روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2584|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك
. d. _* P: C; \8 h/ D2 t0 {" |+ h" zئەخمەتجان مەمتىمىن$ h7 q! `! E& t. b1 @  Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ W  d; n4 W" j/ V
% ?4 U, J) \7 D. G; B0 k0 E; K/ K9 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& }! C8 j/ L+ a/ e1 ]4 ]) M7 B    ئاتا –ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، بالىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ ئاۋۋال كۆڭۈل بۆلگۈچى . ھەر قانداق ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . ئەگەر ئاتا – ئانىلارئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشجەريانىدا تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىسا ، تەربىيە ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بالىدىن كۈتكەن ئۈمىدى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
7 }: {2 k" n7 e8 t8 I  m9 u1. ھەددىدىن زىيادە ماختاش* @" U! s8 N/ w; Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بەك كۆپ ماختاش بالىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن بىللە ، بالىغا روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئاتا –ئانسىىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغاندا بالىدا ناھايىتى ئوڭايلا ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ .ئاتا –ئانا بولغۇچى بالىنى ھەمىشە ‹‹بەك ئەقىللىق›› دەپ ماختىسا ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى بىرەر قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا تاپا – تەنە قىلىپ تىللىسا ياكى ئۇرسا ، بالىدا ئۆزىنى ئەيىپلەش ، تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىپ ، ئىشەنچسىنى يوقىتىپ قويىدۇ .
2 B3 G6 k; C% ~5 P# _    بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتىكى توغرا ئۇسۇل ، كونكرېت ئىشلاردا ماختاپ تۇرۇش ، بالا بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا :‹‹مەن ساڭا ئىشىنىمەن ، سەن ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن››دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ، بالا غەلىبە قازانغاندا بولسا :‹‹ قارا ، سەن بۇ ئىشنى شۇنداق ياخشى قىلدىڭ ، قالتىسكەنسەن ›› دېيىش ، لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ۋە ئىلھام بەرگەندە ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماختاشتىن ساقلىنىشتۇر .; r; S8 B) ]. Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. كۆپ سۇئال سوراش
1 f8 @3 F1 H  S6 }9 T  نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار بالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى ئۈچۈن ، بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراپ بالىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدۇ . مەسىلەن : ‹‹بۈگۈن مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىدىمۇ ؟ ›› ،‹‹ماتېماتىكا دەرىسىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىدىڭمۇ ؟ ›› ، ‹‹كىملەر بىلەن بىللە ئوينىدىڭ ؟ ›› . . . دېگەندەك . بەك كۆپ سورالغان بۇنداق سوئاللار بەزىدە بالىنىڭ كۆڭلىگە ياقماي بالىدا بىزارلىق ۋە قارشىلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ . چۇنكى بالىلارنىڭ كۈندۈزدە مەكتەپتە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆگىنىش قىلىش داۋامىدا چارچايدۇ . شۇڭا بالا ئۆيگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۇنىڭدىن مەكتەپتە نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سورىماي ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىشى ياكى ئوينىۋېلىشىغا يول قويۇش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
+ p* W: {$ q9 K4 b* B0 t& h5 i/ o  g3. كۆپ بۇيرۇق قىلىش3 p9 d: _) q2 b7 y5 T" j- Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹‹ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە ! ›› ، ‹‹تېلېۋىزورنى ئۆچۈر ! ›› ، ‹‹كىيىمىڭنى پاسكىنا قىلىۋەتمە! ›› . . . گە ئوخىتىاش بۇيرۇقلار بالىدا ئوڭايلا ‹‹ ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدىغان ››قاشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، شۇنداقلا بالا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ ، ئۆزىنى مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك .( R2 d, A& G" r; w, u% a( u$ hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇش
( ^; I$ E$ n" z  بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا ، يا ئۇنداق ، يا مۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالسا ، بالىنىڭ ئىززەت –نەپسىگە تېگىپ قويىدۇ . بالىنى مەلۇم نەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى سەۋىيىسى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا بالىلار ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، شۇنداقلا ئۇلاردا زېرىكىش ياكى قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا –ئانىلار پەرزەنتىنىڭ جىىمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەمدە ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىمنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئاندىن شۇ ئاساستا مۇۋاپىق تەربىيە مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىشى ، بالا مەلۇم ئىشنى قىلالماي مەغلۇپ بولغاندا ، ئۇنى دادىللىق بلەن قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، بالىنى مۇۋەبپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەر خىل يوللار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئويلىشىشقا تەدرىجىي ئادەتلەندۈرۈشى لازىم .8 b; @& U6 l6 J( I* }' b0 X% `* L/ {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىز بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۇزشىگە يول قويۇشىمىز ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بالىلاردا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە بېلىنى قويۇۋەتمەيدىغان ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرەلىشىمىز كېرەك .
- ]; a, u5 i  _4 L5. كۆپ ئەيىبلەش(ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ۋارقىراش،تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش)9 |2 E: l. C. kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا ، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا ‹‹ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىڭ بۇ ؟ دۆت ، قاباقباش! ›› ،‹‹مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن كالۋا ! ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەش بالىدا ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، قورقۇش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئاتا – ئانىىسنىڭ تەسەللى بېرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى تەجرىبە –ساۋاتلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، قەيەردە يىقىلغان بولسا شۇ يەردە ئورنىدىن تۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ، نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش كېرەك .% `! q0 q  z2 N8 U/ q4 x2 J/ uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئەگەر بالىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ھەم ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئويلىسىڭىز ، بالىغا ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى ، نېمىگە ئاچچىقلانماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلاپ ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تپپىپ چىقىڭ . بالىنىڭ بىلىپ –بىلمەي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىگە نىسبەتەن زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلماي ، مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بېرىش ، يەنى بالىلارغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل .
, J9 T( [/ g2 ]" t' F2 w5 ^# S    ئاتا –ئانىلار بالىلىرىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقماسلىق ، خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىش ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تۈزىتىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە ۋە بالىنى شۇ ئاساستا يېتەكلىسە ، ئاتا –ئانا بولغۇچى ئۆزىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ ، بالىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۇشنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ .
7 F( a3 X( R0 u4 G+ W' b0 p8 r6. ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقا بالىلارنى سىلىشتۇرۇش
# f5 X% k, C- @  E6 i   ھەممە بالىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ئاتا –ئانىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ بالىسى قىلالىغاننى مېنىڭ بالاممۇ قىلالىشى كېرەك ، دەپ قاراپ ، بالىسىغا ئۇ خشاش ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇپ بېسىم ئىشلىتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىدا نارازىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ . نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ :‹‹سەن نېمىشقا پالانچىدەك بولالمايسەن››دېگەندەك تاپا –تەنىلەرنى قىلىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ . چۇنكى بۇنداق ئەيىبلەشلەر بالىنىڭ باشقا ياشتىكى بالىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا پەرق بولىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، بالىلارنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرماي ، كۆپرەك بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك .
  ]0 {+ H: u7 d/ |9 }( J8 X, d7.  بالىنىڭ گىپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق،ئۇلارنىڭ تەلىپىگە كۆڭۇل بولمەسلىك.
/ ]# Y) M" ]& H+ n; w  بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق — بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇش بىلەن باراۋەر . ئەگەر بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلسا ، كېيىن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ، ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى چوڭ خاتالىق .غەربلىكلەرنىڭ‹‹ھەيران قېلىش تەتقىقاتنىڭ ئاتىىسى ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئانىسى ››دەيدىغان گېپى بار . بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېىابلىنىدۇ . قىزىقىش بالىلارنىڭ ئىلىم –پەننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بالىلار مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە يولۇقىدۇ ھەم كۈچلۈك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرى بايقىغان ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ .بۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ بىخ سۇرگەنلىكىدۇر .بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ، ئۇلارنى قوللىشىمىز ، ئىلھام بېرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز ، كەلسە –كەلمەس تەنقىد قىلماسلىقىمىز كېرەك .
! C( t; t" J! v, f  گەرچە بالىنىڭ دەۋاتقىنى بىر خام خىيال بولسىمۇ ، ئاتا –ئانىلار ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ھەم بالىنىڭ ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى كېرەك .( s5 p2 z% \. `" D" d% oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  بۇنىڭدىن باشقا ، ئاتا –ئانىلار يەنە بالىلار بىلەن ىىردىشىشقا ، ئۇلارنىڭ ئايرىم پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى ، بالىنىڭ مەسىللەرنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشى ، تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشى ، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى ، رەسىم سىزىشقا يېتەكلىشى كېرەك .
/ C/ Q9 x7 P9 u3 W) _" B8. بالا بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقارماسلىق
  J. @3 F5 I9 R. z7 Dبىر قىسىم ئاتا –ئانىلار خىزمەت ، تىجارەت جەھەتتىكى ئالدىراشلىقى ، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ ، پەرزەنتىنىڭ ھەرقايىىس تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، بالىلىربنىڭ نېمىنى ئويلاپ ، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلار ئىمكان بار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى سىرتلارغا ئەچىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ تۇغما ئەقلىي تالانتىنى قېزىشى ،ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا قىلىشى كېرەك . بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ بەرگەندە ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىت ، مۇۋاپىق ئورۇن ، مۇۋاپىق رەۋىشتە بالىلارنى ئۆزى ئويلاشقا ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ، ئۆزى تەجرىبە قىلىشقا ، ئۆزى ئىزدىنىشكە ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك .
4 V5 b  T  z5 y/ l9.     بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش5 b3 @: ?. n0 S6 Y/ U7 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ھەرقانداق ئاتا –ئانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىدىن ‹‹تاتلىق ›› نەر سە بولمايدۇ .ئەمما بەزى ئاتا –ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىغا بولغان ئامراقلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ . بالىغا بولغان زىيادە ئامراقلىق ۋە ئۇلارنى ئورۇنسىز ئاسراش بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتە ساغلام يېتىلەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ ، ئۇلارنى ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . يالغۇز بالىلار ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى ، چوڭلارنىڭ ئاسرىشى ، قەدىرلىشى بىلەن چوڭ بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇ ستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىشى بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە سىناپ بېقىش ئارزۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ قويماقتا . بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئىقتىدار ئۆگىنىدىغان ۋاقتىنىمۇ كەينىگە چېكىندۈرۈپ قويىدۇ . بۇنداق تىپىك مىساللار ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس . ھازىر تولۇق 2–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يۇيالماسلىقى ، تولۇقسىز 3–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدەك ئەھۋاللار بىز ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس .
3 M( B( q  E' o' @. B# [: b   بالىنى ئاسراش ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە بالا ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ . ئاتا –ئانا دائىم بالىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرسا ياكى توغرا–خاتانى ئايرىماي بالىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا ، بالىنىڭ پەزىلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر بالىلار قۇربى يېتىدىغان يېنىك ئىشلارنى قىزىقارلىق ئويۇندەك بىلىپ قىلىشقا يېتەكلەنسە ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم رولىنى بىلدۇرگىلى ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشى ، ‹‹بالىلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى كېرەك ›› دەيدىغان پرىنسىپنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى ، بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى ‹‹مۇمكىن ئەمەس ›› دېگەن ئىدىيىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك .- o" y2 [' J2 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
10.   بالىنىڭ دوستلىشىشىنى توسۇش
8 K' t4 P; U! `; j/ G  ئۇزۇن مۇددەت تەنھا يۈرۈش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز . بىر قسىىم ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئارازلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار بالىلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنىڭ دەل ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلاردىكى ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆپەيگەنسېرى ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا –ئانىلار بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ھەم ئۇلارغا باشقىلار بىلەن دوستلىشىش ، ئۆز ئارا ياردەملىشىش ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىتىپ ، شاد –خۇرام كەيپىياتنى ساقلايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم .
, g0 w: P$ e3 r* b) M) b. K  بالىلىق دەۋردىكى ئەقىل –پارا سەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى تەرەققىياتىغا بىۋاىىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بالىلىق دەۋرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ ، ئەڭ كىچىك ئىشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ، غەلىبە قىلىش تۇيغۇسى ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى ، ئەقىل –پاراسەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىشى ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.) _! P  m$ q, `8 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

- L1 B) e, p  D5 @6 M* jئاپتۇر : ئەخمەتجان مەمتىمىن    ؛ بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى .! l1 f: h5 w5 o& D% c$ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
, n7 i3 l) n7 g! L6 Z: tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلى 2008-يىل 11-سانىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-5 00:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 09:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش