خورلانغان ئانا :IDD(<^9
|i'V\"hW
نىگار
vR<Y1<j
&gxRw l
ئاتا-ئاناڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، پەرزەنتىڭدىن شۇنداق مۇئامىلە كۆرىسەن ، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم .
u5^fiw]C
Ovh
قوشنىمىز ئايشەمخان چوڭ ئانام ياشىنىپ قالغان ئايال بولسىمۇ ، تىنى يەنىلا ساغلام ، جانلىق ئايال ئىدى . ئۇ مېنى كىچىك دېمەستىن ، ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ، مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق كۆيىنىدىغانلىقىنى ، ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلىنى قانداق ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتى . مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا پەقەتلا ئاڭلاپ قۇيۇپ بىرەر ئېغىز ئۈندەپمۇ قويمايتىم خالاس . o5KpiibFM
ئايشەمخان چوڭ ئانامنىڭ ئەتىۋالىق بىر تال ئوغلى دادام بىلەن بىر ئىدارىدە خىزمەتداش ، ئايالى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئۆيدىكىلىرىگە تۈزۈكرەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدىغان ئايال . ئايشەمخان چوڭ ئاپامنىڭ يەنە بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىز نەۋرىسىمۇ بار . ئۇلارمۇ ئەزەلدىن بۇ ياشانغان ئانىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ۋاپاسىزلار . يادىمدا شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ ، ئايشەمخان ئانام دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ ئۆيگە چاي سوراپ كىرىدىغان ، ئانام بەرگەن چاينى قۇلىغا ئېلىپ : /n;-f%dL
_ رەھمەت سېلىگە ، بالىلار ئۆيدىكى چايدانغا چايمۇ ئېلىپ قويماپتۇ . چاي قاينىتاي دېسەم ،ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاقنىڭ نەرىگە كۆمۈر سېلىشنى بىلمىدىم . nsFOtOdd
_ ئۇ گازلىق ئۇچاق . ئۇنىڭغا كۆمۈر سالمايدۇ ، ئۇ گاز ئارقىلىق ئوت ئالىدۇ . <a7y]Py
_ ئۇ نەرسىنى ئۆيگە ئەكەپ قويدى . بالىلار ئۆزلىرى بىر نەرسە قىلمىسا ، مەن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىدىم . R=P=?U.
ئايشەمخان ئانام مانا مۇشۇنداق بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا چىقىپ كېتەتتى . بۇنداق چاغلاردا ئانام ئېغىر ئۇھسىنىپ : -b+VzVJZ
_ مۇشۇ بىچارە ئايالغا تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق ، كۈندە دېگۈدەك قۇرسىقى ئاش_توق قالىدۇ . يە ئوغلى ،ياكى بولمىسا كېلىنى تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ ، تۈزۈك بىر خۇۋلۇق كۆرمىدى بىچارە ئايال ، _ دەپ قۇياتتى . "!()yjy
دەرۋەقە ئاپامنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەت ، ئايشەمخان ئانامنىڭ ئوغلى دائىم ھاراق ئىچىپ قايسى چاغلاردا قايتىپ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم . كېلىنى ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كېلەلمەيدۇ . ئوغلى بىلەن چوڭ قىزىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ، پەقەت چوڭ ئاپىسىغا ۋارقىراشنى ، جاپا سېلىشنى بىلىدىغان كىچىك قىزىنىڭلا بۇ ئۆيگە ئانچە-مۇنچە چىقىپ كىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ . مۇشۇ سەۋەپلىك ئانام ھەر كۈنلىكى دېگۈدەك بىر چېنە تاماقنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بېرەتتى ۋە يېنىپ چىقىپلا : rC.z772y%
_ بىچارە ئايالغا ئەجەپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى . ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ . مەن ئەكىرگەن تاماقنى قۇلىغا ئېلىپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى . بەزى كىشىلەر ئاتا-ئانىسىنى ياخشى بېقىۋالاي دېسىمۇ ،بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ئامال يوق . يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ . تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ! >+y[HTf-
يېزىدا تۇققانلارنىڭ تۇيى بولغانلىقتىن ، بىر نەچچە كۈن يېزىدا بۇلۇپ قالدۇق . بىز ئۆيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئانام ئۆيدىكى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بەرگەچ ، ئۆزىنى كۆپ ئاسراش توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قۇيۇپ چىقتى . توينىمۇ بىر ئوبدانلا تۈگىتىپ ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق . ئاپام ئۆينى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ، ئايشەمخان ئانامنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن قوشنىمىزنىڭ ئۈيىگە قاراپ چىقىپ كەتتى . بىز بۈگۈنكى يول ئازابىنى چىقىرىش مەقسىتىدە قىڭىر يېتىپ قېلىشتۇق . ئاپام ھايالشىمايلا چىرايى تاتارغان ھالەتتە قايتىپ چىقىپ ، دادامغا : 0o~? ]C
_ سىز مەن بىلەن چىقىپ قاراپ بېقىڭە ، ئايشەمخان ھەدەم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ . S]&f+g}&w
_ نېمە دەيدىغانسىلەر ؟ ئاغرىپ قالدىمۇ يە ؟ "F?p\I)(
داداممۇ ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، چىرايى جىددىي تۈسكە كىردى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپلا ، ئايغىنى كىيىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم . ax$ashFO/!
ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق قاراڭغۇ ، بىرخىل كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. ئايشەمخان ئانام يوتقاننى مەھكەم يېپىنىپ ياتقان بولۇپ، بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى ، ئەمما ئورنىدىن تۇرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئانام-داداملارنىڭ " بولدى تۇرمىسىلا " دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن يەنە ئاستا يېتىۋالدى . . دادام سۆز باشلاپ : \6o%gpUkD
_ بۇ بىر نەچچە كۈندە يېزىدا بولۇپ قېلىپ ، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولالمىدۇق . شۇڭا ئۆزلىرىنى قانداقراق تۇردىكى دەپ كىرىشىمىز ، مىجەزلىرى يوقمۇ نېمە ؟ *R1m=
_ رەھمەت سىلەرگە! qv\n]M_&
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق تۆۋەن چىقاتتى . ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ : YaiogA
_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ! ھېلىمۇ مەندىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار . سىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىپ قويدۇم . _9 yb5_
_ ئۇنداق دېمىسىلە ، بىز دېگەن ئۇزاق يىللىق قوشنا ئەمەسمۇ . >np!f8+d"q
دادام ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن : I/YBL
_ بالىلار كۆرۈنمەيدۇ ، بىرەر يەرگە كەتتىمۇ نېمە ؟ Mttt]]
_ ئادىلاخۇن ئەتىگەن "ئىشقا بارىمەن " دەپ چىقىپ كەتكەن ، ئايالى بىلەن بالىلىرى نەچچە كۈن بولدى بۇ ئۆيگە كېلىپ باقمىغىلى . @bsYJ4-V
_ ھە ، ئايشەمخان ھەدە ، بىرەر ئىش بولدىمۇ نېمە ؟ Zo$,{rl
ئايشەمخان ئانام بىزگە قاراپ قۇيۇپ : Z;M}.'BE
_ بىر ئىش بولمىدى ، ئادەم قېرىغاندا مۇشۇنداق تۇلا ئاغرىقچان بولۇپ قالىدىكەن . Pw c)u&
ئاپام دادامغا بىر قارېۋىتىپ: scr`] tD
_ ئايشەمخان ھەدە ، بىر ئىشلار بولسا بىزدىن يۇشۇرماي ئېيتىۋەرسىلە . مانا بىز سىلىگە ياردەم قىلىمىز . 2rxZN\gyL
ئايشەمخان ئانام ئۇندىمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . بىزمۇ تەڭ سۈكۈتكە چۆمدۇق . ئارىدىكى سۈكۈتنى يەنە ئايشەمخان ئانامنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى بۇزۇپ تاشلىدى . 72Zp%a=
_ بالىلارنىڭ ئازابىغا پەقەت چىدىيالمىدىم . ئادىلاخۇن ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . كېلىن تىجارىتىنى باھانە قىلىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن كەلمەيدۇ . ماڭا تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . سىلەر كېتىپ ئەتىسى قۇرسىقىم ئېچىپ كېتىپ ، مەرھاباقىزغا "تاماق قىلىپ بېرىڭ "دىسەم ، ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاققا قازاننى ئېسىپ قۇيۇپ يۇقاپ كېتىپتۇ . كىرىپ قارىسام ئوت شۇنداق پەس بولۇپ قاپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر سېلىپ قويغان ئىدىم . ئۇ ئارىلىقتا مەرھاباقىز پەيدا بولۇپ ، ماڭا ئاچچىقلاپ كەتتى . W=QT-4
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق قىيلىنىپ چىقتى. ئەمدى ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە بايان قىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : H]]UsY`
_ مەرھاباقىز ماڭا ۋارقىراپ كەتتى . مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم . ئۇنىڭغىچە ئادىلاخۇنمۇ قايتىپ كەلدى . ئۇ يەنە " ئىشەك سۈدىكى" ئىچىپ كەپتۇ . مەرھاباقىز دادىسىغا بىر نېمىلەرنى دەپلا كەتتى . ئادىلاخۇن: ]IFQD
_ بۇ قېرى بىر نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ . بىلمىگەن نېمىسىگە يە جىم تۇرمىغان ، ھەممە قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدى . .>X0 $#
_ شۇ ، تاس قاپتۇ ئۆينىمۇ زەھەرلەپ بولغىلى . wl^7.IR
مەرھابا قىزمۇ دادىسى تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىدى . ئاتا-بالا ئىككىسى ماڭا تازا گەپ قىلىۋېلىپ ئۆز ئىشلىرىغا مەشخۇل بولۇشۇپ كەتتى . بۇ ئۆيدە ماڭا بىر ئىسسىق تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . ZnrsJ1f:
ئايشەمخان ئانام خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلىماقتا ئىدى . Re[x$rw
توۋا، بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرگە ھەيران قالدىم . ئۇ ئانا ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار ئەجىبا بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ؟ [quT&E
ئىدارىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتاپ سالغان بىنا ئۆيمۇ پۈتتى . بۇ كۈنلەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈشنىڭ تەييارلىقى بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدۇق . ئايشەمخان ئانامنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئالدىراش ئىدى . بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئايشەمخان ئانام بىلەن داۋاملىق قوشنا بولۇپ ئۆتۈش پۈتۈلگەن بولغۇيتىمىكىن ، يەنە ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇپ قالدۇق . ئەمما مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدە قۇيۇق ئەمەس ئىدى . خىزمەتنىڭ ۋە مېنىڭ ئۆگۈنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندىمۇ ، بۇ توخۇ كاتىكىچىلىك بىنا ئۆيلەردە كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلىپ ئۆتمەيتى . مەنمۇ ئايشەمخان ئانامنى بۇرۇنقىدەك كۈندە كۆرۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . پەقەت ئۆيدىكىلەر ئارقىلىقلا ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتىم . بۇرۇن مېھرىبان ئانىنى ئوغلى قىينىغان بولسا ئەمدى كېلىنىمۇ تەڭ قۇشۇلۇپ قىينىماقتا ئىدى . ^<$$h
بۇ بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ ئايشەمخان ئانامنى بىر قېتىملا ئۇچرىتىپ باقتىم . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى بىچارە ئايال بۇ بنا ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرمەستىنلا ، بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى . مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا بىچارە ئايالنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنسام ، ئۆز ئانىسىنى مۇشۇنداق خورلىغان ئائىلىگە نەپرەتلەندىم . ئەمما " بۇ ئۆتنە ئالەم ، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ " دېگەندەك كېيىن ئانىسىنى خورلىغان كېلىنمۇ ئۆز قىزى سەۋەپلىك بۇ ئالەمدىن خۇشلاشقان ، ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز پەرزەنتمۇ بالىلىرى تەرىپىدىن خار بولغان ئىدى . (u_?#PjX
تۇيۇقسىز ئىشك ئەنسىز چىكىلدى ، ئىشىكنى ئاچسام ئاستىمىزدىكى قوشنىمىز ئىدى . p1BMQ?=($
_ ئاپىڭىز بارمۇ ؟ 6@rebe!&=
_ بار ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ . _N @h
_ بولدى كىرمەي ، مەن بەك ئالدىرايمەن ، تېز ئانىڭىزنى چاقىرىڭ . z+5ZUS2~&
مەن ئاشخانا ئۆيدە تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئانامنى چاقىرىپ قۇيۇپ ، مەن باشقا ئىشلارنى قىلغاچ تۇردۇم . ئاناممۇ تېزلا قايتىپ كىرىپ : Hxr)`i46
بولدى ، تاماق ئەتمەيلى . ئايشەمخان ھەدەمنىڭ كېلىنى تۈگەپ كېتىپتۇ . مەن شۇ يەرگە كىرەي . &^7^7:Y=?
_ نېمە ؟ i"_@iN0N
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم . *.,G;EC^
_ راستما ؟ نېمە بولۇپ ئەمدى ؟ yQ03&{#
_ مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم . ئايگۈل ئاچىڭىزنىڭ دېيىشىچە ، مەرھابا بىلەن خاپىلىشىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىكەن . مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ . svWQk9d
ئانام بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەن بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . كۆز ئالدىمغا خورلانغان ئايشەمخان ئانام كەلدى . توۋا ، بۇ ئالەمنىڭ ئۆتنە ئالەم ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن ئىدىم . ئايشەمخان ئانامنىڭ كېلىنىنىڭ ئۆز قىزى سەۋەپلىق قازا قىلغانلىقىدىن باشقا ، ئوغلىنىڭمۇ پەرزەنتلىرى سەۋەبىدىن خارلانغانلىقى بۇ نوقتىنى يەنىمۇ تۇلۇق ئېچىپ بېرەتتى . {Q(R#$)5+
خەير ، كەتكەنلەر كەتتى . ئەمدى ئۇلارنى تىلغا ئالمايلى ، ئەمدى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدى .