- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-27
- UID
- 47539
- يازما
- 4
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2013-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-27
- توردا
- 1 سائەت
|
رەيھان ئاپا ياخشىمۇ سىز ؟ بۇگۇن سىزنى ئاخىرى تاپتىم، بەلكىم سىز مىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالدىڭز، مەن لالە ئاشۇ بىچارە يوخسۇل يىتىم قىز لالە بۇلمەن ، بىر موچەنگە زار بۇلۇپ مەدىكالىق كۇچىسىدا تەمتىرەپ يۇرگەن ئاشۇ لالە. قولۇمدىن تۇتۇپ يېڭى ھاياتلىق كۆۋرىكىگە ئاپرىپ قويدىڭزيۇ ئۈزىڭز يەنە كىملەرگىدۇر مەرھەممەتلىك قۇلڭزنى سۇنۇش ئۈچۈن كىتىپ قالدىڭز...
ئىسىڭزگە كەلدىمۇ قوللىرى داكىدا تېڭلغان چەينەكنى كۈتۈرگەىدەك ھالى يوق ئەمما مېھمانلارغا ئاجىز قوللىرى بىلەن چاي قۇيۋاتقان كىچىككىنە قىزنىڭ بىچارە تۇرقىدىن ئىچىڭز سىرىلمىگەنمىدى ؟ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك مائاشىم يوق بۇلدۇ دىگىنگە قارماي ئۇنى دوختۇرغا ئىلىپ بارمىغانمىدڭز؟ مىنى مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئاپىرىپ قىويغان چېغىڭىزدا مەن ئاران ئۈزۈمنىڭ ئىسمىنىلا يازالايتىم ،لىكىن ھازىر مەن يۈرەكنى لەرزىگە سالالايدىغان گۈزەل لېرىكىلارنى يازالايدىغان بولدۇم.
سىزنى سېغىندىم ، ھەر- بىر يىقىلغاندا سىز ماڭا ئىلھام بولدىڭز ، گەرچە سىز مەندىن ئىنتايىن يىراقتا بولسىڭزمۇ مەن بۈگۈنگىچە ئۈزۈمنى يىتىم ھېس قىلىپ باقمىدىم.
ئاز ئەمەس ئۆتكەن ھاياتتا ياش تۇرۇپ كۆرگەنلىرىم
بولمىدى دەرىت-ئەلەمدىن شادلىنىپ كۈلگەنلىرىم
كىمگە قىلسام ياخشىلقنى ياندۇرۇپ سالدى جاپا
يۈرەكنى لەختە قان قىلدى جان-جىگەر سۆيگەنلىرىم
لالە
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-18 02:09):
سىز ۋە ئائىلىڭزگە سالامەتلىك تىلەيمەن |
|