تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 6674|ئىنكاس: 34

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 01:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى
ھاجى نۇرھاجى






قاراخانىلار سۇلالىسى مىلادىيە 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 13 - ئەسىرىگىچە قەدەر ھۆكۈم سۈرۈپ مىلادى 1222 -يىلى يىمىرىلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ھەرقايسى جايلاردا خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەل شۇنداق خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئاجىزلىشىپ يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەنىدى.


1. قارا قىتانلارنىڭ بېسىپ كىرىشى

خەنزۇچە تارىخ كىتابلاردا غەربىي «لياۋ» دەپ ئاتالغان قاراقىتانلار ( ئەسلىدە «قاراقىتان» بولۇپ بىز ئادەت بويىچە قارا خەنزۇ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ). موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخىدا كاراكىتاي دەپ ئېلىنغان. قارا قىتانلار مىلادىيە 1124 - يىللىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەندى. بۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا قاراقىتانلاردىن يوللىخ تاشىن دېگەن بىر ئاقسۆڭەك بىرقىسىم ئادەملەرنى باشلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەلدى. ئۇ ئاخىر بۇ رايونغا بېسىپ كىرىپ، بۇ جايدا (لىياۋ) خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى. بۇ خانلىق ئىسلام تارىخىدا قاراقىتانلار دەپ ئاتالدى. يەرلىك خەلقلەر قاراقىتانلارنىڭ خاقانى يوللىغ تاشىننىڭ ھۆرمەت نامىنى گورخان ( خانلارنىڭ خانى ياكى بۈيۈك خان دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتايتتى. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر.ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى خاتۇن شەھەرگە ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، يەنسەي ۋادىلىرىدىكى قىرغىز رايونىغا باردى. قىرغىزلار ئۇنى يەنسەي ۋادىسىدىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ بەشبالىققا كېلىپ ئورۇنلاشتى. يوللىغ تاشىن جىن سۇلالىسىدىن قىساس ئېلىش ۋە قاراقىتان خانلىقىنى قايتا قۇرۇش مەقسىتىدە بۇ جايدا كېڭەش قۇرۇلتاي ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، 40 مىڭدەك ئادەم توپلىدى. ئۇ غەربىي رايونغا ئىچكىرلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىمىل دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. كېيىنچە چۆچەك رايونىغا كېلىپ ھەركەتلەندى.ئۇنىڭدىن كېيىن قۇجۇ خانلىقى ( ئۇيغۇر ئىدىقۇت ) چېگرىسىغا قەدەر بېسىپ كىردى. جىن سۇلالىسى مىلادىيىنىڭ 1129 - يىلى يوللىغ تاشىننىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈل - كېسىل زەربە بەرمەكچى بولۇپ، غەربىي رايونغا قوشۇن ئەۋەتكەندە قاراقىتانلار بۆلۈنۈپ قېچىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراخانىيلار دائىرىسىدىكى يەتتە سۇغا يېقىن كەلگەندە، شىمالىي ئىلىك خان تاغ يوللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا يەر، سۇ كۆرسىتىپ بەردى ۋە مەلۇم دەرىجىدە خىزمەت ھەققى بەردى.ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت قارلۇق، قىپچاق، قانقېل قاتارلىقلارنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىدىكى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدى. قاراقىتانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەركىزى قەشقەر چېگرىسىغا بارغاندا، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ ھەيدىۋەتتى.


يەتتە سۇ ھاكىمى (تارىخىي كىتابلاردا قايسى ئىلىك خان ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان ) قاراقىتانلارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى زورلىغاندا قاراقىتانلار رەت قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ھېسابىغا ئىلىك خان تەرىپىدىن قويۇلغان ھەممە تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىپ، خانغا تولۇق بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ( ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنى مانى دىنىمۇ ياكى خىرىستىئان دىنىمۇ ھازىرچە ئىسپاتلاش قىيىن ). ئەمما قاراقىتانلار ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن چېگرا مۇداپىئەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچكى جەھەتتىن كۈچ توپلاپ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىنى پىلانلىدى.


مىلادىيە 1137 - يىلى قارلۇقلارنىڭ شىمالىي ئىلىك خانغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا قاراقىتانلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىمالىي ئىلىك خانغا قارشى پىتنە قوزغاپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئىبىن سۇلايماننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى مۇھەممەد قاراقىتانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، خوجەنتكە يېقىن جايدا مەغلۇب بولۇپ سەمەرقەندكە قاچقان. مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن مەھمۇد بىلەن قارلۇقلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشمەسلىك پەيدا بولۇپ، سەنجەرىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلدى. قارلۇقلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋۇجۇتقا كەلگەن يېڭى كۈچ قاراقىتانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان. (پىرىستاكنىڭ "قاراخانىيلار" ) شۇنداق قىلىپ سەمەرقەند ئەتراپىدىكى كاتىۋان بوز قىرىدا بۈيۈك سەلجۇقىيىلار بىلەن قاراقىتانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ سەنجەرلەر تەرەپدارى خۇراسانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاراقىتانلار پۈتۈن ماۋەرائۈننەھرنى ئىگىلەش ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ يەنسەي دەرياسىدىن تالاسقا قەدەر سوزۇلغان كەڭ رايوننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ قاراقىتانلار ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى.


قاراقىتانلارنىڭ خانى يوللىغ تاشىن زور كۆلەمدىكى ھەربىي قوشۇن بىلەن ئىسسىقكۆل ئارقىلىق قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەرنى بېسىۋالدى. ئارقىسىدىنلا يەكەن، خوتەن، كۇچار، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەرنى بويسۇندۇرۋالدى. قەشقەر قاراقىتانلار تەرىپىدىن تامامەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن قاراخانىيلار خانلىقى قاراقىتان ھاكىمىيىتىگە بېقىندى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قاراقىتانلار شەرققە قاراپ يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قوجۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىمۇ بويسۇندۇردى. 1441 - يىلى قاراقىتانلار غەربتىكى قاراخانىيلار خانى تامغاچ مەھمۇد خان ئۈستىگە ئەسكەر تارتىپ ئۆزكەنت، كاتان قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. تامغاچ مەھمۇد خان سەمەرقەندتتىن ھەربىي قوشۇن كەلتۈرۈپ قاراقىتانلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاجىز كېلىپ، سۈلھى تەلەپ قىلدى. يوللىغ تاشىن تامغاچ مەھمۇد خان ئىچكى جەھەتتىن مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىپ، مەلۇم مىقداردا باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قاراقىتانلارغا تەۋە بولدى.


مىلادىيە 1141 - يىلى 9 - ئايدا قاراقىتانلار غەربتىكى سۇلتان سەنجەر سەلجوقىي قاراقىتانلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر باشلاپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ سەمەرقەندتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. قاراقىتانلار بۇخارا بىلەن سەمەرقەند ئارىسىدىكى كاتىۋان چۆلىگە ئەسكەر توپلىدى. مىلادىيە 1141 - يىلى 10 - ئايدا سۇلتان سەنجەر سەلجوقىيلار بىلەن قاراقىتانلارنىڭ قوشۇنلىرى كاتىۋان چۆلىدە ئىنتايىن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سۇلتان سەنجەر سەلجوقىيلارنىڭ ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇز مىڭ ئادەم ھالاك بولدى. سۇلتان سەنجەر تىرمىزغا قاچتى. 1141 - يىلىنىڭ ئاخىرى قاراقىتانلار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، ئالىپ تېكىننى بۇخاراغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلىدى.


سۇلتان سەنجەر سەلچۇقيلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى خارەزم شاھى ئاتىسىز ئۈچۈن خۇددى قاراقىتانلارنى چاقىرىپ كەلگەندەك خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قاراقىتانلارنىڭ قوماندانى ئەزبەر خارەزمگە نۇرغۇن ھەربىي قوشۇن باشلاپ بېرىپ، خارەزم شاھىنى يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن خارەزم شاھى ئاتىسىزنىڭ مەملىكىتى ئۇزۇنغا بارماي قاراقىتانلارنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىندى. خارەزم شاھى قاراقىتانلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ھەر يىلى 30 مىڭ دىنار ( ئوتتۇز مىڭ تىللا ) ئالتۇن تۆلەش ۋە مەملىكىتىدە بىر ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلنى تۇرغۇزۇش شەرتى بىلەن قاراقىتانلارغا بېقىندى بولدى.


2. قاراقىتانلارنىڭ زۇلمى

قاراقىتانلار ئەسلىدىكى لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراقىتانلار ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇخارا، سەمەرقەندت، خارەزم ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى قەدىمكى لياۋ خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش سېستىمىسى بويىچە باشقۇردى. ئۇلار قاراقىتانلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر يۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.يەرلىك ئاھالىلەر ئۈستىدىكى سىياسىي زلۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. قاراقىتانلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلار ۋە رايونلارنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلدى.


بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىپ، يەرلىك ھككۈمدارلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. مەسىلەن، قاراقىتانلار قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا كەنجى باسقاق ناملىق ۋەكىلىنى تۇرغۇزدى. ئۇلار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق قىلدى.
مەلۇم مۇددەتتە باج - خىراج يىغقۇچى ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ باج - خىراج يىغدى.


ئۆز ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈمۈشتىن ياسالغان دەستەك بېرەتتى. بۇ دەستەكنى ئالغانلار ئۇنى دائىم يېنىدىن ئايرىمايتتى. بۇ دەستەك قاراقىتانلارغا تەۋە بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. قاراقىتانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ باسقاقلىرىنى ئەۋەتىپ، داۋاملىق ئېغىر ئالۋان - ياساقلارنى سېلىپ، خەلقنى دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە قىلدى. ھەر بىر ئائىلە باشلىقىنى بىر دىنار باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ باجدىن باشقا يەنە خىراج دەپ مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالاتتى. بۇ باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنى دەرھال جازالايتتى. قاراقىتانلارنىڭ چېرىكلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ خوتۇن - قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۇلارنى دەپسەندە قىلسىمۇ ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايتتى. مىلادىيىنىڭ 1143 - يىلى قاراقىتانلارنىڭ خانى يوللىغ تاشىن ئۆلدى. قاراقىتان خانلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى يوللىغ ئېلى كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا يوللىغ تاشىننىڭ خوتۇنى كوياك ياكى پوسوۋەن خان خان بولدى. بۇ خانلىق ۋاقتىنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق خاتىرلەنمىگەن. ئەمما، يوللىغ تاشىن ئۆلگەندىن كېيىن قاراقىتانلار ئىچىدە خانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، نەتىجىدە كوياك ئۆلتۈرۈلدى. مىلادىيە 1150 - يىلى قاراقىتانلار تەختىدە يوللىغ ئېلى ( شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى، موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخىدا «چورۇق» دەپ ئاتالغان ) ئۆلتۈرۈلدى. قاراقىتانلارغا قاراشلىق جايلارنى گورخاننىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىدارە قىلدى.


مىلادىيە 1156 - يىلى ئىبراھىم ئىبن ئەھمەد قاراخانىيلارنىڭ خانى قەشقەردە ۋاپات بولدى. شۇ يىلى ئىبراھىم ئىبن مۇھەممەد تابغاچ قاراخان قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى. ئۇمۇ قاراقىتانلارغا تەۋە بولۇپ، مەلۇم باج تۆلەپ تۇردى. مىلادىيىنىڭ 1156 - يىلى خارەزم شاھى ئاتىسىز ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىل ئارسلان خان تەختتە ئولتۇردى. مىلادىيىنىڭ 1157 - يىلى سۇلتان سەنجەر سالچوقىي ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 71 ياشتا ئىدى. سەنجەر سالچوقىي خانلىقىنىڭ نەسلىدىن غىياسىدىن مۇھەممەد ئىبن مەھمۇد ئىراقتا خان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەندتتە قاراخانىيلاردىن ئىبراھىم ئارسلان خاننىڭ ئوغلى تامغاچ مۇھەممەدنىڭ قاراقىتانلارغا بېقىندى ھاكىمىيىتى مەۋجۇت ئىدى. تامغاچ مۇھەممەد ئىئان ھاكىمىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارلۇقلار قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. تامغاچ مۇھەممەد ئىئان قارلۇقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تارىخشۇناس ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى بۇ ۋەقەلەرنى مىلادىيىنىڭ 1156 - يىلى بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.تامغاچ مۇھەممەد ئىبراھىم خاننىڭ ئورنىغا يۈسۈپ مۇھەممەد قاراخان بولدى. سەمەرقەندتتە تەختتە ئولتۇردى. يۈسۈپ ئىبن مۇھەممەد قاراخان تەختكە چىقىش بىلەن قارلۇقلارنىڭ قاراخانغا قارشى قوزغىغان ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن زور تەدبىر قوللىنىپ قارلۇقلارنىڭ رەئىسى قاراخان يانجۇنى ئۆلتۈردى. قارلۇقلارنىڭ ئىسيانى تىنچىتىلدى. قارلۇقلار ئىسيانى تىنچىتىلغاندىن كېيىن قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى جارەزم شاھى سۇلتان ئىل ئارسلان خان قېشىغا قېچىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىدى. خارەزم شاھى ئىل ئارسلان خان قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىيە 1158 - يىلى ماۋەرائۈننەھرگە يۈرۈش قىلدى.سەمەرقەندتتىكى قاراخانىيلار خانى تامغاچ ئىبن مۇھەممەد قاراقىتانلارنىڭ ئىئانى گورخاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قاراقىتانلار ئىلىك تۈركمەن قوماندانلىقىدا ئون مىڭ كىشلىك قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتتى. ئىئارەزم شاھى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ چېكىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىندى. خارەزم شاھى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىكى ئۈچۈن قاراقىتانلارغا ھەسسىلەپ باج تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا جالالىدىننىڭ ئوغلى قىلىچ خان مەسئۇد ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. خارەزم شاھى ئارسلان خان مىلادىيىنىڭ 1172 - يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك ئوغلى سۇلتان شاھ تەختكە چىقتى.بۇ چاغدا ئارسلان خاننىڭ چوڭ ئوغلى تەكەش خوجەنتنى ئىدارە قىلاتتى. خارەزم شاھ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن تەخت تالىشىپ قالدى. نەتىجىدە تەكەش سۇلتان شاھتىن ھاكىمىيەت تەختىنى تارتىۋالدى. ئۇ مىلادىيىنىڭ 1172 - يىلى خارەزم شاھى تەكەش تەختكە چىقىش بىلەن قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قاراقىتانلارنىڭ باسقاقىنى ئۆلتۈردى. قاراقىتانلار بۇ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇردى.مىلادىيە خارەزم شاھى تەكەش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇھەممەد شاھلىق تەختكە چىقتى. بۇ ۋاقتىدا سەمەرقەندتتە قاراخانىيلاردىن ئىبراھىم ئىبن ھۈسەين ئوغلى ئوسمان، سۇلتان ئۇنۋانى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەندتتىكى زۇلمى چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چەكسىز غەزەپ - نەپرەت پۈتۈن سەمەرقەندتنى قاپلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە جايلىرىدا قاراقىتانلارنىڭ زۇلمىغا قارشى ئوت ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداپ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن خوتەندە كۆتۈرۈلدى. قاراقىتانلار قارلۇقلارنىڭ باشلىقى ئارسلان خانغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. ئارسلان خان قاراقىتانلارغا قارشى بولغاچقا قاراقىتانلار مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىق ئارسلان خاننىڭ قارشىلىقىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بۇيرىماقچى بولدى. ئارسلان خان قاراقىتانلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە نائىلاج ھالدا خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىقلىڭىنى باستۇردى. لېكىن، كۈرەش يوشۇرۇن ھالدا داۋاملىق راۋاجلاندى.


مىلادىيىنىڭ 1204 - يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇب قىلىپ، ئۇنىڭ باشلىقى تايان خاننى ئۆلتۈردى. تايان خاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك شىنجاڭغا، يەنى قاراقىتانلارنىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ قېچىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتدا بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى خۇددى لاۋۇلداپ يانغان ئوتتەك ھەممە جايغا تۇتاشقانىدى. قاراقىتانلارنىڭ خانى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە كۈچلۈكنى دەرھال قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە كۈيوغۇل قىلدى. كۈچلۈك قاراقىتانلارنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇردى. مىلادىيىنىڭ 1205 - يىلى قەشقەردە قاراخانىيلار خانى يۈسۈپ ئىبن مۇھەممەد ۋاپات بولدى.ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەد ئىبن يۈسۈپ خان بولدى. قەشقەر خانى گەرچە قاراقىتانلارغا بېقىندى بولسىمۇ، ئەمما قاراقىتانلارغا قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىدى. قاراقىتانلارنىڭ خانى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىرىكلەشكەن ۋە لىڭشىپ قالغان ھاكىمىيىتىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، قاراخانىيلارنىڭ سەمەرقەندتتىكى ئىلىك خان سۇلتان ئوسمانغا كۈيوغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان ئوسمان خان قاراقىتان خانىنىڭ بۇ تەلىپىنى قاتتىق رەت قىلدى. قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەندتكە ئەۋەتكەن ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ قاراقىتانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.


سۇلتان ئوسمان خان قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن خارەزم شاھى مۇھەممەد بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ بىرلىشىش مەقسىتىدە مۇھەممەد شاھنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خارەزم شاھ مۇھەممەد سۇلتان خاننىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.


غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى سۇلتان ئوسمان قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خارەزم شاھى مۇھەممەدنىڭ ئانىسى تۈركان خاتۇن قاراخانىيلار ئەۋلادى ئىدى.خارەزم شاھ مۇھەممەد بىلەن سۇلتان ئوسمان قاراقىتانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، ئوتتۇرىدا قاراقىتانلارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلدى................ بۇ ئۇرۇشتا سۇلتان ئوسماننىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قاراقىتانلارنىڭ تانىكو باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ، نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. تانىكو قېچىپ قۇتۇلدى. ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن كۈچلۈك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىلادىيە 1211 - يىلى قاراقىتانلارنىڭ خان ئوردىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى. قاراقىتانلارنىڭ خانى چورۇقدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قاراقىتانلار ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيىتى مۇنقەرز بولدى. كۈچلۈك قاراقىتانلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇ داۋراڭ قىلىپ قاراقىتانلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى جايلارنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى.كۈچلۈك قاراقىتانلارنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن غەربىي قىسىم قاراخانىيلار خانى سۇلتان ئوسمان ۋە خارەزم شاھقا قاراتتى. ئۇ شۇ يىلى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا ماۋەرائۈننەھردىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەندتكە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، بۇ جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. كۈچلۈك قەشقەر ئەتراپىدىكى قارشىلىقنى باستۇرۇشقا دەل دېھقانچىلىقنىڭ ئۈزۈكچىلىك پەسلى ۋە ھوسۇل يېغىش ۋاقتىدا قوشۇن ئەۋەتىپ سۆرەلمە خاراكتېرلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى.بۇ جايلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئاشلىقنى قىسىش ئارقىلىق خەلقنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەشقەر رايونىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئۇيەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىپ يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇپ، بۇ رايونلارنى كزىگگ بويسۇند. ئۇ كۇچار، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆز ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالدى.


يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىپ يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇپ، بۇ رايونلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇ كۇچار، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆز ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالدى.


قاراقىتانلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ۋە بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتتىق ۋەيرانلىقققا ئۇچرىدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆزىگە كېرەكلىك كېيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئات - ئۇلاغلارنى خالىغانچە بۆلدى. بولۇپمۇ قەشقەر رايونى تېخىمۇ قاتتىق تالان - تاراج ئاستىدا قالدى.


كۈچلۈك ئەسلى نېستورى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. غەربىي دىيارغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇ قەشقەر رايونىدىكى، بولۇپمۇ خوتەندىكى مۇسۇلمانلارنى بۇددا دىنىغا كىرىشكە ياكى نېستۇرىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلاپ، بۇ دىنغا كىرىشنى خالىمىغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇردى. خوتەندە قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئىسلام تارىخى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى، تىببىي كىتابلارنى ئوقۇشنى قەتئىي مەنئىي قىلدى. ھەتتا مەدرىسە، ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتتى. خوتەندە ئۈچ مىڭدەك مۇسۇلمان دىنى ئۆلىمالارنى، داموللا ۋە ئالىم ئىماملارنى يىغىۋېلىپ ئۇلارنى دىن ئېتىقادنى ئۆزگەرتىشكە زورلىدى. خوتەننىڭ ئاتاقلىق دىنىي ئالىمى ھەزرىتى ئىمام ئەلائىدىن مۇھەممەت خوتەنىنى ۋە خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىدىن قايتىشقا، ۋەز - نەسىھەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇلۇغ ئىسلام ئالىمى ئەلائىدىن كۈچلۈكنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندا، كۈچلۈك ئۇنى ئۆزىنىڭ مەدرىسىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ، پۇت - قوللىرىنى مىخلاپ ئۆلتۈردى. ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى، ئالىم داموللىلارنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇل بىلەن ئوققا تۇتۇپ، قىرىپ تاشلىدى. خوتەندىكى ئىسلامىيەتنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرىنى، مىللىي مىراسلىرىنى ۋە ھەر خىل ئىلىم - پەنگە دائىر تارىخىي قەدىمكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.


3. چىڭگىزخاننىڭ ئىستېلاسى

13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل دالاسىدا چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى. چىڭگىزخاننىڭ ئاتىسى يەسىرگەينىڭ خوتۇنى "ئولۇن ئوجىن" (چىڭگىزىئاننىڭ ئاپىسى ئوجىن خانىم دېگەن مەنىدە ) ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى تېمۇرچىن ( تۆمۈرچى، تۆمۈردەك قاتتىق دېگەن مەنىدە) بولۇپ مىلادىيە 1161 - يىلى باش ئەتىيازنىڭ 16 - كۈنى كۈن قىزارغان بامدات مەزگىلىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلغان جايى ئونۇن دەرياسىنىڭ زەلمىگۇن بولداغ دېگەن جاي ئىدى.( زەلمىگون بولداغ يەر جاي نامى. زەلمىگون ‏-‏‏‏-سىيىرنىڭ يىلىنى، بولداغ -- ئىدىر -تۆپىلىك، دۆڭ دېگەن مەنىنى چۈشەندۈرىدۇ ) .چىڭگىزخان تەۋە بولغان ئۇرۇق، يەنى ئالتۇن ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ( بۇ ئۇرۇق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئاز بىر قىسىم مەسىلەن،قارا چىنلارنىڭ ئويراڭقاي ۋە شىنجاڭدىكى تۇرغۇتلارنىڭ كەرەي قاتارلىق ئۇرۇقلىرىدىن باشقا قالغانلىرى مۇشۇ ئالتۇن ئۇرۇققا تەۋە. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چىڭگىزخاننىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئەۋلادى. بۇ ئۇرۇق موڭغۇللارغا سەككىزگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ) دىن بولۇپ، ئۇ ئونۇن دەرياسىنىڭ بېشىدىكى بۇرھان خالدۇن تېغىغا كېلىپ ماكانلاشقان. كېيىن ئونۇن دەرياسى بىلەن لېگۇئەن دەرياسى ئوتتۇرىسىغا كۆچۈپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىسى بىلەن بىللە چۆللۈكنىڭ شىمالىدا يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەر بار. بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىن تاتارلار (شەرقىي بويۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان)، ئوڭغۇتلار (سەددىچىن ئەتراپىغا جايلاشقان)، توڭراتلار ( ئوڭغۇت ۋە تاتارلار ئوتتۇرىسىدىكى جايلارغا جايلاشقان)، كىرەيلەر ( ئۇرۇقنامى قاڭغاي تېغى بىلەن ھازىرقى خانگاي تاغلىرىنىڭ، يەنى موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان)، مەركىتلەر ( بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى سېلىنگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان)، نايمانلار ( قاڭغاي تېغى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان) قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئويراتلارمۇ بار ئىدى (ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ غەربى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى، ئالتاي رايونلىرىدىكى موڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ).بۇلار مانجۇر خانلىقى دەۋرلىرىدە ئويرات ياكى ئۆيرەت دەپ ئاتىلاتتى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايتتى. بەزىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن، بەزىلىرى ئوۋچىلىق بىلەن، بەزىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئوڭغۇتلار، توڭراتلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. شىنجاڭغا يېقىن قوشنا بولغان نايمانلار موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە مەدەنىيەتلىك قەبىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، سىياسىي تۈزۈم شەكلى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى ئاساسەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئوخشاپراق كېتەتتى.ئۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىدا بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىم، ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئىشلەيتتى. ھەتتا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتەتتى. نايمانلارنىڭ قاغانى تايانخاننىڭ ئوردا پۈتۈكچىسى ۋە دۆلەت ئۇستازى تاتاتوڭا ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئالىم كىشى ئىدى.نايمانلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلار خىرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلاتتى.


تېمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرۈشىگە يۈزلەندى. موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بۇ ئەينى دەۋردىكى بىرلىشىشى، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىستىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن ئىدى. شۇڭا، تېمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن مەركىت ۋە كىرەيلەرنى مەغلۇب قىلىپ، ئۆزىگە قاراتتى.باشقا موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تېمۇرچىننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ئارقا - ئارقىدىن تېمۇرچىنغا تەسلىم بولۇپ قوشۇلدى. مىلادىيە 1206 - يىلى ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، مەيدانغا توققۇز دانە چوڭ ئاق تۇغ (بايراق) قاداپ بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. تېمۇرچىن خانلىققا سايلىنىپ، "چىڭگىزخان" دېگەن ئۇنۋان بىلەن تەختتە ئولتۇردى.بۇ چاغدا موڭغۇل خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىنگان تاغلىرى، غەربتە ئالتاي تاغلىرى، شىمالدا سىبىرىيە تاغلىرىنىڭ جەنۇب شىمالىي گويى چۆللۈكى قاتارلىق زېمىنلارغا قارايتتى.چىڭگىزخان پۈتۈن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇ غەرب ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى. ئالدى بىلەن تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن جەبەنويان باشچىلىقىدىكى قوشۇننى تەشكىللەپ يۈرۈش قىلدى. بۇ يۈرۈشتە نايمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلدى. كۈچلۈك بولسا داۋاملىق قېچىپ غەربكە سۈرۈلدى.چىڭگىزخان زور قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلارنىڭ ئەدىبىنى بەردى. شۇ يىللىرى چىڭگىزخان يەنە ئىككى نەپەر ئەلچى ئەۋەتىپ يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ بېقىندى بولۇشىنى تەلەپ قىلغاندا، قىرغىزلارنىڭ باشلىقى ئىنال ۋە كەكەمچۇت رايونىنىڭ باشلىقى ۋە ئورۇس ئىنال قاتارلىقلار چىڭگىزخاننىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى.چىڭگىزخان بۇ قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن غەرب ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى.تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك قاراقىتانلارغا قېچىپ بېرىپ، 1211 - يىلى قاراقىتان خانى گورخاندىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالدى. ئۇ ئۆز كۈچىنى قايتا تەشكىللەپ قەشقەر، يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئارقا - ئارقىدىن بېسىۋېلىپ، قەشقەردىكى شەرقىي قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، بۇ جايلاردا ئۆزىنىڭ ئىستىبداتلىق ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. ھەتتا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاراقىتانلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى. قاراقىتان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قاراتقان سىياسىي زۇلۇمى ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپالاتاتسىيىسى ئېغىرلاشقانلىقتىن قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەكسىز غەزەب - نەپرىتىنى قوزغىدى. 1209 - يىلى قوجۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن قاراقىتانلارنىڭ قوجۇدا تۇرۇشلۇق باسقاقىنى ئۆلتۈردى. قوجۇ ئۇيغۇرلىرى قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئۈمىدىنى موڭغۇللارغا باغلىدى. مىلادىيە 1210 - يىلى چىڭگىزخان قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىش ئۈچۈن قوجۇغا ئەلچى ئەۋەتتى. شۇ چاغدا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا ئاتكىراق، دارى باي دېگەن ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىپ : " ئەگەر خان ئالىلىيلىرى ماقۇل كۆرسە ئالتۇن بەلۋاغلارنىڭ ئوقىسى، قىزىل تونلارنىڭ چۇجىسى بولاي. يەنى مېنى بەشىنچى ئوغۇللىرى قاتارىدا كۆرسىلە، خىزمەتلىرىگە جان تەسەددۇق ئېتەي " دەپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چىڭگىزخان قىزىنى تارتۇق قىلىدىغانلىقى ۋە بەشىنچى ئوغلۇم بولسۇن دەپ تەشەككۈر ئېيتىپ ئالدىغا ئەلچى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شادلىققا چۆمگەن ئىدىقۇت ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت، سەدەپ - مۇنچاق، شايى كىمخاپ، تاۋار - دۇردۇنلارنى ئېلىپ چىڭگىزخان ھوزۇرىغا كەلدى.چىڭگىزخان ئىدىقۇتقا ئىلتىپات قىلىپ، ئال ئالتۇن دېگەن قىزىنى بەردى. ( تەپسىلاتىنى "موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى" دېگەن كىتابتىن كۆرۈڭ. بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، مەزمۇنلىرى كەڭ دائىرىلىك،،، ) چىڭگىزخان قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلىغا بەشىنچى ئوغۇللۇق مەرتىۋىسىنى بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ بېقىندى بىر خانلىققا ئايلىنىپ قالدى. مىلادىيىنىڭ 1218 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبەنويان باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرى زور قوشۇن بولۇپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن كۈچلۈكنى يوقاتتى. كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ۋە خەلقلەر ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ كۈچلۈكنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى. كۈچلۈك قەشقەرنىڭ غەربىدىكى پامېر ئىگىزلىكىگە قاراپ قاچقاندا جەبەنوياننىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىدىكى ئىسمايىل سارىق قولغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا موڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. قەشقەردىكى قاراخانىيلار خانى يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارنىڭ تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقى قەشقەر رايونىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى.


موڭغۇللار مىلادىيىنىڭ 1219 - يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ مىلادىيىنىڭ 1222 - يىلى ماۋەرائۈننەھردىكى قاراخانىيلارنىڭ ئىلىك خانلىقى ۋە خارەزم شاھىنى بويسۇندۇردى. چىڭگىزىئان ماۋەرائۈننەھر ۋە قەشقەر رايونىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئۇ رايونلاردا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى تىكلەندى. قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى.


مەنبەسى: «قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

توردىكى مەنبەسى:ئوكيان قامۇسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9618
يازما
66
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
670
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 10:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى  يېزىلغان  ئەسەر  ئىكەن ، لېكىن  ئاپتور  ھازىرقى زاماندىكى مىللەت ئايرىش  ئۇقۇمى بىلەن  ئوتتۇرا  ئەسىردىكى  تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي  ئىختىلاپنى  ئىپادە  قىلغان  كۈرەشلەرنى  ئوخشىمىغان مىللەتلەر  ئارىسىدا يۈز  بەرگەن  توقۇنۇش  قاتارىدا بىر تەرەپ  قىلغاندەك .
  مەسىلەن  قىتانلار  ئەسلىلا  تۈركىي  قەۋمدىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقانىڭ  840- يىلىدىن كېيىنكى  كۆچۈشىدە 70% گە يېقىن ئۇيغۇر  قەبىلىلىرى  ئاھالىسى  كىدان تەرەپكە  ئۆتۈپ كەتكەن ، كىدان- قىتانلارنى ئانا  جەمەت  سوراپ  كەلگەن ، ئانا  جەمەت  شاۋ خانىش  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئوق  ئۇرۇغىدىن، ھەربىي  ئەسكىرىي  كۈچتىن  تارتىپ  ھاكىمىيەت  باسقۇرىدىغان  ئەمەلدار ئۆلىما  ئالىملار  ئورخۇن  ئۇيغۇر  خانلىرىنىڭ  ئەۋلادلىرى ، شۇڭا ئوتتۇرا  ئەسىردە ئوتتۇرا  ئاسىيادا  پەيدا  بولغان غەربىي  قىتانلارنىڭ  ئاساسلىق  گەۋدىسىنىڭ  80%ئى  بۇددىست  ئۇيغۇرلار  ، ئۇلار  ھاكىمىيەتنى  قولغا  ئالغاندىن  كېيىن ئىسلامنى قاتتىق  بېسىش  سىياسىتى  يۈرگۈزۈپ  مۇسۇلمان  تۈرك  قوۋمىنىڭ  نارازىلىغىنى  قوزغىغان . بۇلار  ئاساسى  جەھەتتىن  ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك  مەدىنىيىتى بىلەن  ئۆزارا  زىچ  مۇناسىۋەتلەردە  بولغان بۇددىست تۈركلەر -ئۇيغۇرلار .

   نايمان مەسىلىسىدىمۇ  مۇشۇ  ئەھۋال  مەۋجۇت ، نايمان موڭغۇلچە  سەككىز ، ئەمىلىيەتتە گەۋدىسى سەككىز ئوغۇز- سەككىز ئۇيغۇر  قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى، ئۇلار  شىمالدا  ئوڭغۇت - ئاق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن  بىرگە بىر قەدەر  مەدىنىيەتلىك  قەۋمدىن  بولغان ، نىستورىيان دىنىغا ئېتىقات  قىلىدىغان ئۇيغۇرلار  ، ئۇلار بۇددسىت  قىتان  تۈرك- ئۇيغۇرلىرى  بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمان تۈركلىرى  ئۈستىدىن  ئېلىپ  بارغان دەھشەتلىك  سىياسىتى ئەمىلىيەتتە تۈركىي  قەۋمنىڭ ئىچىدىكى  دىنىي زىددىيەت ۋە  سىياسى   زىددىيەت ، مېنىڭچە  بۇ مىللەتلەر ئارىسىدىكى  ھۆكۈمرانلىق  ھوقۇقى  كۈرىشى  ئەمەس .
      

UID
9462
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1396
تىزىملاتقان
2011-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 11:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىتان دىگەن زادى قايسى مىللەت ؟
نايمان دىگىنى ھازىرقى قازاقلارمىكىن .

UID
3390
يازما
26
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
806
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 11:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<مىلادىيىنىڭ 1204 - يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇب قىلىپ، ئۇنىڭ باشلىقى تايان خاننى ئۆلتۈردى. تايان خاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك شىنجاڭغا، يەنى قاراقىتانلارنىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ قېچىپ كەلدى>   
كۈچلۈك شنجاڭغا قېچىپ كەلدى دىگەن گەپنى قانداق چۈشەنگۈلۈك ئەمدى ! بۇ بىرجۈملە سۆز خاتا يېزىلىپ قالغانمۇ ياكى ئەسلى شۇ مەنىدىمۇ ؟
دىمەكچى نايمانلار ھازىرقى ئالتاينى مەركەز قىلىپ خانلىق قۇرغان تۇرسا ، ئالتايمۇ شىنجاڭغا تەۋە يەرتۇرسا ، بۇجۈملىدىن ئالتاي شىنجاڭغا تەۋە ئەمەس دىگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن ئادەم

ئەجدادىمىز كىم ؟ ئۇلار قانداق ياشىغان ؟ نۆۋەتتىكى بىز چۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت دۇنيان

UID
7973
يازما
98
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3069
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 01:39:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ خىلى مەزگىل زامان كۆكىدە ياشىغان، قەددىمىز كۆتۈرۈلگەن، بوشىشىپ قىلىشقا بولمايدۇ، ھەرقانداق مىللەتنىڭ چاقنايدىغان ۋە ئۆچىدىغان زامانى بولىدۇ.

UID
2536
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4094
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 14:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ماتىرياللىرىنى يازغاندا شۇ ماتىرياللارنى قانداق كىتاپلاردىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ قويۇشى زورۈردۇر .
رەخمەت يازمىڭىزغا ، ئاز بولسىمۇ تولۇق يىزىلسۇن .

مەرت سۆزىدىن يانماس ، يولۋاس ئىزىدىن .

UID
3667
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4739
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 23:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇردىن پادىشا بوپ باقماپتۇ .

UID
10033
يازما
142
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
4435
تىزىملاتقان
2011-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 14:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 9قەۋەتتىكىuguzhan76 يوللىغان 2011-03-18 23:14 غا قارتىلغان  :
مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇردىن پادىشا بوپ باقماپتۇ .

   نەزىرىڭىزدىكى ئۆلچەم بويىچە ئەگەر  سەئىدىيە خانلىرى ۋە بابۇر شاھلار  ئۇيغۇر  ھىساپلانمىسا قاراخانىلار  ئابايلا ئۇيغۇر  ھىساپلانماسكىغى  مۈمكىن  جۇمۇ  يۇقۇرىدىكى ئەپەندى ...

UID
3667
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4739
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 15:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە خانلىرى چاغاتاينىڭ كۆكۈن نەۋرىلىرىدىن بۇلۇپ ، شۇ چاغدا بىزنىڭ دىيارلارنى موغۇلىستان دەپ ئاتايتتى ، موغۇلىستان دېگىنى ھىس قىلىشىمچە موڭغۇلدىن ئۇيغۇرغا ئاسمىلاتسيە بۇلۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان موڭغۇللار ، ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان موڭغۇل نەسلىدىن بولغان ھۈكۈمرانلارنىڭ ئىمان ئېيتىپ ئويغۇر مەدىنيىتىنى خېلى كۆپ قوبۇل قىلغاندىن كىيىن موڭغۇلدىن ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈپ ئۈزىنى ئاتىشى ، بۇ يەر نامى ياكى مىللەت نامى بولماي سىياسىي نام ، بۇ مۇئەييەن تەبىقە خاراكتىرىنى ئالغان ، ھاكىميەت بېشىدا چاغاتاينىڭ ئەۋلاتلىرى تۇرغان ، يەنە دوغلات ، بارلاس ، جوراس دېگەندەك سىياسىيغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇردىغان موغۇل قەبىلە ، جەمەتلىرىمۇ بار ، مانا بۇلار چاغاتاي ئەۋلاتلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ئاقسۆڭەك بولغان ،يەرلىك ئۇيغۇرلار ئاۋام بولغان ، مەسلەن ؛ خانىشلارمۇ مۇشۇ ئاقسۆڭەك قەبىلىلىرىدىن بولغان ، خاننىڭ يەرلىكتىن ئالغان ئاياللىرى خانىش بولالمىغان ، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى قوبۇل قىلغان دىدىمغۇ ، ئوردىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرلار مۈلكىي ئەمەل تۇتقان ، مەن قېدىرخاننى بىلدىكەنمەن . سەئىدخاننىڭ بوۋىسى يۇنۇسخاندىن بۇرۇن ئەسكەرلەرمۇ موغۇللاردىن بۇلۇپ ، يۇنۇسخاندىن كىيىن يەرلىكتىن قۇشۇن تەشكىللەش يولغا قۇيۇلۇپ ، سەئىدخان دەۋرىدە يەرلىكلەر ھەربىي ئىشلاردا مۇھىم رول ئويناشقا باشلىغان دىيىلدىكەن . باربۇر ئەمىر تۆمۈر كوراگانىنىڭ نەچچىنچى ئەۋلاد نەۋرىلىرىدىن بۇلۇپ ، ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كۈيئۆغلى ، شۇ چاغدىكى چاغاتاي تىلىدا كوراگان خان كۈيئوغلى دىگەنلىك بۇلدىكەن ، بۇ كىشىنى بەزىلەر تۈرك دەيدىكەن ، مەن بىرەر ئېنىق مەلۇمات تاپالمىدىم ، بۇلار كىيىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ مۇغۇل دىگەن ناممۇ ئۆچتى ، ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ، قېنى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ، لىكىن شۇ چاغدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن ئۇلار ئۇيغۇر خانلىرى بۇلالمايدۇ ، گەرچە سەئىدخان ، ئابدۇرەشىدخانلار نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان بولسىمۇ ، خۇددى تاتار دىسە چۇڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرىم قوزغالسىمۇ ئۇيغۇرغا قارىغاندەكلا نەزەردە قارىساممۇ ئۇيغۇر بولمىغىنىدەك .
قارا خانىيلار ئەلۋەتتە ھەقىقىي ئۇيغۇر خانلىرى بۇلدۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئەڭ قەدىمدە ( ئاز دېگەندە 5000 يىللار ئىلگىرى ) تارىم بويلىرى ، تەڭرىتاغ ، ئالتاي ئەتراپلىرىدا دىېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ساك - ئارىئان قەبىلىلىرى بۇلۇپ ، بۇ دەۋردىكى تىپىك شەخس ئالپ ئەرتۇڭا ( پارسلار ئەپراسياپ دەپ ئاتىغان ) ۋە قىزى تۇمارس ، كىيىن ئالتاي تاغلىرىدا ياشايدىغانلىرى شەرققە كېڭىيىپ موڭغۇل يايلاقلىرىغا بېرىپ شەرقىي ئويغۇر قەبىلىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ، ئاندىن كۈچۈيۈپ مۇھىم ھەربىي سىياسىي كۈچكە ئايلانغان ، ھۇن ، تۈرك ئىمپىرىيىلىرىدە مۇھىم سىياسىي كۈچ بولغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ، كىيىن مۇنقەرز بولغاندا بىر قىسمى شەرققە كۆچكەن ، مۇشۇ شەرىققە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ياغما قەبىلىسى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ قارا خانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇ مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەنۋەر بايتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى ، ئىچكىرى خانلىقلارنىڭ قەدىمكى تارىخىنامىلىرىدىكى مەلۇمات ۋە ئۇيغۇرلارنى سۈپەتلەشلىرى ، توردا كۆرگەن ئوتتۇرا ئاسيانىڭ گىن قۇرۇلمىسى تارىخىي سېلىشتۇرمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقارغان چۈشەنچەم .

UID
10033
يازما
142
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
4435
تىزىملاتقان
2011-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 16:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۇرپان ئويمانلىغىنىڭ ياڭخېي دىگەن يېزىسىدىن بۇنىڭدىن 3-4000  يىللار بۇرۇنقى زامانغا ئائىت  ئوغۇزلارنىڭ قەبرىسى چىقتى ، جەسەتنىڭ  بەدەن قۇرۇلىشىدىن قارىغاندا بويى 2 مېتىرغا يېقىن ، چېچى  سېرىق، كۆزى يېشىل ياكى  كۆكمۇ ئەيتاۋۇر ، شامان باخشىلىق قىلىنىدىغان  قوراللىرىمۇ  بىللە  چىقىپتۇ ، بۇلار ئالتايدىكى ، سىبىرىيەدىكى نىمە  مىنونوۋسكىي ، پازېرىق دىگەن يەرلەردە مەدىنىيەت ياراتقان قەدىمى  ئوغۇز--ئۇيغۇر-ھۇن - تۈركلەر، بىزنىڭ   ئەجدادلىرىمىزدىن  ئىكەن ، يازدا ئالتايدا قوي  باقىدىكەن، قىشتا   مۇشۇ  تۇرپان  ئويمانلىغىدا قىشلايدىكەن ، قىزىق يېرى  مەن لۈكچۈن  دىگەن يەرلەرگە بارسام  شۇ  يەردىكى  ئۇيغۇرلار  ئىچىدىن 10 ياكى  20نىڭ  ئىچىدىن  بىرەرىنى كۆك كۆزلۈك  ئۇچرىتىپ  قالىمەن،  باشقىسى  ئاساسىي  جەھەتتىن  ئۇيغۇر ، يەنى  ھازىرقى  زاماندىكى  جۇغراپىيەۋىي ۋە ئىرقىي ، مەدىنىيىۋىي مەنىدىكى  ئۇيغۇر  ئۇقۇمى . دىيارىمىزنىڭ  كۇچار  دىگەن يېرىدىمۇ  شۇ ، نەچچى مىڭ  يىل  ئىلگىرى  يېشىل كۆز ياكى كۆككۆز  تۇخارلار ياشىغان زىمىن ، ھازىر  قېپقالغان تەركىپلىرى  بەك  ئاز ، دىيارىمىزدىكى يەكەن  ناھىيىسىگە  بۇرۇن  نۇرغۇن  ئافغان - پۇشتىلار ، ئابداللار ، موڭغۇللار ئورۇنلاشقان ، نىسبەتلەشتۈرسەك  ھەتتا نەزىرىڭىزدىكى ئۇيغۇردىن  ھەسسىلەپ  ئېشىپ  كېتىشى  مۈمكىن،  لېكىن  شۇلارمۇ  ئۆزلىرىنى  بۈگۈنكى  كۈندە ئاللاھنىڭ  بەندىسى  ئۇيغۇر  دەپ  يۈرۈپتۇ .
  ئاقسۇ دىگەندەك  يەرلەردە پالانى مانجۇ ، پۇستانى   قالماق لەقەملىك جەمەتلەر مەۋجۇت ، ھازىر  ئەگەر  ئەۋلادلىرىنى سەن  مانجۇر ياكى قالماق ئىكەنسەن  دىسىڭىز  سىزگە ئۆڭىدۇ مۇقەررەر ، مىللەت  نۇقتىسىدىن  ئەمەس  ئەلبەتتە  مۇسۇلمانچىلىق-ئېتىقات  نۇقتىسىدىن ئۇلار  ئۆزلىرىنى  ئۇيغۇر  دىيىشكە  قوشۇلىدۇ .
  مەشھۇر  تىلشۇناس  مەخمۇت  قەشقىرى " تۈركىي تىللار دىۋانىي"  دىگەن ئېنېستىكىلوپىدىك كىتاۋىدا شۇنچە  مىللەت- قەبىلىلەرنى زىر- زەۋەرگىچە  ساناپ  تەسۋىرلىگەنيۇ قاراخانىلارنى  ئۇيغۇر نەسىللىك  دەيدىغان  بىرمۇ كەلىمە  گەپ يوق ، شۇڭا ئاتالمىش "مىللەت" دىگەن ئۇقۇمغا   نىسبەتەن  چۈشەنچىڭىزنى چوڭقۇرراق  تەكشۈرۈپ  باقسىڭىز  دىگەن ئۈمىتتە ، كوچىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى ۋە  ئىرقىي  ئالاھىدىلىگىنى  نەزىرىڭىزگە ئېلىڭ ، بۇرۇنقى  يوقىلاڭ ساك- ئارىيان  دىگەن مەۋھۈم  ئۇقۇملار  تۇرۇپ تۇرسۇن ...  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش