن، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 700 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. دۆلەت يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلىغا مىڭ يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 1250 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىدۇ. دۆلەت نامرات رايونلار يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلايدۇ. ياتاقلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ئاساسىدا، مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە تۇرغان ۋاقتىنى 200 كۈن بويىچە ھېسابلاپ، شۇ ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئۈچ يۈەن تاماق تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ.
' k8 P6 h- B! `
' z2 t2 n5 c) v7 m2 c+ [ پىلاندا كاپالەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پىلان ئورۇنلانغاندا تۈرلۈك ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ نىشانلىق ئامما ئىچىدە ئومۇمىيلىشىش نىسبىتى %100، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇقىملىشىش نىسبىتى %93، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش نىسبىتى%87، يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %85 لىك نىشانغا يەتكۈزۈلىدۇ.
- D" d( ~9 \+ j% L1 w* B4 n7 U* m3 `: iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى |