- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1000
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
 
- UID
- 2533
- يازما
- 1000
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- توردا
- 426 سائەت
|
نېمانداق ئىللىق چىرايلار-ھە...
رەيھان ئاپاشقا قاراپ مېنىڭمۇ يىغلىغۇم كەلدى. دەستە-دەستە تۇتۇلغان گۈللەر، كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم، قاتناشقان ھەربىر مېھىرلىك ئاتا-ئانا، سورۇن كەيپىياتى... قاتارلىقلارغا قاراپ، ئانىلىرىمىز باشلىغان بۇ ساخاۋەتلىك يولنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن قانچىلىك ئالقىشقا ئېرىشكىنىنى ھېس قىلدىم. تېخى كىچىكلا بىر چاغلىرىمدا مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ باشلانغانلىقىنى تېلىۋىزوردىن سۇس ئاڭلىغاندەك ئېسىمدە قالغانىدى، مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپتۇ. رەيھان ئاپاشنىڭ سۆزىدىن شۇ 10 يىللىق مۇساپىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم...
ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىم ‹ ئەلكۈيىنى چىن دىلىمدىن ياقتۇرىمەن › دېدى، راستىنى دېسەم بەك خۇش بولدۇم بۇ گەپتىن. شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ رىياسەتچى بولغىنىنى تامامەن قوللايمەن. قارىسام مۇنىرە غوپۇرمۇ باركەن، مۇبادا ئۈرۈمچىدە بولۇپ مۇشۇ پائالىيەتكە قاتنىشالىغان بولسام، مۇنىرە ھەدەم بىلەن رەسىمگە چۈشىۋالاتتىم. «ئاينۇر گۈلچىلىكى» گە ۋاكالىتەن سۆزلىگەن قىز شۇنداق سالماق، يېقىملىق سۆزلەيدىكەن. ئاندىن رەيھان ئاپاشنىڭ ئۇستازىنى ئەلكۈيى رىياسەتچىسى زىيارەت سۆزىگە تەكلىپ قىلغاندا، ئەسلىدە «ئۆزلىرى» ياكى «سىلى» سۆزىنى ئىشلەتكەن بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولاتتى دەپ قالدىم، «سىز» دېسە ھەجەپ تۇرىدىكەن...
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم.ئىشىنىمەنكى، بۇ پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات قىممىتى چوقۇم يوقىرى بولىدۇ. مۇھەببەت يولىدا بارلىقىنى ئاتاپ، مېھىر-شەپقەت ئۇرۇقىنى يۇرتىمىز باغلىرىدا تېرىۋاتقان بارلىق ئانىلىرىمىز ھەم ئاتىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. خۇددى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ئېيتقاندەك، بىزنىڭ بەختىمىزگە ئۇلار ساق-سالامەت، ئۇزۇن ياشاپ بەرسۇن. يېققىن كەلگۈسىدە بىزلەرمۇ مۇشۇ سەپكە قاتنىشىمىز چوقۇم، ئىنشائاللاھ. |
|