روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7116|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-19 14:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
" p  {" M: R$ C, kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ
4 X( y& m9 O9 z7 z0 _0 B1 wئابابەكرى ئابدۇقادىر
# u0 k# G+ g& T5 b8 Rيېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلدى ۋە ئاستا - ئاستا يىمىرىلىشكە باشلىدى.: B% {: l+ V9 F  a7 H8 U8 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەتىجىدە ئارىمىزدا كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان مىھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن، ئۇرۇق - تۇققان، قان - قېرىنداشلىرىدىن، سۆيۈملۈك يۇرتىدىن، ۋاقتى كەلگەندە نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ھالال جۈپتىدىن، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان سەبىي بالىلىرىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، شەيتاننىڭ مۇخلىسىلىرى بولمىش بىر تۈركۈم مەسئۇلىيەتسىز، ۋاپاسىز، ھاياسىز، ھايۋان تەبىئەتلىك بىر قىسىم ئەر - ئاياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
4 ~9 K" w, E* y; K* o$ Sنەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ باتۇر - قورقۇمسىزلىقى، ئىشچان - چىداملىقلىقى، مەسئۇلىيەتچان - ۋاپادارلىقلىقى ۋە گۈزەل - پاكىزلىقلىقى، نومۇسچان - ھايالىقلىقى ۋە لىۋەن - لاتاپەتلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرى مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى، شەرمىي - ھاياسىنى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كىچىككىنە ھۇزۇر، غەربچە تۇرمۇش ۋە ئەركىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئەرلىك سالاپىتىنى، ئاياللىق نازاكىتىنى، جەمئىيەت، ئائىلە، پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىزىدەك ھەتتا نەۋرىسىدەك قىزلارنى بىر ئاماللار بىلەن ئالداپ، ئاتالمىش ياشلىق پەيزىنى سۈرىدىغان، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھەۋەس، شەھۋەت كوچىسىدا يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆمۈرلۈك داغدا قالىدىغان، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى توزغاقتەك توزۇتۇپ بىر ئۆمۈر لەنەت ئاستىدا ياشايدىغان؛ ئاياللار بىر نەچچە ۋاراق پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان، تاشقىي گۈزەللىكىدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان، جان تىكىپ قوغدىلىدىغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ياش، مىللەت ئايرىمايلا پۇلى بارلىكى ھەر قانداق ئىشرەتخۇمار ئەرلەرگە ھېچ ئىككىلەنمەيلا بىر خالتا سامان ئورنىدا سېتىۋىتەلەيدىغان ئاجايىپ تالانتلىق، ( ئىقتىدار ) ئىگىلىرىگە ئايلاندى.9 N' o: ]1 I7 Q/ jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېلېۋىزور دەسلەپ پەيدا بولغان يىللاردا ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل بىر يەردە ئولتۇرۇپ كۆرۈشتىن خىجىل بولۇشاتتى. تېخى ئۇ چاغدا بىرىلىدىغان فىلىملەر ھازىرقىدەك چاكىنا ئەمەس ئىدى.7 f( ]6 w, c8 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەرەققىيات ئىنسانلارغا شۇنداق بىر توغرا چۈشىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدىكى، ھازىر ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل يانمۇ - يان ئولتۇرۇشۇپ چەتئەلنىڭ چۈشكۈن ئىشقىي - مۇھەببەت تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن پەس، بەدەۋىي فىلىملىرىنى بىللە كۆرىدىغان ۋە شۇ فىلىملەردىكى ئوبرازلار ئۈستىدە قىزغىن بەس - مۇنازىرە يۈرگۈزىدىغان، ئەر - ئاياللار كىنولاردىكى ھېلىقى ئىشلارنى دوراپ چەكلەنگەن مىۋىلەرنى قانغۇچە يىيەلەيدىغان، بىر ئەر يالغۇز جېنىغا بىر نەچچە ئايالنى يۇشۇرۇن نىكاھىغا ئېلىپ ئايرىم - ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بىرىدىغان، بىر ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە بىر نەچچە ئادەم كوللىكتىپ ھالدا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ( مەدەنىي ) ئىشلار مانا ھازىر ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى.7 [( }0 R% L5 _" r! Y+ W) X# ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەتىجە شۇنداق خۇلاسىلەندىكى، بۇنداق چېكىدىن ئاشقان نومۇسسىز قىلمىشلار ئاخىرى ئىنسانلارغا سىفلىس، سۆزنەك، ئەيدىزدىن ئىبارەت خەتەرلىك كىسەللەرنى سوۋغا قىلدى.
0 T2 |. [$ b+ Z( B! cتالاي ئىناق ئەر - خوتۇنلار ئاجراشتى. تالاي گۈلدەك ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل خوشىنىڭ بىھۇدە قۇربانىغا ئايلىنىپ يىتىملىك كوچىسىغا شەپقەتسىزلەرچە ھەيدەپ چىقىرىلدى.+ z. Y  r& ?: M) C% A) I" Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ سەۋەبلىك تالاي كۆزلەردە قان - ياش، يۈرەكلەردە ئەلەم - خۇن، زەرداب، قەلبلەردە پىغان - ھەسرەت، دىللاردا ئاچچىق غەزەب - نەپرەت، تىللاردا لەنەت - قارغىش خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى سەل كەبىي يامرىماقتا. تالاي ئادەملەر مەزگىلسىز ھالدا قارا يەر ئاستىغا مەھكۇم بولماقتا. تالاي بىگۇناھ يۈرەكلەر مەڭگۈلۈك دەردنىڭ چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق ھالدا پۇچۇلانماقتا.
* Q& I) G9 y7 E$ W! T7 y- Gگەرچە بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە چوقۇنغۇچى ئازغۇنلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن تىز بولماقتا.
4 ]1 a2 o2 x" T1 U- Mئەي ئىنسانلار، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنايلى، ھەممىمىز ئاشۇ گۇناھسىز بىچارىلەرنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىغا، ئىزىلگەن باغرىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان نالە - زارلىرىغا، ئاھۇ - پىغانلىرىغا ۋە ئاشۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئازغۇنلارنىڭ دەھشەتلىك تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان رەزىل ھايات سەپىرىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى. بەلكىم بۇنى كۆرۈپ ئىرادىمىز بوشىشىپ، ئېتىقادىمىزنى يوقىتىپ، شەيتاننىڭ ئادەمنى مەستخۇش قىلغۇچى دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ۋە ئويناشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىرىمىز ئاز - تولا بولسىمۇ چۆچۈپ ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولىنى تېپىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.1 h! L% P) l% Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىپپەت يىغلىمىسۇن. توغرىسى، باشقىلارنى ۋە ئۆزىمىزنى خارلىمايلى ھەم ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەمدە خارلانمايلى! ( m) y$ D) s. Z5 P8 g7 D3 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ماقالە قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 5 - سانىدىن ئېلىندى.5 ]  l, G5 h( U4 x1 o$ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتور: قاراقاش ناھىيە كۇيا يېزا پاۋان كەنتىدە' M% |9 b3 Q  p: Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://www.tirixqanlar.com  دىن ئېلىندى2 W7 M' ^1 R. f. oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-12-19 20:45:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،رەھمەت!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 04:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش