روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3332|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مائارىپ نىمە دەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تور ئارىلاپ كۆرۈپ قالدىم، مۇنبىرىمىز مەخسۇس مائارىپ مۇنبىرى بولغاچقا، باشقا تورداشلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم، كۆچۈرگىنىمنى ئەپۇ قىلارسىلەر./ s$ ^( z4 n  s; {( h  Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
, W3 E* L; i  J4 B# Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن 11 يىل ئوقۇغۇچى ، 29 يىل ئوقۇتقۇچى بولدۇم . مۇشۇ 40 يىلىمغا ھەمرا بولغان ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالسام ، " ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپكەن " دېگەن خۇلاسىگە كېلىمەن :  
5 F: T& Z5 c. H% V# W1966- يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " ئېلىپ بېرىلدى . بۇ چاغدا مائارىپىمىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى مەن سۆزلىمىسەممۇ ، كۆپچىلىككە بىلىدۇ . 1970– يىلىدىن 1973 – يىلىغىچە " مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك " دېگەن چاقىرىق بىلەن مەكتەپلەر تاقىۋىتىلىپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار  ئېتىزلىققا ھەيدىۋىتىلدى . 1970 –يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە ستالىننىڭ "لاتىنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش " دېگەن بۇيرۇقى باشقا مىللەتلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ ، يەنە ئاناي تاپماق ئاسان بولغان ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى 10 يىل يېڭى يېزىق دېگەن يېزىقتا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى . 1982- يىلى ئۇيغۇر مائارىپى ئۆز يېزىقىمىزغا قايتتى . بۇنىڭ بىلەن 1970 – يىلىدىن           1980 -يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ساۋاتسىزلارغا ئايلاندى . ئەسلى يېزىقىمىزغا قايتىپ ئەمدىلا بىر ئىزغا چۈشۈش قەدىمىنى باسقان مائارىپىمىزنىڭ رولچىلىرى مائارىپىمىزنى    " ياپونچە  مائارىپ " دېگەن يۈلۈنۈشكە ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قوللىرىنى ئارقىغا قىلىپ ھەيكەلدەك ئولتۇرغۇزۇپ دەرس ئۆتۈش باشلىنىپ كەتتى . بۇ خىل ئوقۇتۇش 10 يىلدەك داۋاملاشقاندىن كېيىن ، مائارىپ رولچىلىرىمىز " نىشان خاتا بولۇپ قاپتۇ " دەپ ، مائارىپ پاراخوتىمىزنى ئامىرىكىغا قاراپ ھەيدىدى .  بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا بىر نەرسە يىگۈسى كەلسە ، يەۋەرسە بولىدىغان ، ئەركىن – ئازادە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى . بۇ خىل ئوقۇتۇشتا بەش يىلدەك مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن ، مائارىپ پاراخوتىنىڭ رولچىلىرى مائارىپ پاراخوتىمىزنى كاناداغا قارىتىپ ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى . كاناداغا قاراپ ئىككى يىلدەك ماڭغاندا       " جۇڭگو ھۆكۈمىتى چادقىرۋىتىپتۇ " دېگەن بىر بۇيرۇق كەلدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئوقۇتۇشلارنى تاشلاپ قويۇپ " قوش تىل مائارىپى"نى باشلاپ كەتتۇق .  سولچىللىق ئاتا – بوۋىسىدىن قېنىدا مىراس قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز        " قوش تىل مائارىپى" دېگەننى " خەنزۇ تىلى مائارىپى " دەپ چۈشىنىپ ، دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشكە باشلىدى . يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇشنىلا ئويلايدىغان بەزى ئەمەلدارلىرىمىز "دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتسە ياخشى بولىدىكەن " دېيىشىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى خەنزۇ تىلىدىلا چىقىرىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . بۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش يۈز بېرىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرى خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلدى . مائارىپىمىزنى باشقۇرۋاتقانلارمۇ مەيلى باشلانغۇچتا قوش تىلدا ئوقۇغانلار بولسۇن ياكى قوش تىلدا ئوقۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈشتىن ئىلگىرى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار بولسۇن ھەممىسىنىلا "تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىسەن " دېگەن بىر تاياق بىلەن ھەيدەپ ماڭدى . بۇنىڭ بىلەن " مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش " يۈز بەردى . بەزى سىنىپلاردا خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلغان دەرسلىكنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان  ئوقۇغۇچى تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمىدى . ئوقۇپ چۈشىنىشى تۆتتىن بىرىگە يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ئەسلىدىلا ئۆگەنمەك ئىنتايىن قېيىن بولغان ماتىماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى قانداقمۇ چۈشىنىپ ماڭالىسۇن . سۈپەت بولۇپمۇ تەبىئىي پەندىكى سۈپەت ئەلەلىيەتتە ئىنتايىن تۈۋەن بولدى ، لېكىن ، تەكشۈرۈش كەلگەندە بۇنى مەلۇم ئامال – چارىلەرنى قوللىنىپ چاندۇرماي كەلدۇق .
0 F# Y, W# L% {. Z7 Q3 N, Pمېنىڭچە ، يۇقارقىدەك "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش" ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈشلەر " ھەرگىزمۇ ئىلمىي تەرەققىيات بولمىسا كېرەك . ئۇ پەقەت ، يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇپ ، ئەمەلنى ئۈستۈرىۋالغۇچىلىكلا كۆرگىلى بولىدىغان پايدا . 1950 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەتتە " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " بولۇپ بۇ چاغدا نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئەمەللىرى ھەسسىلەپ ئۆسكەن . كېيىن ، ھۆكۈمەت ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئەمەلدارلار پايدىلانغان  " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "تىن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتقانلىقىنى ، سانائەت ۋە يېزا ئىەىلىكىدە ئىلگىرلەش ئەمەس ، چېكىنىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . لېكىن ، شۇ چاغدىكى يېزا ئىگىلىكى ، سانائەتتە يۈز بەرگەن " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "لەرنىڭ ۋارىسلىرى " ئەمدى قالايمىقان قىلىنمىغان ئۇيغۇر مائارىپى قاپتۇ " دەپ " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "نى ھازىر ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا مېنىڭچە ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ناھايىتى ھۇشيار بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، مائارىپتا زىيان تارتىش يېزا ئىەىلىكىدە ، سانائەتتە زىيان تارتىشقا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ . كېيىن ، "ئەستا " دەپ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .
2 E( [. B) U( K$ n$ ^ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ رولىنى تۇتقانلارغا مېنىڭ دەيدىغىنىم : سىلەر بۇ پاراخوتنى تەرەپ – تەرەپكە ھەيدەۋەرمەڭلار ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت پاراخوتىڭلار ئەمەس . بۇ دېگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپى !  سىلەر ئەمدى ساياھەتنى توختىتىپ ، پاراخوتنى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە ھەيدەپ كېلىپ ، پاراخوتتىن چۈشۈپ ، تۆگىلەرگە مىنىپ ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قۇرغاق ئانا زېمىنىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقىڭلار . شۇنداق قىلغىنىڭلاردىلا ، سىلەر دۇنيانى ئايلىنىپ تاپالمىغان ئۇيغۇر پائارىپىنى تاپالايسىلەر ! ھازىر مائارىپنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى دېيىلىۋاتىسىلەر ، بىردەم ئۇنداق مائارىپنى ، بىردەم مۇنداق مائارىپنى يولغا قويۇپ ، تېخىچە ئۆزىنى تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداقمۇ بىراقلا دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولسۇن . بۇ خۇددى " نىسىگە بەرسە پۈتۈن دۇنيانى سېتىۋالىمەن " دېگەندەك گەپقۇ . بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تاپايلى . ئۇنى تېپىپ ئالدى بىلەن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرەيلى . شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرەيلى ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئاندىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئويلىشايلى .9 D( {! U2 N9 F3 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزۈمنى خۇلاسىلىغاندا ، ئۇيغۇر مائارىپى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى . بىز ئۇيغۇرلار بۇ مائارىپنىڭ ئىگىسى . شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقراسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە تەلمۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆز خاسلىقىنى يوقۇتۇپ ، تونۇغۇسىز بىچارە ۋە ئۇۋالچىلىقتا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى . ئۇنىڭ ئۆزىنى تېزرەك   تېپىپ  جۇڭگوغا ، دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى !
7 Q8 m6 S* A! H. l" O+ _* phttp://www.tawpek.com/bbs/read.php?tid=5551 QAMcI:5  - [$ k( I$ q. J+ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 r  I1 D# P+ x4 L8 Z6 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ئىزدىنىش تورى دىن ئىلىندى. ^R)]_   
& f+ [& ^+ H  T& v بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan728 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 12:07  
2 d. h9 j- U+ I! L% S: e% z, d, a
3 i: f- H" G  C3 T
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-4-12 13:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىز ئەسلى مەقسىتىدىن،يۈنىلىشىدىن چەتنەپ،مۇتلەق كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچىلار ئىككى ئاساسەن مەزگىلدە قىلىنىۋاتقان قۇرلۇشنى ئۆزنىڭ تۆھپىسى قىلىپ كۆرسىتىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن كارى بولماي كېلىۋاتقان،ئوقۇتقۇچىلار بۇلۇپمۇ يېزا مەيدانلاردىكى شىتات كەمچىل،ئوقۇغۇچى ئاز،سىنىپ جېق،پارارىلىل يىللىقلار بولمىغان بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئارخپچىلىق،ئوقۇتۇش،سىياسى ئۆگىنىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بالدۇرلا زېھنى قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ ئانا تىلدا ئاران سۆزلىيەلەيدىغان بالىلارغا قوش تىل يەسىلى دەپ خەنزۇچە سۆزلەپ،ئويغۇرچىسنى بىلدۈرمەيدىغان،پىنيىن ئۆتۈپ،ئۇيغۇرچە ھەرىپ ئۆتۈشنى چەكلەيدىغان،بالىلارغا ئاينى كۆرسەتسە 月亮دىگەن بىلەن ئاي دىيىشنى بىلمىگەن،مائارىپنى تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ قوربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى ناھايتى ياخشى يېزىلغان بىر ماقالە بۇلۇپتۇ،بىراق بۇنى مائارىپنىڭ رولچىلىرى كۆرمەسلىكى مۇمكىن،ئۇلار بەلكىم قايسىدۇر بىر يىغىندا،قانداق ئىشلارنى قىلىش،كىملەر بىلەن كۆرۈشۈش،كەچتە قانداق قىلىش .....قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندۇ.بولسا مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى تۈرلۈك سىياسى،ئىشخانىلارنى ئازايتىپ،خادىملارنى قىسقارتىپ،ئوقۇتۇش تەتقىقاتقا كۆپرەك ئادەم ئاجراتسا ياخشى بولاتتى.ھۆججەتلەرمۇ ئازلاپ،زېھنىمىزنى يىغىپ ھەققى ئوقۇتۇشقا چۆككەن بولاتتۇق.8 p0 M* n$ k$ i: oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەجىرڭىزگە تەشەككۈر.
ۋاقتى: 2012-4-12 14:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئاشۇ بۇيۈك مەشھۇر رولچىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرۈشچانلىق تۆۋەن ۋە ياكى يىراقنى كۆزلەپ ماڭغان بولسىمۇ ، باشقا ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرنىڭ تەسىرىگە ياكى بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قان-زارلىقتا رولنى كاتاڭغا بۇرىغان بولۇشى مۇمكىن. كىمدىن كۆرۈش كېرەك . پاراخوت باشلىقىدىنمۇ ياكى كۆزەتكۈچىدىنمۇ؟ ئاخىرى تىتانىك ناملىق پاراخوتتەك چۆكۈپ كەتمىسىلا مەيلى ئىدىغۇ؟ .....:'(:'({:5_178:}{:5_178:}{:5_178:}{:5_178:}
ۋاقتى: 2012-4-13 00:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئېيتىسىز بىزنىڭ مالىملىرىمىز ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن باش كۆتىرەلمەي قالدى .......
ۋاقتى: 2012-4-13 22:10:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر توللۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز ئىسمىنى يازالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ.ساۋادسىزلىق نىسبىتى يىلدىن يىلىغا ئېغىرلاپ، تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ بېرىۋاتماقتا. بۇ خىل ھالەتلەرنىڭ شەككىللىنىشىدە مۇنداق بىر قانچە سەۋەپلەر بار:, l( p0 T* M7 \, ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1.ھۆكۈمەت باشلانغۇچ مائارىپقا تازا ئەھمىيەت بېرىپ بولالمىدى. ھەدەپ كەسپىي مائارىپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپىغا مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى توللۇقلاپ، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلىدى. ئاساس مائارىپ تىرناققا ئەرزىمەيدىغان تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.مەۋسۇمدا بىرنەچچە قېتىم مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ كەلگەندىن باشقا،يېزا، كەنت مەسئۇللىرى يىلدا بىرەر قېتىممۇ مەكتەپ ئىچىگە دەسسەپ قويمايدۇ.& M' f) c1 H( G  {  L9 C! tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. باشلانغۇچ مەكتەپ شىتات مەسىلىسى ساۋادسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
% N! s* S! g  {, Eيېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى سانى ئىنتايىن ئاز. ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر. باش كۆتۈرمەي ئىچكى ئىشلەكلەرنى يېزىۋاتقان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ئوقۇغۇچىلار بولاتتىمۇ؟قانداق قىلىپ پىلان بويىچە تۈزۈش، تەستىقلىتىشقا ئۈلگۈرتۈش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىق دېگەندىن باشقىنى ئويلىمايدۇ.
$ ~. L7 H; Q+ \- n6 y3.ئىچكى ئىشلەكلەرنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر بولىۋاتىدۇ. 4-5خىل تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن توختىماستىن خەت يېزىش كېرەك. يازمىسا قەتئىي بولمايدۇ. مەن ماتېرىياللىرىمنى رەتلەپ باقسام، ئوخشاش تىزىستىن 5-6سى بار ئىكەن، بىراق، مەنمۇ چۇقۇم يېڭى يېزىشىم كېرەكتە! يېڭى يازسام، بىلىمىم ئېشىپ، ئاندىن دەرس ئۆتەلىگۈدەكمەن.* f# g" j) j% i. xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. مۇكەممەل قائىيدە- تەرتىپ ئورنىتىلمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشىمىزمۇ تەسكە توختاۋاتىدۇ. تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى بىزنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ دېمۇكراتىك ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈستىگە تۈزۈلگەن بولغاچقا، بالىلار ئويۇندىن باشقىنى ئويلىمايدۇ. ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي قېلىشتىن قىلچە غەم يېمەيدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ. ئامالسىز ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يېزىپ ئىشلەپ بېرىپ، دەپتەرگە كۆچەرتكۈزىدۇ...بەك جىق گەپ قىلىپ كەتسەممۇ بىئەپ تۇرغۇدەك، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ياخشى تەكلىپ- پىكىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ۋاقتى: 2013-8-5 02:28:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاشتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 13:42  # V5 o& [4 X$ G: lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% ?; M/ S' w2 r% F+ c* f; iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ كىمىمىز نىشاندىن ئادىشىپ چەكسىز دېڭىزلاردا ئۇياق-بۇياقلارغا سوقۇلۇپ يۈرۈپ سەرگەردانلىقتا بارمىغان يېرى قالماي، كۈچلۈك دولقۇندا ئىغاڭلاپ جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئاران كىلىۋالدى. كىمىدىكىلەر قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئايلىنىپ شىنجاڭغا كەلسە، توغراقلاردا كىمە ياساپ، ئۇنى پويىزغا سورىتىپ،ئىچكىرگە ئېلىپ بىرىپ چاڭجىياڭ دەرياسى بىلەن خۇاڭخې دەرياسىغا سالسا، بۇ كىمە يەنە نەلەرگە باراكىن تاڭ؟
ۋاقتى: 2013-8-8 13:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: مائارىپ نىمە دەيدۇ؟

سەلكىن01 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 22:10
) z8 D) {3 u$ \' ]6 g* Q; U7 |ھازىر توللۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز ئىسمىنى يازالمايدىغا ...
$ J. m" @$ d5 {$ m8 O: {& Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەلكىن ئەپەندى ناھايتى توغرا ئېيتىسىز.ھۆكۈمەت ئەڭ ئاۋۋال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بىرى مەكتەپ شارائىتى يەنە بىرى سانى يېتەرلىك ۋە سۈپىتى  لاياقەتلىك بولغان ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى.ھازىر يېزا مەكتەپلىرىدە 10سىنىپلىق مەكتەپلەردىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 15ئادەم ئىشلەۋاتىدۇ.ئەمما مۇشۇ مەكتەپلەرگە شىتاتى تەقسىم قىلىنىپ،ئاللىقانداقتۇر يوللار بىلەن «ئارىيەت»ئېلىنىپ ئىشلەۋاتقانلار،يەنە باشقا تارماقلاردىكى خىزمىتى ئاسان ئۇرۇنلارغا يۆتكىلىپ ھاشارغا ئىشلەۋاتقانلار بىلەن مەكتەپلەردە ئادەم كېمىيىپ،يۈك كۈندىن كۈنگە كۆتۈرۋالغۇسىز دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ.
ۋاقتى: 2013-8-9 22:59:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپكە  ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلۋاتقان باھالاشلاردىن پەقەت بىر قېتىملىقىلا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈدۇ .مېنڭچە ھازىر جۇڭگودىكى كوپ قىسىم ئۇرۇنلاردا    ھەقىقىي مەنىدىن خىزمەت تەشۈرۈدىغان، تەكشۈرۈپ كۈرۈلگەن مەسىللەرنىڭ سەۋەبى ئۈستدە ئىزلىنىش ئېلىپ بارىدىغان ئەمەلدار يوق.ناھيە ۋىلايەتلەردىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا سۈپەت ئەمەس ئۈزىنىڭ ئۈسۈشىگە ،ئۇرنىنى ساقلىشغا كېرەكلىك سان ،شان-شەرەپ كېرەك،شۇڭا ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى تېخمۇ خورىتىدىغان يېڭلىقلارنى ئىزلەپ يۇرۇيدۇ ،ئۇلارنىڭ روھلانغا كىرگۈدەك ۋاقتى يوق،نازارەتتىكى تەتقاتچىلار ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ،سىياسەت شۇلارنىڭ پىكىرتەكلىپلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلدىغان تۇرسا ، بىز مۇشۇنداق ئىچىمىزنى بۇشاتماي قانداق قىلىمىز ، ھازىر  باي ناھيسدە ئىمتھان بىر تۇتاش ئېلنىپ بىر تەكشۈرلۈپ يېزا-بازارلار بۇيىچە نەتىنجىسى سېلشتۇرلۇپ رەتكە تۇرۇزۇلىدۇ ،مانا بۇ تۈزۈم يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى بىر قانچە يىللىق سىتاتسىتكا ۋە ئىمتھان سۇئاللىرى بىرىنچى قول تەتقىقات نەتىنجىسى بۇلالايدۇ  ئەگەر مۇشۇنى ئوقۇغان  تەتقاتچىلىرىمىزۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتمىگەن بولسا    ئوقۇتۇش سۇپتىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقسا بۇلىدۇ،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 09:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش