ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1913 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : خورلانغان ئانا ( نىگار )
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1360
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1360دانە
شۆھرىتى: 2562 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32800 يۈەن
تۆھپە: 2477 قېتم
ياخشى باھا: 1769 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:453 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-19 08:24
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:خورلانغان ئانا ( نىگار )
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-03-19 08:24 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1913

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-19)
خورلانغان ئانا ,S'p %g  
`VKf3&|<A  
نىگار
>y.%xK  
0GB:GBhZ  
ئاتا-ئاناڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، پەرزەنتىڭدىن شۇنداق مۇئامىلە كۆرىسەن ، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم .
*GxTX3i}vc  
j6>.n49_  
قوشنىمىز ئايشەمخان چوڭ ئانام ياشىنىپ قالغان ئايال بولسىمۇ ، تىنى يەنىلا ساغلام ، جانلىق ئايال ئىدى . ئۇ مېنى كىچىك دېمەستىن ، ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ، مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق كۆيىنىدىغانلىقىنى ، ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلىنى قانداق ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتى . مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا پەقەتلا ئاڭلاپ قۇيۇپ بىرەر ئېغىز ئۈندەپمۇ قويمايتىم خالاس . N-I5X2  
ئايشەمخان چوڭ ئانامنىڭ ئەتىۋالىق بىر تال ئوغلى دادام بىلەن بىر ئىدارىدە خىزمەتداش ، ئايالى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئۆيدىكىلىرىگە تۈزۈكرەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدىغان ئايال . ئايشەمخان چوڭ ئاپامنىڭ يەنە بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىز نەۋرىسىمۇ بار . ئۇلارمۇ ئەزەلدىن بۇ ياشانغان ئانىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ۋاپاسىزلار . يادىمدا شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ ، ئايشەمخان ئانام دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ ئۆيگە چاي سوراپ كىرىدىغان ، ئانام بەرگەن چاينى قۇلىغا ئېلىپ : L,mQ  
_ رەھمەت سېلىگە ، بالىلار ئۆيدىكى چايدانغا چايمۇ ئېلىپ قويماپتۇ . چاي قاينىتاي دېسەم ،ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاقنىڭ نەرىگە كۆمۈر سېلىشنى بىلمىدىم . p!sWYui  
_ ئۇ گازلىق ئۇچاق . ئۇنىڭغا كۆمۈر سالمايدۇ ، ئۇ گاز ئارقىلىق ئوت ئالىدۇ . *H?!;u=8  
_ ئۇ نەرسىنى ئۆيگە ئەكەپ قويدى . بالىلار ئۆزلىرى بىر نەرسە قىلمىسا ، مەن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىدىم . U>V&-kxtV  
ئايشەمخان ئانام مانا مۇشۇنداق بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا چىقىپ كېتەتتى . بۇنداق چاغلاردا ئانام ئېغىر ئۇھسىنىپ : ?*?RP)V  
_ مۇشۇ بىچارە ئايالغا تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق ، كۈندە دېگۈدەك قۇرسىقى ئاش_توق قالىدۇ . يە ئوغلى ،ياكى بولمىسا كېلىنى تۈزۈكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ ، تۈزۈك بىر خۇۋلۇق كۆرمىدى بىچارە ئايال ، _ دەپ قۇياتتى . dDm):Z*`b  
