روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8876|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانا شەجەرىسى (تېلىۋىزىيە نەسىرى) - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا شەجەرىسى
0 I% j4 G! i6 c% m/ n(تېلىۋىزىيە نەسىرى)5 u: ?! z5 j% P' {' Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەيساجان تۇردى ئاچچىقئانا ئۇ! ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى،كائىناتنىڭ بېزەكچىسى، تۇرمۇشنىڭ جۇلاسى،مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى.              
, \7 v8 Y7 g- {; k% Xئانا ئۇ!نۇرلۇق قۇياش،ئانا ئۇ!مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق،ئانا ئۇ!بىر ئەزىم دەريا،ئانا ئۇ!گۈل-چېچەكلىك باھار پەسلى،ئانا ئۇ!خاسىيەتلىك ئۇۋا....                                         & N# d/ r+ E9 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ئاشۇ نۇرانە قۇياشتىن نۇرلاندۇق،بىز ئاشۇ زەم-زەم بۇلاقتىن ئۇچۇملاپ سۇ ئىچتۇق، بىز ئاشۇ سۈزۈك دەريادا يۇيۇندۇق،بىز ئاشۇ خۇشپۇراقلىق گۈللەردىن ھوزۇرلاندۇق،بىز ئاشۇ ئىللىق ئۇۋىدا قاناتلاندۇق.                                                     4 S+ O6 [1 n  Q1 h+ j' Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ئەسلىدە يوق ئىدۇق.ئۇلار بىزنى ئىختىرا قىلدى،بىز ئەسلىدە جانسىز ئىدۇق، ئۇلار بىزگە جان ئاتا قىلدى.بىز ئەسلىدە گەپ قىلالمايتتۇق،ماڭالمايتتۇق.ئۇلار بىزگە گەپ قىلىشنى، مېڭىشنى ھەتتا ھىكمەتلىك دۇنيا ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىشنى ئۈگەتتى.      بىز ‹‹ئىڭە››دەپ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمىزدا ،تۇنجى كۆرگەن كىشىمىز ئەنە شۇ ئانا! بىزنى خاسىيەتلىك ئالقانلىرىغا ئېلىپ،ئېغىزىمىغا تۇنجى ھاياتلىق شەربىتى تېمىتقان كىشىمۇ ئەنە شۇ ئانا!بىزنى ئەركىلىتىپ چېھرىمىزدە كۈلكە ۋە زىناق،يۈرىكىمىزدە ئوت ۋە مۇھەببەت پەيدا قىلغان كىشىمۇ دەل شۇ ئانا!ۋۇجۇدىمىزدا ھاياتلىق ئىرادىسى يىتىلدۈرگەن كىشىمۇ يەنە شۇ ئانا !            
; x* w3 U, i+ a0 U' n0 y0 U5 Qتوغرا بىزنىڭ تۇنجى كۆرگەن كىشىمىزمۇ ئانا!،تۇنجى ئۈگەنگەن سۆزىمىزمۇ‹‹ئانا، ئانا،ئانا..››بىز ھاياتلىق سەپىرىمىزدە يىقىلىپ كەتسەك،تۇيۇقسىز بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقساق‹‹ئانا!››دەپ توۋلايمىز.ئۇزۇن كېچىلەردە بىرەر قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرۈپ قالساقمۇ،قارا بېسىپ قالسىمۇ ‹‹ئانا!..››دەپ ۋاقىراپ ئويغۇنۇپ كېتىمىز،ھەتتا ئانىمىزنىڭ باغرىغا ئۆزىمىزنى ئاتىمىز.              
' y6 p# e6 }, e3 S. n! w+ Dئانا بىز ئۈچۈن كۈلۈشكىمۇ،ئۆلۈشكىمۇ تەييار .بىزنىڭ تىنىمىزدىكى ۋە روھىمىزدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش ئانىلارنىڭ ئىجادىيىتى.بىزنىڭ ئۆمىلەپ مېڭىشنى،قۇشۇق تۇتۇشنى، شەرەت قىلىشنى، بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشنى...ئۈگەنگەن چاغلىرىمىزدىكى ئۇلارنىڭ خوشاللىقىنى،مەمنۇنلىقىنى...ئانىلاردىن باشقا ھىچكىم تۇلۇق تەسۋىرلەپ بېرەلمىسە كېرەك.                                     + Y$ s  N+ N$ h2 N9 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹‹مېنىڭ بالام چوڭ بولدى››‹‹قارا-قارا بۇنىڭ شوخلىقىغا››‹‹قارىمامدىغان كىرپىكلىرى نىمانچە ئۇزۇن››‹‹مانا دادىسىغا بىر نەرسە دەۋاتىدۇ››‹‹يۈزىگە كۈيە سۈرتۈپ قويايلى،يامانلارنىڭ كۆزى تەگمىسۇن يەنە››‹‹پاراڭ سالماڭلار بالام ئۇخلاۋاتىدۇ››‹‹بالامغا ئېلىۋالدىم››‹‹بالامنى دەپلا ياشاۋاتىمەن››...دىگەنگە ئوخشاش مانا بۇ سۆزلەر دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنىڭ بىز بارلىق بالىلارغا تەكرار ۋە تەكرار ئېيتقان مۇھەببەتلىك چىن سۆزلىرى ئەمەسمۇ؟؟بۇ سۆزلەرگە قانچىلىك سەمىمىيلىك، قانچىلىك مۇھەببەت، قانچىلىك شەخسىيەتچىلىك سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھىساپلاپ بولۇش مۈمكۈنمۇ؟؟             ) H% k$ D1 c5 c+ R/ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاشۇ ئانىلار ساناقسىز ئۇزاق كېچىلەرنى بىزنى پەپىلەش،بىزنى ئۇخلىتىش،بىزگە ئاپئاق سۈت بىرىش، بىزگە پىچىرلاش بىلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكەزگەندۇ؟؟!!                                       
' L* P' X& z+ f" xبۇنى ئاز دەپ،بىز چوپ-چوڭ بولۇپ قالساقمۇ ئوقۇش، خىزمەت، ئۈگىنىش،كۆڭۈل ئېچىش...مۇناسېۋىتى بىلەن ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كىرمىسەك....‹‹بالام كىرمەيدىغۇ؟بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالغانمىدۇ؟!تاماق يىگەنمىدۇ؟››دەپ ئەنسىرەپ بىزنى ئۇخلىماي ساقلاپ تۇرىدۇ.تاكى بىز ئۆيگە كىرىپ كۆز ئالدىدا تاماق يەپ ،كۆز ئالدىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن كۆڭلى ئەمىن تېپىپ، بەختىمىزگە دۇئا قىلىپ، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالىدىكىن؟!          ئانا! ئەي!مېھرىبان ئانىلار!سىلەر بىز ئۈچۈن نۇرغۇن-نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردىڭلار.چېھرىڭلاردىكى قورۇقلارنى،چېچىڭلاردىكى ئاقلارنى،پۇت ۋە قولۇڭلاردىكى قاداقلارنى...سىلەرگە بۇ ئوغرى يىللار ئەمەس! ئەسلىدە بىز سوۋغا قىلغان ئىكەنمىز.سىلەر ياشلىقىڭلارنى، گۈزەللىكىڭلارنى...بىزگە ھەدىيە قىلىۋاتقان ئىكەنسىلەر ئەمەسمۇ؟!                                            + a! |8 z4 `% A( o$ T" t$ _6 K3 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز بالىلار بەزىدە‹‹ئانا نىمانچە ئۇششاق سۆز بولۇپ كەتتىڭىز،››‹‹ھازىرقى دەۋىر سىلەر ياشىغان دەۋىرگە ئەسلا ئوخشىمايدۇ››‹‹سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە قىلسام،باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ؟؟››دەپ پىكىرىڭلارنى بىراقلا رەت قىلىۋاتىمىز.ھەتتا‹‹قېرىغاندا كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قالىدىكەنسىلەر››‹‹ئارلاشماڭلار بىز ياشلارنىڭ ئىشىغا››دەپ سىلكىۋاتىمىز. يەنە شۇ بۈيۈك ئانىلار ھىچقانداق ئاچچىقلانماستىن‹‹بالام،بالام..ياخشى بولسۇن دىدىم››دەپ جىم تۇرۇپ قالىدۇ.                                             
( J. j% R6 J& T1 [& }3 x1 o. {بىز تېخى‹‹ئۆزىمىز بالا تۇرۇپ بالىلىق بولۇپ قالدۇق››دەپ قاخشايمىز.يەنە شۇ پەرىشتە سۈپەت ئانىلار‹‹تۇنجى نەۋرەم،تۇنجى ئوغۇل نەۋرەم، تۇنجى قىز نەۋرەم،ئاخىرقى نەۋرەم››‹‹ئاپئاق بالام، چىرايلىق بالام،ئەقىللىق بالام››‹‹نەۋرىنىڭ ئوتى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىكەن››دەپ بالىلىرىمىزنى پەخىرلىنىپ بېقىۋاتمامدۇ؟؟!!                                                / W7 j2 A/ M4 I: ^: \, u1 ]& iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئانىلار ئەي! بۈيۈك ئانىلار!بىز ئۇسسىغان چاغلاردا مۇزدەك سوغۇق سۇغا ئايلىنىپ بەردىڭلار،ئاپتاپتا قالساق سايىۋەن بولۇپ بەردىڭلار.سوغۇقتا توڭۇپ كەتكەن چاغلاردا بولسا بىر پارچە چوغقا ئايلىنىپ تىنىمىزگە ھارارەت ئاتا قىلدىڭلار.ئۈمىتسىزلەنگەن چاغلىرىمىزدا بولسا باھاردەك ئىللىقلىقىڭلار بىلەن ھاياتلىق شامىمىزنى قايتا نۇرلاندۇردۇڭلار.                                 4 X1 S; }# H! Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئازاپلانساق، بىز ئۈچۈن ياش تۆكۈپ دەريا سۇلىرىنى ئۇلغايتىۋەتتىڭلار،خوشال بولساق،سىلەرمۇ بەختىمىزدىن ھوزۇرلۇنۇپ،كۈلكەڭلار بىلەن باھار پەسلىنى ئۇزارتىۋەتتىڭلار....ئانا يىغلىسا تاغۇ-تاشلارمۇ زۇۋانغا كىرىدۇ.ئانا كۈلسە پۈتكۈل تەبىئەت قېن-قېنىغا پاتماي ئۇسسۇل ئوينايدۇ.قەيەردە ئانىلار خارلانسا،شۇ يەردىن قىيامەت باشلىنىدۇ،شۇ يەردە دوزاق گۈللىرى ئېچىلىدۇ،شۇ يەرگە پەرىشتە كەلمەيدۇ.قەيەردە ئانىلار قەدىرلەنسە شۇ يەرگە بەخىت قۇشى قونىدۇ،شۇ يەردە بەرىكەت بولىدۇ، شۇ يەرگە جەنئەتنىڭ ئادىرىسى يېزىلىدۇ، شۇ يەردىن جەنئەتكە تۇتىشىدىغان يول ياسىلىدۇ.      
! o2 r* h9 }7 H( `" D: y; ~بىز ئانىلار ھەققىدە قوشاقلارنى يازدۇق،مۇزىكىلارنى ئىشلىدۇق،ناخشىلارنى ئوقۇدۇق.بىز ئانىلارغا يەنە‹‹سىزنىڭ بىر قولىڭىزدا بۈشۈك تەۋرەيدۇ، بىر قولىڭىزدا دۇنيا تەۋرەيدۇ،جەنئەتنىڭ ئاچقۇچى سىزنىڭ قولىڭىزدا››دەپ چوقان سالدۇق.بىز يەنە ئانىلارغا‹‹ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى بوينىڭىزغا مارجان قىلىپ ئېسىپ قويسام،ھىلال ئاينى تاغاق قىلىپ چېچىڭىزنى تاراپ قويسام››دىگەندەك ئۇلۇغۋار ۋەدىلەرنى بەردۇق.
& ~, }  n& p, {بىز ئەمىليەتتە ئانىلارغا نىمە ئىش قىلىپ بېرەلىدۇق؟!بىز ئانىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېنىق بىلىۋالدىقمۇ؟دادىمىز بىلەن توي قىلىغان كۈنىنىچۇ؟؟ھەر خىل بايراملاردا ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالىدىقمۇ؟بىرەر ئاخشام يېنىدا يېتىپ تارىخىي كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ باقتىقمۇ؟كۆپىنچە ھاللاردا ‹‹يېنىڭغا باراي دىگەن ئىدىم،خىزمەت ئالدىراش بولۇپ كەتتى ،كېلەر قېتىم چوقۇم بارىمەن››دەپ قويىمىز.ئانىلار بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ھەممىنى توغرا چۈشىنىدۇ.                                       8 n: I$ }: R0 r# s1 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۆگۈنكىدەك موشۇنداق كۈنلەردە قانچىمىز ئانىللىرىمىز بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزۋاتىمىز؟؟قانچىلىك ئانا بالىلىرىدىن تېلىفۇن كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ؟؟يەنە قانچىلىك ئانىلار ئاشۇ يىراق سەھرادا خۇددى يىتىم بالىدەك،شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بالىلىرىدىن پەخىرلىنىپ،ئاشۇ چوڭ قورو ئىچىدە قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،سېغىنىش ئوتلىرى لىققىدە تولغان چىن يۈرەكلىرىدىن بالىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقاندۇ؟؟يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن جاپالارنى چىكىپ،بۆگۈنكى باي-باياشات كۈنلىرىمىزگە ئاساس سېلىپ،ھىچقانداق خۇۋلۇق كۆرمەي،بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ،ئاشۇ جىمجىت قەبرىلەر ئاستىدا....يەنە قانچىلىك ئانىلار بىزنى سېغىنۋاتقاندۇ؟!بىزدىن دۇئا تەلەپ قىلىۋاتقاندۇ؟!                                                   
4 G. ]0 c. N' ~  y$ P1 }( I2 hبىز كىچىك ماشىنىلارغا،رېستۇرانلارغا،ھەشەمەتلىك داچىلارغا،يۇقۇرى ئىنۋانغا ئاجايىپ ئىنتىلۋاتقان چاغلىرىمىزدا،بىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان، بىزنى قاتارغا قوشقان ئانىلىرىمىزنى قانچىلىك ئويلاپ قويغاندىمىز؟بۇ ھەر بىرىمىز يۇقۇرى ۋىژدان تۇيغۇسى بىلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك يىگانە سۇئال.       & t7 N6 v8 u5 j1 L4 G8 A% xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەگەر ئانىلارنىڭ يالغۇز تۇرغان ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ئەگەر ئانىلارنىڭ جاپالىق كۈنلىرى ئۇزىراپ كەتسە،ئەگەر ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى سېغىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە...چوقۇم ئانىلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ.                                         % O# J5 \2 }- G$ Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەگەر بىز بالىلار قىلغان ئىشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە...چوقۇم ئانىلىرىمىزنى خوشال قىلالىغان، مەمنۇن قىلالىغان،سۆيۈندۈرەلىگەن،كۈلدۈرەلىگەن...ھەر بىر ئىشلىرىمىزدىن مەڭگۈ پەخىرلەنسەك بولىدۇ.ئەنە شۇنداق ئانىلارنى  مەڭگۈلۈك پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەلىگەن قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆمرى زىيادە بولسۇن،مۇرات-مەخسىدى ئاۋال ھاسىل بولسۇن،ھاياتلىق سەپىرى قۇتلۇق بولسۇن،تۇتقان تۆمۈر-تېسەكلىرىمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ كەتسۇن،ئۇلارنىڭ كېلىچىگى ياشلىق پەسلىدە كۆرگەن ئەڭ شىرىن چۈشلىرىدىنمۇ بەكرەك گۈزەل بولسۇن!!!                                                        6 q+ u5 A* V2 i9 n6 n& eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەڭ قورقۇنۇشلۇق،ۋەشھى ھايۋان ھىساپلىنىدىغان تىمساقنىڭمۇ بالىسىغا كۆيۈنۈش يۇسۇنلىرى ھەقىقەتەن تەسىرلىك.دۇنيادا بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان،بالىسىنىڭ مەنپەتىنى ئويلىمايدىغان،بالىسى ئۈچۈن غەم يىمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك.
6 |* m8 E! [4 H4 `ئانا بالىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئۇستازى،لاياقەتلىك بالىلار-مۇنەۋۋەر ئانلارنىڭ كاتتا ئەسىرى.                                          7 |5 e5 Q+ ?9 i( A! ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىغا ھالال نىيەت بىلەن ئەخلاقى تەربىيە بەرگەن ئانا-ئەڭ ۋىژدانلىق ئانا!                                                   ! d# w+ p% I; tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىغا تىرىشچانلىقنى،جەسۇرلۇقنى ئۈگەتكەن ئانا-ئەڭ پىداكار ئانا!                                                      , F' f( O% S% s! X# {0 y8 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىغا ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە دەرىس ئۆتەلىگەن ئانا-ئەڭ ئىمانلىق ئانا!                                           0 f7 P, k, j3 [4 |. O8 a4 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ تاكاممول ئانا!                                                    / A5 A3 v' W2 G- o1 B* `' U# O9 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىنىڭ قىزىقىشىغا،تاللىشىغا يول قويغان ئانا-ئەڭ مەدەنيەتلىك ئانا!                                                : I2 B5 m: K; K: hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز بالىسىغا ماددى-مەئىشەدنىلا ئەمەس،مەنىۋى قىرغاقلارنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ ئەقىللىق ئانا!                     
5 y5 j& i; d$ P+ D( O$ L& a# lئۆز بالىسىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ بالىسىنىمۇ سۆيەلىگەن ئانا-ئەڭ يۈكسەك ئانا!                                          
+ @1 @5 z3 S! ?6 \ئۆز بالىسىغا ياۋرۇپادىن ئىمپورت قىلىنغان كالا سۈتىنى ئەمەس،ئۆزىنىڭ ھالال ئوغۇز سۈتىنى بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ،ئەڭ...ئۇلۇغ ئانا!!!                                
* h" h: J: d1 `
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-2-25 18:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ھەقىقى بىلىش ئۈچۈن  بۇ ئەسەرنى ئوقۇڭ...
ۋاقتى: 2014-6-6 10:11:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئادەمنى ناھايىتى چوڭقۇر ئويلارغا،ئىزتىراپلىق خىياللارغا ئەسىر قىلىدۇ.
8 z8 E6 t$ C  m. H5 E( v' `; Lقولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن،روھىڭىزغا ئاپرىن!!! ھارمىغايسىز!!!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-7 15:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش