مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بايرام كۈنلىرى ئاھالىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ
/ I% @7 j! \/ d. G5 e6 t g/ y$ p+ i+ t* T- L/ n O2 k" J9 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 f6 T4 I' g0 Q& e6 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 f; x0 w9 P; ]) n& Y i3 @3 v' jجۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
4 r% I# u3 O+ z5 `3 v( ^دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 10-دېكابىر ئېلان قىلغان «12-بەش يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش پىلانى»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئاممىۋىلىقىنى ساقلاپ، ئاممىغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىچىدىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى دەرستىن سىرتقى ۋە بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شارائىت ھازىرلاپ ئوقۇغۇچىلار ۋە مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن سىرتتىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى شارائىت ھازىرلاپ ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. ئىككى تارماق مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە تەشكىللەپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ تۈرلۈك تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەنھەرىكەت بەدەن چېنىقتۇرۇش يېتەكچى تورىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ بەدەن ساپاسى، تەنتەربىيە ئىقتىدارىنى بېكىتىش، تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
; f' P( ^& H6 p/ d2 u
) Q8 _7 {) P# \" G/ Bمەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىيو تورى |