دەرۋەقە ئاپامنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەت ، ئايشەمخان ئانامنىڭ ئوغلى دائىم ھاراق ئىچىپ قايسى چاغلاردا قايتىپ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم . كېلىنى ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كېلەلمەيدۇ . ئوغلى بىلەن چوڭ قىزىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ، پەقەت چوڭ ئاپىسىغا ۋارقىراشنى ، جاپا سېلىشنى بىلىدىغان كىچىك قىزىنىڭلا بۇ ئۆيگە ئانچە-مۇنچە چىقىپ كىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ . مۇشۇ سەۋەپلىك ئانام ھەر كۈنلىكى دېگۈدەك بىر چېنە تاماقنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بېرەتتى ۋە يېنىپ چىقىپلا : ]l'Y'z,}  
_ بىچارە ئايالغا ئەجەپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى . ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ . مەن ئەكىرگەن تاماقنى قۇلىغا ئېلىپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى . بەزى كىشىلەر ئاتا-ئانىسىنى ياخشى بېقىۋالاي دېسىمۇ ،بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ئامال يوق . يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ . تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ! MF~H"Dn  
يېزىدا تۇققانلارنىڭ تۇيى بولغانلىقتىن ، بىر نەچچە كۈن يېزىدا بۇلۇپ قالدۇق . بىز ئۆيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئانام ئۆيدىكى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئايشەمخان ئانامغا ئەكىرىپ بەرگەچ ، ئۆزىنى كۆپ ئاسراش توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قۇيۇپ چىقتى . توينىمۇ بىر ئوبدانلا تۈگىتىپ ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق . ئاپام ئۆينى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ، ئايشەمخان ئانامنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن قوشنىمىزنىڭ ئۈيىگە قاراپ چىقىپ كەتتى . بىز بۈگۈنكى يول ئازابىنى چىقىرىش مەقسىتىدە قىڭىر يېتىپ قېلىشتۇق . ئاپام ھايالشىمايلا چىرايى تاتارغان ھالەتتە قايتىپ چىقىپ ، دادامغا : _<a7CCg  
_ سىز مەن بىلەن چىقىپ قاراپ بېقىڭە ، ئايشەمخان ھەدەم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ . Kv.>Vf.T}_  
_ نېمە دەيدىغانسىلەر ؟ ئاغرىپ قالدىمۇ يە ؟ R,9[hNHWGs  
داداممۇ ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، چىرايى جىددىي تۈسكە كىردى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپلا ، ئايغىنى كىيىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم . Q3|T':l4  
ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق قاراڭغۇ ، بىرخىل كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. ئايشەمخان ئانام يوتقاننى مەھكەم يېپىنىپ ياتقان بولۇپ، بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى ، ئەمما ئورنىدىن تۇرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئانام-داداملارنىڭ " بولدى تۇرمىسىلا " دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن يەنە ئاستا يېتىۋالدى . . دادام سۆز باشلاپ : ([-|}  
_ بۇ بىر نەچچە كۈندە يېزىدا بولۇپ قېلىپ ، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولالمىدۇق . شۇڭا ئۆزلىرىنى قانداقراق تۇردىكى دەپ كىرىشىمىز ، مىجەزلىرى يوقمۇ نېمە ؟ .k3 '  
_ رەھمەت سىلەرگە! oqLfesV~  
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق تۆۋەن چىقاتتى . ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ : UW9?p}F  
_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ! ھېلىمۇ مەندىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار . سىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىپ قويدۇم . }0u8r`  
_ ئۇنداق دېمىسىلە ، بىز دېگەن ئۇزاق يىللىق قوشنا ئەمەسمۇ . %F:)5gT?  
دادام ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن : |1ST=O7.LH  
_ بالىلار كۆرۈنمەيدۇ ، بىرەر يەرگە كەتتىمۇ نېمە ؟ FXzFHU/dP  
_ ئادىلاخۇن ئەتىگەن "ئىشقا بارىمەن " دەپ چىقىپ كەتكەن ، ئايالى بىلەن بالىلىرى نەچچە كۈن بولدى بۇ ئۆيگە كېلىپ باقمىغىلى . hSFn8mpXT  
_ ھە ، ئايشەمخان ھەدە ، بىرەر ئىش بولدىمۇ نېمە ؟ 3&6#F"7  
ئايشەمخان ئانام بىزگە قاراپ قۇيۇپ : l5g$vh\aQ]  
_ بىر ئىش بولمىدى ، ئادەم قېرىغاندا مۇشۇنداق تۇلا ئاغرىقچان بولۇپ قالىدىكەن . zN{K5<7o  
ئاپام دادامغا بىر قارېۋىتىپ: ;=<-5;rI  
_ ئايشەمخان ھەدە ، بىر ئىشلار بولسا بىزدىن يۇشۇرماي ئېيتىۋەرسىلە . مانا بىز سىلىگە ياردەم قىلىمىز . =QK$0r]c'k  
ئايشەمخان ئانام ئۇندىمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . بىزمۇ تەڭ سۈكۈتكە چۆمدۇق . ئارىدىكى سۈكۈتنى يەنە ئايشەمخان ئانامنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى بۇزۇپ تاشلىدى . {}QB|IH`  
_ بالىلارنىڭ ئازابىغا پەقەت چىدىيالمىدىم . ئادىلاخۇن ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ قويمايدۇ . كېلىن تىجارىتىنى باھانە قىلىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن كەلمەيدۇ . ماڭا تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . سىلەر كېتىپ ئەتىسى قۇرسىقىم ئېچىپ كېتىپ ، مەرھاباقىزغا "تاماق قىلىپ بېرىڭ "دىسەم ، ئاۋۇ تۆمۈر ئۇچاققا قازاننى ئېسىپ قۇيۇپ يۇقاپ كېتىپتۇ . كىرىپ قارىسام ئوت شۇنداق پەس بولۇپ قاپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر سېلىپ قويغان ئىدىم . ئۇ ئارىلىقتا مەرھاباقىز پەيدا بولۇپ ، ماڭا ئاچچىقلاپ كەتتى . J?Dq>%+ ^  
ئايشەمخان ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنداق قىيلىنىپ چىقتى. ئەمدى ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە بايان قىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : LwhyE:1  
_ مەرھاباقىز ماڭا ۋارقىراپ كەتتى . مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم . ئۇنىڭغىچە ئادىلاخۇنمۇ قايتىپ كەلدى . ئۇ يەنە " ئىشەك سۈدىكى" ئىچىپ كەپتۇ . مەرھاباقىز دادىسىغا بىر نېمىلەرنى دەپلا كەتتى . ئادىلاخۇن: E\IlF 6  
_ بۇ قېرى بىر نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ . بىلمىگەن نېمىسىگە يە جىم تۇرمىغان ، ھەممە قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدى . -jn WZ5.  
_ شۇ ، تاس قاپتۇ ئۆينىمۇ زەھەرلەپ بولغىلى . F29v a  
مەرھابا قىزمۇ دادىسى تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىدى . ئاتا-بالا ئىككىسى ماڭا تازا گەپ قىلىۋېلىپ ئۆز ئىشلىرىغا مەشخۇل بولۇشۇپ كەتتى . بۇ ئۆيدە ماڭا بىر ئىسسىق تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ئادەممۇ يوق . -0_d/'d  
ئايشەمخان ئانام خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلىماقتا ئىدى . sf]s",t~J  
توۋا، بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرگە ھەيران قالدىم . ئۇ ئانا ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار ئەجىبا بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ؟ hSK;V<$[Z  
ئىدارىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتاپ سالغان بىنا ئۆيمۇ پۈتتى . بۇ كۈنلەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈشنىڭ تەييارلىقى بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدۇق . ئايشەمخان ئانامنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئالدىراش ئىدى . بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئايشەمخان ئانام بىلەن داۋاملىق قوشنا بولۇپ ئۆتۈش پۈتۈلگەن بولغۇيتىمىكىن ، يەنە ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇپ قالدۇق . ئەمما مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدە قۇيۇق ئەمەس ئىدى . خىزمەتنىڭ ۋە مېنىڭ ئۆگۈنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندىمۇ ، بۇ توخۇ كاتىكىچىلىك بىنا ئۆيلەردە كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلىپ ئۆتمەيتى . مەنمۇ ئايشەمخان ئانامنى بۇرۇنقىدەك كۈندە كۆرۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . پەقەت ئۆيدىكىلەر ئارقىلىقلا ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتىم . بۇرۇن مېھرىبان ئانىنى ئوغلى قىينىغان بولسا ئەمدى كېلىنىمۇ تەڭ قۇشۇلۇپ قىينىماقتا ئىدى . RPIyO  
بۇ بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ ئايشەمخان ئانامنى بىر قېتىملا ئۇچرىتىپ باقتىم . ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى بىچارە ئايال بۇ بنا ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرمەستىنلا ، بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى . مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا بىچارە ئايالنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنسام ، ئۆز ئانىسىنى مۇشۇنداق خورلىغان ئائىلىگە نەپرەتلەندىم . ئەمما " بۇ ئۆتنە ئالەم ، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ " دېگەندەك كېيىن ئانىسىنى خورلىغان كېلىنمۇ ئۆز قىزى سەۋەپلىك بۇ ئالەمدىن خۇشلاشقان ، ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز پەرزەنتمۇ بالىلىرى تەرىپىدىن خار بولغان ئىدى . `E!N9qI?t$  
تۇيۇقسىز ئىشك ئەنسىز چىكىلدى ، ئىشىكنى ئاچسام ئاستىمىزدىكى قوشنىمىز ئىدى . cZ(elZ0~  
_ ئاپىڭىز بارمۇ ؟ u$D*tqxG  
_ بار ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ . _[Vf547vS  
_ بولدى كىرمەي ، مەن بەك ئالدىرايمەن ، تېز ئانىڭىزنى چاقىرىڭ . t ^[8RhD  
مەن ئاشخانا ئۆيدە تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئانامنى چاقىرىپ قۇيۇپ ، مەن باشقا ئىشلارنى قىلغاچ تۇردۇم . ئاناممۇ تېزلا قايتىپ كىرىپ : i~3u>CT  
بولدى ، تاماق ئەتمەيلى . ئايشەمخان ھەدەمنىڭ كېلىنى تۈگەپ كېتىپتۇ . مەن شۇ يەرگە كىرەي . HLBkR>e  
_ نېمە ؟ -F=v6N{  
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم . [!'op0  
_ راستما ؟ نېمە بولۇپ ئەمدى ؟ zNY)'  
_ مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم . ئايگۈل ئاچىڭىزنىڭ دېيىشىچە ، مەرھابا بىلەن خاپىلىشىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىكەن . مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ . dB+N\HBY  
ئانام بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەن بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . كۆز ئالدىمغا خورلانغان ئايشەمخان ئانام كەلدى . توۋا ، بۇ ئالەمنىڭ ئۆتنە ئالەم ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن ئىدىم . ئايشەمخان ئانامنىڭ كېلىنىنىڭ ئۆز قىزى سەۋەپلىق قازا قىلغانلىقىدىن باشقا ، ئوغلىنىڭمۇ پەرزەنتلىرى سەۋەبىدىن خارلانغانلىقى بۇ نوقتىنى يەنىمۇ تۇلۇق ئېچىپ بېرەتتى . Y3h/~bM%  
خەير ، كەتكەنلەر كەتتى . ئەمدى ئۇلارنى تىلغا ئالمايلى ، ئەمدى گەپ تىرىكلەر ئۈستىدە قالدى .


كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
كەلگەن جايى: چوققا
tv
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 1976
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1976دانە
شۆھرىتى: 2715 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 31482 يۈەن
تۆھپە: 2488 قېتم
ياخشى باھا: 1607 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 11989(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:48دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:11989 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:251 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:520 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-19 10:31
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ئانىلارنىڭ خارلانغىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئېلىپ كېلىدۇ . رېئال تۇرمۇش قوينىغا چوڭقۇر چۆككەن ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرۇڭ سىڭلىم ، قەلىمىڭىز بارغانسېرى پىشىۋېتىپتۇ ~


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا