روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2366|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ تور ئىشلىتىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   21-ئەسىر -ئۇچۇر دەۋرى.كومپيۇتېر تورى ئائىلىلەردە ئومۇملاشقاندىن كىيىن،كۈندۈلۈك تۇرمۇش،ئۆگۈنۈش،خىزمەت ۋە كۈڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەرەپلەردىن بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. كومپىيۇتېر تورى ئارقىلىق كىشىلەر كۈنلەپ سىرتلارغا چىقمايمۇ زىرىكىش ھېس قىلمايدىغان، كۆپ ئىشلارنى بىجىرىپ، ئۆزىگە نۇرغۇن شاتلىق تاپالايدىغان بولدى.كومپيۇتېر تور دۇنياسى تولىمۇ رەڭدار،كۆپ خىللىقى بىلەن بىزنى ئاستا-ئاستا ئۆز قوينىغا سۆرەپ كىردى.شۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلاردا تورغا خۇمار بولۇش،توردىن ئايرىلسا،بۇ دۇنيا مەنىسىز تۇيۇلىدىغان،ئىچى تىتىلدايدىغان،ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان،ھەتتا مىجەزى ئەسەبىلىشىپ،ئائىلىدە جېدەل ماجرا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۈرۈلۈشكە باشلىدى. بەزى ياش ئۆسمۈرلەر تورغا خۇمار بولۇش سەۋەپلىك،ئوقۇشتىن بىزار بولغان،ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئەھۋاللارمۇ،تور خۇمارى تۇتقاندا،ۋاقتىدا تور شارائىتىغا ئېگە بولالمىسا،ئاتا ئانىسىنى خاپا قىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاڭلىدۇق ياكى كۆردۇق. كومپىيوتېرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە بالىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئالايلۇق، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان دەۋرىدە تۇرىبولغاچقا،ئۇستىخانلىرى بەك قېتىشىپ بولمىغان بولىدۇ.ئەگەر بالىلار كومپىيوتىر ئالدىدا كۇندە 4-5سائەت ئولتۇرغاندا،بالىلانىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئىگىلىپ، دۈمچەك بولۇپ قالغاندىن سىرت،كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،مېڭىسى چارچاپ روھسىزلىنىدۇ.،يەنە بويىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىرىمۇ چوڭ بولىدۇ.ئەگەر تور ئىشلىتىش ۋاختى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە،بالىلاردا راك كېسەللىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىشى مۈمكىن.مىجەزىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ،روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش،پىسخېكىسى توسالغۇغا ئۇچراش،جىمغۇرلۇق،باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغان بېكىنمە مىجەز بولۇپ قالغاندىن سىرت،ئېغىر بولغاندا ھەرخىل روھىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تورغا خۇمار بولۇش – بىر خىل پىسخېكىلىق كېسەللىك.بالىلاردىكى تورغا خۇمار بولۇش كېسىلىنىڭ يەڭگىل بولغانلىرىنى ئائىلىدە ئاتا ئانىلار ئەپچىل چارىلەر بىلەن ئاستا-ئاستا داۋالاپ كېتەلەيدۇ تورغا خۇمار بولۇش دەرىجىسى زىيادە ئېغىر بولغان بالىلارنى چوقۇم پىسخىلوگىيە دوختۇرلىرىغا كۆرسىتىش زۈرۈر." `' ]5 {  z$ L  N- A+ M% Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئۇنداقتا ئاتا ئانىلار ئائىلىدە بالىلارنىڭ تور ئىشلىتىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؟
9 S/ p2 \8 @5 B' z  ^& A   1.ئائىلىدە بالىلارنىڭ تور ئىشلىتىشىگە چەك قويۇش كېرەك.تور ئىشلىتىشكە چەك قويۇش دېگەنلىك،بالىلار ئارىلايدىغان تور بېكەت ۋە تور مەزمۇنىغا چەك قويۇش،تور ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇش.مەسىلەن،ئائىلىدە بالىلارنى كۈندە بىر سائەتتىن كۆپ تورغا چىقىشقا يول قويماسلىق دېگەنلىكتۇر
& N7 ^$ d* b3 n" Y6 S1 j8 B    2.ئائىلىدە بالىلارنى ئوقۇش،ئۆگۈنۈشكە پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنى توردىن پايدىلىنىپ ئىزدەشكە،چارچىغاندا ئارىلاپ ناخشا،مۇزىكا ئاڭلاشقا يول قويۇش لازىم.ئەمما بالىلارنىڭ تۇگىمەس كومپىيۇتېر ئويۇنى ئوينىشىغا،تۈگىمەس كارتون فىلىم كۈرۈشىگە،كۈنلەپ QQ دا پاراڭلىشىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.بۇنىڭدا ئاتا ئانىلار ئالدى بىلەن ئۈلگە بولۇشى،بالىلارنى چەكلىگەن ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۆزىنى ئاۋال چەكلەش بىلەن بىرگە،چەكلەنگەن تور تۇرلىرىنىڭ زىيىنىنى سۆزلەپ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.يەنە QQ قاتارلىق قورالنى توغرا يولغا ئىشلىتىشكە بالىلارنى يېتەكلەش كېرەك.3 {3 o- L) ?" {9 U6 J% @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    3.ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ ئائىلىدە تور ئىشلىتىش ۋاقتى بىلەن مەزمۇنىنى ئىلمى ئۇسۇلدا نازارەت قىلىپ تۇرۇشى،مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا تەربىيە بېرىش لازىم.* M/ J) h3 N. Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   4.بالىلارنىڭ تورخانىلارغا كىرىشىنى چەكلەش لازىم.بالىلارغا تورخانىلارغا كىرىشنىڭ ناچار تەرەپلەرنى تەپسىلى،سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش،ئۇلارنىڭ تورخانىلارغا بېرىشىنى چەكلەش لازىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى،ئىش ھەركەتلىرىنى كۈزۈتۈش،ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،بالىلارنىڭ تورخانىغا بارغان،بارمىغانلىقىنى ئېگەللەپ تۇرۇش،مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا قاتتىق،يۇمشاق ئۇسۇللارنى تەڭ قوللۇنۇپ،تەربىيە قىلىپ تۈزەش زۈرۈر.يەنە ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ پارچە خىراجەت پۇللىرىنى نىمىلەرگە ئىشلىتىۋاتقانلىغىنى ئېگەللەپ تۇرۇش،زىيادە كۆپ پۇل بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.% @0 |& T+ z+ u9 }5 x& \% T6 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    5.ئائىلىلەردە ئاتا ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، مۇڭدىشىپ ،ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن ئۇلارنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈپ،يۇلۇققان مەسىلىلەرنى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۈرۈر.تاماق ۋاقتى،بىكار ۋاقىتلاردا بالىلارنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە ئۈندەش،ئوقۇغان كىتاپلىرىنىڭ ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ،بىرلىكتە تېلۋىزور كۆرۈش،قارتا،شاخمات ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىپ،بالىلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشتا توردىن باشقا يەنە نۇرغۇن كۈڭۈللۈك ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك./ K! f! [+ p3 x& Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   6.ئارام ئېلىش كۈنلىرى،تەتىل ۋە ياكى بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا،ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ،تەنتەربىيە پالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش،بازار ئايلىنىش،سەيلە قىلىش،قىشلاردا قار بوۋاي ياساش،ئائىلە ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىش قاتارلىق پالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ،بالىلارنىڭ كومپىيوتىر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرۇشىغا ئىمكان بەرمەسلىك زۈرۈر.ئەگەر بالىلار ئائىلىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى خالىمىسا،،خالىمايدۇ دەپلا بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشتىن سالىنىشى كېرەك.& ]/ _" ~4 ^3 H* bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    7.ئاتا ئانىلار بالىلارنى قەرەللىك كىتاپخانا،كۈتۈپخانىلارغا ئاپىرىپ،كىتاپ سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ،بالىلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.8 A' ?) V" t+ _! Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    8.ئاتا ئانىلار بالىلارنى تەڭتۈشلىرى بىلەن ئارام كۈنلىرىدە ھەر خىل پالىيەتلەرگە قاتنىشىشىقا يېتەكلەش،ئۇلارغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق،بالىلارنىڭ كۆللېكتىۋىزىنملىق ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئالايلۇق، «ئوغلۇم ھەر يەكشەكبە كۈنى دوستلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىغىلى بارىدۇ».قىزىم ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپتىن يېنىپ،قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سۈت ئالغىلى چىقىدۇ» دېگەندەك.
$ z! X# v, W  X8 `8 f    9.ئاتا-ئانىلار دەم ئېلىش كۈنلىرى تۈگىمەس ئادىمەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ،بالىلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆيدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ساخلىنىش كېرەك.مۇۋاپىق سورۇنلارغا بالىلارنى بىرگە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى ئۇلارنى دوستلىرى، ساۋاغداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پالىيەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇش سەۋەپلىك،تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.
! t1 t& M2 z* ^, q- Bئاپتور: قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدىن :تۇرنىسا رەھىم
, ?7 V7 m1 E9 D6 A
# n+ ^/ Q7 _" Y5 cشىنجاڭ ئاياللار ژورنىلى 2011-12-ئايلىق سانىدىن ئېلىندى.
. _7 g- ?9 s) {

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +16 بايلىق +20 تۆھپە +14 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 20 + 20 + 16 + 20 + 14 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2013-1-4 19:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تىما بۇلۇپتۇ .ئەمدى باللارغا كۆپراق دىققەت قىلسام بولغىدەك
ۋاقتى: 2013-1-4 21:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئىچىدە 9-تۈردىكى ئەھۋال بىر قەدەر كۆپمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 16:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش