خورلانغان ئانا ipe8U1Sc
U#G<cV79
نىگار
Q ~f mVWq
YSB~04
ئاتا-ئاناڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، پەرزەنتىڭدىن شۇنداق مۇئامىلە كۆرىسەن ، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم .
^o87qr0g]
}X/>WiGh:
قوشنىمىز ئايشەمخان چوڭ ئانام ياشىنىپ قالغان ئايال بولسىمۇ ، تىنى يەنىلا ساغلام ، جانلىق ئايال ئىدى . ئۇ مېنى كىچىك دېمەستىن ، ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ، مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق كۆيىنىدىغانلىقىنى ، ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلىنى قانداق ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتى . مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا پەقەتلا ئاڭلاپ قۇيۇپ بىرەر ئېغىز ئۈندەپمۇ قويمايتىم خالاس . cTBUj
ئايشەمخان چوڭ ئانامنىڭ ئەتىۋالىق بىر تال ئوغلى دادام بىلەن بىر ئىدارىدە خىزمەتداش ، ئايالى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئۆيدىكىلىرىگە تۈزۈكرەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدىغان ئايال . ئايشەمخان چوڭ ئاپامنىڭ يەنە بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىز نەۋرىسىمۇ بار . ئۇلارمۇ ئەزەلدىن بۇ ياشانغان ئانىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ۋاپاسىزلار . يادىمدا شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ ، ئايشەمخان ئانام دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ ئۆيگە چاي سوراپ كىرىدىغان ، ئانام بەرگەن چاينى قۇلىغا ئېلىپ : gHtflS
_ رەھمەت سېلىگە ، بالىلار ئۆيدىكى چايدانغا چايمۇ ئېلىپ قويماپتۇ . چاي قاينىتاي دېسەم ،ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاقنىڭ نەرىگە كۆمۈر سېلىشنى بىلمىدىم . 2YQ;Kh"S
_ ئۇ گازلىق ئۇچاق . ئۇنىڭغا كۆمۈر سالمايدۇ ، ئۇ گاز ئارقىلىق ئوت ئالىدۇ . &. MUSqo9
_ ئۇ نەرسىنى ئۆيگە ئەكەپ قويدى . بالىلار ئۆزلىرى بىر نەرسە قىلمىسا ، مەن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىدىم . ti^=aB
ئايشەمخان ئانام مانا مۇشۇنداق بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا چىقىپ كېتەتتى . بۇنداق چاغلاردا ئانام ئېغىر ئۇھسىنىپ : QM24cmT
_ مۇشۇ بىچارە ئايالغا تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق ، كۈندە دېگۈدەك قۇرسىقى ئاش_توق قالىدۇ . يە ئوغلى ،ياكى بولمىسا كېلىنى تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ ، تۈزۈك بىر خۇۋلۇق كۆرمىدى بىچارە ئايال ، _ دەپ قۇياتتى . NY6;\ 7!n
دەرۋەقە ئاپامنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەت ، ئايشەمخان ئانامنىڭ ئوغلى دائىم ھاراق ئىچىپ قايسى چاغلاردا قايتىپ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم . كېلىنى ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كېلەلمەيدۇ . ئوغلى بىلەن چوڭ قىزىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ، پەقەت چوڭ ئاپىسىغا ۋارقىراشنى ، جاپا سېلىشنى بىلىدىغان كىچىك قىزىنىڭلا بۇ ئۆيگە ئانچە-مۇنچە چىقىپ كىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ . مۇشۇ سەۋەپلىك ئانام ھەر كۈنلىكى دېگۈدەك بىر چېنە تاماقنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بېرەتتى ۋە يېنىپ چىقىپلا : }9V0Cu1
_ بىچارە ئايالغا ئەجەپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى . ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ . مەن ئەكىرگەن تاماقنى قۇلىغا ئېلىپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى . بەزى كىشىلەر ئاتا-ئانىسىنى ياخشى بېقىۋالاي دېسىمۇ ،بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ئامال يوق . يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ . تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ! *P/DDRq(2
يېزىدا تۇققانلارنىڭ تۇيى بولغانلىقتىن ، بىر نەچچە كۈن يېزىدا بۇلۇپ قالدۇق . بىز ئۆيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئانام ئۆيدىكى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بەرگەچ ، ئۆزىنى كۆپ ئاسراش توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قۇيۇپ چىقتى . توينىمۇ بىر ئوبدانلا تۈگىتىپ ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق . ئاپام ئۆينى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ، ئايشەمخان ئانامنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن قوشنىمىزنىڭ ئۈيىگە قاراپ چىقىپ كەتتى . بىز بۈگۈنكى يول ئازابىنى چىقىرىش مەقسىتىدە قىڭىر يېتىپ قېلىشتۇق . ئاپام ھايالشىمايلا چىرايى تاتارغان ھالەتتە قايتىپ چىقىپ ، دادامغا : 0a2#36;_IK
_ سىز مەن بىلەن چىقىپ قاراپ بېقىڭە ، ئايشەمخان ھەدەم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ . `MHixQ;j
_ نېمە دەيدىغانسىلەر ؟ ئاغرىپ قالدىمۇ يە ؟ 1k]L ,CX
داداممۇ ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، چىرايى جىددىي تۈسكە كىردى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپلا ، ئايغىنى كىيىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم . YwS/O N
ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق قاراڭغۇ ، بىرخىل كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. ئايشەمخان ئانام يوتقاننى مەھكەم يېپىنىپ ياتقان بولۇپ، بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى ، ئەمما ئورنىدىن تۇرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئانام-داداملارنىڭ " بولدى تۇرمىسىلا " دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن يەنە ئاستا يېتىۋالدى . . دادام سۆز باشلاپ : Y!`pF
_ بۇ بىر نەچچە كۈندە يېزىدا بولۇپ قېلىپ ، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولالمىدۇق . شۇڭا ئۆزلىرىنى قانداقراق تۇردىكى دەپ كىرىشىمىز ، مىجەزلىرى يوقمۇ نېمە ؟ Xf[;^?]X
_ رەھمەت سىلەرگە! IZ|EPzS
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق تۆۋەن چىقاتتى . ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ : !>N+a3
_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ! ھېلىمۇ مەندىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار . سىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىپ قويدۇم . 'h@&rr@5
_ ئۇنداق دېمىسىلە ، بىز دېگەن ئۇزاق يىللىق قوشنا ئەمەسمۇ . 2tg 07
دادام ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن : @ULd~
_ بالىلار كۆرۈنمەيدۇ ، بىرەر يەرگە كەتتىمۇ نېمە ؟ kxR!hA8wv4
_ ئادىلاخۇن ئەتىگەن "ئىشقا بارىمەن " دەپ چىقىپ كەتكەن ، ئايالى بىلەن بالىلىرى نەچچە كۈن بولدى بۇ ئۆيگە كېلىپ باقمىغىلى . k[}WYs+r
_ ھە ، ئايشەمخان ھەدە ، بىرەر ئىش بولدىمۇ نېمە ؟ H&$M/`
ئايشەمخان ئانام بىزگە قاراپ قۇيۇپ : VN0KK1I
_ بىر ئىش بولمىدى ، ئادەم قېرىغاندا مۇشۇنداق تۇلا ئاغرىقچان بولۇپ قالىدىكەن . f1S%p
ئاپام دادامغا بىر قارېۋىتىپ: 3kT?Y7<fv
_ ئايشەمخان ھەدە ، بىر ئىشلار بولسا بىزدىن يۇشۇرماي ئېيتىۋەرسىلە . مانا بىز سىلىگە ياردەم قىلىمىز . 0e07pF/!
ئايشەمخان ئانام ئۇندىمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . بىزمۇ تەڭ سۈكۈتكە چۆمدۇق . ئارىدىكى سۈكۈتنى يەنە ئايشەمخان ئانامنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى بۇزۇپ تاشلىدى . |N}*
_ بالىلارنىڭ ئازابىغا پەقەت چىدىيالمىدىم . ئادىلاخۇن ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . كېلىن تىجارىتىنى باھانە قىلىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن كەلمەيدۇ . ماڭا تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . سىلەر كېتىپ ئەتىسى قۇرسىقىم ئېچىپ كېتىپ ، مەرھاباقىزغا "تاماق قىلىپ بېرىڭ "دىسەم ، ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاققا قازاننى ئېسىپ قۇيۇپ يۇقاپ كېتىپتۇ . كىرىپ قارىسام ئوت شۇنداق پەس بولۇپ قاپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر سېلىپ قويغان ئىدىم . ئۇ ئارىلىقتا مەرھاباقىز پەيدا بولۇپ ، ماڭا ئاچچىقلاپ كەتتى . }]M'f:%b
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق قىيلىنىپ چىقتى. ئەمدى ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە بايان قىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : M(yWE0 3
_ مەرھاباقىز ماڭا ۋارقىراپ كەتتى . مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم . ئۇنىڭغىچە ئادىلاخۇنمۇ قايتىپ كەلدى . ئۇ يەنە " ئىشەك سۈدىكى" ئىچىپ كەپتۇ . مەرھاباقىز دادىسىغا بىر نېمىلەرنى دەپلا كەتتى . ئادىلاخۇن: z7z9lDS
_ بۇ قېرى بىر نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ . بىلمىگەن نېمىسىگە يە جىم تۇرمىغان ، ھەممە قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدى . R!n7g8I%
_ شۇ ، تاس قاپتۇ ئۆينىمۇ زەھەرلەپ بولغىلى . $E!f@L
مەرھابا قىزمۇ دادىسى تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىدى . ئاتا-بالا ئىككىسى ماڭا تازا گەپ قىلىۋېلىپ ئۆز ئىشلىرىغا مەشخۇل بولۇشۇپ كەتتى . بۇ ئۆيدە ماڭا بىر ئىسسىق تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . f~,Ml*Zp
ئايشەمخان ئانام خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلىماقتا ئىدى . |#{ i7>2U
توۋا، بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرگە ھەيران قالدىم . ئۇ ئانا ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار ئەجىبا بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ؟ orYZ<,u
ئىدارىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتاپ سالغان بىنا ئۆيمۇ پۈتتى . بۇ كۈنلەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈشنىڭ تەييارلىقى بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدۇق . ئايشەمخان ئانامنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئالدىراش ئىدى . بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئايشەمخان ئانام بىلەن داۋاملىق قوشنا بولۇپ ئۆتۈش پۈتۈلگەن بولغۇيتىمىكىن ، يەنە ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇپ قالدۇق . ئەمما مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدە قۇيۇق ئەمەس ئىدى . خىزمەتنىڭ ۋە مېنىڭ ئۆگۈنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندىمۇ ، بۇ توخۇ كاتىكىچىلىك بىنا ئۆيلەردە كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلىپ ئۆتمەيتى . مەنمۇ ئايشەمخان ئانامنى بۇرۇنقىدەك كۈندە كۆرۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . پەقەت ئۆيدىكىلەر ئارقىلىقلا ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتىم . بۇرۇن مېھرىبان ئانىنى ئوغلى قىينىغان بولسا ئەمدى كېلىنىمۇ تەڭ قۇشۇلۇپ قىينىماقتا ئىدى . '? -N
بۇ بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ ئايشەمخان ئانامنى بىر قېتىملا ئۇچرىتىپ باقتىم . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى بىچارە ئايال بۇ بنا ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرمەستىنلا ، بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى . مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا بىچارە ئايالنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنسام ، ئۆز ئانىسىنى مۇشۇنداق خورلىغان ئائىلىگە نەپرەتلەندىم . ئەمما " بۇ ئۆتنە ئالەم ، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ " دېگەندەك كېيىن ئانىسىنى خورلىغان كېلىنمۇ ئۆز قىزى سەۋەپلىك بۇ ئالەمدىن خۇشلاشقان ، ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز پەرزەنتمۇ بالىلىرى تەرىپىدىن خار بولغان ئىدى . +]( #!}oH
تۇيۇقسىز ئىشك ئەنسىز چىكىلدى ، ئىشىكنى ئاچسام ئاستىمىزدىكى قوشنىمىز ئىدى . <$pv;]n
_ ئاپىڭىز بارمۇ ؟ >6[d&SM6
_ بار ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ . , Y,^vzX6
_ بولدى كىرمەي ، مەن بەك ئالدىرايمەن ، تېز ئانىڭىزنى چاقىرىڭ . c<lEFk!g
مەن ئاشخانا ئۆيدە تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئانامنى چاقىرىپ قۇيۇپ ، مەن باشقا ئىشلارنى قىلغاچ تۇردۇم . ئاناممۇ تېزلا قايتىپ كىرىپ : x4MTE?hT
بولدى ، تاماق ئەتمەيلى . ئايشەمخان ھەدەمنىڭ كېلىنى تۈگەپ كېتىپتۇ . مەن شۇ يەرگە كىرەي . Q1{9>NI
_ نېمە ؟ '/9q7?[E!
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم . v,8Q9<=O
_ راستما ؟ نېمە بولۇپ ئەمدى ؟ `8tstWYa]Y
_ مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم . ئايگۈل ئاچىڭىزنىڭ دېيىشىچە ، مەرھابا بىلەن خاپىلىشىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىكەن . مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ . @Kn@j D;
ئانام بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەن بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . كۆز ئالدىمغا خورلانغان ئايشەمخان ئانام كەلدى . توۋا ، بۇ ئالەمنىڭ ئۆتنە ئالەم ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن ئىدىم . ئايشەمخان ئانامنىڭ كېلىنىنىڭ ئۆز قىزى سەۋەپلىق قازا قىلغانلىقىدىن باشقا ، ئوغلىنىڭمۇ پەرزەنتلىرى سەۋەبىدىن خارلانغانلىقى بۇ نوقتىنى يەنىمۇ تۇلۇق ئېچىپ بېرەتتى . FC~%G&K/q^
خەير ، كەتكەنلەر كەتتى . ئەمدى ئۇلارنى تىلغا ئالمايلى ، ئەمدى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدى .