كۆرۈش: 102130|ئىنكاس: 95

«مېھرىبان ئانىلار» ئەلكۈيى ئىكرانىدا زىيا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
164
تېما
118
نادىر
11
جۇغلانما
5388
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-28
توردا
1743 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 23:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى ۋە مۆھتىرەم ئابۇنتچىلىرى، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت، ئامەت شۇنداقلا توردىكى ھەر بىر كۈنۈڭلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

بۈگۈنكىدەك خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ بايرام تەنتەنىسى قىلىۋاتقان قۇتلۇق كۈندە بىز كەڭ تورداشلار بىلەن «مېھرىبان ئانىلار» بىلەن بولغان زىيارىتىمىز ئارقىلىق يۈز كۈرۈشمەكچى بۇلىۋاتىمىز.

2011-يىلى 1-مارت چۈشتىن بۇرۇن،ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيتى<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئوقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى ئۈرۈمچى ئەتتىرگۈل رىستۇرانىدا داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى تورىمىز <<ئەلكۈيى ئىكرانى>>ئارقىلىق <<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئۇقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى جەريانىدا ئېلىپ باققان ئەلكۈيى زىيارىتىدىن كۆرىۋېلىشىڭلارنى سورايمىز.


<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئوقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى ئەلكۈيى زىيارىتى


پائالىيەتكە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماينۇر قاسىم ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رىشىت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىسى ھۇشۇر ئىسلام ..قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە يازغۇچى ، شائىر ، تەتقىقاتچىلار ... ئۈرۈمچى خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپى ، ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللېكتىپى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،شىنجاڭ گېزىتى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى،ئەلكۈيى تورى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەكىل - مۇخبىرلىرى قاتنىشىپ پائالىيەت ناھايتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.



ئۈرۈمچى خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى رەيھان قاسىم ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللىكتېپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆزى قىلماقتا


مېھىر–مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى چەكسىز . ئۇ ، ئىرق ، مىللەت ، دىن ، دۆلەت ، رايون ، ياش ۋە جىنسىي پەرقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ . ئەمما ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسى چەكلىك بولىدۇ. <<مېھرىبان ئانىلار>>ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ۋە ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن 10 يىل مابەينىدىكى تەسىرلىك ئىش–ئىزلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ. جەمئىيىتىمىزدە ئۆز ئارا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە ئالاھىدە تۈرتكە بولدى.


  


مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماينۇر قاسىم سۆز قىلماقتا




پائالىيەت مەيدانىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر جىددىي يوللىنىۋاتىدۇ


ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەر


<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىللە



كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ھۇشۇر ئىسلام ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا


ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار  ھۇشۇر ئىسلام بىلەن بىرگە


شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى مۇنىرە غۇپۇر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا



دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس،جۇڭگو ئۇسۇلچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلنار ئابدۇللا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا



  

ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى،<<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى >>گېزىتى ئىدارىسى ئېلان پائالىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى  ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا





ئەلكۈيى تورىدىكىلەر  ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ھۇشۇر ئىسلام بىلەن بىللە



سۈرەتلەرنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى ئىز رەسىمگە تارتىش ئورنىدىن جاپپارجان تارتقان.
تېلىفۇن نۇمۇرى:   8995787-0991


كامالىي ئىھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 08-كۈنى

UID
2091
يازما
1582
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50537
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-6
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 08:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىبان ئانىلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى كەڭ تورداشلارغا يوللاپ تېخىمۇ كۆپلەپ مۇشۇنداق ئانىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئۈمىدۋار ئەپەندىم .

باھا سۆز

yamgur1  ھۇرمەتلىك مۇھاممەدجان ياخشىمۇ سىز؟ماڭا ياردەم كىلسىڭىز،ھۇشۇر ئىسلام بىل  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 12:50:47
ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
6054
يازما
326
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7440
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 09:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتىمۇ ئەھمىيەتلىك پالىيەت بوپتۇ  باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىككىىلا  ئالەمدە ياخشى

كۆيۈمچان ئەزا

ئىشىكنى قايتا-قا

UID
3809
يازما
197
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6588
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-4
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ نۇرانە چىھرىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم! ئىچ باغرىم تولىمۇ ئىللىق بولۇپ كەتتى!

UID
8105
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 13:31:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئۈمىتۋار ئەپەندىم.مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنى بىزنىڭ كۆرىشىمىزگە يوللاپسىز.سىزدىن پەخىرلىنمىز.سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
255
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 15:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يىغىلىشلار نى ئەل كۈيى تورى بىز تورداشلا بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرگەنلىگگە كۆپ رەخمەت ..ئەلكۈيى توردىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا كۆپ تەشەككۈر.
ئەلكۈيى تورىنىڭ مىھرىبان ئانىلانىڭ 10-يىللىق خاتىرلەش پائالىيىتىنى كۈرۈپ شۇنداق ھاياجانلاندىم ، ھەم شۇنداق خوش بولدۇم ، مىھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىغىنى ،ھەر بىر كۈيۈمچان مىھرىبان ئانىلانىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىشىنى ،چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن .

UID
1996
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1206
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 15:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ئانىلارنىڭ  تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن! 4 يىل بۇرۇنقى  رەيھان ئانا بىلەن كۆرۈشكەن چاغلار ھەم شۇ چاغدىكى پائالىيەتلەرنى،دوستلارنى،تورداشلارنى ئەسلەپ قالدىم....

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1448
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43182
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-27
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 15:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىبان ئانىلارنىڭ كوللڭكتپىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنىڭ 10يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۇزۇلگەن بۇ پائالىيەتتە ،ئەلكۇيى تورىنىڭ زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىزگە بىلدۇرگەنگە كۆپ رەخمەت ،،،،،بارلىق جاپاكەش ئانىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئۆمرىگە زىيادىلىك تىلەيمەن ،،،،،،،
يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
203
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
4464
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-9
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 16:30:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئانلارنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى يۇلدا قىلغان ئەجىرلىرى يەنمۇ كۆ ككە يەتسۇن ، بۇ تىمنى بىزنىڭ كۆ رۇشمىزگە سۇنغان ئەل كۇيى مۇنبىردىكلەرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر .مۇشۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلار كۆ پلەپ چىقسا ، ھەممە ئادەمدە ساخاۋەتلىك ئانلارغا ئوخشاش روھ بولسا جەمئىيەت نىمە دىگەن ئىللىق بولغان بۇلاتتى ھە!
ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

UID
2016
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1163
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2014-12-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 17:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەر بىلەن بىزنى خەۋەرلەندۈرگەن ئەلكۈيى تورىغا رەخمەت!!!!!
مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، تېنى سالامەت بولغاي!!!!
ھالال ياشاۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساڭ، ھايات لەززەتلىك تۇيىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش