روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3752|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[پاۋىل]بالامنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتسام بۇلار .(ياردەم )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-15 15:18:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
روھلان تورىدىكى تورداشلار سالامەت تۇرىۋاتامسىلەر ؟ مېنىڭ بۇ يىل 6تە ياشقا كىرگەن بالام بارتتى . ھەش - پەش دىگىچە مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ قالىدۇ . مەن بالامنى 3 ياش ۋاقتىدا خەنزۇچە بالىلار باغچىسىغا بەرگەن . بالام ھازىرغىچە شۇ باغچىدا ئوقۇۋاتىدۇ . بۇ باغچىدا دەرىستە ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپ كېلىۋاتىدۇ . سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى تېخى . 2013 - يىلى 7 - ئايدا باغچىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپ قوينىغا كىرىدۇ . بالامنى مەكتەپكە بەرسەم خەنزۇچە مەكتەپكە بەرسەم بۇلارمۇ ياكى قوشتىل مەكتەپكە بەرسەم بۇلارمۇ ؟ مەنمۇ مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم . كەڭ تورداشلار مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-11-15 16:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى مىللى مەكتەپنىڭ قوش تىل سىنىپىغا بىرىڭ، دەرسلىرى خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش، ئانا تىلنىمۇ قوشۇپ ئۆتىدۇ، خەنزۇ مەكتەپكە بەرسىڭىز كىيىنچە ئانا تىلنى ئۇنتۇپ كەتمىسۇن.
ۋاقتى: 2012-11-15 18:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى مەكتەپنى تاللاشنى  ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز ئەلۋەتتە،
' q7 x/ C8 m& r* p' iسىزگە بىرىدىغان مەسلىھەتىم :
; x" ?! \% d# z' Eبالىڭىزنى  3 ياش ۋاقتىدا خەنزۇچە بالىلار باغچىسىغا بەرگەنكەنسز،  بالىڭىز ھازىرغىچە شۇ باغچىدائوقۇۋىتىپتۇ، يەنە كىلىپ بۇ باغچىدا دەرىستە ئالدىنقى قاتاردا ھەم  سىنىپ باشلىقىكەن،  شۇڭا يەنىلا خەنزۇ مەكتەپنى تاللاڭ، ئۇيغۇرتىلى ساۋادىنى ئائىلىدە چىقارساڭلار بولىدۇ.
ۋاقتى: 2012-11-15 18:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپلىك ئەمما ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت ›   
" |1 \2 X: q" R% I. i' O" k, f+ nشۇ سەۋەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئاناتىل مەكتىپىگە بىرىڭ
% O1 M* c  w: t2 J- ~2 yبۇ مىنىڭ پىكىرىم  
ۋاقتى: 2012-11-15 20:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراقى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-15 20:08  
5 Q% x# I: s; g' G( P) M/ e% G2 ^
9 j5 A  ^8 j; K  o/ M- r$ k) hمىنىڭ بۇرۇن ئۇچراتقانلىرىم ۋە تەسراتىم بىر ئېغىزلا___ خەنزو مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار توكتىن چىققان توخۇدەكلا.
/ @/ M# T* \' y) b5 E5 q- Uبالىلاردا چوڭلارنى  ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش ،ئۆزئارا يادەم بېرىش پەزىلىتى يوق دېيەرلىك ئۆسۈپ چوڭ بولىدىكەن. خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قالغىنىنى ئائىلىدە تەربىيلىۋالىمەن دەيدىكەنمىز. بالىلارنىڭ قانچىلىك ۋاقتى ئائىلىدە ئۆتىدۇ؟ كۈندۈزى مەكتەپتە ، كەچلىكى تاپشۇرۇقتىن باش كۆتىرەلمەيدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم.
ۋاقتى: 2012-11-15 20:31:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مەكتىپكە بەرگىنڭىز ياخشىراقمىكىن ،قالغىننى ئۇزڭىز  بىلىڭ.
ۋاقتى: 2012-11-15 21:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغۇ ھەممە پەنلەرنى ئانا تىلدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەر ئاساسەن قالمىدى، شۇنداقتىمۇ بالىڭىزنى ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ قوش تىل سىنىپىغا بەرسىڭىز بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. سەۋەبىنى توغراقى ئەپەندىمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ، بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرسىڭىز خەنزۇچىنىغۇ ياىشى ئۆگىنىدۇ، ئەمما ئۆرۈپ-ئادەت، مەدەنىيەت، ئانا تىل، .... قاتارلىقلاردا 0 بولۇپكا يىتىشىپ چىقىدۇ، ئەڭ يامان يېرى ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولالمايدۇ، سىزمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، قالغان ئىشلارنى سىز ھېس قىلىپ بولدىڭىز ھەقىچان.
6 v% F! A& k0 @7 P. xئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ تاقلىپ قالماسلىقىغا ئۆزىڭىز باش بولۇپ بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2012-11-15 21:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىسىنىڭ مىجەزى سىڭگەن ھەرقانداق ئەركەك چۇقۇم ئۇيلنىپ دادىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىدىغان مەسىلە.
+ z. B) g/ X8 v6 X' H, _0 W. A; ]8 j; t8 m5 [% c: dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇرەك قىتىدىن دەمسىز، جان تۇمۇردىن دەمسىز، ئۇرۇپ- ئادىتتىدىن دەمسىز، شاشلقتىن دەمسىز، غەزەپلكتىن دەمسىز ھەرقاندىقىنى ئانا تىلغا بىرىشتىن تاپالايسىز.
, ?+ V5 t: t$ V* N
. U1 h% Q# r/ g  c+ |2 l  Lيەنە بىر مىسال:# D9 C: {4 i8 \' Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاممامىنىڭ بالسى ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كەلگەن ( خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇپ) بىر قىز بالىنىڭ قۇلنى تۇتۇلماي ھازىر ماڭا سەن تاغسى بۇلغاندىكىن دەپ باق دەيدۇ.  لىكن پاراڭلاشسام ئۇنڭدا ئۇنداق مەسلە تۇغۇرسىدا ئەسەريۇق.  
" D6 _+ j4 ]! d: V' u" P7 ]( \لىكىن خۇشنىمىزنىڭ بالىسى تۇلۇقسىز 3-يىللقنى چالا پۇتتۇرۇپ( ئۇيغۇر مەكتەپ)  بىر قىز بالنى ئىلىپ قىچىپ قۇياپ  ئۇنىڭ تۇينى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۇينامىز. * W' l* n0 @8 u$ T) j0 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

4 D  O4 x* o7 [; V: m+ [& zئۇزەمىنى تازا تۇتالمدىم يەنە بىر مىسال:
9 j2 x8 G% K3 w* ~. Q! s/ P* P) ]يەمەنلىك بىر بۇرادەر 18ياشقا كىرگەن ئۇغىلنى رۇسىيەگە ساياھەتكە ئىلىپ چىقىپتۇ. ئۇغىلىنى بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا قۇيۇپ ئۇزى دۇكانغا بىر نەرسە ئالغىلى كىرىپ كىتىپتۇ. چىقىپ قارسا ئۇغلىنى ساقچىلا تۇتۇپ تۇرغۇدەك.  2 _4 c/ T8 q, H( k5 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسىلى بىر رۇس ماشىنسى بىلەن كىلىپ ئۇ بالىنىڭ غۇرۇرىغا ئازىراق تىگىپ قۇيغنىغا  ئۇرۇسىنىڭ كۇمشالىرىنى قاسىمكامىنىڭ پەشتامىنغا ، ماشىنسى ئۇسىمىنكامىنىڭ سىگلۇ ھارۋىسىغا ئۇخشتىپ قۇياپتۇ. ; u8 ~; e$ U- Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دادسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىين ساقچىغا ھەم رۇسقا ھەممە چىقىمنى تۇلەيدىغانلقىنى دەپتۇ. ھەم نۇرغۇن پۇلنى رۇسقا بىرىپ رازى قىپتۇ.  ساقچىلارمۇ ئىككى تەرەپ كىلشكەندىكىن يۇلغا راۋان بۇلۇپتۇ.  
$ H! _6 u  z+ H/ x5 F! dيەمەنلىك ئاتا ھىلقى بالىسىنى تىللىماسىتىن دۇلسىغا شاپاقلاپ قۇياپ بىر نىملەرنى دەپتۇ. بۇنى كۇرگەن رۇس ئاچىققىدا يەمەنلىك ئاتىغا بالاڭ ساڭا نۇرغۇن زىيان سالسا سەن ئۇنى تەنقىدىلمەسىتىن ئۇنى رىغبەتلەندۇرگىنىڭ نىمىسى دەسىە   سىزنىڭچە يەمەنلىك ئاتا رۇسقا نىم دىگەندۇ؟    % W, z9 w$ i  H- q" X+ Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

* {6 J. H1 v& f$ oمانا مۇنداق بالىنى قايسى تىلدا ئۇقۇتسىڭىز تاپالاسىز.  
6 C* T5 e% U! \+ M: a' e+ eمۇنداق دىگەنلىك ئەسكلەرلا ئەمەس ئەسكلەرنىڭ ئىچىدىن ھاياتلقنى بۇرغۇچىلارمۇ چىقدىغانلقنى ئەسكەرتمەكچى. 4 Q- ]5 ^; h. ~& Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇلدى قالغىننى ئۇزىڭىز تاللاڭ!
ۋاقتى: 2012-11-16 12:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرچە خەنزۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى دەپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
) t: _' x7 r* x6 s* Qمەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ناھىيىمىزدىكى مۇكەممەل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، جەمىئىي 12 مىللەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 200 چە بولۇپ، ھەممىسى يۇقىردا دىگەندەك يەسلىدىن تارتىپ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار. ئادەتتە مەن مەكتەپتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋاقتىم بولسىلا سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلاپ قويىمەن. ئۆزەممۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى يالغۇزلا بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولغاچقا تەبىئىيلا ئۇلارنىڭ دەرسخانىدىكى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى ئىپادىسىگە نەزەر سالىمەن. ئۇلار ئادەتتە كىيىم كېچەك، چاچ پاسونى جەھەتتە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە يۈرگەچكە، مەيلى ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى قىز ئوقۇغۇچى بولسۇن ئارقىسىدىن قاراپ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ دەرس ئارلىقىدىكى بەزى پاراڭلىرىغا قاراپ ھە ماۋۇ ئوقۇغۇچى ئۇيغۇركەن دەپ بىلىمەن. مەن بىر ئىشقا ھەيران! نېمىشقىكىن بىلمىدىم، ھەممە سىنىپقا كىرسەم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن سىنىپنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى جوزىدا ئولتۇرىدىكەن. نېمىشقا بۇنداق ئولتۇرىۋالىسىلەر؟ دەپ سورىسام، كۆپىنچىسى - ئۆزىمىز تەلەپ قىلىپ ئولتۇرىۋالدۇق ۋە ياكى مۇشۇنداق ئولتۇرساق بىر ئاز ئازادە ھېس قىلىدىكەنمىز، دەپ جاۋاب بېرىشتى. گەرىچە سىنىپنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى جوزىدا ئولتۇرۋېلىش ھېچنىمنى چۈشەندۈرۈپ بەرمىسىمۇ، بۇنىڭغا قاراپ بۇلارنىڭ مۇشۇ بىر توپ ئىچىدە خۇددى مەندەكلا يالغۇزلۇق ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىنى ھەمىشە كەمسىتىدىغانلىقىنى، كۆپنىچىسىنىڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى جوزىدا ئولتۇرسا بولمايدىغان، سىنىپتا نەتىجىسى بەك ئالدىدا ئوقۇسا بولمايدىغان كۆز قاراشقا ئاللىقاچان كېلىپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن. ئەمدى تىل ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئانا تىلدا پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ تۈزۈمگە خىلاپ، شۇڭا ئادەتتە ئۇلارنىڭ تام بۇلۇڭلىرىدا قىلىشقان خۇسۇسي گەپلىرىدىن باشقا مەكتەپ ئىچىدە ئەركىن ئازادە ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە ماڭىمۇ خەنزۇچە گەپ قىلىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆزىگە قاراپ باشقا تىلدا گەپ قىلىشنى ئۆزەم راۋا كۆرمىگەچكە، گېپىگە ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىمەن. لېكىن ئۇلار يەنىلا خەنزۇچە سۆزلەيدۇ. بەزىدە ئوخشىمايدىغان بىر ئەبجەش تىلدا سۆزلەيدۇ.... ئەمدى ئۇلارنىڭ نەتىجىسىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە يۇقارقىدەك كۆز قاراش ھۆكۈمران بولغاچقا سىنىپتىكى نەتىجىسى ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇميۇزلۈك ياخشى ئەمەس. بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلى، (خەنزۇچە) تىل ئەدەبىيات دەرسىلىرىدە بەك ناچار. ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندىن باشلاپ، تولۇق كۇرس نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسىمۇ يوق! ئادەتتە بىز خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە، ھېيت بايراملاردا ھاراق ئىچمەڭلار دەپ ئەمەس بەلكى، ھېيىت بايراملاردا ئاتا ئاناڭلار يېنىڭلاردا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ھاراقنى ئاز ئىچىڭلار،  ھاراقنى ئازىراق ئىچىپ قويسا سالامەتلىككە پايدىلىق، جىق ئىچسە سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ تەربىيە قىلىمىز. يەيدىغان نەرسىنى ئادەتتە بىز زىيانلىق ۋە زىيانسىز، ھەم يەنە زىيانسىزنىڭ ئىچىدىن يەنە ھالال ۋە ھارام دەپ ئايريمىز. لېكىن ئۇلار ھالال ۋە ھارامغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئائىلىدە ھەمشە تەربىيە بېرىپ تۇرسىمۇ ئەتىراپىدىكى مۇھىت شۇنداق بولغاچقا ئۇلار شۇنداق ئادەتلەنگەن. ئۇلار قولنى يۇيغاندىن كېين سىلكىسە بولمايدىغانلىقىنى، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە بولمايدىغانلىقىنى، تاماقنى چوقۇم ئوڭ قولى بىلەن ئالدىدىن ئېلىپ قوۋزىغا توشقۇزۋالماي ئاستا چايناپ يېېيش كېرەكلىكىنى،تاماق ۋاقتىدا كۆپ گەپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، تاماقتىن كېيىن چوقۇم دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. بىلسىمۇ بۇ توپ ئىچىدە نومۇس قىلىدۇ.  دېمەك، ئۇلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق! شەخسەن ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمچە، خەنزۇ تىلىنى بىلگەنلىك ھەممىنى بىلگەنلىك بولمايدۇ! .ئۇ پەقەت بىر تىلنى ئىگىلىگەنلىك خالاس... سىز بىر تىل تەتقىقاتچىسى بولمىغاندىن كېيىن، شۇ تىلنى ئىشلىتىپ پەقەت ئۆز ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىغان سەۋىيەگە يەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى مېنىڭچە بىھاجەت! شەخسەن مەن خۇدايىم بۇيرۇسا بالامنى ھەرگىز خەنزۇ تىللىق مەكتەپلەرگە بەرمەيمەن! سىنىپنىڭ ئارقىدا قالسا قالسۇنكى، ئۆزلۈك، مىللى كىملىكنى تونۇش جەھەتتە ئارقىدا قالمىسۇن!

باھا سۆز

نېمىدېگەن ياخشى پىكىر...  ۋاقتى: 2012-11-22 21:59
ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ.  ۋاقتى: 2012-11-21 07:32
ۋاقتى: 2012-11-17 15:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، يەسلىي ۋە باشلانغۇچنى چوقۇم ئانا تىلدا ئوقۇشى كېرەك. تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرىغا بارغاندا ئاندىن قوش تىل ياكى خەنزۇچىدا ئوقۇسا بولىدۇ. مەنمۇ باشلانغۇچنىڭ قوش تىل ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى. يەسلى ۋە باشلانغۇچتا قوش تىل ياكى خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان بالىلاردىن ياراملىق ئوقۇغۇچى چىقمىقى مۈشكۈل. پەقەت چالا زۇۋانلا بولۇپ چىقىدۇ. بىلىم دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 00:11

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش