--ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۇ.
--بۇ دۇنيادا قېرىنداشلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە ــــ كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
بۇ مەلۇم بىرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپەۋىي ئەقلىيە سۆزلەر ئىكەن.
مۇشۇ شەيئىلەر ، مەسىلەن كۆڭۈل پاكلىقى ، سەمىمىيەت ، ئەقىدە ...لەر ھازىرقى ھەقىقەت - بىر ئىلاھقا كونكىرت ئىشىنىشتىن كېلىدۇ ، كونكىرت ، ھەم تىلدا ، ھەم دىلدا ، ھەم ئىش- ھەركەتتە ، ئەگەر قەلبىمىزدە مۇشۇلار بولمايدىكەن ۋاقتانى ۋاقتىغا كەلگەندە مىللەت سۆيگۈسىغۇ تۇرسۇن ، خوشنىدارچىلىق ، مەھەللە ئارا، ھەتتا بىر قۇرساقتىن چۈشكەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتمۇ ئېغىر كىرىزىسقا ئۇچرىشى مۈمكىن ، لېكىن بىز مۇشۇ بىر ئىلاھلىق ئېتىقاتنى قىممەت قارىشىمىز، دۇنيا قارىشىمىز قىلساق ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلەردىن بولىمىز ، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز ، دوستى دوستىمىز دىگەندەك، مىللەت سۆيۈگى دىگەنگىغۇ تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ، مەسىلەن ئىككى قېرىنداش مىللەت بىر ناخشىنى تالىشىپ قان- يامغۇر تىللاشقانغا قارىغاندا ئىككى قېرىنداش مىللەت كىشىسى ئىككى رەكەت نامازدىن كېيىن مېھرىبانلىق بىلەن سالاملىشىشى ئىنسان تەبىئىتىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ .
ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىر ئىلاھلىق نىستورىيان ياكى مانىي ياكىي باشقا ، مۇشرىكچىلىقتىكى شامان ، بۇددا بولسۇن ھەممىسى بۇزۇلغان ئەقىدىلەر ، كېيىنرەك بىزگە ھەقىقەت چۈشتى ، كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ بار .
ماۋۇ ئىنكاس " مۇستاپا كامال " تېمىسىغا كېتىپ قېلىۋاتامدۇ ، ئۇ تېمىدا نىمىلەرنى دىگەن بولغىيتتىڭىز ، دىمىسىمۇ ئىنكاسلىرىڭىز ماڭا زىتلا تۇيغۇ بېرىدىغۇ ئوغۇز ئەپەندى...
