ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 6277 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2014
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2014دانە
شۆھرىتى: 2955 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 33882 يۈەن
تۆھپە: 2728 قېتم
ياخشى باھا: 1847 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12287(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12287 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:453 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:470 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-21
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-13 22:02
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
يوللىغۇچى:bayawan | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-13 22:02 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:6277

بۇغدا ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
u>& \@?(  
{,IWjt &>  
بۇغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجودا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. Z<jRZH*L  
بۇغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بۇغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇئار ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى. 0#K@^a  
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بۇغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق – لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك  مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ^+`vh0TPQ  
بۇغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۇزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان جھۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان. rO]C`bg  
بۇغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
<g*rTqT'  
`yQHPN0/  
قوش تىللىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجا
S<Q1&],  
xR_]^Get  
[img] 6:B5PJq  
[/img] !?l 23(d  
8ZIv:nO$  
ئابدۇكېرىم خوجا 1928 - يىلى 11 -ئاينىڭ 20 - كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى جيۇچۇەندەپۈتتۈرگەن. 1947- يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىنگە بېرىپ، « نەنجىن دۆلەتلىك چېگرا مەكتەپ » تە بىر يىلغا يېققىن ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە نەنجىندىكى ئىغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1949-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قومۇلغا كىرگەندە، ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئارمىيىنىڭ خىزمەت ئۆمىكىدە تەشۋىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ شۆبە بيۇرۇ يەرلىك كادىرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. 1953 - يىلدىن 1956- يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەدىبىيات-سەنئەت باشقارمىسىدا، 1956-يىلىدىن 1966-يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، 1976-يىلدىن 1980-يىلغىچە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدا، 1980-يىلدىن ئېتىبارەن جۇڭگويازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە ئىشلىگەن. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «شېئىرىيەت»، «تارىم» ژورناللىرىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان. Q'8v!/"}p{  
ئابدۇكېرىم خوجا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇلغان ئاتاقلىق شائىر ھەم ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1953-يىلى ئېلان قىلىنغان. «ئون باھار»، «باھار ناخشىسى»، «تۇپراق، باھار ۋە مەن»، «باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار» ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان. كېيىنكى چاغلاردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا كەينى-كەينىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنزۇ ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلەپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ يەنە دۇفۇ، لى بەي قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىكلارنىڭ زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى، ئەي چىڭ، زاڭ كېجيا قاتارلىق ھازىرقى زامان خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىنى ، ھېنرىخ ھېينى ، ئېلزابىت باررېت قاتارلىق داڭلىق چەتئەل شائىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان شېئىرلىرىنى ، «لېي فېڭ ناخشىسى»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، شۇنىڭدەك «ماۋجۇشى شېئىرلىرى»، «تىيەنئەنمېن شېئىرلىرى»نى ۋە « قىزىل قىيا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» قاتارلىق رومانلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، تەرجىمە ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ياراتقان مول ھەم قىممەتلىك ئىجادىي تۆھپىلىرى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. w}YHCh  
NGze: gPmO  
ئابدۇكېرىم خوجا كېسەل سەۋەبىدىن 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان.
.Z^g7 *s  
sW]n~kTt'  
تاھىر تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
]Yj>~k:K  
3jI.!xD`  
$?s^HKF~  
شائىر تاھىر تالىپ 1945 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە ناھىيلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. lvN{R{7 >  
تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ سۈنئىي ھەمراھى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. c[YjGx  
تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايىلارنى، «پەرھاد - شېرىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ماجۇڭيىڭ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. 5^Y/RS i  
   تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «خەير، ياشلىقىم» (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. K]u|V0c  
   تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
nx4aGS"F:  
p3S c4  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
wI4;/w>  
6+5Catsn  
ئۆزىنىڭ ساتىرىك، ئاممىباپ شېئىرلىرى ۋە قىرتاق يازما، يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان شائىر، يازغۇچى ھەم تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس 1952-يىلى مەكىت ناھيىسىنىڭ يانتاق يېزىسى ئاقبەل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلغىچە ناھيە بازىرىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىپ، «قايتا تەربىيە» ئالغان. 1975-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىدە ئوقۇغان. 1985-يىلغىچە ناھيىلىك رادىئو ئىستانسىسىدا دىكتور، مۇخبىر، تەھرىر ھەم ئىستانسا باش, لىقى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 1985-يىلى ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىن باشلاپ، ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ئورنىدا ئىشلەپ، ھازىر پىنسىيەگە چىققان. mQs$7t[>t  
كۆپ قىرلىق ئەدىب تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن تۇنجى شېئىرى «ۋەتەن شەنىگە» 1976-يىلى «قەشقەر ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 120 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ھېكايە، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزىريىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «تەقدىر»(رومان)، «كۆز تەگكەن گۈزەل»(پوۋېستلار توپلىمى)، «سۆيگۈ ئىسيانى»(ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى)، «قىرتاق جاكالار»(ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى)، «سەككىز سۈرىتىم»(ساتىرالار توپلىمى)، «مەكىت قويى»(ئىلمىي كىتاپ)، «تىكەنلىك گۈل»(باشقىلار بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر دولان مۇقاملىرى»(تېكىستىنى رەتلىگەن)...قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ۋە ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزىلگەن. sV<4^n7  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ «سەككىز سۈرىتىم»، «مەيخورلار مارشى»، «ئادەم بۇلاق»(باللادا)...قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ «پەيغەمبەر ۋە شائىر» قاتارلىق بەدىئىي مۇلاھىزىلىرىدىن باشقا، يەنە تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىجدىمائىيەت تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سەككىز قېتىم ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، يەنە ئىككى قېتىم مەملىكەت دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالانغان، ھەتتا ئۇ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن مەكىت ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىمۇ مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلغار مەدەنىيەت يۇرتلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. %Let AR  
تۇرسۇنبەگ ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىن باشقا، خەنزۇ، ئېنگىلىز تىللىرى، ھەتتا دۇنيا تىلىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئەنە شۇ نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ ئەدىب «جوڭگودىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىبلەر قامۇسى»، «ئىقتىساسلىقلار ئامبىرى»، «دۇنيادىكى نامدار ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر تىزىملىكى»...قاتارلىق 10 نەچچە قامۇستىن ئورۇن ئالدى. ھازىر ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىقلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، دولان قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
0vp I#q  
مەنبەسى :ئوكيان تورى


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
ئۈرۈمچى زەپەر خەۋەرلىشىش مەيدانى
بائارلىقىمىز  ئسلامىيەت ئۈچۈن   !!!!!
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
UIDنومۇر: 4322
نادىر تېما: 0
يازما: 38
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 54 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 528 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 824(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:12دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:824 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:76 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:232 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:198 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-31
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-03-07
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-14 18:01
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!


ئەگەر ئۇيفۇرلاردا گېتلىردىن بىرى بولفان بولسا،تەغدىرىمىز  باشقىچە بولغان بولاتتى !!!!
كەلگەن جايى: چوققا