روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4182|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تىرىشچان باغۋەن - ئەخمەت مەھەممەتنىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
新图像.JPG.thumb.jpg   

6 [9 |9 W+ D) Z7 S2 T* fئەخمەت مەھەممەت، ئەر، ئۇيغۇر، پارتىيە ئەزاسى، ئالى مەكتەپ ماتىماتىكا تولۇق كۇرسى مەلۇماتىغا ئىگە، باشلانغۇچ مەكتەپ 1-دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە. ئۇ 1979-يىلى4-ئاينىڭ28- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى بېشىرىق بازىرىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1987-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىدە، 1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىدە بولغان. 1996- يىل 9-ئايدا ۋىلايەتلىك يېزائېگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ يېزا-بازار پىلانلاش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 1999- يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت تەقسىماتىنى كۈتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا باشلانغۇچ مەكتىۋى بېشىرىق بازارلىق سوغۇچى قاراتال باشلانغۇچ مەكتەپتە 2000-يىل 11-ئايغىچە تەكلىپلىك ( دەيكو) ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 70 ( يەتمىش) يۈەن ئىدى. 2000-يىلى 11- ئايدا ناھىلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش كادىر قۇبۇللاش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ مائارىپقا تەقسىم قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.6 @) X, `0 v/ z9 A! m2 i3 I. ^( Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  2001- يىلى 1- ئايدىن 2002- يىلى 9- ئايغىچە بېشىرىق بازار بوستان كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، گۈزەل-سەنئەت دەرىسلىرىنى بىرىش بىلەن بىرگە مەكتەپ پىئونىرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيىچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 2001-يىل 9-ئايدىن 2003-يىل 7-ئايدا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىۋىدە ئېچىلغان چوڭلار ئالى تېخنىكومى تەبىئى پەن كەسپى بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن ئالى تېخنىكوم دىپلومىنى ئالغان. 2002- يىلى9- ئايدا ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئانا باشلانغۇچ مەكتىۋى بېشىرىق بازارلىق سوغۇچى قاراتال باشلانغۇچ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ 2004-يىل 3-ئايغىچە خەنزۇ تىلى، گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە دەرىسلىرىنى بىرىش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتى ھەم سىياسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلى 3- ئايدا بېشىرىق بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ، خەنزۇ تىلى، گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە دەرىسلىرىنى بىرىش بىلەن بىرگە ئىلمى مۇدىر ياردەمچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2004- يىلى 9- ئايدا مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ تەلەپ قىلىشى ھەم ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە 6-يىللىق 1-سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولغان ھەم ماتىماتىكا دەرسىنى بەرگەن. ئۇ مۇشۇ بىر يىل جەريانىدا ھاردىم-تالدىم دىمەي بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كەسپى خىزمىتى جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئۆزلىكسىز تەجرىبە توپلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابتىكى بىلىملەرنى ئەتراپلىق يەتكۈزسە، يەنە بىرتەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپنى قاتتىق قۇيۇپ، بېيجىڭ خەيدىيەن رايۇنىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى ئۆگۈنۈپ ۋە كونسىلتاتسىيە سۇئاللىرىنى زاكاس قىلىپ، تەرجىمە قىلىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ ئىمتىھان ئېلىش شەكلى ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپىغا يۇقۇرلاپ ئۇقۇش نەتىجىسىگە پۇختا ئاساس سالدى. نەتىجىدە 53نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 24نەپىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپىغا يۇقۇرلاپ ئۇقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى ئۆلچىمىگە يەتتى. ھەم 22نەپەر ئوقۇغۇچى شەرەپ بىلەن سانجى ئوبلاستلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەلا نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىندى. بۇ قۇبۇل قىلىنغان 22نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىلقىز تۇردى 100نۇمۇرلۇق ماتىماتىكا سۇئالىدا تۇلۇق نۇمۇرغا ئىرىشتى. يەنە 7نەپەر ئوقۇغۇچى100نۇمۇرلۇق ماتىماتىكا سۇئالىدا 95تىن يۇقىرى نۇمۇرغا ئىرىشتى.  يولداش ئەخمەت مەھەممەت ئۆز نەتىجىسىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماي، كىيىنكى يىلى مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەمۇرىيىتىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يەنە 6-يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ ئۆزلىكسىز تىرىشىش ئارقىلىق شۇ يىلى يەنە سىنىپىدىكى 48نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 19نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى شەرەپ بىلەن شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپىغا ماڭدۇردى. 0 h) M8 t6 T8 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ يىللىق مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا يولداش ئەخمەت مەھەممەت بازار دەرجىلىك ئىلغار مائارىپ خىزمەتچى، بازار دەرىجىلىك ئۈلگىلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇپ باھالاندى., U. C; u7 Y' b0 w1 o; {7 g$ S- |  wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەخمەت مەھەممەت 2006-يىل 9-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بېشىرىق بازار تۆۋەنكى بېشىرىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋىگە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن يۆتكۈلۈپ، 2007-يىل 2-ئايغىچە مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى.
: V* b" B0 C5 p2007-يىل 2-ئايدىن 2009-يىل 2-ئايغىچە قوش تىلدا بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ كەسپى تېخنىكا ئۇنۋىرستىتى قوش تىل ئىنىستوتىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ماتىماتىكا پەنلىرى بويىچە قوش تىلدا بىلىم ئاشۇردى ھەم ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ قوش تىل مائارىپى بويىچە تۇلۇق كۇرس دىپلومىغا ئىرىشتى. بۇ جەريانىدا ئۇ شىنجاڭ كەسپى تېخنىكا ئۇنۋىرستىتى قوش تىل ئىنىستوتى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى، قوش تىل كۇرسانتلىرى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ ياچىيكا شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزاسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ساۋاغداشلىرىنى تۇلۇق تەشكىللەپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە مەكتەپنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەم شىنجاڭ كەسپى تېخنىكا ئۇنۋىرستىتى قوش تىل ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن ‹‹ مۇنەۋۋەر كۇرسانت›› دىگەن شەرەپكە ئىرىشتى.
" n0 U1 Y) |! r2 G% y2009-يىل 2-ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ بېشىرىق بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىشقا چۈشۈپ 2010-يىل 9-ئايغىچە ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتىكىسى، قوش تىل سىنىپ ماتىماتىكىسى، تەنتەربىيە، قوش تىل سىنىپ ئەخلاق دەرسلىرىنى بىرىش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ قوش تىل ماتىماتىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.
3 e+ R4 N# M. L+ T& |* C. V5 T2010-يىل 9-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ھازىرقى ئىشلەۋاتقان مەكتىۋى بېشىرىق بازارلىق قاشبېشى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق، مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ھازىرغىچە ئۆتەپ كەلمەكتە. 7 f! M. o9 D+ E2 c# Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەخمەت مەھەممەت 2004- يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر قابىلىيەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈپ، جاپالىق ئەمگىگى ئارقىلىق، خەلق ئۈچۈن، ئەۋلاتلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلدى. ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ ساپا مائارىپى ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەجىربىلىك ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش سىنىقىنى تەجىربە قىلىش ئارقىلىق مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياراتتى. ئۇ 2001- يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى مەكتەپ دەرىجىلىك مۇناۋەر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باھالىنىپ كەلدى. 2005-يىلى بازار دەرىجىلىك مۇناۋەر سىنىپ مەسئولى بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى. 2010- يىلى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بۇلۇپ باھالاندى.
+ w% P+ R) U4 u0 y! J6 T) W. ?ئەخمەت مەھەممەت 2001-يىلدىن بۇيان، ھەريىلى مەكتەپ دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك دەرىسلەرنى ئۆتۈپ يوقۇرى باھالارغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇ مەكتەپ دەرىجىلىك، بازار دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك ماتىماتىكا دەرىسدىن مۇسابىقىلىق دەرىس ئۆتۈپ ‹‹ئوقۇتۇش ماھىرى›› دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
* C/ D8 u! X* k, S4 H2 nئۇ ئۆزىنىڭ تەجىربىلىرىگە  ئاساسەن قايسى پەن  ئوقۇتقۇچىسى، قايسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر، ئېھتىياجى چۈشكەندە ئۇلارغا ۋاقتىم يوق دىمەستىن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ ۋاقىت ئاجىرتىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆزىنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، چۈشەندۇرۈش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمتەرلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاقسۇ مائارىپى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز زىرىكمەستىن كۈچ قوشۇپ  كەلمەكتە.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-8 08:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتۇش مونبىرىمىزدە ئەخمەت مۇئەللىمدەك خالىس تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بولىشى مائارىپىمىزنىڭ جۇملىدىن مىللىتىمىزنىڭ بەخىتى.
ۋاقتى: 2012-11-8 11:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-11-8 13:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ جاپالىق ئەمگىگىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشىگە، تېخىمۇ تىرىشىپ نەتىنجە يارىتىشىغا، خىزمىتىگە ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-11-8 19:16:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياراملىق ئۇستازلارنىڭ قولىدىن قابىل شاگىرتلار چىقىدۇ.....
ۋاقتى: 2012-11-8 20:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،تۇمۇشىغا بەخىت -ئامەت،خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-11-9 00:33:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتتە يەنىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قۇچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-11-9 01:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ جاپالىق ئەمگىگەئاپرىن،خىزمىتىگە ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-11-17 18:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە ئەخمەت مۇئەللىمدەك ئۇستازلار قانچىكى كۆپ بولسا، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ شۇنچە پارلاق بولىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە يىلدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 17:11

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش