ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1162 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-13 22:02

مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى

بۇغدا ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
-02c I}e  
dYV'<  
بۇغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجودا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. 17g\XC@ Cl  
بۇغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بۇغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇئار ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى. 6Yhd[I3  
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بۇغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق – لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك  مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. dU%Q=r8R  
بۇغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۇزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان جھۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان. ParOWs~W/  
بۇغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
5|S|S))_Q  
Sc03vfmo"N  
قوش تىللىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجا
BoQLjS{kN  
_GEt:=DAP#  
[img] q =sEtH=  
[/img] (A!+$}UR  
h^_Sd"l3  
ئابدۇكېرىم خوجا 1928 - يىلى 11 -ئاينىڭ 20 - كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى جيۇچۇەندەپۈتتۈرگەن. 1947- يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىنگە بېرىپ، « نەنجىن دۆلەتلىك چېگرا مەكتەپ » تە بىر يىلغا يېققىن ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە نەنجىندىكى ئىغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1949-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قومۇلغا كىرگەندە، ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئارمىيىنىڭ خىزمەت ئۆمىكىدە تەشۋىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ شۆبە بيۇرۇ يەرلىك كادىرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. 1953 - يىلدىن 1956- يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەدىبىيات-سەنئەت باشقارمىسىدا، 1956-يىلىدىن 1966-يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، 1976-يىلدىن 1980-يىلغىچە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدا، 1980-يىلدىن ئېتىبارەن جۇڭگويازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە ئىشلىگەن. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «شېئىرىيەت»، «تارىم» ژورناللىرىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان. }diB  
ئابدۇكېرىم خوجا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇلغان ئاتاقلىق شائىر ھەم ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1953-يىلى ئېلان قىلىنغان. «ئون باھار»، «باھار ناخشىسى»، «تۇپراق، باھار ۋە مەن»، «باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار» ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان. كېيىنكى چاغلاردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا كەينى-كەينىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنزۇ ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلەپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ يەنە دۇفۇ، لى بەي قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىكلارنىڭ زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى، ئەي چىڭ، زاڭ كېجيا قاتارلىق ھازىرقى زامان خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىنى ، ھېنرىخ ھېينى ، ئېلزابىت باررېت قاتارلىق داڭلىق چەتئەل شائىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان شېئىرلىرىنى ، «لېي فېڭ ناخشىسى»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، شۇنىڭدەك «ماۋجۇشى شېئىرلىرى»، «تىيەنئەنمېن شېئىرلىرى»نى ۋە « قىزىل قىيا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» قاتارلىق رومانلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، تەرجىمە ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ياراتقان مول ھەم قىممەتلىك ئىجادىي تۆھپىلىرى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. vv='.R, D  
7{<:g!  
ئابدۇكېرىم خوجا كېسەل سەۋەبىدىن 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان.
}:JE*D|  
CeL`T:]r  
تاھىر تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
)_[eqr  
tJ:]ne   
Q[g>ee  
شائىر تاھىر تالىپ 1945 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە ناھىيلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. +Fn^@/?yC  
تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ سۈنئىي ھەمراھى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. <P)U Ggd  
تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايىلارنى، «پەرھاد - شېرىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ماجۇڭيىڭ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. QU`M5{#  
   تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «خەير، ياشلىقىم» (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. YH_mWN\Wu  
   تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
G9`;Z^<L  
;$`5L"I5$  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
K-_XdJ\  
[`F}<L."  
ئۆزىنىڭ ساتىرىك، ئاممىباپ شېئىرلىرى ۋە قىرتاق يازما، يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان شائىر، يازغۇچى ھەم تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس 1952-يىلى مەكىت ناھيىسىنىڭ يانتاق يېزىسى ئاقبەل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلغىچە ناھيە بازىرىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىپ، «قايتا تەربىيە» ئالغان. 1975-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىدە ئوقۇغان. 1985-يىلغىچە ناھيىلىك رادىئو ئىستانسىسىدا دىكتور، مۇخبىر، تەھرىر ھەم ئىستانسا باش, لىقى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 1985-يىلى ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىن باشلاپ، ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ئورنىدا ئىشلەپ، ھازىر پىنسىيەگە چىققان. ?%|w?Fdx-  
كۆپ قىرلىق ئەدىب تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن تۇنجى شېئىرى «ۋەتەن شەنىگە» 1976-يىلى «قەشقەر ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 120 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ھېكايە، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزىريىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «تەقدىر»(رومان)، «كۆز تەگكەن گۈزەل»(پوۋېستلار توپلىمى)، «سۆيگۈ ئىسيانى»(ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى)، «قىرتاق جاكالار»(ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى)، «سەككىز سۈرىتىم»(ساتىرالار توپلىمى)، «مەكىت قويى»(ئىلمىي كىتاپ)، «تىكەنلىك گۈل»(باشقىلار بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر دولان مۇقاملىرى»(تېكىستىنى رەتلىگەن)...قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ۋە ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزىلگەن. Wz8 MV -D  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ «سەككىز سۈرىتىم»، «مەيخورلار مارشى»، «ئادەم بۇلاق»(باللادا)...قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ «پەيغەمبەر ۋە شائىر» قاتارلىق بەدىئىي مۇلاھىزىلىرىدىن باشقا، يەنە تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىجدىمائىيەت تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سەككىز قېتىم ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، يەنە ئىككى قېتىم مەملىكەت دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالانغان، ھەتتا ئۇ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن مەكىت ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىمۇ مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلغار مەدەنىيەت يۇرتلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. 1Fg*--8[r  
تۇرسۇنبەگ ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىن باشقا، خەنزۇ، ئېنگىلىز تىللىرى، ھەتتا دۇنيا تىلىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئەنە شۇ نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ ئەدىب «جوڭگودىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىبلەر قامۇسى»، «ئىقتىساسلىقلار ئامبىرى»، «دۇنيادىكى نامدار ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر تىزىملىكى»...قاتارلىق 10 نەچچە قامۇستىن ئورۇن ئالدى. ھازىر ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىقلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، دولان قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
\80W?9qj  
مەنبەسى :ئوكيان تورى
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : AnaTuprak تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
بەندىنىڭ دىلى بۇزۇق بولمىسىلا،خۇدا ئۇنى رەسۋا ق ..
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4512
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
شۆھرىتى: 69 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 620 يۈەن
تۆھپە: 59 قېتم
ياخشى باھا: 20 قېتىم
توردا: 264(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-02-07
ئاخىرقى: 2011-02-25

رەھمەت  سىزگە.كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇق.ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
مىللى ئەنئەنىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ،ئەنئەنىنىڭ يۇقۇلىشى مىللەتنىڭ خاراپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دىل -يارىسى ئىسمىنى ئارمانغا ئۆزگەرىتتى.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3881
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 389
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
شۆھرىتى: 467 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4217 يۈەن
تۆھپە: 416 قېتم
ياخشى باھا: 61 قېتىم
توردا: 561(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-16
ئاخىرقى: 2011-02-24
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-13 23:31

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...ئادانالىقلار توغرىسىدا  {  كىنو}  ھەققىدە  نۇرغۇن  بىلىملەرنى بىلىۋالغىنىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەدىبلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن تۇنۇشۇپ  قويساق يامان كەتمەيدۇ
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
يىشىل يۇپۇرماق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4075
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 119
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
شۆھرىتى: 158 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1435 يۈەن
تۆھپە: 132 قېتم
ياخشى باھا: 36 قېتىم
توردا: 779(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-23
ئاخىرقى: 2011-02-24
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-13 23:36

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن. رەھمەت سىزگە !
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
مەن بامىغان تاغ _ دەريالار قالمىدى،ھىچ يە مىنى ئۆز قوينىغائالمىدى.
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3605
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 157
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
شۆھرىتى: 162 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1820 يۈەن
تۆھپە: 162 قېتم
ياخشى باھا: 0 قېتىم
توردا: 1789(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-06
ئاخىرقى: 2011-02-25
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-14 00:30

مىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويماي
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
خۇتەن ئەل غىزا سوقماقلىرى ۋاكالەتچى چاقىردۇ
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 728
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 478
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە478دانە
شۆھرىتى: 768 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 7416 يۈەن
تۆھپە: 525 قېتم
ياخشى باھا: 245 قېتىم
توردا: 391(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-08-08
ئاخىرقى: 2011-02-25
5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-14 00:52

مانا بۇلار مەن پەخرلىندغان ئۇيغۇرللار  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
گەپ قىلمىسا كەم سوز دىمىگىن ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈن كەلگىنى پەقەت  ئاللاھ بىلدۇ ؟
بائارلىقىمىز  ئسلامىيەت ئۈچۈن   !!!!!
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4322
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 43 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 430 يۈەن
تۆھپە: 43 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 582(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-31
ئاخىرقى: 2011-02-25
6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-14 18:01

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ئەگەر ئۇيفۇرلاردا گېتلىردىن بىرى بولفان بولسا،تەغدىرىمىز  باشقىچە بولغان بولاتتى !!!!
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
7 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-15 10:52

ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات RYQ<Zr$!  
r e/@D@%  
ئاپتۇرى : ئايگۈل ئابدۇكېرەم    « شىنجاڭ رادىئو - تىلىۋېزىيە گېزىتى » دىن            كومپىيوتىر ئالدىدا : مەرھابا مەمەتتۇرسۇن . JjPKR?[>  
iUCXAWP  
   شان-شەرەپ ئىزدەنگۇچىلەرگە مەنسۇپ.مەيلى قانداق كەسىپ،قانداق ساھەدە بولسۇن،قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ.شىنجاڭ رادىئو-كىنو  تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى،خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۇچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى. )97SnCkal  
   ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۇنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1958- يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان .1970-يىلىدىن 1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ 1984-يىلىغىچە ‹‹شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› تەھرىر بۆلۈمىدە،كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى ‘‘24تارىخ”  ماتېرياللىرى تەرجىمە –تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن.بۇ مەزگىلىدە يەنى 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ ،1986-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن .1984-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ،1990-يىلىنىڭ       ئاخىرغىچە مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن،شۇ يىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ‹تەڭرىتاغ › كىنو ئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ،كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.1998-يىلىنىڭ بېشىدا  ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ ،ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006-يىلى پېنسىيەگە چىققان.تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. GPkmf%FJ  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ ،ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرگەن.ئۇ ئەينى يىللاردا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر    ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل –يېزىق كومىتېدا‹‹ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان.‘شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەققىقات ئىنسىتىتۇدا ئىشلەش جەريانىدا‘‘تارىخىي خاتىرىىلەر”،‘‘ئالدىنقى خەننامە”،‘‘كېيىنكى خەننامە”قاتارلىقئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. qaiNz S@q  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا ‘‘ئەدلىيە كەسپىي”ژۇرنىلىدامۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىگەقاتناشقان. B:5Rr}eY+  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە ‹‹بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ››،‹‹لىياۋشېن ئۇرۇشى››،‹‹خۇەيخەي ئۇرۇشى›› ،‹‹پڭجىن ئۇرۇشى›› ،‹‹كۇزلۇك يىغىم قوزغىلىڭى ››،‹‹مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر ››،‹‹جىڭگاڭشەن››‹‹ئۇرۇشتىن كېيىن››،‹‹قىزىل قۇياش›› ،‹‹جىياۋلۇ›› ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››،‹‹سۇ بويىدا›› ، ‹‹غەرىبكە ساياھەت ››،‹‹دوك ۋەزىر لىيۇيوڭ ››،‹‹يۇڭجىڭ خاندانلىقى››،‹‹كاڭشى خاندانلىقى››،‹‹تەيپىڭ تىيەنگو››  ،‹‹چىڭگىزخان›› ،‹‹تاڭ پادىشاھى شۇەن زۇڭ››،‹‹شەھەرىستاندا زاۋال›› ،‹‹كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى››، قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان.         ‹‹ئۇچقۇرئەجدىھا››ۋە‹‹تۇلپار››‹‹ساماۋى كۆۋرۈك››‹‹تەڭرىتاغ     ئەدەبىيات -سەنئەت›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. K(q+"  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك تارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۆزگۇچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز. oe%} ?u  
   كىنو-تېلېۋزىيە تىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرى ئىجايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى-پۇتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر. }Mstjm  
   كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ.فىلىمدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش –كىنو ۋە تېللېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت. n!YKz"$  
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،كىنو ۋە تىياتىرلىرىدا قەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ،ھازىرقى زامان تىللىرىغىچە ،سانائەت،يېزا ئىگىلىكى .ماقال-تەمسىللەر ،دىنىي ئاتالغۇلار،تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانا مۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىق تەرجىمان. kStnb?nk  
   بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە،ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››،‹‹سۇ بويىدا››،‹‹ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››قاتارلىق تارىخىي،كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن.قەدىمكى نام-ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن،ئۇ شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا،‹‹جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى››نى تەرجىمە قىلغان.مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل››(تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان يامۇكنىڭ ئەسىرى) تەھرىرلىكىنى قىلىپ بەرگەن. n"c)m%yZ  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۇپ،كەسىپتە يېتىشەلمەسگىنلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان.تەلەپچان ئۇستازدىن قابىلىيەت ئگىسى چىقىدۇ،دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كىتمىگەن.ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان. lpQSup  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ قارىشىچە،ئادەتتىكى سۆزلۇك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن.تەرجىمە ھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشى كېرەككەن.مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان،چۇشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن. s8ywKTR-  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپلا قالماستىن،مېھرىبان كۆيۈمچان ئانا.ئۇ ئۈچ بالىسىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تارتمىغان جاپالىرى ،كۆرمىگەن كۇنلىرى قالمىغان. ئۇ بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىش ھەم ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتىن سرت ،بەزى نەشىريات ئورۇنلىرىدىن كىتاب ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ ،ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ قويغان تىككۈچىلىك ھۇنىرى بىلەنمۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلغان .ئوغۇللىرىنى تەربىيلەش جەھەتتە مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆرنەك ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. k[bD\'  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئوغۇللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان ئىش ۋە يولدىن چىققان بالىلارغا ئارلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ،ئوغۇللار قىززىقىدىغان گېتتار ،شاھمات،رادىئو،تېلېۋىزور قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ بالىلىرىنىڭ يامان يولغا كىرىپ قىلىشىدىن توسقان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاشۇنداق كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرسىمۇ ۋايسىمىغان قەيسەر ئايال.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ھاياتىنى بالا ھەم كەسىپكە ئاتىغان ھايات دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ ئوغۇللىرىنى شۇنداق جاپا تارتىپ تەربىيلىگىنىگە تۇشلۇق ئۈچىلىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم خىزمەتكىمۇ چىققان. Sm)Ha:[4  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان،تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ،تەرجىمە نەزەرىيەسىگەدائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ ،تەرجىمە نەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان.ئۇ ھازىرغا قەدەر تۇرلۇك گېزىت-ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدە يېزىلغان 10نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان .بۇلاردىن ‹‹تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا››،‹‹تەرجىمە سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىللار ››،‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەتئەل تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشى ››،‹‹تارىخىيافىلىملەر تەرجىمىسى››قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمىئىيتى ئۆتكۇزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،‹‹شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنو چىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۇزلىنىشى توغرىسىدا››،‹‹ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك ؟››قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ZjgsR|i  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋە خاندانلىقلاردا قوللىنىلدىغان مەنسەپ،ئۇنۋان ،مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇ ئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 9f2UgNqe9  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقا يۇرتلىرىدا چېنىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان.مۇۋەپىقىيەت ئىزدەنگۇچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ .ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۇزۇپ ،ئاخىر ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ 2004-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ‹‹ئايال ئەدىب شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. 3?c3<`TW  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورسادا تۇغۇلغان بولغاچقا ،ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ،2003-يىلىدىن باشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. 01}C^iD  
بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس .ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداق قىلالىدى ۋە بىر ئۆمۇر ‹‹تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ››دېگەن ھىكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى. "/3 db[  
بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز. B.dH(um  
JTr vnA  
مەنبەسى : F $ #U5}Q  
3on7~*  
http://bilik.biz/bbs/thread-23581-1-1.html
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
8 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 15:04

ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى wQ^EYKD  
sDPsG5q<  
RL!Oi|8  
@.$|w>>T  
)i;1*jK  
ئابدۇللا تالىپ (1924-2005) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950-يىللىرى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋە 1956-يىلى مەركىزىي مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1987-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. cqQ#p2<%  
6a[}'/  
ئابدۇللا تالىپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن 1943-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت ئانا» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پەزلى جاھان» تەخەللۇسىدا «باتۇر ئوغلانلار»، «ئىشقىدا»، «شامالغا خىتاب»، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئاشۇ يىللاردا «سەددىچىن» ناملىق تارىخىي داستاننى، «توققۇز بۇلاققا ساياھەت» قاتارلىق ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1947-1948-يىللىرى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن «ئەركىن جانان» ناملىق ئوپېراسى بىلەن «سۆيگىنىم ئەلا» ناملىق دراممىلىرى شۇ ۋاقىتتا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەگكەن ئوق»، «لالە-قۇربان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى، «ئىگەرلىك ئات» ناملىق تارىخىي پوۋېستى، «جۈپ ھەيكەل»، «مەرىپەت ئانا»، «ئۇنتۇلماس خاتىرە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى نەشر قىلىنغان. '~5LY!H(pT  
e|)hG8FlF  
w mn+  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
9 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 15:06

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ~do9;8v  
XtXEB<4Z  
7G:s2432  
cCSs  
jk"`Z<j~  
ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. \(J8#V  
CHdX;'`*  
qsF<!'m7`  
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
10 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 15:07

تۇرسۇنئاي ھۈسىيىننىڭ تەرجىمىھالى
_4TH4~cY  
XXbqQhf  
AGH|"EWG  
<Gav5R c  
\Z^TXyu   
@lCJ G!u  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. !E,A7s  
^F2b hXE  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «جىنەستە»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «گۈلنىھال»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق» قاتارلىق 15 پارچە شېئىر، داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى»، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ak ->ML  
Au{<hQ =  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. Rop'e8Q  
g8Q5m=O*  
|u0( t,T  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .