تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: tunji

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10033
يازما
142
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
4435
تىزىملاتقان
2011-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 14:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ئوغۇز  ئەپەندى ، ئۇنى - بۇنى  دىيىشىش جەريانىدا ھەمسۆھپەتداش دوستلاردىن  بولۇپ  قالدۇق، ئاز دىگەندە شەخسەن  مەن  شۇنداق  ئويلايمەن ، مۇستافا كامال  ۋاھاكازالار  شۇ  تېمىدا  تۇرۇپ  تۇرسۇن ، سىز  بىلەن  مۇشۇ  تېمىدا مەيلى  مۇناسىۋەتلىك بولسۇن  بولمىسۇن ، پىكىر  قىلىش  ئۇسۇلىمىزغا  بىۋاستە  تەسىر  كۆرسىتىدىغان  بەزى پەلسەپەۋىي مەسىلىلەر توغۇرلۇق  پىكىرلىشىپ  باقساق  دەيمەن .
  بۇنداق  خىيالغا كىرىپ  قېلىشىمدىكى  سەۋەپ ئىككىمىزنىڭ  قىزىقىشىدا  ئورتاقلىق  مەۋجۇت ئىكەن ، دۇنيا قاراش ، كۆڭۈل  بۆلىدىغان  مەسىلىلەردىمۇ  ھەم  شۇنداق ، لېكىن روھى دۇنيارىمىز  ئوتتۇرىسىدىكى  نېپىزگىنە  قەغەز  پەردە بىر بىرىمىزنى لوگىكىغا   مۇۋاپىقسىز  بىلىندۈرۈشى مۈمكىن .
   روھى  دۇنيارىمىزدا  مۇشۇ  مەسىلىلەرنىڭ  ماھىيىتىنى  چۈشىنىشىمىزگە توسالغۇ بولىدىغان بىر  سېپىل  تام  مەۋجۇت ، بۇ  سېپىل تامنىڭ ماتىرىيالى ھېلىقى  سەل  تېگىپ  كەتسىمۇ  چەك- چېكىدىن يىرتىلىپ  كېتىدىغان  سامان  قەغەز قەدەر نەرسە بولىشى  مۈمكىن، لېكىن  بۇ پەردىگە بېكىنمە  بولغان بىزگە كۆرىنىدىغىنى بىزنىڭ  مەنىۋىيىتىمىزنى لاھىيەلەپ  بەرگۈچى "ئىنژىنىرلار " تەرىپىدىن  مۇشۇ  ئىدىيەمىزنى، روھى  دۇنيارىمىزنى ئوراپ  تۇرغان قەغەزگە سىزىلغان " ماتىرىيالى تۆمۈر ، پولات ، ياكى  ئۇيۇل تاش" تىن  ياسالغان مۇستەھكەم  بىر كۆرۈنۈش رەسىم ، دىققەت بۇ  بىر  كۆرۈنۈش خالاس ، بىزنىڭ  ئىدىيەمىزنى  قامال  قىلغان، بۇ قەغەز كۆرۈنۈش بىرنەچچە  رامكىنىڭ  ئىچىگە قوراشتۇرۇلۇپ  روھى دۇنيارىمىزنىڭ  تۆت ئەتراپىنى  قورشاپ  تۇرىدۇ ، بۇ  رامكىلار نىڭ ئىسمى  مۇرەككەپ ، مەسىلەن : گېگىلنىڭ كىلاسسىك پەلسەپەسى ، ئەنگىلىيەنىڭ كىلاسسىك سىياسى ئىقتىساد ئىلمى ، دارۋىنىزىم ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى ، تارىخى ماتىرىيالىزىم ، ...دىگەندەك  ئىشقىلىپ  بۇ  رامكىلار  بىز  كىچىكىمىزدىن ئېلىۋاتقان  تەربىيەمىز، ئۇچرىشىۋاتقان مېدىيەلىرىمىز ، ئوقۇۋاتقان  كىتاپلىرىمىز ئارقىلىپ بىلىپ- بىلمەي روھى  دۇنيارىمىزنىڭ  ئەتراپىدا  شەكىللىنىپ ئاۋۇ  قەغەز سېپىلنىڭ رامكىسى  بولىدىكەن ، دىمەك  بۇ كۆرۈنۈش بەك ھەيۋەتلىك، بەك سېستىمىلىق، كۆرۈنۈشكە  بەك  يىراق، ئۇنىڭدىن  بۆسۈپ  بېقىشنى  ئويلاشمۇ كىشىگە بەزىدە  زېرىكىشلىك  ياكى  بىھۇدە  تۇيۇلىشى  مۈمكىن ، يەنە  بىر تەرەپتىن   ئانىدىن تۇغما ، ھەم يارالمىش  ئىنسانىي  تەبىئىتىمىز ، قەلبىمىزدىكى فىترەت بىزنى يەنە مۇشۇ  قەغەز سېپىلنىڭ  نېرىسىدا  يەنە  نىمىلەر  باردۇ  دەپ  ئويلاشقا زورلايدۇ ، بىز  مۇشۇ  ئۈگىنىپ قالغان بېكىنمىچىلىك  ۋە تەبىئىتىمىزدىكى  ھەققانىيەتكە  ئىنتىلىش ئېھتىياجىمىزنىڭ ئىككى  تەرەپتىن بىزگە قويىۋاتقان سۇئالى ئارىسىدا ياكى يۇلقۇنۇپ  قوپۇپ قەغەز  سېپىلنى  يىرتىشقا  ئىنتىلىپ  باقىدىكەنمىز ، ئەمما كۆپۈنچە  ئەھۋالدا مۇشۇ  بېكىنمىلىكتە  ياشاشنى  راۋا  كۆرىدىكەنمىز  .
  ئىدىيەنى  ئازات  قىلىش  جەريانى تېخنىكىۋىي ۋە تەجرىبىۋىي  ئۇسۇللارغا  مۇھتاج ، بۇلارغا  ئېرىشىش ھەم  كىچىككىنە ئىرادە قىلساق  شۇنچە  ئاسان ،  ئەگەر مۇشۇ قەغەز  سېپىلنى  بۇزۇپ ئۇنىڭ  سىرتىدىكى  سىرلارنى ، ھەقىقەتلەرنى  ھىس قىلىپ  باققاندىن  كېيىن  بولمايدىكەن  دىگەن  قاراشقا  كەلسەك  ئۆزىمىزنىڭ  ئەسلى  ھايات  ئوربىتىسىغا  قايتىپ  كەلمەكمۇ شۇنچە  ئاسان ، بىزنى  ياراتقۇچى  ھەقىقەت  بىزگە ئۆلۈم دىگەن شەيئى ھەلقۇمىمىزگە كەلگۈچە  بىزگە ئىختىيارلىقىمىزنى قولىمىزغا  بېرىپتۇ .
  ئوغۇز  ئەپەندى ،  تەۋەككۈل قىلىش  روھىڭىز  چوقۇم  بار ،   تېخنىكىۋىي ۋە تەجرىبىۋىي  ئۇسۇللارغا  قىزىقسىڭىز  مەن مۇشۇ  تور دۇنياسىدا  خالىغان  ۋاقتىڭىزدا   ئورتاق  بەھرىلىشكە  تەييار . قانداق  قارايسىزكىن ؟

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 19:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئورخۇن ، سېلىنگا، تۇرا بويلىرىدىكى دىڭلىڭلار بىلەن تەڭرىتاغ دىڭلىڭلىرى - قاڭقىللار دىيىلگەن. 
كۆك تۈركلەر ئالتاينىڭ جەنۇبىدىكى  قاڭقىللاردىن.  
 قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى كەسكىن ئېيتىلغان. 


UID
9462
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1396
تىزىملاتقان
2011-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 20:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ بوۋىسى پۇلدارتى دەپ پۇل بەرمەيدۇ . بۇلارنىڭ ئەجدادى خانتى دەپ تەخىت بەرمەيدۇ.
بۇرۇنقىلار نىمەبولسا ۋاي دىگىچىلىگى يوق پادىشالارئىكەن . باھادىرنامە دىگەن كىتاپنى ئوقىغاندىن بىرى بۇرۇنقىلاردىن شۇنداق كۆڭلۈم سويۇپ كەتتى . ئالتە خوتۇندىن ئون بالىلىق بولۇپ بىرپۇتۈن مەملىكەتنى بۆلۈپ بىرۋاتقان ، ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ زىمىننى بىسۋىلىپ بارغان ،
بالىسى دادسىنىڭ تەختىنى تارتىۋىلىپ بارغان ، بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەممە شاھلار ئۇرۇق تۇققانلاركەن بىر بىرسىنى يوقۇتۇپ تەخىتنى خەققە تارتقۇزۇپ قويۇپتىكەن .
ئۇنداق ئۇيغۇر شاھلارنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى .
بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ نىمە قىلمىز دوسلار .

UID
10883
يازما
137
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4699
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 17:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن.
يەنەبىرگەپ، نايمانلار ھازىرقى قايسى مىللەتنىڭ ئەجدادى؟

UID
11006
يازما
462
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12192
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 17:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئىتپاقلاشسا شۇنىڭغا <ئۇيغۇر >دەپ ئۇنۋان بىرىمەن.
يىشى ، مىللىتى ،جىنسى ، مەدەنيەت سەۋىيەسى ، دىننى ئىتقادى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

UID
13409
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 01:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىخانىلارسۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى  سەۋەپ تۆۋەندىكى ئاجىزلىقلارتۈپەلىدىنمىكىن دەپ ئويلايمەن 1-ئۇيغۇرلارئاساسەن قورقانچاقتۇرئۇيغۇررەھبەرلىرى تارىختىن بويان كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن بىرەريات ئەلگەھۇجۇم قىلىپ زىمىنى كېڭەيتىش تۈگۈل ئەكسىچە يات مىللەتلەرتاجاۋۇز قىلىپ كىرسە بىرپايمۇ ئوق ئاتماي تەسلىم بولۇشقائالدىرغان.2-ئۇيغۇرلارئەزەلدىن بىر-بىرى بىلەن ئىتپاقلىشالمىغان شىۇڭا ئۇيغۇرئاقساقالىرى ئۆزارائۇيۇشىشنى ئارزۇقىلىپ ئىتپاقلاشماق دىگەن مەنادىكى ئۇيغۇردىگەن ئىسىمنى ئۈزىنىڭ مىللەت نامى قىلغان بولۇشى مۇمكىن(بۇخۇددى ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولالمىغان ئائىلەئالادىن ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولۇشنى تىلەپ تۇغۇلغان قىزىغا ئوغۇلخان دەپ ئات قويغاندەكلابىرئىش).ئەمىليەتنى ئاساس قىلساق ئۇيغۇردىگەن سۆزنىڭ مەنىسى چەتئلىك تارىخچىلاردىگەندەك باشقىلارغا يۆلۈنۈپ ياشىماق دىگىنى توغرىمىكىن دەيمەن.3-ئۇيغۇرلاردا تاماخورلۇق ئېغىر مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا(كەتمەن چاپماي ئاقنان يىسەم،قوي باقماي پاقلان يىسەم دەيدىغدان ئىدىيەئېغىر)يۇقارقى ماقالىدا دىيىلگەندەك قوزغىلاڭچىنىڭ يولباشچىلىرى بولسائۆلكىنىڭ مۇاۋىن رەيىسلىگىنى تاماقىلىپ ئۆلگەن ،بولسا31-پولىك شىڭ دۆبەن بىزنى ئۆلتۈرمەي ئەتىۋالاپ ئىشلىتەمدىكى دىگەننى تاماقىلىپ سېتىلپ كەتكەن.قىسىقىسى ئۇيغۇرلارئەزەلدىن تارتىپ شۇپۈچەك ھوقوقنىڭ تەماسىدا بۇرۇنمۇشۇھازىرماشۇبۇندىن كېيىنماشۇ.4-ئۇيغۇرلاردامىللەت ئىڭىغاقارىغاندا،دىن ئېڭى كۈچلۈك .شۇڭائالىمدىن موللامنى چوڭ كۆرىدىغان ئەھۋالار ئېغر.ناۋادابىرمىللەت خەلقىدەمىللەت پەرۋەرلىك كۈچەيسە شۇمىللەت قەۋىمى ئۆم بولىدۇ.چۈنكى مىللەتتە بىرقانچەمىللەتكە بۈلۈنۈش بولمايدۇشۇمىللەتنى تەشكىل قىلغان خەلقنىڭ ھەممىسى بىرلامىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.مەسىلەن ياپونلۇقلار داخې مىللەتچىلىگىنى گېرمانلار بولسانىمىز مىللەتچىلىگىنى تەشۋىق قىلغاچقائۇلاردۇنيادىكى قۇدۇرەتلىك مىللەت بولۇپ تۇرالىدى .دىندا بولسائۇنداق ئەمەس دىننى ئاڭ قانچە كۈچەيسە شۇمىللەت شۇنچە چېچىلىدۇ.چۈنكى بىردىندا بىرقانچە مەزھەپ بولىدۇ شۇسەۋەپلىك شۇمىللەتنى تەشكىل قىلغان خەلقمۇ بىرقانچە مەزھەپكە بۈلۈنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.ھەركىم ئۆزىنىڭ مەزھىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆئاراكۈرەش قىلىدۇبىر-بىرسىگەئوراكولايدۇ،مەسىلەن ئوتۇراشەرىقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدەك.5-ئۇيغۇرلاردايېڭىلىق يارتىش روھى ئىنتايىن ئاجىز كونىلىققائېسىلىۋىلىش ئىدىيىسى ئىنتايىن ئېغىر.

UID
18575
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 10:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
11394
يازما
108
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2088
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە مىللى روھ ھەم مىللى مەنپەەت دەيدىغان ئىككى جۇملە سوز بار،بۇنى نۇرغۇنلىرىمىز چۇشەنمەيمىز،ھازىر رايۇنىمىزدا  يولداشلار مەنپەئەت كۇرىشى،ئەمەل كۇرىشى قىلىۋاتىدۇ،بىز تېرىقتەك چېچېلىپ ھىچ ئىشنى قاملاشتۇرالماي يۇرىۋاتىمىز،مىللىەت روھىنى ئۇيغۇتۇش تەخىرسىز ئىشتۇر،بۇنى زىيالىلار ئوز پۇرچى دەپ بىلىشى بەرھەق.

UID
21257
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 02:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەڭلار ‹‹يوقالغان قۇرۇقلۇق مۇ››(ئاپتۇرۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمان)دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپ بېقىڭلار.ئۇ كىتاپتا ئۇيغۇر تارىخىنى 70000مىڭ يىل دەپ بىكىتكەن.ھەم بۇنىڭغا ئېنىق يازما ئىسپاتلار بارلىقىنى ئىپاتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.بۇ ئىسپاتلار ئاساسەن شىزاڭدىكى مەلۇم بىر بۇتخانىنىڭ ئاسىتىدىكى قەبرىستانلىقتا  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتۈپخىانىسى بايقىلىپتۇ،بۇنى ئارخلوگلار خىمىيىلىك تەكشۈرۈپ ئسپاتلاپتۇ.شۇڭا ئۈزۈمىزنى ئۇنداق كەم سۇندۇرمايلى. يۇنان تارىخشۇناسى پىتولومىنىڭ  ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پاكىتلار بار(مىلادىيە2-ئەسىر) شۇڭا تارىخقا ئالدىراپ يەكۈن چىقارمايلى.قىلغان گىپىمىزگە ئىسپاتىمىز بولسۇن.

UID
21257
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 02:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنەكىلىپ ساك.ئاريان دىگەن ئۇقۇملارمۇ مەۋھۈم ئقۇم ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش