مەن ئالدىنقى قېتىم دىيىشكىنىمىزدەك لايىھەنى يوللاپ قويدۇم، كۆپچىلىك يەنۇمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەك ۋە ئارتۇق جايلىرىنى چىقىرىپ تاشلىساق:
روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى
رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى مۇسابىقىسى لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .
1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار
روھلان تورىدىكى بارلىق ئەزالار
2. مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپ
1) تۈر تەسىس قىلىش
(1) بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە «قوش تىل» گۇرۇپپىسى بويىچە
ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2) تۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تەلىپى
كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى بولسا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەسىم، تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مەلۇم بىلىم دائىرىسىگە، بىرەر سائەتلىك دەرسكە ياكى مەلۇم ئوقۇتۇش بۆلۈكىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلسىمۇ بولىدۇ. يەككە ھالدىكى ئوقۇتۇش كۆپ ۋاستىلىق بايلىقى دەرس دېتالى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
① لايىھەلەش تەلىپى : كۆرۈنمە چاستوتا، ئاۋاز، كارتۇن قاتارلىقلارنى لايىھەلەشتە ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows2000 مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
② يوللاش شەكلى: (XXXXXXXXXXXXXXXX مەسىلىھەت پىشقاندا بېكىتىلسە) يوللاش كېرەك. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
③مىللى تىل-يېزىقىغا چېتىلىدىغان ئەسەرلەر بولسا مۇناسىپ كەلگەن خەت شەكلىنى بىرلىكتە تەمىن ئېتىشى كېرەك.
3) باھالاش كۆرسەتكۈچى
كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى
ئوقۇتۇش لايىھەسى (30نومۇر)
ئوقۇتۇش نىشانى، ئوبېكتى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش تەدبىرى جايىدا بولۇش؛
كۆرۈنمە يۈزنى لايىھەلەش جايىدا، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛
يېزىقچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ياردەمچى ئارخىپلىرى ئېنىق بولۇش.
مەزمۇنىنى بايان قىلىش (25نومۇر)
مەزمۇنى مول، ئىلمىي، بايانى توغرا، سۈزى قېلىپلىق بولۇش؛
تاللىغان تېما جايىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش؛
تىلى ئىخچام، ئوبرازلىق، يېزىق ئۆلچەملىك بولۇش؛
خام ماتېرىيال (يېزىق ھۆججىتى، ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوت، كارتۇن قاتارلىقلار) نى جايىدا تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش.
تېخنىكا قوللىنىش (25نومۇر )
سېستىمىنىڭ ئايلىنىشى نۇرمال، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ھەم قۇلايلىق بولۇش؛
يېتەكلەش لېنىيىسى ئىلمىي، يوللارنى تاللىغىلى بولىدىغان بولۇش؛
يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك بولۇش؛
يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش (20نومۇر )
مەقسەت مۇددىئاسى يېڭىچە، تەپەككۈرى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇش؛
ئەمەلىي ئوقۇتۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇش؛
4) ئەسەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكلەش كېرەك. ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
5) ئەسەر لايىھەلەش
(1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2) ئۆز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەر لايىھەلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
(3) كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنىدىن XX-ئاينىڭ XX-كۈنىگىچە.
4. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججختىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قۇيۇپ، (XXXXXXXXXXXXXXXX سېكاننىرلاپ يوللامدۇ ياكى يوللىمىسىمۇ بولامدۇ؟ مەسىلىھەت پىشقاندا بېكىتىلسە) يوللاپ بېرىش كېرەك.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىش
1) باھالاش چارىسى: تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
(1) تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش: سالاھىيىتىنى دەسلەپكى باھالاش، ئەسەرلەرنى قاچىلاش، ئىجرا قىلىنىشىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەسەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
(2) مۇتەخەسىسلەر باھالاش: مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەجىربىلىك خادىملاردىن تەشكىللىنىدۇ. تېخنىكىلىق سىناشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، مۇكاپات دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ.
2) مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ۋە بىر قانچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قۇشۇمچە: 1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى
2011-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى
ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى بۇ يەردە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 03:06
|