روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلارغا ئازراق ۋەزىپە چىقتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-10-25 14:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تۆنۆگۈن ئاخىرى بېكەتكە مەخسۇس ماتىرىيال يوللاش ئۈچۈن 80 گىگابايت چوڭلۇقتىكى (يەتمىسە داۋاملىق چوڭايتالايمىز) بوشلۇق سېتىۋالدۇق.
خەۋەر تاپمىغانلار ۋە تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ، vip ئەزاللىقنى ئىلتىماس قىلمىغانلار ۋاقتىدا تۆۋەندىكى تېمىغا كىرىپ تەلەپ بۇيىچە بىجىرىۋېلىڭلار.
روھلانغا مۇلازىمىتىر سەپلەندى، باشقۇرغۇچىلار نۇمۇر ئېلىۋېلىڭلار
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... 10621&fromuid=1

ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە،  ئىلگىرى ئاۋۇ سەت ئېلان چىقىدىغان 千脑 غا يوللانغان دەرسلىك ماتىرىيال ۋە ئۆچۈپ كەتكەن ماتىرىياللارنى قايتىدىن بۇ مۇقىم بوشلۇققا يوللاش بولۇپ قالدى .
ئاۋال بارلىق باشقۇرغۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ تېمىسىدىكى چۈشمەس بولۇپ قالغان ياكى چۈشۈرۈش مۇقىم بولمىغان بىكەتلەرگە يوللانغان، باشقا بىكەتلەردىن ئۇلانما قىلىنىپ قالغان مۇھىم ماتىرىياللارنى بېكىتىمىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقىغا يوللاشنى باشلىساق، ئۆزىمىزنىڭ تېمىسى تەھرىرلەپ تۈگىگەندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ۋە تۆۋەندىكى
ماتىرىيال چۈشمەس بولۇپ قالغان تېما ئادرىسىنى توپلىشىپ بېرىڭلار
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... 10337&fromuid=1
دېگەن تېمىغا قالدۇرۇلغان ئادرىستىكى ماتىرىياللارنى قولىمىزدىن كېلىشىچە يوللاپ تولۇقلىساق(تولۇقلاپ بولغانلرىنىڭ ئىنكاسىغا تولۇقلاندى دەپ باھا قالدۇرۇپ قۇيۇپ تەكرارلىقتىن ساقلانساق) دېگەن ئۈمىتتە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئاخشام ئازراق تورغا چىقىپ، بىر قىسىم ماتىرىياللار ۋە مۇھىم دېتاللاردىن بىر قانچىنى بوشلۇقىمىزغا يوللاپ، ئەسلى تېمىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلىۋەتتىم .

بارلىق باشقۇرغۇچىلار تەڭ ھەركەتكە كەلسەك، ۋاقتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە بۇ ئىشنى تولۇقلاپ كىتەلەيمىز دەپ قارايمەن، ھازىر تۇرسۇنجان مۇئەللىم، ئىنتىزار ئەپەندى،... قاتارلىق بىر قانچە باشقۇرغۇچىمىز ئىشنى باشلاپ بولدى .

بوشلۇققا ماتىرىيال يوللاش ۋە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئۇلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە ئىشنى ئەسكەتى ئۆتەي.
1. ماتىرىيال يوللىنىۋاتقاندا يوللاش بېتىنى يېڭىلىماڭ ۋە تاقىۋەتمەڭ، ماتىرىيال يوللىنىپ بولغاندا ئۆزلىكىدىن چۈشۈۈش ئادرىسىنى ئېلىش بېتى ئېچىلىدۇ.
2. بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇشتىن ساقلىنايلى، چۈنكى  بوشلۇققا ئوغۇرلۇقچە ئۇلانما قىلىشتىن ساقلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئېلىش بېتىدىكى چۈشۈرۈش دېگەن خەتنىڭ ئادرىسىنى ئالساقلا بولىدۇ، بىۋاستە چۈشۈۈش ئادرىسىنى ئېلىپ قويساق بېكىتىمىزدىن باشقا بىكەتلەرگە تەۋسىيە قىلىنىسا باشقا بىكەتلەردىكىلەر چۈشۈرەلمەي قالىدۇ .

بېكىتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىۋېلىشى ۋە بېكىتىمىزنى تەرەققىياتى ئۈچۈن يولىغان ماتىرىيللارنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى 3 دانە ھۆججەتنىمۇ قوشۇپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ .


بۇنىڭدىن باشقا مەسىلە بولسا بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىننكاس قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ .

ئۆز تېمىسىدىكى ماتىرىيال نورمال چۈشمەيدىغان تېمىلارنى تەھرىرلەپ بولغاندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ تېمىسىدىكى ماتىرىياللارنى ئۆزى چۈشۈرىۋالغان ماتىرىيال ئىچىدىن ياكى باشقا بىكەتلەردىن ئەكىلىپ يوللاپ بېكىتىمىزگە ھەسسە قوشقانلارغا ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرىۋالىمىز .


ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ ئەزا بولۇڭ

x
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-25 15:10:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش قاپتۇ، ماتىرىيال يوللىغاندا ماتىرىيالنىڭ نامى خەنزۇچە بولسا چۈشمەيدۇ، شۇڭا ھۆججەت نامىنى چوقۇم لاتىچە يېزىڭلار
ۋاقتى: 2011-10-25 15:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
ۋاقتى: 2011-10-25 15:35:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاق يوق ، ئاتاماننىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىنى جان-دىلىم بىلەن ئۇرۇندايمەن .{:soso_e183:}
ۋاقتى: 2011-10-25 19:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋەزىپىگە كەتتىم ئەمىسە.
ۋاقتى: 2011-10-25 20:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چىئەنناۋغا يوللىمىغان، شۇڭا باشقىلارنىڭكىگە قاراپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2011-10-25 20:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋال ئۆزەمنىڭ يوللىغان تېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ ئاندىن ماتىرىيال چۈشمەس بولۇپ قالغان تېمىلارنى تەپسىلى قېزىپ چىقىپ تەھرىرلەشكە باشلاي !
ۋاقتى: 2011-10-25 21:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاتلاندىم ئەمىسە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ۋاقتى: 2011-10-25 21:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ھەممە باشقۇرغۇچىلار ئاۋال ئۆزىنىڭ يوللىغانلىرىنى ئوڭشاپ بولۇپ ئاندىن باشقا ئۆزى مەسئۇل بولالايدىغان ۋە بولىۋاتقان سەھىپىگە كۆز يۈگۈرتسە ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايمەن .
ۋاقتى: 2011-10-25 21:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئىشقا كىرشەي ئەمسە!{:soso_e181:}

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-7 06:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش