ئىگىسى: mehzun

مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
appakhoja يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 12:37
مەختۇم ئەزەم جەمەئەتى  نەسەپ پەيغەمبىرىمىزگە تۇتۇشۇپ  ...

مەختۇم ئەزەم جەمەتى بىلەن غەرىي قارا خانلار جەمەتىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋېتى ھەققىدە ، تەپسىلى ئۇچۇر بەرسىڭىز بوپتىكەن ، تارىخ بىلىمىمىز ئېشىپ قالغان بولاتتى .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-16 12:48):
بىلىشىمچە قارخانىلار ھەقىقىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ .

UID
31174
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:04:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنمەڭلەر، پۈتۈنلەي يالغان بۇ پەقەت قايمۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت...
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى خانلىقىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە سەۋەپلىك بولغان سوپى-ئىشانلاردۇر ... بۇلارنىڭ گۇناھسى ھەرقاندىغىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.ئەمدى بولغاندا (21-ئەسىردىكى)ئازراق زامانىۋىلاشقان(ياكى پارچە-پۇرات كىتاپ كۆرۈپ قويغان)مۇتىھەسىپ سوپى -ئىشانلارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ چالۋاقىشلىرىغا باشقىلارنىڭ ئىشىنىپ كېتىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن...ئاللا بويرىسا ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى...

UID
32588
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
4687
يازما
18
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
528
تىزىملاتقان
2010-8-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تەسەۋۋۇپنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ بىزدە تەسەۋۋۇپچىلىق مۇكەممەل بايان قىلىنغان بىرە ماتىريالنىڭ يوقلۇقى بىزنى خىلمۇ -خىل سۆزلىتىۋاتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ قىزىققانلىق قىلماي مۇنازىرە قىلىشساق دەيمەن.

UID
3401
يازما
105
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1935
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 20:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش قىلىپ مۇشۇ غوجا ،ئىشان ،سوپى -دەرۋىش دەيدىغان بىر نىمىلە قاچان پەيدا بولدى ئۇيغۇرنىڭ قارا كۈنلىرى شۇ كۈندىن باشلاندى دىسەك ئوشۇق كەتمەيدۇ...ئەتراپىمىز دىكى سەللىسى يوغان موللەكلىرمىز نى كورسەم شۇ توڭگۇزلانى كۆرگەندەك بولىمە ...........موللامنىڭ دىگىننى قىل قىلغىننى قىلما دىگەن گەپ بىكاغا چىققان گەپ ئامەس...

باھا سۆز

abduley  «ئۇيغۇر»غا ۋەكىل بولۇشقا سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ! ئاغزىڭنى يۇيۇپ كەل چۈپرەندە  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 23:31:20
lawrence  ئۇيغۇردا سىزدەك دانىشمەن يىگىتتىن جىقراق چىقسا تېخىمۇ بەختلىك بولىمىز !  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 22:29:06
arzuyar  ما گېپىڭىزدىن مېڭەم زىڭىلداپ كەتتى!!ئالدىرىماي تۇراي بولدى....................  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 20:44:37

UID
11269
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
549
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 23:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ArislanMemet تورداش، بەيدۇ ياكى گۇگۇلغا كىرىپ 马来迟 دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز مالەيچىنىڭ تەرجىمىھالى چىقىدۇ.
arislan دوستۇم،
سىزگە  乃格什班底耶的源与流 ناملىق كىتابنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتابنى توردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://www.islambook.net/shop/sort_book.asp?productno=30627

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 13:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجا ئافاق بىر نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى خوجا ئەخمەت خوجام ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ زاماندا ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان باش كۆتىرىپ، خوجا ئەخمەت خوجا بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، قۇن تەيجىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا قون تەيجى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزدى. خوجا ئەخمەت خوجامنى ئىلغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەمەت ئىمىن خانمۇ بۇ جايدا تۇرالماي ئۆزىنى ئالاي تەرەپكە ئالدى ۋە بۇ جايدىكى قىرغىزلار ئۇنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرىسى خوجا دانىيال خوجامغا تاپشۇرۇلدى. بۇ قالماقلار بىلەن بىرلىشىپ يۇرت سورايدىغان بولدى. خوجا دانىيال خوجام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى خوجا ئابدۇللا خوجام تەختتە ئولتۇردى. بۇ خوجامنىڭ دەۋرىدە تولا ئوبدانلىق بولدى. بۇ چاغدا «سېيەر شىرىف [124]» خوجا ئابدۇللا خوجامنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجام تەختتە ئولتۇرى. ۋە ”خوجا جاھان“دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا يۈسۈپ خوجام كاشىغەرگە ھاكىم بولدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا خامۇش خوجام ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللا خوجام خوتەندە ئىدى. قالماقلار ھەر قايسى خوجامنىڭ بىردىن ئوغۇللىرىنى ئىلىدا بارىمتاي قىلىپ ساقلار ئىدى. خوجاملار ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ياكى ئىككى نۆۋەت تارتۇق- ھەدىسلەرنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ، مەزكۇر تۆرەگە تازىم سالاملارنى قىلىپ كۆرۈنۈپ بېرىپ، جاۋاپ بولغاندا يېتىپ كېلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز جاي- ماكانلىرىدا تۇراتتى.


- «تارىخى ھەمىدىيە» دىن ئۈزۈندە

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 20:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق نەسەبنامىلارنىڭ بىر قىسىم تەزكىرىلەرگە ۋەخپە-تەۋلىيە ھۆججەتلىرىگە ۋە ئايرىم قەغەزلەرگە يېزىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا خوجىلارنىڭ ئوز نەسىبىنى پەيغەمبەرگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ ئورۇنغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تەزكىرىلەردە خوجىلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا ئىسىمنىڭ ئالدى-كەينىگە خوجا مەھدى خوجام، خوجا يەھيا خوجام دېگەنگە ئوخشاش خوجا سۆزىنىڭ تەڭلا قوشۇلۇپ ئېيتىلىشى ھەم بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ.

«تارىخى ھەمىدىيە» نىڭ ئاپتورى موللا مۇسا سايرامى سەئىد ئەۋلادى بولمىسا ، نىمىشقا « تارىخى ھەمىدىيە» دە ئىسىمنىڭ ئالدى كەينىگە تەڭلا خوجا ئاتالغۇسى قوشۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندۇ؟

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 22:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abduley يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 04:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم،
مېنىڭچە سىز چوقۇم ناماز ئ ...

رەھمەت،توغرا،ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قاپتۇ، مېنىڭچە ھەقىقىي پەيغەمبەر ئەۋلادى بولسا ھۆرمەت قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ نىشانىم تۆۋەندىكىچە: پەيغەمبىرىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ قۇلى ،بىزگە ئوخشاش، پەيغەمبەر بولۇشىمۇ ئاللاھتىن،ھەربىر ئېغىز سۆزى قىلغان بارلىق ئىشلىرى دەۋەتلىرى پۈتۈنلەي ئاللاھ تەرىپىدىن ، ئىسلام دېمەك ئالدى بىلەن بىر ئاللاھقا ئىشىنىش ،ھەرقانداق بىلىملىك ،دانا ئادەممۇ ئاللاھنىڭ ئورنىنى بېسىپ بولالمايدۇ، ھەرگىزمۇ پەلسەپە ئىدىيىسى مەشھۇرلارنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، ئېھتىياتچان بولغان ياخشىراق.  

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 22:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abduley يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 04:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم،
مېنىڭچە سىز چوقۇم ناماز ئ ...
رومانچى ياسىنجان سادىق چوغلان قانچىلىك بايانلارنى ئىچىدىن تۇقۇپ چىققانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ.
  قەتئىيلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، پۇقرالاردا قىلچىكى ئەقىل ،كاللا دېگەن نەرسە  يوق، پادىشاھمۇ سېپى ئۆزىدىن گالۋاڭ قىلىپ تەسۋىرلىنىپتا؟؟ ؟ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش