ئىگىسى: tunji

نەسىردىن رابغۇزى يازغان قىسەسۇل ئەنبىيا توغىرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
160
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
5750
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 13:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى زاماندىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر ھەم دىنى ھەم ئەدەبىي ھىسابلىنىدۇ، چۇنكى ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىيات دىن بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، بۇنى ياۋرۇپانىڭ ئەدەبىياتىدىمۇ ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ، ياۋرۇپا تارىخىدىكى داڭلىق رەسساملارمۇ ئاساسلىق دىنى ۋەقەلەرنى رەسىمنىڭ ئۇبىكتى قىلغان.

قىسسەسۇل ئەنبىياغا كەلسەك، مەنچە ئۇ دىنى ھىكايىلەرنى ئەدەبىي يول بىلەن خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان شۇڭا، بەزى جايلىرى مۇبالىغە بۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما تۇغرا مۇئامىلە قىلش كېرەك. شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھىكايىلەر ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشلەر قۇرئاندىكى پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىنى تىخمۇ ئاسان چۈشىنەلەيدۇ، بۇ بىزنىڭ غەرىپنىڭ بۇلۇپمۇ يۇنان رىۋايەتلىرىنى ئاڭلاپ مەستانە بۇلۇپ يۈرگىنىمىزدىن كۆپ ياخشى. بۇ كىتاپ ئارقىلق بىز كۆپ ئەمەس ئاز ساندا شۇ زاماندىكى كىشلىرىمىزنىڭ دىنى، كىشلىك تۇرمۇش قاراشلىرىنى ھىس قىلالايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يىراق قەدىمقى زامانغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى تارىخى قىسسەلەرنىڭ خەلقىمىزگە تۇنۇشتۇرلۇشى بۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭا مەن رابغوزىنى تارىخى بىلىملەرگىمۇ قىزىقىدىغان ئادەم دەپ قارىدىم.

UID
9836
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 13:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىسسەنىڭ باش تەرىپىدەمەسىلە بار مەسىلەن (اللە بىرنۇر ياراتتى ئۇ نۇرنى قۇيدىغان يە تاپالماي تۇرىتى غايىپتىن ئاۋاز كەلدى مەن ساقلايمەن دىدى،)اللە ئۇقمايدىغان غەيىپ يوقتۇر، بۇاللە نىڭ سۇپەتلىرىگە زىت قېرىنداشلار،اللە بىر ئىش قىلىپ قانداق قىلارمەن دەپ تۇرىدىغان زات ئەمەس بۇكىتاپتىكى توھمەت دەسلىۋىدە اللە قا يازغۇچى كىم بولسۇن نىمە بولسۇن بۇكىتاپتىكى خاتالىق ئېنىق قايسى ئەسلى نۇسقىسى  قايسى ئوزگەرگەن نۇسقىسى دەپ   يازغۇچىنىمۇ ئاخلىمايمىز چۇنكى ئىسلام ئالىملىرى توت كىتاپتىن پايدىلىنىپ كىتاپ يازمايدۇ  چۇنكى قۇرئاندىن باشقا ساماۋى كىتاپلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوزگەرتىلگەن شۇڭا كىتاپ كورگەندە قېرىنداشلارنىڭ توغرا تەپەككۇر قىلىپ كىتىاپ كۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

UID
9462
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1399
تىزىملاتقان
2011-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 15:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلىساڭلارلا بولمىدىمۇ .
نىمە قىلسىلەر كىتاپنى خاتا دەپ ، بۇكىتاپتا مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن قىسسە ۋە ئايەتلەر بار .

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2222
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 18:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممە ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى مەعپىرەت قىلسۇن!ئىنسان دىگەن ئازعاق نەرسە ئىكەنمىز .شۇڭا ھازىر چىقىۋاتقان كىتاپلار كۆپ بولعانلىقتىن، ئاۋال قۇرانعا ئاندىن ھەدىسكە ئءسىلىشىمىز كءرەك .ئىنساننىڭ ئۇ دۇنيالىقىنىڭ قانداق بولىشىنى ئاللاھ ئۆزى بىلگۇچى بىر كەلسە كەلمەس باشقا ئادەملەرنىڭ قىلعان ئىشلىرىعا قاراپ سەن دوزىحى سەن جەننىتى دىيىشكە بولمايدۇ،چۇنكى ھۇكۇم بىرلا ئاللاھقا حاس.

ياخشىلارنى ھورمەتلەپ يامانلاردىن نەپرەتلىنىش

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2222
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 18:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇكۇم بىرلا ئاللاھقا خاس بىز ھەرەىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقى توغرىسىدا ھۇكۇم چىقارماسلىقىمىز كېرەك.ئاللھ ھەممىمىزنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدا ئىزدەنگەن ئىزدىنىشىمىز ئۈچۈن ئەجىر ئاتا قىلغاي!

ياخشىلارنى ھورمەتلەپ يامانلاردىن نەپرەتلىنىش

UID
2104
يازما
119
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3759
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 18:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 17 قەۋەتتىكى   (jassur2) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

بايقىغانلىرىم  ئوزەمنىڭ  شەخسى  كوز  قارىشى  ،  چۇنكى  دىندا  پەقەت  قۇرئان ۋە ئىشەنچىلىك  ھەدىسكىلا  ئاساسلىنىمىز  .
  قۇرئان  ۋە  ئىشەنچىلىك  ھەدىسكە  ئويغۇن  بولمىسا  ئۇنى  قانچىلىك  داڭلىق  ئۆلىما  يازغان  بولسىمۇ  ئېتراپ قىلمايمىز  ھەم  ئېتراپ  قىلماسلىقىمىز  كېرەك .

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
193
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6224
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 00:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئۇ ئەسەر دىنى ئىدىيە بىلەن يېزىلغان بىلەن رومانغا ئوخشاش رابغۇزىنىڭ ئىجادىيىتى .قۇرئان ،ھەدىسلەرگە ئاساس قىلغان بولسىمۇ يەنە رىۋايەتلەرمۇ بار شۇڭا پۈتۈنلەي دىنى ئەسەر دېگىلىمۇ بولمايدۇ .
2.بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىلاردىن چىققان تۇرسا شۇلارنىڭ رىۋايىتىدىن ئالماي  نەدىن ئالسا بولاتتى .
3.ھەرقانداق ئەسەردە نۇقسان بولىدۇ يۇقارقى ئەسەردىمۇ شۇنداق ئەمما بۇ ئۇ ئەسەرنىڭ تارىخى مۇۋەپپىقىيىتىنى ئىنكار قىلالمايدۇ .

UID
2042
يازما
157
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
5587
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 01:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم 371بەتتە ئۇنداق سۆزلەرنى ئۇچىراتمىدىمغۇ............؟؟؟؟؟ئ

ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ياشاش قىيىلاشتى.

ئۈمىدلىك ئەزا

پىچاق سۇندى!

UID
10898
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 01:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 15قەۋەتتىكىparyat يوللىغان 2011-03-01 12:36 غا قارتىلغان  :
قىىسەسۇل ئەنبىيا يەنە بىر ئىسمى قىسسەسۇل رابغۇزى-دۇنيادىكى تۇنجى رومان دەپ ئېتىراپ قىلنىغان مەشھۇر ئەسەر،ئاساسى مەقسىدى-ئىسلام دىنىدىكى پەيغەمبەرلەر قىسىسىلىرىنى ئويغۇر ئاممىسىغا تۇنۇشتۇرۇش،گۈزەل بايانلار ئارقىلىق پەيغەمبەرلەر ئىش-پائالىيىتى مۇھەببىتى قاتارلىقلارنى ئادىملەشتۈرۈش،غايىۋى ئەنبىيالار بىلەن ئاۋام خەلىق ئوتتۇرسىدىكى مەۋھۇم ھاڭنى كىچىكلىتىش مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىلاھىيەت بىلەن ئادىمىلىكىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئىدى، ئەمما دىنى بىلىملەرنى ئۆزنىڭ شەخسى مۈلىكى دەپ قارايدىغان ئاۋامنىڭ شەكلى جەھەتتىن ئەمەس روھىيەت جەھەتتە ئاللاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىنى خالىمايدىغان،ئاۋامنى چۈشىنىكسىز ،غايىۋى قورقۇنۇشلار ئارقىلىق بىر خىل ۋەھىمەبىلەن جان بېقىشنى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم دىندارلار كاپىرغا چىقارغان......
رابغۇزى ئەرەپ  ئەمەس ئويغۇر ئىدى،خۇددى ئىسلام دىنى ئەرەپلەرنىڭلا دىنى ئەمەس بولغىنىدەك..............تەپەككۇر ھوقۇقى ئىنسانلارغلا ئاتا قىلىنغان ئىمتىياز ئىدى،ئەمما دىننى قالقان قىلىۋالغان دىندىن مەقسەتلىك پايدىلىنىدىغان بىر قىسىم ئىنسانلارغا رابغۇزىنىڭ ياقمىغان يېرى شۇ......
بۇ كىتابنى دۇنيادىكى تۇنجى رومان ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى رومان دېسەك بولىدۇ. بەزى تورداشلار دېگەندەك بۇ كىتابنى پەقەت ئەدەبىي كىتاب شەكىلدە تەنقىدى يۇسۇندا ئوقۇسا بولىدۇ. (بۇنداق دېگىنىم ھەرگىزمۇ بۇ كىتابنى نوپۇزىنى يەرگە ئۇرغانلىق ئەمەس چۈنكى ئاددىيسى بۇ كىتابنىڭ 20-30 يىلدىن بۇيان بىزلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ). مەن ھېچ بولمىسا بۇ كىتابنى ياش - ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
ئاخىردا دەيدىغىنىم، بۇ كىتاب نەچچە يىلىدىن بۇيان قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز ھەرخىل بېسىلىپ كەلدى. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي مەزمۇنى قانداق؟ تارىختا ئۆتكەن شەرىئەت پىشىۋالىرى بۇ كىتابقا قانداق باھا بەرگەن؟ بۇ توغۇرلۇق ئىشەنچىلىك ماتىرىيال بولمىغان ئەھۋالدا  نەسىرىدىن رابغۇزى توغرىسىدا ئالدىراپ كېسىم چىقىرىش مەنچە توغرا ئەمەس.

UID
2042
يازما
157
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
5587
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 01:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 21قەۋەتتىكىkurex114 يوللىغان 2011-03-02 13:48 غا قارتىلغان  :
بۇ قىسسەنىڭ باش تەرىپىدەمەسىلە بار مەسىلەن (اللە بىرنۇر ياراتتى ئۇ نۇرنى قۇيدىغان يە تاپالماي تۇرىتى غايىپتىن ئاۋاز كەلدى مەن ساقلايمەن دىدى،)اللە ئۇقمايدىغان غەيىپ يوقتۇر، بۇاللە نىڭ سۇپەتلىرىگە زىت قېرىنداشلار،اللە بىر ئىش قىلىپ قانداق قىلارمەن دەپ تۇرىدىغان زات ئەمەس بۇكىتاپتىكى توھمەت دەسلىۋىدە اللە قا يازغۇچى كىم بولسۇن نىمە بولسۇن بۇكىتاپتىكى خاتالىق ئېنىق قايسى ئەسلى نۇسقىسى  قايسى ئوزگەرگەن نۇسقىسى دەپ   يازغۇچىنىمۇ ئاخلىمايمىز چۇنكى ئىسلام ئالىملىرى توت كىتاپتىن پايدىلىنىپ كىتاپ يازمايدۇ  چۇنكى قۇرئاندىن باشقا ساماۋى كىتاپلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوزگەرتىلگەن شۇڭا كىتاپ كورگەندە قېرىنداشلارنىڭ توغرا تەپەككۇر قىلىپ كىتىاپ كۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

دوستۇم خاتا كۇرۇپ قالمىغانسىز ھە؟نەدە جانابى ھەقنىڭ ئۇ نۇرنى قۇيىدىغان يەر تاپالمىغىنى، دەپ يېزىلغان يەر بار؟

جانابى ھەق قۇدىرەت قۇلى بىلەن روسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرىنى ئېلىپ،ئۇ نۇرنى نەچچە-نەچچە يىل ئۆز نەزىرىدە ساقلاپ،نەچچە-نەچچە دەريالارغا چۆمدۈرۈپ (ھىجاپ)پەردىلىرىدىن ئۆتكۇزۇپ،ماقاملەردە تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئەرىشنىڭ تۈۋرۈكىدە قويدى.ئۇ نۇر قۇياشتىن يۈزمىڭ ھەسسە روشەن بۇلۇپ،ئەرىش كۇرىسى-جىمى ئاسماننى،لەۋھى مەھپۇزنى مۇنەۋۋەر قىلىپ تۇرىدىغان خەزىنەئى ئىلاھى(خۇدانىڭ خەزنىسى)ئىدى.جانابى ھەق بۇ قىممەتلىك گۆھەرنى بۇ يەردىن چىقىرىپ،بۇنىڭ بىلەن پۇتۇن ئالەمگە جىلۋە بېرىپ،بۇ نەپىس نۇرنى ساقلاشنى ئىرادە قىلدى.
ھېچ شەخىس ئۇ نۇرنى ساقلاشقا ئەھدە قىلالمىغانلىقتىن   (مەن ساقلايمەن)   دەپ ئاۋاز قايتۇرالمىدى.
پەردە ئى غايىپتىنئامانەتنى ساقلاشقا مەن لايىق) دەپ ئاۋاز كەلدى.بۇ ئاۋاز ھەزرتى ئادەم ھەلەيھسىالامنىڭ ئاۋازى ئىدى.

قېرىندىشىم: قارىغاندا سىز تاز چۇشىنەلمىگەن ئوخشايسىز............................................................................
..................
................................

ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ياشاش قىيىلاشتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش