بۇ 16قەۋەتتىكىlopnuri يوللىغان 2011-02-24 22:40 غا قارتىلغان :
ياخشىمۇ سىز گۈزەل؟ئۇزۇن بوپتۇ،تېمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى.نادىر تېمىلىرىڭىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەرسىز.جۈملىدىن بۇ تېمىڭىزمۇ،ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بوپتۇ.لىكىن مەن ئۆزۈم بىلگەن دائىردە ئازراق پىكىر قىلاي دېدىم.تېمىنىڭ مەزمۇنىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق.ئەمما مېنىڭچە تېمىسىدا ئازراق مەسىلە بار.لوپنۇردا دىئالىكىت مەۋجۈت،ئەمما شىۋە يوق.سىز بەلكىم غولام غۇپۇرنىڭ "ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى"دېگەن كىتابىدا شۇنداق ئېلىنغان دىيىشىڭىز مومكىم.ئۇ كىتاپنى مەنمۇ كۆرگەن،ئۇ كىتاپتا نەق سىز دېگەندەك لوپنۇر شىۋىسى دىيىلىپ خاتا ھالدا چىقىپ كەتكەن.دىئالىكىت بىلەن شىۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.دىئالىكىت مەلۇم بىر تىلنىڭ رايۇن خاراكتىرلىك تارمىقىنى كۆرسەتسە،شىۋە دىئالىكىتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى رايۇن ياكى مەھەللىۋىي تارماقنى كۆرسىتىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدىكى مەركىزىي دىئالىكىت بىلەن خوتەن دىئالىكتىدا ھەققىقەتەن ئوخشىمىغان شىۋىلەر بار.لىكىن لوپنۇر دىئالىكتىدا ھازىرغىچە شىۋە بارلىقى ھېچقانداق كىتاپتا تىلغان ئېلىنغىنى يوق.مېنىڭچە بۇ تېمىنى "لوپنۇر دىئالىكىت سۆزلۈكلىرى" دەپ ئۆزگەرتسەك ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. 
ياخشىمۇ سىز لوپنۇرى، ئالتۇن تېنىڭىز ئامانمۇ؟
مۇشۇ تېمىنى يېزىۋاتقىنىمدا سىزنى ئەسلەپ قالغانىدىم، ئۇزۇندىن بۇيان سىز بىلەن ئۇچرىشالماي، كۆڭلۈم باشقىچە بوپقالغان، خۇداغا شۈكرى، مۇشۇ تېما بىلەن ئۇچراشتۇق.
راست دەيسىز، دېئالىكت بىلەن شىۋە دېگەن سۆزنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغىنىنى مۇشۇ تېمىنى يېزىش جەريانىدا ھېس قىلغانىدىم، لېكىن راستىنلا كىتاب ئىگىسىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئەينى پېتى ئالغانىدىم. مەنبەنى ئۆز ئەينى ئەسكەرتىپ، ماۋزۇنى سىز دېگەندەك ئۆزگەرتىپ قوياي.