روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1776|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىمتىھان سوئاللىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق چىقىرىلسا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندا، توردا مۇنداق بىر ئىش قىزىق نوقتىغا ئايلاندى: گۇاڭجۇدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا مۇنداق بىر سوئال چىققان. بىر ماشىنا A ئورۇندىن سائىتىگە 165 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن B ئورۇنغا مېڭىپ، 12 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ بولدى، B ئورۇنغا يەنە 380 كىلومېتىر قالغان بولسا، A، B ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟
3 U* h  @8 y2 V5 w( n1 B9 X9 Y
/ h# D  e: O+ p) E( o' X; j3 z8 u  4–يىللىق ئوقۇغۇچىسى بۇ سوئالغا: بۇ ماشىنا بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەلگەن، قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، دەپ جاۋاب يازغان. بۇ جاۋاب توردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردا توغرا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، ئەخلاق قارىشى يېتىلدۈرىدىغان ھالقىلىق جەريان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ جەرياندا توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، توغرا ئانالىز ئۇسۇلى تۇرغۇزالىسا، بۇ مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى بولىدۇ.  h/ V3 ]  E  J+ oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% y# i$ a% \5 A0 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  مەكتەپلىرىمىزدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش لوگىكىغا، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان سوئاللار كۆپ چىقىرىلىدۇ. يەنە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى مۇنداق چىقىرىلغان: مايمۇن، توشقان، مۈشۈكئېيىق، يولۋاسلارنىڭ ئىچىدە قايسى ھايۋان قالغان ئۈچىگە ئوخشىمايدۇ؟ ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى: مۈشۈكئېيىق. چۈنكى ئۇنى باغچىدا ئادەملەر تەرىپىدىن بېقىلىدۇ، دەپ بېكىتكەن.8 E3 d1 b7 h. y% ]7 P$ P9 b! Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% o1 }7 N/ S* h' |  ھازىر، ساپا مائارىپى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە سىڭگەن بولۇپ، ساپا مائارىپى بولسا پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا تېگىشلىك بولغان زور ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش. بىز ئىلگىرى ماتېماتىكا دەرسىدە ھېسابنى توغرا ئىشلىسىلا بولدى، دەپ قارايتتۇق، ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر دەرسنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر مىسالىمۇ ئۆزىگە خاس بىر مەزمۇن، بىر ئىدىيىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنى قانداق يەشسە، شۇنداق تەپەككۈرنى قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا–ئانىلار، ئوقۇتقۇچى–ئۇستازلار ياش–ئۆسمۈرلەرگە، بولۇپمۇ باشلانغۇچنىڭ بىلىم بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان سەبىيلەرگە خاتا ئۇچۇر، خاتا قاراش يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
' m  O4 [3 i, J( D% j5 K0 p9 B+ J8 D, W& T" c7 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار سوئال چىقارغاندا، نوقۇل ھالدا ئۆلچەملىك جاۋابنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ لوگىكىلىق تەرەپلىرىنىمۇ ئويلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا خاتا ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
! L& j0 O6 X: {3 r0 J1 o
3 r/ {+ i5 K) a2 [% P3 ~" Z) o: Q  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-1-2 19:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
ۋاقتى: 2013-1-2 21:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا ‹.ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە››دىگەن ماقال تەمسىل بار،شۇڭا بىز سۇئال قويغاندىمۇ ئويلاپ قۇيايلى
ۋاقتى: 2013-1-3 21:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئىمتىھان سوئالىنى مەن مۆشۈك چاشقان ئويۇنىغا ئوخشىتىمەن . دەرس ئۆلچىمى بېكىتىلىپ بولدى . ئۇنىڭدا ھەرقايسى مەزمۇنلارنى ئوقۇتۇشقا قارىتا ئەڭ يۇقۇرى تەلىپى بار . ئەمما سوئال چىقارغۇچىلار قايسى خىل مەزمۇننىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى تۆۋەن بولسا ، قايسى مەزمۇن مۇرەككەپ بولسا شۇنداق يەردىن سوئال چىقىرىدۇ . سوئاللاردا ئىلمىي خاتالىق ، تەرجىمە خاتالىقى ، دېگەنلەرمۇ ھەر يىلى بار .شۇڭا ئۆتۈلگەن مەزمۇندىن سوئال چىقىشى يوقنىڭ ئونىدا بولىدۇ ، بولۇپمۇ تەبىئىي پەنلەردە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-18 21:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش