روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1864|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلارنىڭ دۇنياسى رەڭگارەڭ بولىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات بالىلارنىڭ پاك قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا سانسىزلىغان قىزىقىشلارنى قوزغايدۇ: دەرەخ نېمە ئۈچۈن يوپۇرماق تاشلايدۇ؛ بېلىق نېمىشقا سۇدا ياشايدۇ؛ نېمە ئۈچۈن ھايۋانلار چىقارغان ئاۋاز ئوخشاش بولمايدۇ، دېگەندەك. بىز ھەمىشە بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ئۇزاققىچە كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكى شەيئى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا تېگى – تەكتىنى بىلىش قىزغىنلىقى بولىدۇ. ئويلاشقا، سوئال سوراشقا قىزىقىش ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىشى ھېسابلىنىدۇ.8 J% w$ l* Q- Y: ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداشتا، يەنە بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنى كۆزىتىشكە يېتەكلىشى، بالىلارغا قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئىزدىنىشكە ۋە بايقاشقا يېتەكلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنى تۈرلۈك بايلىقتىن پايدىلىنىپ، بالىلار ئۈچۈن ئۆسۈملۈككە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، بالىلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى بالىلارنىڭ نەتىجە تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداپ، بالىلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.
4 p- E0 \3 h- g4 O4 T- I) [) H) D# n6 a; H/ F+ K7 ~* bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 03:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش