روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: yarkanboy
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلارغا جىددى يىغىن بار! تىز كىرىڭلار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-1-3 03:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Maarip يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 03:10
1. مۇكاپاتلاش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇپ ...

مۇكاپاتلاش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇپپىسى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە بۆلسەك ياخشى بولاتتى، لېكىن يەنىلا بىر قىسىملارنىڭ خەنزۇچە تور بىكەتلەردە خام ماتىرىيالىرى تەمىنلەنگەن دەرسلىكتىن بىرنى تېپىپلا ئانچە مۇنچە تۈزۈشتۈرۈپ قاتناشتۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلانماقمۇ تەس بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن، شۇڭا مەخسۇس ئۇيغۇرتىلىدا تەييارلىسا قانداق بولار؟
شۇڭا تىل چەكلىمىسىگە ئۇيغۇرتىلدا تەييارلاشنى ئۆلچەم قىلىپ 4 گۇرۇپپا بيىچە ئېلىپ بارساقمىكىن دەيمەن ؟ باشقىلار قانداق قارايدىكىن ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-3 03:40:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Maarip يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 03:10
1. مۇكاپاتلاش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇپ ...

1. مۇكاپاتلاش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇپپىسى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە بۆلىمىزمۇ ياكى قانداق قىلىمىز، كۆپچىلىك بىر نېمە دىسە.
2.  بىرلا دەرسلىك بولماسىتىن، بىر بۆلەك ياكى بىر قىسىم كىتابتىكى تولۇق مەزمۇننىمۇ ئويلىشىپ باقساق قانداق بولار.
3. flash ،  authorware ، 3dmax لاردا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر بولسا مۇكاپاتنى ئېلىپ كېتىپ، PPT غا نۆۋەت كەلمەي قالارمىكىن......


مىنىڭچە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرلىدىغان دەرسلىك ئانا تىلدا يەنى ئۇيغۇر تىلىدا تۈزىلىشى كىرەك.....ھازرى ئەڭ كەمچىل بولىۋاتقان دەرسلىك دىتاللىرى دەل ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن دەرسلىك دىتاللىرى.
2.بىر ئادەمنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان دەرسلىك دىتالى  بىر بۆلەك ياكى بىر قىسىم كىتابتىكى تولۇق مەزمۇننى دەرسلىك دىتالى قىلىپ يوللشىى كىرەك دىمەكچىمۇ .......... بۇ پىكىرىڭىز سەل ئېشىپ كىتىپتۇ.......  بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەڭ كۆپ دەرىسلىك دىتال يوللايدىغىنى ھەر قانچە كۆپ بولسا 5نى يوللار ....... (بۇرۇن ياساپ ساقلاپ قويغان دەرسلىك دىتالى بولمىسىلا )   
بۇنىڭغا چەك قويمايلى ..............
3. بۇ تەرەپنىمۇ ئويلىشىش كىرەك .................  ھەم يەنە پايدىلىنش ئۈنۈمىنىمۇ ئويلىشىش كىرەك. flash ،  authorware ، 3dmax تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتەلەر..........ئۆزگەرتمىسە، ئىشلەتكىلى بولمىسا..............
بۇ قىتىم PPT  لا  دەپ  ئۆلچەم قىلىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كىيىنكى قىتىملىق مۇسابىقىلەردە ئاندىن باشقىلىرىنى ئويلىشىپ باقساقمۇ كىچىكمەيتتۇق...........
flash ،  authorware ، 3dmax تا دەرسلىك دىتالى تۈزەلەيدىغانلار PPT دىمۇ تۈزەلەيتتى...........  


مىنىڭ يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويدىغىنىم: ھەر بىر دەرسلىك دىتالى ئايرىم-ئايرىم تىما قىلىپ يوللانسا، دەرسلىك ماۋزۇسى ئەينەن تېما قىلىنسا ........ (كىينكى كۈنلەردە ماتىريال ئىزدەشتە قولايلىق)

باھا سۆز

PPT دىنلا پايدىلىنىشنى ئۆلچەم قىلساق ئىجادچانلىق تۆۋەن بولۇپ قالامدىكىن، يەنە كېلىپ PPT نىلا ئىشلىتىشنى ئۆلچە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-1-3 03:48
ۋاقتى: 2012-1-3 03:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkanboy يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 03:40
1. مۇكاپاتلاش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇ ...

PPT دىنلا پايدىلىنىشنى ئۆلچەم قىلساق ئىجادچانلىق تۆۋەن بولۇپ قالامدىكىن، يەنە كېلىپ  PPT نىلا ئىشلىتىشنى ئۆلچەم قىلساق ماۋو بىر قىسىم يۇمشاق دېتال پىشۋالىرى بۇنى كۆرۈپ روھلان تورى كومپيۇتېر بىلىم تورى بولغان بىلەن دەرسلىك دېتالىنى  PPT دىن باشقا دېتالدا تۈزۈشنى بىلمەيدىكەن ياكى باھالىغۇچىلارنىڭ باشقا دېتالدىن پايدىلىنپ تەييارلىغان دەرسلىك دېتالىنى باھالاشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن يەنە {:6_145:}
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-3 03:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 03:48
PPT دىنلا پايدىلىنىشنى ئۆلچەم قىلساق ئىجادچانلىق تۆۋە ...

راسىت مۇشۇنداق كۈلكىگە قالىدىغان گەپمۇ بار ............  
ھەر بىرىنىڭ مۇكاپات سانىنى ئازايتىش شەرتى ئاستىدا ..................ھەر قايسى دىتاللارغا ئايرىم ئايرىم مۇكاپات تەسس قىلساقچۇ ............... .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-3 04:00:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىتىدىغان دىتال توغرىسىدىلا سۆزلىشىپتىمىز ..............
باللا      ماۋۇ دەرسلىك دىتالى باھالاشتا               دەرسلىك مەزمۇنى بىلەن تەگلىك رەسىم، خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، رەڭگى قاتارلىق بىر تۈركۈم نوقتىلارنىڭ ماس كىلىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە بەكرەك قارايمىز ئەمەسمۇ ...............  

ھەر قانچە نوچى دىتالنى ئىشلىتىپ ياسىغان بىلەن دەرسلىك مەزمۇنىغا ھەقىقى چۆكەلىگەن ئەڭ يىقىنلاشقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس تۈزۈلگەن دەرسلىك دىتالىنى ئاندىن باھالايمىز ئەمەسمۇ ..........

دەرسلىك دىتالىغا تېخنىكامنى ئىشلەتتىم دەپ خەتلەرنى ھەرۋاڭ سەرۋاڭ رەڭلەردە بوياپ ئۇيان بۇيان ئۇچۇرۇپ، شارت شۇرت، بوڭ، پوڭ ئاۋازلار دىگەندەكلەر دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى بۇزۇدۇكى ھەرگىزمۇ دەرسلىك مەزمۇنىنى بېيىتمايدۇ........

مەن ئويلاپ قالدىم.  مەيلى نىمىدە ئىشلىمىسۇن قايسىسنىڭ دەرسلىك دىتالىغا ئىشلەتكەن تېخنىكا، خام ماتىريال، ئىجادچانلىقى، شۇ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا، شۇ دەرسلىك مەزمۇنىغا ئەڭ يىقىن كەلسە شۇنى باھالىساق ياخشى بولامدىكىن دەيمەن .........
مائارىپ ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالمىغانلا بولسام سەلللللللل   تېخنىكىنى ئاساسى باھالاش نۇقتىسى قىلىۋالغاندەك قىلىدۇ.  
ۋاقتى: 2012-1-3 15:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

khn

مەنمۇ ئۆزەمنىڭ بىر قانچە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياي:
1.دەرسلىك تۈزۈشتە ئىشلىتىدىغان دىتاللارغا چەكلىمە قويمىساق،لېكىن بەك تۆۋەن سەۋىينىمۇ تەكىتلەپ كەتمىسەك.
2.دەرسلىك دېتاللىرىنى باھالاشتا دەرسلىك لايھىسى(نىشان،مەزمۇن)دىگەنگە بەك كۈچەپ كەتمەي،ئاساسلىقى دەرسلىك دېتالىنىڭ مەزمۇن،مۇھىم-قىين نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلىشىگە قاراتساق،چۈنكى نىشاننى گەۋدىلەندۈرۈش،ئوبرازلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەرسلىك دېتالى ياسىغۇچىلاردا خېلى يۇقىرى سەۋىيە بولمىسا بولمايدۇ.
3.پېرويېكسىيە ئورگىنالىدا دەرسلىك تۈزۈشنى بەك تەشەببۇس قىلمىساق،چۈنكى بۇ خىل دېتالنىڭ ئۇقۇتۇش نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى تازا يېتەرلىك ئەمەس،بولسا flash,maya,3dmaxدېتاللىرىدا ياسىغان دېتاللارغا مۇكاپاتنى مەركەزلەشتۈرسەك.
4.تورداشلارنىڭ،كەسىپداشلارنىڭ ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بۇلۇشى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى خام ماتېرىيال ھۆججىتىنى لازىملىقلارغا ھەقلىق تەمىنلىسەك(مۇكاپات خىراجىتىنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئاتامان  بىرلىكتە كېڭىشىپ ھەل قىلساق،دەرسلىك دېتالى كىرىمىنى بېكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەتسەك)،چۈنكى مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلار تۈرلۈك دەرس مۇسابىقىلىرىغا قاتناشقاندا مەكتەپتىن مۇۋاپىق تۈردە خىراجەت ئاجىرىتىلىپ بېرىلىدۇ،ئەسلى خام ماتېرىيالنى سېتىۋالغۇچىلارمۇ مەكتەپتىن ھەل قىلىۋالسا بۇلىدۇ.

مەيلى قانداقلا بولسۇن دېتال باھالىغاندا تېخىنكىنى ئاساسى باھالاش مەزمۇنى قىلساق،دەرسلىك ئامال بار ئۆز تىلىمىزدا تۈزۈلسە
خىزمەت ئورنۇم:ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرى
ئۇقۇتۇش باسقۇچۇم:باشلانغۇچ مەكتەپ
ۋەزىپەم:مەكتەپ مۇدىرى
كەسپىم:خەنزۇتىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aksu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 15:04  

ۋاقتى: 2012-1-4 14:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پائالىيىتىنى تەشكىللەش بولسا ناھايتى ياخشى بىر پائالىيەت بوپتۇ،
مېنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ پىكىرلىرىم بار ئىدى، ئەپسۇس يېقىندىن بۇيان ۋاقىت بەك قىس بولۇپ قېلىپ تورغا ۋاقتىدا چىقالمايۋاتىمەن، شۇڭا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەكلىپنى ئاددىيلا بىرىپ ئۆتەي.
1. بۇ تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا بەك چوڭ نىشاننى مەقسەت قىلىۋالمىساق، سەل ئاددىيراق ھالەتتىن باشلاپ، بارا بارا مۇكەممەللەشتۈرسەك
2. دەرسلىك دېتال ئۆلچىمى ھازىرچە  ppt دا تۈزۈلگەنلەرنى ئاساس قىلساق، (گەرچە دەرس دېتال مۇسابىقىلىرىدە ppt دا تۈزۈلگەن لايىھىلەر ئېتىبارغا ئېلىنمىسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا ئەڭ ئاساسى باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ، ppt دا دەرس دېتالى لايىھىلىگەندىكى ئۇسلۇپ، لايىھە، رەڭ ماسلاشتۇرۇش، ئاددى، چۈشۈنىشلىك بولۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلار كېيىنكى دېتاللارنى ئىشلىتىپ دەرس دېتالى تۈزۈشتە ئەڭ مۇھىم ئاساس بولىدۇ.
3. ئۇيغۇرچە يېزىقتا تۈزۈشنى ئاساس قىلىپ،  يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز دەپ 3 گۇرۇپپىغا ئايرىپ باھالاش ئېلىپ بارساق.
4. پۈتكەن لايىھەننى يوللاش ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتىپ (ئاخىرقى بىرنەچچە كۈنگە)  بەرسەك،  لايىھە ئەسەرلىرىنى پەقەت باھالىغۇچىلار قوبۇل قىلىپ باھالاش ئېلىپ بارسا، ئاندىن لايىھىنى  مۇنبەردە  كۆرسىتىپ ئەزالار باھالىسا، ئاخىردا باھالىغۇچىلار قايتا بىر باھالاپ نەتىجىنى ئاشكارە ئېلان قىلسا، بۇنداق بولغاندا ، بىرسىنىڭ لايىھىسىدىن يەنە بىرسى ئوغىرلىقچە پايدىلىنىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنالايمىز.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
  ۋاقتى: 2012-1-4 16:19
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-4 16:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karwan728 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 14:10
مېنىڭچە بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پائالىيىتىنى تەشكىللەش ب ...

4. پۈتكەن لايىھەننى يوللاش ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتىپ (ئاخىرقى بىرنەچچە كۈنگە)  بەرسەك،  لايىھە ئەسەرلىرىنى پەقەت باھالىغۇچىلار قوبۇل قىلىپ باھالاش ئېلىپ بارسا، ئاندىن لايىھىنى  مۇنبەردە  كۆرسىتىپ ئەزالار باھالىسا، ئاخىردا باھالىغۇچىلار قايتا بىر باھالاپ نەتىجىنى ئاشكارە ئېلان قىلسا، بۇنداق بولغاندا ، بىرسىنىڭ لايىھىسىدىن يەنە بىرسى ئوغىرلىقچە پايدىلىنىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنالايمىز.

بولاپمۇ  ماۋۇ  تۈرنى قوللانساق ھازىرقى ئەڭ ياخشى ئامال شۇدەك قېلىدۇ.

ئەمدى ئادىلجان ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىپ بىر نەرسە دىمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى ...........
ئادىلجان لايىھە ئاساسەن بىر يەرگە باردى .......... ئاخىرقى قارارنى چىقىردىغان يەرگە كەپ قالدۇق...  تەپسىلىي توختېلىڭ...........
ئىمتېھانىڭىزمۇ تۈگىگىلى تۇرغاندۇ.... ھەقىچان.
ۋاقتى: 2012-1-9 18:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە مەن بىر تېما يوللاي ھە، ئىشلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى.
ۋاقتى: 2012-1-9 21:35:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىقاپ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-9 21:22
ياخشى پىكىر بولۇپتۇ، مەن گەرچە مائارىپ سىپىدە بولمىسا ...

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئۇستاز، مەن تېما تەييارلاۋاتىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 23:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش