كۆرۈش: 12147|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇر دىئالېكتى توغرىسىدا _  لوپنۇر دىئالېكىت سۆزلۈكلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 18:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




«21-فېۋرال خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى»نى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  


  تىل ئىجتىمائىي  ئالاقە قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك تۇراقلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، ئورتاق مىللىي تىل بىلەن يەرلىك شىۋىلەر ئوتتۇرىسىدا، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ پۈتۈنلەي ئومۇملاشقىنىغىچە بولغان خېلى ئۇزاق بىر دەۋر ئىچىدە، تىلنىڭ ئۈچ تەركىۋىي قىسمى بويىچە بەزى ئۆزگىچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئۆزگىچىلىكلەر ئىچىدە فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق پەرقلەر كۆپرەك، گىراماتتىكىغا ئائىت پەرقلەر ئازراق بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئورتاق مىللىي تىل بىلەن ھەر قايسى شىۋىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق پەرقلەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى بەزى شىۋىلەر بىلەن مىللىي ئەدەبىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئانچە زور بولمايدۇ، بەزىلىرىدە بولسا بۇنداق پەرقلەر خېلى گەۋدىلىك بولىدۇ.
   ئۇيغۇر تىلىنى ئالساق، ئالدى بىلەن لوپنۇر دىئالېكتى، ئاندىن قالسا خوتەن دىئالېكتى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە لوپنۇر دىئالېكتىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر يوللاندى.

   ئارا _ پۇرسەت، بوش چاغ. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   خۇدا بۇرۇسا باي بولۇپ مال ساتۇرمىز،
   ئارا تاپساق بىللە ئۆيدە ياتۇرمىز.
   ئارا بولماق _ دال بولماق، ئەسقاتماق، مەدەت بولماق.
  
    ئارغا _ ئويۇنچۇق، ئاۋۇنچۇق.
    ئارغۇن _ شالغۇت، قوتاز بىلەن كالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىققان كالا؛ ئاغمىخان.

    ئاسىغدىماق _ ئەتىۋارلىماق، كۆزى قىيماسلىق، قىسىنماق.

    ئاغا _ يۇرت چوڭى، ئاقساقال، ھاكىم.
    ئاغاچا _ خانىم، خېنىم، ئاغىچا، ئايىم.
    ئاغاداش _ يېقىن كۆرگەن كىشىنى(تەڭتۈشىنى) چاقىرغاندا ئېيتىلىدىغان سۆز. ("ئاداش"قا ئوخشاش).
    ئاغالاماق _ بەزلىمەك، گوللىماق. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    كېتەدىمەن ئەسكى تارىم ياقالاپ،
    يۈرۈيدىمەن مەن دەردىمنى ئاغالاپ.
    قاتۇن ئالماي بوي يۈرۈپ _ ئۆلۈپ كەسسەم،
    سىزگە ئوخشاش بىر خانىمنى تامالاپ.

    ئاققاراق _ كۆز ئېقى.

    ئاگاي _ قەبرە، مازار.
    ئاگرى _ ئاجىز، ئاغرىقچان، ئورۇق، ناچار؛ نامرات.

    ئاڭڭۇق _ ھاڭغۇق، بويۇنتۇرۇق.

    ئالاباغىر _ قارا كۆڭۈل، ۋاپاسىز.
    ئالا بوياق _ تۇراقسىز، شاللاق.
    ئالارمەن _ قول سوزغۇچى، قول سۇنغۇچى.
    ئالچىقاقماق _ ئالاق-جالاق، ئالىچەكمەن.

    ئاۋا _ ئاتا، دادا. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    ئاۋاڭڭى ئاشىنى چىقار،
    ئارام كالانى ياغىغا.
    (ھارام كالىنىڭ يېغى بىلەن،
    داداڭنىڭ نەزىرىسىنى بەرگىن).

     ئاۋلاق _ بۇ سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: بىرى، ئوۋ قىلىنىدىغان جاي، ئوۋ ھايۋانلىرى ياشايدىغان جاي. يەنە بىرى، پىسە كېسەللىكى.

     ئاۋۇشقا _ قېرى بوۋاي، چال.
     ئاۋۇغاي _ ئاۋاق، ئورۇق.
    
     ئايلو _ قارانچۇق.


     بادارغا _ بادىرا، چەنزە.

     بارانا _ تىرنا

     باسقۇ _ شوتا.

     باسىق _ پىچەن ئورۇپ قۇرۇتۇپ قويۇلغان ئوت-چۆپ، قۇمۇش-قوراي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەر.

     بالۇقا _ بولقا.

     بايران _ ۋەيران. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
     بۇلبۇل سايراپ ئۆتتىمۇ،
     باغىڭ بايران كەتتىمۇ.
     يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ،
     باشىڭ كۆككە يەتتىمۇ.

     بەللىك _ ئىشتاننىڭ بېلى، لېپەز.

     بوتو _ بوتا، تايلاق.
  
      بوسۇق _ بوغۇرساق.
    
      بوقتۇغ _ جەينەكتىن يۇقۇرى مۈرىگىچە بولغان ئارىلىق.

     بۇردۇ _ ئالدام.

     بۇرۇندۇق _ چۈلۈك (تۆگىنىڭ).

     بۆزچى _ توقۇمىچى، باپكار. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
     تەكتەك ئېتەر تۆمۈرچى،
     پۇلنى ئۇسار كۆنچى.
     بېلىگىچە ئورا كولاپ،
     جان تالىشار بۆزچى.

     بۆلگە _ سوۋغا، سوۋغا-سالام.


     پاخماچىگە _ ئىلغانمىغان بېسىلغاق چىگە.

     پاشا _ چىۋىن.
    
     پاقا بەشىگى _ قۇلۇلە.

     پاقۇل _ قوماچ، پاسىلداق.

     پالچىق _ سۇ بار كېچىك.

     پۇتا _ يۇلغۇن.

     پۈرۈم _ ياغاچتا ياسالغان ياغ قۇتىسى.



    تات _ دات، دات باسماق.
    تاتقۇ _ تاتما، سەرمە؛ قۇرۇتۇش ئۈچۈن يېيىپ قويۇلغان ئاشلىقنى دۆۋىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ سايمان.
    تاتىقماق _ تارتىنماق، ئەيمىنمەك.
    تاتىلا _ تىران.

    تاقۇ _ توخۇ.

    تالتىق _ تاتلىق.

    تالقىتماق _ چۇۋۇماق، يايماق. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    قارا چاچنى تالقىتاي،
    سايە بولسۇن يولۇغا.
    يار مېنى يامان دىسە،
    ئەمدى ئوينار خىلىغا.

    تەجىلىك _ كۈچلۈك.

    تەركىن ئەيلىمەك _ تەرك قىلماق، تاشلىماق،

    تورچى _ بېلىقچى.

    تورۇشىن _ توڭغۇزنىڭ كۈچىكى.
  
    توقتۇق _ توكتوك قۇش، تۆمۈر تۇمشۇق.
    توقشۇرغۇچ _ كۆسەي.
    توقى _ ئاخلانغان چىگە، چىگىنىڭ ئەڭ ئېسىلى.

    تۇتىقماق _ ئۇيالماق.

    تۇلۇ _ مۆلدۈر.

    تۆزمەك _ قانماق.  قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    ئۈچ يىل بولدى كۆرمەدىم،
    ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەدىم.
    مەيلىڭ يوقمۇ كۈلمەيسەن،
    تۈزۈك ئويناپ تۆزمەدىم.

   تۆشلەڭ _ تۆشلۈك، تۆشۋاغ.

    تۆلۆچ _ تۆلەم، قەرز.

    تۆۋە _ تۇماق، تۆپە. م: ئاۋاڭنىڭ تۆۋىسى _ داداڭنىڭ تۇمىقى.

    تۆڭۈلمەك _ ئۈمىد ئۈزمەك. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    بىز تەرەپكە كەلمەيسەن،
    بىرەر ۋاقىت يات قىلىپ.
    تۈڭۈپقا كەتتىڭمۇ،
    باغرىڭىزنى تاش قىلىپ.

    تۈنۈن _ تۈنۈگۈن.

    تېپىلاڭ _ قۇرار ئات قىلى ياكى قوي يۇڭىدا يېسى قىلىپ توقۇلىدىغان ئاغامچا ياكى كاشا.

    تىرنا _ كىچىك بېلىق.

    تىل تاتىق _ ماختىلىدىغان.  قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
    ئەل ئاغزىدا تىل تاتىق،
    بال شېكەرىم ياخشى قال.
    يۈرىكىمنىڭ پارچىسى،
    جان-جىگەرىم ياخشى قال.


     داۋامى بار...






   مەنبە: غۇلام غوپۇرى تۈزگەن " ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى" دىن پايدىلىنىلدى.


ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 18:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە:
  بۈگۈن 22-قېتىملىق «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى». ب د ت نىڭ بۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك كۈننى تۈزۈشى  دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
    1952-يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوللىنىش ئېتىراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21-يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.
  1999-يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21-فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال.

    ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21-يانۋار كۈنىنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
   2006-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۇنجى بولۇپ بېيجىڭدا «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ھەر يىلى بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلدى. يېقىنقى نەچچە يىللاردىن بېرى، ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى ئىشلىتىلگەن پەن كەسىپلەرنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەت تىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇق مۇلازىمىتى باراۋەرلىكى قاتارلىق. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتكە ۋە كەڭ تەرەققىيلىشىشكە ئىگە قىلدى.
http://news.163.com/09/0220/12/52JJ6LVH000120GU.html

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 18:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەنگەن ئەجىرلىرىڭىزگە تەشەككۇر ،
داۋامى چىققۇچە ساقلاي ئەمسە ...

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
4964
يازما
91
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1201
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-18
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 19:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 19:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جارا _ كىرپە.
  جاۋا _پالاز.

   جوسۇن _ پىگورا، بەدەن تۈزۈلۈشى.

   جۇلا _ ھىلە-نەيرەڭ، ھىلە. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   لىڭىرچاق توقۇماساڭ،
   ياغىر چىقادۇر ئۇلاغىڭ.
   مەن سېنى قوشماۋىدىم،
   ئۇ بىزگە قىلغان جۇلاغىڭ.

   جۇلۇق _ چەم.

   جېمە _ تاپا-تەنە، غەيۋەت-شىكايەت، سۆز-چۆچەك. لوپنۇر قوشاقلىرىدا مۇنداق كەلگەن:
   بارساڭلار سالام دەڭلار،
   بىزنى سۇراغان يارغا.
   ئاتىنى چىقارماڭلار،
   كۆڭلۈم تۇغمايدۇ ئاڭڭا.
   خالۇ يەر بىلەن ئۆسسۈن،
   جېمەسى بولۇر ماڭڭا.

   جىجە _ موما، چوڭ ئانا.

  
   سات _ ياخشى پۇرسەت، قولاي پۇرسەت، ۋاقىت، چاغ.  م: ساتىم توشۇپ بىر بارسام ئويمان كۆلگۈ (قولاي پۇرسەت كېلىپ قېلىپ، ئويمان كۆلگە بىر بارسام ئىدى).

   ساچقاق _ بېلىق سانچىيدىغان ئارا.

   سارۋا _ غونان تاي.

   ساغىلماق _ سانچىلماق.

   ساقاق _ بېلىقنىڭ نەپەس ئەزاسى ("ئايقۇلاق"مۇ دېيىلىدۇ).
   ساقاق _ بىر خىل ئۆسۈملۈك.  قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   ئۆستەڭ بويىدىن چۆپ ئورىسام،
   تەڭدىن تولىسى ساقاق.
   ئىككى يۇرت ئاتلاپ بېرىپ،
   ئالغان خوتۇنۇڭ پوقاق.

   ساقتاش _ ئامبارچى.

   سالدار _ ئانىسىدىن ئايرىپ باققان قوزا.

   سالغۇ _ ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە سېلىنغان يالغۇز ئاياغلىق كۆۋرۈك.

   سايغاق _ كۆكۈيۈن؛ ئوقۇرۇق چىۋىنى (شەكلى ھەرىگە ئوخشايدىغان، سارغۇچ قارا چىپار كېلىدىغان ھاشارەت بولۇپ، كالىنىڭ تۈكى ئىچىگە تۇخۇم سالىدۇ، لىچىنكىسى كالىنىڭ تېرىسى بىەلن ئېتى ئارىسىدا ياشايدۇ، يېتىلگەن چاغدا تېرىنى تېشىپ چىقىدۇ).

   سونۇر _ سەھەر.

   سونۇن بۆلۆك _ مىۋىنىڭ باش بۇرنىدىن قىلىنىدىغان سوۋغا.

   سۇغان _ غاز-ئۆردەكلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن سۇ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان قىسماق.

   سۇلۇ _ چىرايلىق، گۈزەل.  قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   زىل كۆڭۈلنى خار قىلما،
   كەڭ قوينۇڭنى تار قىلما.
   ئۆزگىلەرنى يار قىلما،
   يارىم سۇلۇ ياخشى قال.

    سۆرە(سۆرۈ) _ ئوت-چۆپ دۆۋىلەنگەن جاي، لاپاس، قالىق، چەللە.

    سۆڭگۈچكۈ _ يالاقچى.

    سېكىرگۈچ _ چېكەتكە.

    سىنچى _ جەگە، لىم.
    داۋامى بار....
    ئىزاھات: مىسال ئۈچۈن بېرىلگەن قوشاقلاردىكى بەزى سۆزلەر ئۆز ئەينى بويىچە ئېلىندى، ئىملادىكى خاتالىق ئەمەس.

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
499
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15081
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 23:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر يۈزىدە يۇرتۇمنىڭ ئىسمى چىققىنىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كىردىم،كۆپ ئىزدىنىپسىز ، رەھمەت، داۋامىنى چاققانراق يوللارسىز... دەيدىغانلىرىم كۆپ ئىدى ۋاقتىم يار بەرمىدى.

UID
2536
يازما
135
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4095
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 23:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر  ! كۆپ ئەجىر قىپسىز خانىم . ئاللايىم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

مەرت سۆزىدىن يانماس ، يولۋاس ئىزىدىن .

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1006
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
423 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-2-21 23:58:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» كەندە، بىلمەپتىمەن.
لوپنۇر شىۋىسى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچەم يوقكەن، سىرلىق بىلىنەتتى ماڭا. بېرىلگەن مىسال سۆزلىرىنى ئوقۇپمۇ بەك چۈشۈنۈپ كېتەلمىدىم. بولسا شۇ يەرلىك مۇنبەرداشلار بولسا ئەمەلىي تۇرمۇش سۆزلىرى، جۈملىلىرىدىن مىسال قىلىپ يازسا، تېما تېخىمۇ رەڭدارلىشاركەن.

ھە راست، قومۇل شىۋىسىمۇ باردۇ بەلكىم. شۇ چاغ كەلگەندە مەنمۇ يازاي ئوماق-ئوماق گەپلەردىن.

يەنە بىر ئېسىل يازما... ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 10:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چاپپۇش _ قۇلاقچا، ئولپاق.

   چاققۇ _ چۇچۇن قۇرت.

   چالما _ ئۇننى سۇغا سېلىپ ئېتىلىدىغان ئۇماچ.

   چاۋات _ ئاچما نان، كاكچا نان، چوۋات. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   شىلپە ناننى ياقماڭلار،
   كۆيۈپ كېتەدۇ چاۋات.
  مېنى ئىچىمنى كۆيدۈرگەن،
  مەللەڭدىكى ئاق ناۋات.

   چايدۇت _ مەخسۇس چاي دەملەپ ئىچىدىغان تۇۋاقلىق چۆگۈن.

   چايقاق _ دولقۇن، دەريا دولقۇنى.
   
   چۇلۇق _ كۆپ، مول، مىغ-مىغ.

   چۆلمۆگ _ كۆلچەك.

  چېگەلەك _ لوپ كەندىرى، ياۋا كەندىر.

   چىقاغدىماق _ چىق-چىق قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، تامىقىنى قاقماق.

   چىقۇق _ سېرىق ئەت يېرىقى.

   چىرمۇخ _ قۇلماق.
   چىرۋەك _ قۇلۇلە، قۇلۇلە قېپى.

   چىمالتا _ پاچاققا ئورايدىغان گوجەي.

   چىندان _ سەندەل.


   خارايلىماق _ تاللىماق.

   خاس _ دۈشمەن.

   خان بېلىق _ بېلىقنىڭ تۈرى.

   خانچە _ خاننىڭ خوتۇنى.

   خانگۈل _ كېپىنەكگۈل.

   خەۋەداش _ ئاگاھ، پەخەس.



   داجىماق _ ئەگىمەك، چېكىنمەك، قايتماق.

   داراتتىغ _ سالتاڭ.

   داستى _ سۇنىڭ ئايىغى چىقمايدىغان سېسىق كۆل.

   داغى _ قاخشال، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ.

   دەرەپچە _ بېڭىز.

   دوغۇڭگا _ ئۆزىنى توختاتماي، ئۈسكەندەكلا، پالاق-پۇلۇق قىلىپ كىرمەك. قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
   دوغۇڭگا كىرەرۋەردىڭ،
   مېنىڭ بارىمنى بىلمەي.
   ...
   دۆمبەل _ تۆپىلىك يەر.
   داۋامى بار...

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 12:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇر مەنزىرىلىرى

 



 















 
 

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش