مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى
مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم
«شىنجاڭ خوجىلىرى» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئاساسەن مەختۇم ئەزەم نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ئەھمەد كاسانى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى شىنجاڭغا قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى، گەرچە ئۆزى ئەھلى تەرىقەتتىن بولغان، ئىسمىنىڭ بېشىغا خوجا دېگەن سۆز قوشۇلۇپ كەلگەن نۇرغۇن شەخسلەر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ، چەتتىن شىنجاڭغا ئېقىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭنىڭ دىن ۋە سىياسىي ھاياتىدا مەختۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىدەك مۇھىم رول ئوينىغان ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش شىنجاڭ ئىسلام دىنى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن بۇ يەردە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
خوجا، سەييىد، شەرىف دېگەن سۆزلەر بىرەر ئادەمنىڭ ئىسمىگە قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنىڭ نەسىبى پەيغەمبەرگە تۇتىشىدۇ دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
خوجا پارسچە ، سەييىد ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىككىلىسى بىر خىل مەنادا كېلىدۇ. ئەمما بەزىلەر بۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ: «ئەلىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ قىزى پاتىمەدىن بولغان بالىسى ھەسەنگە نەسىبى تۇتاشقان ئادەمنى سەييىد، ئەلىنىڭ پاتىمەدىن كىيىن بولغان بالىسى ھۈسەيىنگە نەسىبى تۇتاشقان ئادەمنى شەرىف، ئەلىنىڭ پاتىمەدىن باشقا خوتۇنىدىن بولغان بالىسى مۇھەممەد ئىبنى ھەنىفەگە نەسىبى تۇتاشقان ئادەم خوجا دېيىلىدۇ » دەپ قارايدۇ. تۆرە دېگەن سۆز گەرچە 2- خەلىپە ئۆمەرگە نەسىبى تۇتىشىدىغان ئادەمگە قارىتا ئېيتىلسىمۇ، بەزى چاغدا خوجا دېگەن مەنادىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ئاپئاق خوجىنىڭ بەزى ئەۋلادلىرى ۋەلى خان تۆرە، بۇزرۇك خان تۆرە دېيىلىدۇ . يۇقىرىقى ئاتالغۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغىنى خوجا ئاتالغۇسىدۇر.
جەمئىيەتتە خوجىلارنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خوجا سۆزىنى ئۆز ئىسمىگە قوشۇپ ئېيتىشقا قىزىقىدىغان كىشىلەر كۆپەيگەن، 200-300 يىلدىن بۇيان يېزىپ قالدۇرۇلغان تۈرلۈك تەۋلىيە-ھۆججەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇلاردا خوجا سۆزى قوشۇپ يېزىلغان ئادەم ئىسىملىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئابرۇي، نوپۇز ۋە ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتلەردە مەختۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى بولغان خوجىلار بىلەن ئوخشاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئەھۋالنىڭ مۇنداق بولىشى، ئۆتكەنكى چاغلاردا مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كىشىلەر ئىچىدە بىر خىل ئەنئەنىۋى ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكىدىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۆزلىرىنىڭ نەسىبىنى پەيغەمبەرگە ئۇلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان نەسەبنامىسى بولغانلىقىدىندۇر. مۇنداق نەسەبنامىلەر ئاساسەن خوجىلار تەزكىرىلىرى ۋە بىر قىسىم تەۋلىيە-ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. بۇ نەسەبنامىلەرنىڭ قايسى دەۋرلەردە كىملەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قارمۇ-قارشىلىقلاردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ خىلمۇ-خىل كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ناھايىتى روشەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ راستلىقىغا قارىتا كىشىدە زور گۇمان پەيدا قىلىدۇ، بۇلارنىڭ راست نەسەبنامىمۇ، يالغان نەسەبنامىمۇ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئېچىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەردە 7 خىل نەسەبنامىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلىنى بەردىم.
بۇ يەرگە مەختۇم ئەزەم نەسەبنامىسىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى جەدۋەلدىن مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى زىددىيەتنىڭ ئالاھىدە، گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىرىنچىسى مەزكۇر نەسەبنامىلەردە مەختۇم ئەزەمنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپغىچە بولغان ئەجدادلىرىنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ. چوڭ خوجا تەزكىرىسى بىلەن جامىئۇل ماقامات تەزكىرىسىدە مەختۇم ئەزەمنىڭ ئاتىسىدىن تارتىپ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئەجدادلىرىنىڭ سانى 21 قىلىپ كۆرسىتىلگەن. خوجىلار تەزكىرىسىدە ئۇلار 20 قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى بىلەن تەخمىنەن مۇندىن بىرەر يۈز يىل بۇرۇن يېزىلغان مەختۇم ئەزەمنىڭ نەسەبنامىسىدە 19 قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مۇندىن 160 يىل بورۇن يېزىلغان بىر تەۋلىيە-ھۆججەتتە ئۇلار 23 قىلىپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر نەسەبنامىلەر توپلىمىدا ئۇلار 16 قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىقى نەسەبنامىلاردا يەنە ئادەم ئىسىملىرىنىڭ پەرق قىلىدىغانلىقى، مەختۇم ئەزەم ئەجدادلىرىنىڭ رەت نومۇرىدا زور
ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقى، ئۇلاردىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەتتە خىل نەسەبنامىنىڭ بەشىدە مەختۇم ئەزەمنىڭ دادىسى جالالىدىن دېيىلسە ، بىرىدە بۇرھانىدىن دېيىلىدۇ . بۇرھانىدىن قىلىچ نەسەبنامىلەرنىڭ 3 دە مەختۇم ئەزەمنىڭ 2- بوۋىسى، بىرىدە 3- بوۋىسى، ئىككىسىدە 4- بوۋىسى، يەنە بىرىدە 5- بوۋىسى، يەنە بىرىدە 6- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. يەنە نەسەبنامىنىڭ كامالىدىن مەختۇم ئەزەمنىڭ 5- بوۋىسى، بىرىدە 6- بوۋىسى، بىرىدە 7- بوۋىسى، يەنە بىرىدە 3- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. يەنە نەسەبنامىنىڭ ئىككىسىدە شاھ ھەسەن مەختۇم ئەزەمنىڭ 7- بوۋىسى، ئىككىسىدە 6- بوۋىسى، بىرىدە 8- بوۋىسى، يەنە بىرىدە 9- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. نەسەبنامىنىڭ ئۈچىدە شاھ ھۈسەين مەختۇم ئەزەمنىڭ 8- بوۋىسى، بىرىدە 7- بوۋىسى، بىرىدە 9- بوۋىسى، بىرىدە 5- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. خوجا ئەھمەد نەسەبنامىلەرنىڭ يەتتىسىدە مەختۇم ئەزەمنىڭ 7- بوۋىسى، بىرىدە 9- بوۋىسى، بىرىدە 10- بوۋىسى، بىرىدە 11- بوۋىسى، بىرىدە 12- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سەييىد ئابدۇللا نەسەبنامىلەرنىڭ ئىككىسىدە مەختۇم ئەزەمنىڭ 9- بوۋىسى، ئىككىسىدە 12- بوۋىسى، ئىككىسىدە 13- بوۋىسى، بىرسىدە 8- بوۋىسى، بىرسىدە 9- بوۋىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەختۇم ئەزەمنىڭ نەسەبنامىسىدا كۆرسىتىلگەن 13- بوۋىسىنىڭ يۇقىرىسىدىكىلەر شىئە مەزھىپىدىكىلەر چوقۇنىدىغان 12 ئىمام دېيىلىدىغان مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ نەسەبنامىلەردە بۇلارنىڭ رەت ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن نەسەبنامىلەرنى يازغۇچىلارنىڭ ئۇنى قارىسىغا يېزىپ چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چۈنكى 12 ئىمامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدىغان نەسىبى تارىخى كىتابلاردا ناھايىتى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، نەسەبنامىلەرنى ئىجاد قىلغۇچىلار ھېچ بولمىغاندا ئۇلاردىن كۆچۈرگەن تەقدىردىمۇ، نەسەبنامىلەر ئارىسىدا مۇنداق زور پەرقلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمىغان بۇلاتتى. شۇڭا نەسەبنامىلەرنىڭ تولىسىنى كام ساۋات ئادەملەر ئىجاد قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسەبنامىدىكى شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئالدى كەينىگە سەييىد، خوجا، مىر، ئەپسەل، ئەزەج، شاھ، قىلىچ ، قاتارلىق تۈرلۈك قۇشۇمچە سۈپەتلەر قوشۇلۇشى بەكمۇ تۇراقسىز بولۇپ، بەزى نەسەبنامىلەردا ئىسىملارنىڭ ئالدى كەينىگە تەڭلا قوشۇلغان، بەزى نەسەبنامىلاردا ئىسىملارنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە قوشۇلغان، بەزى نەسەبنامىلاردا بولسا ئىسىملارغا قوشۇمچە سۈپەتلەر قوشۇلمىغان. بۇ ھال نەسەبنامىلاردىكى بىر قىسىم ئىسىملارنىڭ مۈجمەل، ئېنىقسىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ مەلۇم ئىسىملارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. بەزى خوجىلارنىڭ نەسىبى يېزىلغان ۋەخپە-تەۋلىيەلىرىگە ئەينى زامانلاردىكى مەھكىمە شەرئى قازى، مۇفتىلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى سېلىنغان بولسىمۇ بۇ نەسەبنامىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى مۇنداق تەۋلىيەلەردىكى قازىلارنىڭ مۆھۈرلىرىنى ئالدى بىلەن ۋەخپەنامەنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سېلىنغان ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجىلارنىڭ نوپۇزى ۋە ھوقۇقى يۇقىرى بولۇپ قازى، مۇفتىلارنىڭ نەسەبنامىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىپ چىقىش ئىمكانىيىتىنى بەرمىگەن. مۇنداق نەسەبنامىلارنىڭ بىر قىسىم تەزكىرىلەرگە ۋەخپە-تەۋلىيە ھۆججەتلىرىگە ۋە ئايرىم قەغەزلەرگە يېزىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا خوجىلارنىڭ ئوز نەسىبىنى پەيغەمبەرگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ ئورۇنغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تەزكىرىلەردە خوجىلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا ئىسىمنىڭ ئالدى-كەينىگە خوجا مەھدى خوجام، خوجا يەھيا خوجام دېگەنگە ئوخشاش خوجا سۆزىنىڭ تەڭلا قوشۇلۇپ ئېيتىلىشى ھەم بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەينى زامانلاردا خوجىلار توغرىلىق گەپ بولسىلا ئۇلارنىڭ نەسىبىنىڭ پەيغەمبەرگە تۇتۇشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماي قالمايتتى. ئاپئاق خوجىغا مەدھىيە ئوقۇلغان بىر شېئىردا مۇنداق مىسرالارنى ئۇچرىتىمىز:
پەيغەمبەرگە نەسەب كىم سابىت ئەتتى
يىگىرمە يەتتە ۋاسىتە بىرلە يەتتى
بۇ شېئىردا ئاپئاق خوجىنىڭ نەسىبى يىگىرمە يەتتە ئەجداد ئارقىلىق پەيغەمبەرگە ئولۇشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان تەزكىرىلەردە مەختۇم ئەزەم «مەجمەئۇل بەھرەين» يەنى ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلغان جايى دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى مەختۇم نەسەب جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ، ئىشانلىق جەھەتتىن ھەم پەيغەمبەرگە تۇتۇشىدۇ، دېگەن بولىدۇ.
خوجىلارنىڭ نەسەبنامىسىنىڭ كۈچەپ تەرغىب قىلىنىشى ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ چاغلاردا خوجىلارنىڭ خوجىلىق داۋاسىغا ئاشكارا قارشى چىقىشنىڭ ئۆزى كىشىلەرگە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ئۇلارنىڭ نەسىبىگە تەنە قىلىنغان گەپ سۆزلەر بولغاندىمۇ خوجىلار كۆككە كۆتۈرۈلۈپ مەدھىيىلەنگەن تەزكىرىلەردە ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ خاتىرىلىنىپ قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.