‹‹ ئەسەبىيلىك ›› يۇقالسۇن
دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ،
زار يىغلاتتى ئاممىنى .
ئاتا – ئانىدىن ئايرىپ ،
يېتىم قىلدى بالىنى .
نادانلىق ھەم خۇراپات ،
ئىزىقتۇردى ئاممىنى .
كۆپ بەدەللەر تۆلىتىپ ،
ۋەيران قىلدى ئائىلنى .
كۆزنى يوغان ئاچايلى ،
ئەقلىمىزنى تاپايلى .
قارشى تۇرۇپ ‹‹ ئۇنسۇر ›› غا .
دادىل ئالغا باسايلى .
ئۇيۇشايلى بىرلىكتە ،
ئىناق بولۇپ سەپ تۈزۈپ .
يۇقىتايلى ‹‹ئۇنسۇر›› نى ،
دادىل بولۇپ يەڭ تۈرۈپ .
بولغاچ ياخشى سىياسەت ،
تاپتى خەلق ئىناۋەت .
ئىگىز بېنا رەت تۈزۈپ ،
يېڭىلاندى قىياپەت .
ئەمدى خەلق چۈشەندى ،
‹‹ ئەسەبىيلىك ›› زىينىنى .
ياخشى بىلىم ئىگەللەپ ،
بېيىتتى ئۆز بىلمىنى .
ئىدىيىنى يېڭىلاپ ،
ھۈنەر ، بىلىم ئالايلى .
ئىلىم – ئىرپان كانىدىن ،
ئالتۇن ، كۈمۈش قازايلى .
ئەسكەرتىش : ئەسەبىيلىك دىننىي ئەسەبىيلىكنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنسۇر زوراۋان تېرورچى ئۇنسۇرلارنى كۆرسىتىدۇ .
مەنبە : ئۆز قەلمىم
2015- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى |