ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 6298 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-13 22:02
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
يوللىغۇچى:bayawan | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-13 22:02 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:6298

بۇغدا ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
DBAJkBs  
<4bv=++pS  
بۇغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجودا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. x,E#+m  
بۇغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بۇغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇئار ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى. B3O^(M5W  
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بۇغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق – لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك  مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. 8V_]}W  
بۇغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۇزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان جھۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان. [T"oqO4%]  
بۇغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
9r+`j  
H`-%)c=  
قوش تىللىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجا
=ADAMP  
?@|1>epgd  
[img] I-kM~q_  
[/img] 9Lk.\.  
8Qu7x[tK?  
ئابدۇكېرىم خوجا 1928 - يىلى 11 -ئاينىڭ 20 - كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى جيۇچۇەندەپۈتتۈرگەن. 1947- يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىنگە بېرىپ، « نەنجىن دۆلەتلىك چېگرا مەكتەپ » تە بىر يىلغا يېققىن ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە نەنجىندىكى ئىغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1949-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قومۇلغا كىرگەندە، ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئارمىيىنىڭ خىزمەت ئۆمىكىدە تەشۋىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ شۆبە بيۇرۇ يەرلىك كادىرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. 1953 - يىلدىن 1956- يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەدىبىيات-سەنئەت باشقارمىسىدا، 1956-يىلىدىن 1966-يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، 1976-يىلدىن 1980-يىلغىچە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدا، 1980-يىلدىن ئېتىبارەن جۇڭگويازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە ئىشلىگەن. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «شېئىرىيەت»، «تارىم» ژورناللىرىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان. ~#I1!y~`  
ئابدۇكېرىم خوجا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇلغان ئاتاقلىق شائىر ھەم ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1953-يىلى ئېلان قىلىنغان. «ئون باھار»، «باھار ناخشىسى»، «تۇپراق، باھار ۋە مەن»، «باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار» ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان. كېيىنكى چاغلاردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا كەينى-كەينىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنزۇ ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلەپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ يەنە دۇفۇ، لى بەي قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىكلارنىڭ زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى، ئەي چىڭ، زاڭ كېجيا قاتارلىق ھازىرقى زامان خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىنى ، ھېنرىخ ھېينى ، ئېلزابىت باررېت قاتارلىق داڭلىق چەتئەل شائىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان شېئىرلىرىنى ، «لېي فېڭ ناخشىسى»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، شۇنىڭدەك «ماۋجۇشى شېئىرلىرى»، «تىيەنئەنمېن شېئىرلىرى»نى ۋە « قىزىل قىيا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» قاتارلىق رومانلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، تەرجىمە ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ياراتقان مول ھەم قىممەتلىك ئىجادىي تۆھپىلىرى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 3tnYK&  
'QeqWn  
ئابدۇكېرىم خوجا كېسەل سەۋەبىدىن 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان.
sN-5vYfC*  
?e3q0Lg3 |  
تاھىر تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
}5Y.N7F  
deHBY4@  
(y~da~  
شائىر تاھىر تالىپ 1945 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە ناھىيلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. 7:x.08  
تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ سۈنئىي ھەمراھى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. ik&loM_  
تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايىلارنى، «پەرھاد - شېرىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ماجۇڭيىڭ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. 7t@jj%F  
   تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «خەير، ياشلىقىم» (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. z W+wtYV4  
   تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
)x( *T  
QZh8l-!#5  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
{_k 6t  
*l7ojv  
ئۆزىنىڭ ساتىرىك، ئاممىباپ شېئىرلىرى ۋە قىرتاق يازما، يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان شائىر، يازغۇچى ھەم تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس 1952-يىلى مەكىت ناھيىسىنىڭ يانتاق يېزىسى ئاقبەل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلغىچە ناھيە بازىرىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىپ، «قايتا تەربىيە» ئالغان. 1975-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىدە ئوقۇغان. 1985-يىلغىچە ناھيىلىك رادىئو ئىستانسىسىدا دىكتور، مۇخبىر، تەھرىر ھەم ئىستانسا باش, لىقى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 1985-يىلى ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىن باشلاپ، ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ئورنىدا ئىشلەپ، ھازىر پىنسىيەگە چىققان. u=ENf1{ $>  
كۆپ قىرلىق ئەدىب تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن تۇنجى شېئىرى «ۋەتەن شەنىگە» 1976-يىلى «قەشقەر ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 120 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ھېكايە، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزىريىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «تەقدىر»(رومان)، «كۆز تەگكەن گۈزەل»(پوۋېستلار توپلىمى)، «سۆيگۈ ئىسيانى»(ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى)، «قىرتاق جاكالار»(ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى)، «سەككىز سۈرىتىم»(ساتىرالار توپلىمى)، «مەكىت قويى»(ئىلمىي كىتاپ)، «تىكەنلىك گۈل»(باشقىلار بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر دولان مۇقاملىرى»(تېكىستىنى رەتلىگەن)...قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ۋە ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزىلگەن. P_b00",S  
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ «سەككىز سۈرىتىم»، «مەيخورلار مارشى»، «ئادەم بۇلاق»(باللادا)...قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ «پەيغەمبەر ۋە شائىر» قاتارلىق بەدىئىي مۇلاھىزىلىرىدىن باشقا، يەنە تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىجدىمائىيەت تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سەككىز قېتىم ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، يەنە ئىككى قېتىم مەملىكەت دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالانغان، ھەتتا ئۇ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن مەكىت ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىمۇ مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلغار مەدەنىيەت يۇرتلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. dX+DE(y  
تۇرسۇنبەگ ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىن باشقا، خەنزۇ، ئېنگىلىز تىللىرى، ھەتتا دۇنيا تىلىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئەنە شۇ نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ ئەدىب «جوڭگودىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىبلەر قامۇسى»، «ئىقتىساسلىقلار ئامبىرى»، «دۇنيادىكى نامدار ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر تىزىملىكى»...قاتارلىق 10 نەچچە قامۇستىن ئورۇن ئالدى. ھازىر ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىقلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، دولان قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
i ;X'1TN(y  
مەنبەسى :ئوكيان تورى


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
ئۈرۈمچى زەپەر خەۋەرلىشىش مەيدانى
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-15 10:52
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات 4lJ@qhV  
q;tsA"l  
ئاپتۇرى : ئايگۈل ئابدۇكېرەم    « شىنجاڭ رادىئو - تىلىۋېزىيە گېزىتى » دىن            كومپىيوتىر ئالدىدا : مەرھابا مەمەتتۇرسۇن . D\N-ye1LE  
9! gmS?f  
   شان-شەرەپ ئىزدەنگۇچىلەرگە مەنسۇپ.مەيلى قانداق كەسىپ،قانداق ساھەدە بولسۇن،قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ.شىنجاڭ رادىئو-كىنو  تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى،خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۇچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى. 4U C/pGZY  
   ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۇنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1958- يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان .1970-يىلىدىن 1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ 1984-يىلىغىچە ‹‹شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› تەھرىر بۆلۈمىدە،كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى ‘‘24تارىخ”  ماتېرياللىرى تەرجىمە –تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن.بۇ مەزگىلىدە يەنى 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ ،1986-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن .1984-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ،1990-يىلىنىڭ       ئاخىرغىچە مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن،شۇ يىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ‹تەڭرىتاغ › كىنو ئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ،كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.1998-يىلىنىڭ بېشىدا  ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ ،ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006-يىلى پېنسىيەگە چىققان.تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. 4xe:+sA.N  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ ،ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرگەن.ئۇ ئەينى يىللاردا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر    ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل –يېزىق كومىتېدا‹‹ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان.‘شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەققىقات ئىنسىتىتۇدا ئىشلەش جەريانىدا‘‘تارىخىي خاتىرىىلەر”،‘‘ئالدىنقى خەننامە”،‘‘كېيىنكى خەننامە”قاتارلىقئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. V4/P  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا ‘‘ئەدلىيە كەسپىي”ژۇرنىلىدامۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىگەقاتناشقان.  f==o  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە ‹‹بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ››،‹‹لىياۋشېن ئۇرۇشى››،‹‹خۇەيخەي ئۇرۇشى›› ،‹‹پڭجىن ئۇرۇشى›› ،‹‹كۇزلۇك يىغىم قوزغىلىڭى ››،‹‹مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر ››،‹‹جىڭگاڭشەن››‹‹ئۇرۇشتىن كېيىن››،‹‹قىزىل قۇياش›› ،‹‹جىياۋلۇ›› ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››،‹‹سۇ بويىدا›› ، ‹‹غەرىبكە ساياھەت ››،‹‹دوك ۋەزىر لىيۇيوڭ ››،‹‹يۇڭجىڭ خاندانلىقى››،‹‹كاڭشى خاندانلىقى››،‹‹تەيپىڭ تىيەنگو››  ،‹‹چىڭگىزخان›› ،‹‹تاڭ پادىشاھى شۇەن زۇڭ››،‹‹شەھەرىستاندا زاۋال›› ،‹‹كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى››، قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان.         ‹‹ئۇچقۇرئەجدىھا››ۋە‹‹تۇلپار››‹‹ساماۋى كۆۋرۈك››‹‹تەڭرىتاغ     ئەدەبىيات -سەنئەت›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. Ud`V"X  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك تارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۆزگۇچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز. c^A3|tCi  
   كىنو-تېلېۋزىيە تىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرى ئىجايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى-پۇتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر. @hQ+pG@s  
   كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ.فىلىمدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش –كىنو ۋە تېللېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت. HR.S.(t[_  
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،كىنو ۋە تىياتىرلىرىدا قەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ،ھازىرقى زامان تىللىرىغىچە ،سانائەت،يېزا ئىگىلىكى .ماقال-تەمسىللەر ،دىنىي ئاتالغۇلار،تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانا مۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىق تەرجىمان. #wx0xQ~,J  
   بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە،ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››،‹‹سۇ بويىدا››،‹‹ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››قاتارلىق تارىخىي،كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن.قەدىمكى نام-ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن،ئۇ شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا،‹‹جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى››نى تەرجىمە قىلغان.مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل››(تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان يامۇكنىڭ ئەسىرى) تەھرىرلىكىنى قىلىپ بەرگەن. W_O,Kao  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۇپ،كەسىپتە يېتىشەلمەسگىنلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان.تەلەپچان ئۇستازدىن قابىلىيەت ئگىسى چىقىدۇ،دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كىتمىگەن.ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان. @DU]XKv  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ قارىشىچە،ئادەتتىكى سۆزلۇك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن.تەرجىمە ھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشى كېرەككەن.مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان،چۇشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن. 0Q]x[;!k  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپلا قالماستىن،مېھرىبان كۆيۈمچان ئانا.ئۇ ئۈچ بالىسىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تارتمىغان جاپالىرى ،كۆرمىگەن كۇنلىرى قالمىغان. ئۇ بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىش ھەم ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتىن سرت ،بەزى نەشىريات ئورۇنلىرىدىن كىتاب ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ ،ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ قويغان تىككۈچىلىك ھۇنىرى بىلەنمۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلغان .ئوغۇللىرىنى تەربىيلەش جەھەتتە مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆرنەك ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. <4rF3 aB-  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئوغۇللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان ئىش ۋە يولدىن چىققان بالىلارغا ئارلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ،ئوغۇللار قىززىقىدىغان گېتتار ،شاھمات،رادىئو،تېلېۋىزور قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ بالىلىرىنىڭ يامان يولغا كىرىپ قىلىشىدىن توسقان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاشۇنداق كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرسىمۇ ۋايسىمىغان قەيسەر ئايال.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ھاياتىنى بالا ھەم كەسىپكە ئاتىغان ھايات دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ ئوغۇللىرىنى شۇنداق جاپا تارتىپ تەربىيلىگىنىگە تۇشلۇق ئۈچىلىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم خىزمەتكىمۇ چىققان. DK*2 d_  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان،تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ،تەرجىمە نەزەرىيەسىگەدائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ ،تەرجىمە نەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان.ئۇ ھازىرغا قەدەر تۇرلۇك گېزىت-ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدە يېزىلغان 10نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان .بۇلاردىن ‹‹تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا››،‹‹تەرجىمە سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىللار ››،‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەتئەل تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشى ››،‹‹تارىخىيافىلىملەر تەرجىمىسى››قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمىئىيتى ئۆتكۇزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،‹‹شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنو چىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۇزلىنىشى توغرىسىدا››،‹‹ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك ؟››قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. H.O7Y  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋە خاندانلىقلاردا قوللىنىلدىغان مەنسەپ،ئۇنۋان ،مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇ ئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. P[#V{%f*5  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقا يۇرتلىرىدا چېنىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان.مۇۋەپىقىيەت ئىزدەنگۇچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ .ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۇزۇپ ،ئاخىر ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ 2004-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ‹‹ئايال ئەدىب شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. z=n"cE[KtB  
   ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورسادا تۇغۇلغان بولغاچقا ،ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ،2003-يىلىدىن باشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. -[0)n{AVvU  
بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس .ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداق قىلالىدى ۋە بىر ئۆمۇر ‹‹تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ››دېگەن ھىكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى. S7E:&E&  
بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز. &wK%p/?  
+ :iNoDz  
مەنبەسى : ranQ_\  
x_2[+Ol  
http://bilik.biz/bbs/thread-23581-1-1.html


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-18 15:04
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ",B92[}Ar  
ullq}}  
JY"<b6C^  
CKNC"Y*X  
^.&2-#i  
ئابدۇللا تالىپ (1924-2005) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950-يىللىرى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋە 1956-يىلى مەركىزىي مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1987-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ac6L3=u\  
)V*Z|,#no  
ئابدۇللا تالىپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن 1943-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت ئانا» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پەزلى جاھان» تەخەللۇسىدا «باتۇر ئوغلانلار»، «ئىشقىدا»، «شامالغا خىتاب»، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئاشۇ يىللاردا «سەددىچىن» ناملىق تارىخىي داستاننى، «توققۇز بۇلاققا ساياھەت» قاتارلىق ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1947-1948-يىللىرى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن «ئەركىن جانان» ناملىق ئوپېراسى بىلەن «سۆيگىنىم ئەلا» ناملىق دراممىلىرى شۇ ۋاقىتتا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەگكەن ئوق»، «لالە-قۇربان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى، «ئىگەرلىك ئات» ناملىق تارىخىي پوۋېستى، «جۈپ ھەيكەل»، «مەرىپەت ئانا»، «ئۇنتۇلماس خاتىرە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى نەشر قىلىنغان. *r6+Vz  
u7=`u/  
yRr,+>W  


baxtax
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
Ramizan
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-18 15:06
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى z2p@d1  
:=9?XzCC  
X.TsOoy  
h^QicvZ  
RE~:+.eB  
ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ]3UEju8$  
yKSvg5lLy  
!e+ex"7  
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
tv
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-18 15:07
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

تۇرسۇنئاي ھۈسىيىننىڭ تەرجىمىھالى
nBN+.RB:(  
&1!T@^56  
GBh$nVn$  
y TbOBl  
nq/SGo[c  
(yr<B_Y'MY  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. &E/0jxM1  
:`Z'vRj  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «جىنەستە»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «گۈلنىھال»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق» قاتارلىق 15 پارچە شېئىر، داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى»، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. R(1N]>  
dlf nhf  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. (K74Qg  
R'z-#*[  
+ lNAog  


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-18 20:10
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمھالى { kF"<W  
gyx4='Q  
IPe"9xb  
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ;{e=Iz}/  
  u>U4w68  
2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان. 4X^{aIlshk  
  مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى y!;PBsU%Sx  
  1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان. _ o-lNt+  
  ئەسەرلىرى q%Fc?d9  
  2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-20 16:45
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

غەنىزات غەيۇرانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى HcrI3v|6  
j9=QOq  
JBsHr%!i  
-[I}"Glz:  
ZXf^HK  
:PrQ]ss@C5  
غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. S'I{'jP5  
#NAlje(7  
E! i:h62  
  غەنىزات غەيۇرانى 1949-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «تارىم بويىدا»، «ھايات قوشىقى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «بولدى قىل» ناملىق فېليەتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، «100 رۇبائىي» ناملىق رۇبائىيلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. 1|L3} 2  
H-Uy~Ry*T  
G?Y2 b  
  غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ تۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېلىپبە، تىل، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلىكلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گىرامماتىكا دەرسلىكى (1-قىسىم) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان. ئۇنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى» 1990-، 1999-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، بىر تومى 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ لۇغەتنىڭ 1-تومى 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن لۇغەتلەرنى تۈزۈشكە ۋە بېكىتىشكە قاتناشقان. 1992-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان.


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-20 23:14
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمھالى
Pe w-6u"  
يازغۇچى توختى ئايۇپ 1945 - يىل كۇچا ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1953 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە كۇچا ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1979 - يىلغىچە كۇچا ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىدە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1979 - يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىش ئىشىغا قاتناشقان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. توختى ئايوپ 1982 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. PNLtpixZ  
توختى ئايۇپ ئەدەبىيات ساھەسىگە 60 - يىللاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قولىغا قايتا قەلەم ئالغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغىچە «قاراۋۇل»، «ھايات قەدرى»، «مۈڭگۈز»، «غۇر - غۇر شامال»، «بۆشۈك»، «ئاخىرقى ئىبادەت»، «گۇگۇمدىكى تەنھالىق» قاتارلىق ھېكايىلارنى، «مارجان بۇلاق»، «قۇم باسقان دېڭىز» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى ۋە «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» ناملىق رومانىنى يېزىپ، ئەدەبىياتچىلار ۋە كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. >ZKE  
Y!9'Wf/^  
[1@ -F+  
توختى ئايۇپ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ، «قىساس» قاتارلىق دراملىلارنى، «بەخت ئىزلىگۈچى»، «ساقچى بىلەن شەيتان» قاتارلىق كىنو سىنارىيىسى - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «كېلىچەك مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ» غا ئوخشاش ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يازغان.   F.mS,W]  
توختى ئايۇپ ئىجادىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، جۈملىدىن 1991 - يىلى جۇڭگودا تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولغان جۇاڭ جىڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. FA ?xp1E  
توختى ئايۇپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن «ھايات قەدرى» (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «مارجان بۇلاق» (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، «ئارمان» (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «قۇم باسقان دېڭىز» (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «غۇر - غۇر شامال» (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. OwrzD~  
توختى ئايۇپ ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-20 23:16
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىقئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە ”Nasa“دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى ”Jet Propulsion Laboratory“ بولۇپ، قىسقارتىلىپ ”JPL“ دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تونۇلغان بىر تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـــــ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇچقۇرى ئەۋەتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن – بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق. ئەركىن سىدىق 1950- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى ”دېڭ شياۋپىڭنى كۈرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش“ ھەرىكەتلىرى بولۇۋاتقان دەۋردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا – زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دېيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا ”قايتا تەربىيە“ ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977- يىلى 12- ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2- بولغان. ھەمدە 1978- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو – ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. nE]R0|4h  
$b\Gl=YX^  
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1- يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان ”تەييارلىق باسقۇچى“ نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى ــــ مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983- يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو – ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو – دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985- يىلى 9- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1- بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988- يىلى 4- ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991- يىلى چىققان ”ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى“ نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش – ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن: “ ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77- يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. رادىئو – ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. …“ PLg`\|  
+q)^pCC  
(1991-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان « دەۋر ئىلھاملىرى » دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى، بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.) [>;U1Wt  
2<fG= I8  
ئەركىن سىدىق 1988- يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90- يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلەپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى ”ھادىسە“ بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىي – پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىچە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى: xlqRW"  
_4owxYSDke  
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز !(w\%$|  
IBQmm(+v  
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەي! ئەركىن سىدىق، opjrU$<]N  
LC*@ /((  
بەستىڭدە چۆل، بوستان ھارارىتى بار. hR[Qdu6r  
:?U1^!$$1  
تېنىڭدە ئاقسۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى، X[(u]h`  
S)n ~^q  
ۋە تارىم توپىسىنىڭ خۇش بۇي ھىدى بار. s0E:hn:  
/$%apci8  
ئۇچتۇڭسەن، ھالقىدىڭ تەڭرىتاغدىن ھەم، ES(b#BlrP/  
# yAt `  
ئىگىلىك كۈچەيگەن بىر ئەلگە باردىڭ، (caxl^=  
!eMz;GZ  
تىنچ ئوكيان ئۈستىدىن سەن ئۆتۈپ شۇدەم. H]H*Ouu["e  
D2#3fM6  
سەن كىچىك بالىلىق چاغلىرىڭدىلا، Q;*TnVbJ  
J2f}{!b+I  
كۆرگەنسەن شېرىن ۋە گۈزەل چۈش بەلكى. mp*&{[XoVC  
V8@VR`!'  
شۇ چۈشلەر ئەمەستى ئاساسسىز خىيال، i+]3J/J  
s/"&k  
ئەمەستى گىرىمسەن قاقاس چۆلدىكى. 5Tag-+  
*'H0%GM  
ئۇ ئىدى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە، 8s16yuM  
H(Pzo+k*  
قۇرۇلغان ئىشەنچ، كۈچ، ئەجىر-ئەقىدە. f8E,.$>  
l7 Pn5c  
مۇقامنىڭ كۈيىدىن ياڭرىغان بەلەن، 5QN~^  
tf[)Q:|  
ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» پەلسەپىسىدىن،  B0 E`C  
RK )1@Tz7!  
قەمبەرخان ئوينىغان ئۇسسۇلدىن لېۋەن، +2xgMN6B@  
Ui?iMtDr  
ئويلاندىڭ قايتىلاپ، ھايات ھەققىدە، q7z`oK5  
2$r8^}Nj?  
ھېس قىلدىڭ نىمىمىز كەملىكىنى سەن. BTc}Kfae  
?}RPn f  
غىچىرلاپ ماڭىدۇ ئېشەك ھارۋىسى، e&nE  
XEegUTs  
بېسىلغان كەبى كۆپ ئەسىرلەر يۈكى، E$.fAIt  
"%}24t%  
يۈرىكىڭنى ئېزىپ ئۆتتى ئىز سېلىپ. 6l'J!4*qY  
Jxf>!\:AZu  
ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمىغان، P!Brw72  
> ^=n|%  
بالىلار كۆزىنىڭ خىرە نۇرلىرى، S B~opN  
Q r\eT}  
ئاغرىتتى قەلبىڭنى گويا سانجىلىپ. ;A4qE W  
IQ$!y,VJ  
مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىك تالانتلىرىنىڭ، A!,c@Kv3  
t>Ye*eR*`U  
ھېس قىلدىڭ مىللىتىمىزدە كەملىكىنى سەن، {+zG.1o^  
Mq#m;v$E  
ئۇلارسىز خام-خىيال بىرەر مىللەتنىڭ، je@&|9h  
zJP jsD]  
گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشى جەزمەن. 'j*Q   
(V&8WN  
بايقىدىڭ ۋە تاللاپ ئالدىڭ نىشاننى، `y61Bz  
%f'=9pit  
شۇ ياققا ماڭدىڭ چىڭ قەدەملەر تاشلاپ. w&f>VB~,1  
u:']jw=f  
تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىڭنى، j94~c YV  
GApvRR+Z  
تەسەۋۋۇر قىلىمەن سېنىڭ قانچىلاپ. #'O9Hn({  
n|?sNM<J3  
قانچىلاپ سۈبھى كۆز ئاچاي دېگەندە، %z.V$2  
Xs|d#WbX  
ياتقاندا تارىم جىم غەپلەتتە ئۇخلاپ، 'v^shGI%Ht  
c$)>$&([  
خورازلار بىلەن تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، RhmkpboucC  
+w(6#R8u5  
كىتابلار ئوقۇدۇڭ ئۇيقۇنى قوغلاپ. ?D7zty+}^  
&hI!0DixX  
مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر، pYm#iz  
ZU0*iA  
بىلىمدە-ئىرپاندا ئەزەلدىن ئەبەد. P.Cn[64a+@  
Z8/.I  
بىلىمنىڭ دېڭىزىدا ئۈزدۈڭ توختىماي، gaNe\  
FIAmAZH}_  
ئىنسانلار مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرىنى، w'_|X&@H  
Khv}q.)F  
سۈمۈردۈڭ قانماس زور ھەۋەستە پەقەت. x[)]u8^A  
~#VDJ[Z  
ئەمگىكىڭ، ئەقلىڭدە ئاچتىڭ ئاخىرىــ Y=_*Ai  
&;r'JIp  
ئىشىكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ، -#G>`T~  
YwZx{%f  
بار ئىزلار مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە، rK}sQ4z=  
=|empv#  
بېسىلغان تەپتىدە ئىشق ئوتۇڭنىڭ. $T66%wX  
?|}qT05  
يېڭى بىر مۇھىتتا ئۆگەندىڭ شۇنداق، 0yMHU[):~  
-ULgVGYKK  
يۈكسەلدى ئوبرازىڭ ھارماس ئىخلاسمەن. \h0+`;Q  
!Z{7X ^  
ئارزۇيۇڭ، ئىستىكىڭ، خىيالى چۈشۈڭ، ]-a/)8  
C{G=Y[?oc  
ئاقىۋەت ئەمەلگە ئاشتىغۇ ئەينەن. 'dzbeTJ D5  
v"%>ms"n  
ھالقىدىڭ شىنجاڭدىن، جۇڭگودىنمۇ سەن، K*1]P ar;  
a%6=sqxE  
ماقالەڭ يورۇققا چىقتى دۇنيانىڭ ـــ QC] <`!  
*g:Dg I 2  
ئەڭ ئالىي قاتلىمىنىڭ ژۇرنىلىدا ھەم. _o+OkvhU  
GlJOb|WOX  
مەغرۇرلۇق ھېس قىلار خەلقىڭ، ئىپتىخار- P~x4h{~Gd  
9>&p:+D  
ھېس قىلار يۇرتداش ياش دوستلىرىڭ ھەردەم. j~9Y0jz_  
20Jlf?  
سەن ئۇلار قەلبىدە ئۈلگە، نەمۇنە، m>!oYy_  
Vy=+G~  
سەن ئۇلار قەلبىدە چوڭ ئوبراز جەزمەن. VjeF3pmBa  
d@Wze[M?0  
نەزەرىڭ ھالقىسى پۈتۈن دۇنيادۇر، 4:s,e<Tc4v  
(H]NL   
قەلبىڭگە ئورنىغان ئۇلۇغۋار ۋەتەن. X&M04  
e%=SgXl2t  
تەۋرەنمەس ئىشەنچىڭ، سۇنماس غەيرىتىڭ، idjk uB(6  
Q>G% *?  
ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش دىلىڭغا ھەمدەم. m,rkKhXP  
aZq7(pen  
چەت ئەللىك ئادەملەر بىلەن بەسلىشىش، !2.eJ)G  
$OzVo&P;  
مىللەتنىڭ گۈللىنىشنى كۆزلەشتەك روھىڭ، %@HuAcNi  
E!=Iz5  
قەلبىمىز قېتىغا ئورنىدى مەھكەم. FA%V>&;`  
*rYPjk6g[  
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز، Dnd  
nXERj; Q"  
جۆر بولۇپ تەمبۇرغا، ياڭراق مۇقامغا. #w si><7   
rkz84wDx  
پامىرنىڭ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق چوققىسى، t~":'le`zr  
C*0Z F  
تەڭرىتاغ تىزمىسى قالدى ئارقاڭدا. }[(v(1j='~  
. "7-f]!  
نەزەرىڭ ئاستىدا ئاقىدۇ تارىم، &}\{qFD;  
:NB.ib@*  
ئەبەدىي توختىماي دولقۇنلار ئۇرۇپ. =)a %,H  
xc7Rrh]}  
قايناملار ياسالغان شىددەتلىك ئېقىم، VKg9^%#b`[  
1K'cT\aFm  
غايەت زور ئادەمدەك تىنار تولغىنىپ. ac1(lD  
?~cO\(TY["  
چاقىرار ئىلغارلىق ۋە مەرىپەتنى، Pon0(:#1  
WcpH= "vm  
كۆتۈرۈپ توختىماس شاۋقۇن چۇقاننى. w7\vrS>&  
fG{3S:TQq  
چاقىرار ئىلىم-پەن مەدەنىيەتنى، 1&Ma`M('  
` M-  
چاقىرار قابىللار تولغان زاماننى. [g{fz3O6  
!#E-p?O.  
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز، t{B6W)q  
T>&dPVmG,  
بىللە ئېپ ئۇچۇپسەن مىليون قەلبنى، B =DV!oUg  
R/2L9Lcv  
ھەر مىللەت تىلىگەن تىلەك-ئارماننى. w2U]RI\?2  
.li)k[] ts  
ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىغا ئاساسەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر فورمۇلىسىنى خۇلاسىلەپ چىققان ئىدى: [u-=<hnoa  
dp3TJZ+U  
مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت aQso<oK  
=@FT$GQ  
ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى يۇقىرىقى فورمۇلانىڭ ئىسپاتى بىلەن لىق توشقان. بۇ فورمۇلادىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆيۈمچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان پولاتتەك ئىرادە، ھېچ قانداق جاپا – مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان غەيرەت – شىجائەت، توختىماي بىلىم ئۆگىنىدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىزچىل ئىپادىسى بىلەن، ئەركىن سىدىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر نەرسىنى ئىسپاتلىدى: باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ. \;"S>dg  
uYd_5nw  
ئەركىن سىدىق بۇ بىر پاكىتنى ھازىرمۇ داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى تەبىئىي – پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ بىرسى تۇرۇپمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژۇرناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر NASA – JPL دە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006- يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. NASA نىڭ ”ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى پروگراممىسى“ (ئىنگلىزچە ”Origins Program“) دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ نىشانى تۆۋەندىكى 3 سوئالغا جاۋاب تېپىش ئىكەن: aCBq}Xcn  
t"6u  
1. بىز (ئىنسانلار) نەدىن كەلدۇق؟  GU xhn  
.OPBET(gv  
2. بىز كائىناتتا يالغۇزمۇ؟ b+71`aD0  
1rh2!4)7  
3. بىز نەگە بارىمىز؟ /j(<rz"j  
XJ3aaMh"  
ئەركىن سىدىق ھېلىقى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان تەتقىقات يۇقىرىقى 2- سوئالغا جاۋاب تېپىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2013- يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ”James Webb ئالەم تېلېسكوپى“ نىڭ تەتقىقاتىغىمۇ قاتنىشىشقا باشلىغان. =&vRT;6  
.r-kH&)"GU  
ئەركىن سىدىق بىر كەمبەغەل، ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ باققان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يېزىدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىدا ئېشەك ۋە كالا ھارۋىسى ھەيدەپ، ئېتىزلىققا ئوغۇت توشىغان. كالا سۆرەيدىغان قوشنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرغان. كالا سۆرەيدىغان سۆرەمدە يەرگە سۆرەم سالغان. بۇغداي، قوناق، ۋە كۆكتات تېرىغان. كالىغا سۆرىتىپ، قىچا ۋە زىغىرلاردىن ماي چىقىرىدىغان جۇۋازدا ماي تارتقان. كېچىچە تۈگمەندە ئۇخلاپ، تۈگمەندە ئۇن تارتقان. قوناق يىلتىزىغا توپا يۆلىگەن. شاللىقتا مايسا تىككەن ۋە شاللىقتا ئوت ئوتىغان. ئورغاقتا بۇغداي، شال ۋە قوناق ئورىغان ۋە باشقىلار. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. cLMFC1=b  
ئەركىن سىدىق قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ھازىرقى ھالەتكە كېلەلىدى؟ ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قانداق يول تۇتىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى نېمە؟ ئۇنىڭ ئائىلىگە ۋە پەرزەنتلەرگەبولغان قارىشى قانداق؟ مۇشۇنداق بىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 2 دۆلەتتە 20 نەچچە يىل ياشاپ باققان، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىي – پەن ۋە ئىنژېنېرلىق مۇتەخەسسىسلىرى قاتارىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟ ئېھتىمال نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئاللىرى باردۇر. 2005-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىلىۋال تور بېتى ئەركىن سىدىق بىلەن بىر ئىنتېرنېت يازما سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇ سۆھبەت ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقى (UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نۇسخىلىرى 0a)LZp|  
`I5So-^&z  
htt p://www.biliwal.c om، e&=T`  
kL%o9=R1  
http://www.bostan.cn ۋە http://www.bilik.cn قاتارلىق تور بەتلىرىدە بار. بۇ سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، چەت ئەل گە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلىرىدىن، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياسىغان http://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ئەركىن سىدىقنىڭ كەسپىگە ۋە تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار 9 N@N U:M+  
x% Eu.jj  
http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm تور بېتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. |'12Kv]#Xa  
4031~A8  
ئەركىن سىدىق تەرجىمالىنىڭ داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:http://www.meripet.com/ErkinBio/ErkinBioUEY.pdf  .tRWL!  
cvQ MZ,p  
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت: http://www.meripet.com/Sohbet


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-20 23:18
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

csV.AN'obq  
W`KRaL0^  
بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتالىپ (شوئۇكھرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (تىمىرىئاسەۋ ئاادەمي) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (رۇسسىئان ئاادەمي ئوف مەدىال سىئەنەس) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (دەۋەلوپمەنتال گەنەتىس) ۋە غول ھۈجەيرە (ستەم ەلل) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. {%K(O$H#  
~7tG%{t%  
دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن. fD#VI   
C%8jWc  
ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. d`U{-?N>  
\lVxlc0{?  
ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.   kETu@la}  
f)p c$~B  
بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 2031
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2031دانە
شۆھرىتى: 3070 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 35032 يۈەن
تۆھپە: 2843 قېتم
ياخشى باھا: 1962 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 12337(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:49دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:12337 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:403 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:472 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-09-23
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-20 23:19
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

z?V'1L1gM  
|1vi kG8  
•تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901- يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىقئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندەدىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋەكىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان . 8jyg1NN D  
1916- يىلىچوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەنمەكتەپنى تاماملايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنتونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىس, ىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردەئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىلراۋاقتىكى چۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم – پەننىئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسىتۇغۇلغان . z)$X/v  
=1' / ?  
1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 – قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىلقىلىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركىئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ . شۇنداقلائۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەنكۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يولقويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكىمەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىقكىشىلەر بىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەنكىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاقسارايدا « ھۆرىيەت مەكتىپى »، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنەبىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . . pUV3n1{2  
$J8?!Xg  
بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زورئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرسىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكىمۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ . ]+RBykr  
#Fx$x#Gc@y  
ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىقئۇيغۇر 1932 – يىلى 11- ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنىئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچىھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ . 1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىداتۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭبېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋىتەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگەتاشلايدۇ . جاللات شىڭشىسەي 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچتەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچەكۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغاقىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇن ئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ…… E3X6-J|  
}[a  
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 20 November 2009 &m@~R|  
ئاپتۇر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى b65V*Vbj  
مەنبە:http://uyghuracademy.com/?p=351


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا