- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 244
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 4662
- يازما
- 244
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 130 سائەت
|
ئۇ كېلىپ، ماڭا گەپمۇ قىلماي ئاستا كېلىپ ياتتى. مېنى ئۇخلاپ قالدى دېدى بولغاي. بۇرۇن،ئۇ بىرەر يەرگە كېتىپ مەيلى قانچىلىك كەچ كەلسۇن، مېنى ئويغىتىپ، كۆزلىرىمنى ئاچالمىسام، قىچىقلاپ بولسىمۇ ئويغىتىپ، مەن بىلەن ئىككى ئېغىز بولسىمۇ پاراڭلاشمىسا ئۇخلىمايدىغان، مەن دەرس تەييارلاپ، كەچرەك قالسام، كىچىك بالىدەك يېنىمغا كېلىپ، قەلىمىمنى تارتىۋېلىپ، ھېلى ئۇنى-بۇنى قىلىپ ئارام بەرمەيدىغان ئۇ ئەمدىلىكتە بولسا ھېلىدىن-ھېلىغا ئىچىگە ئېغىر تىنىپ ياتاتتى. پەمىمچە ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى....
ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. تېلېفۇننىڭ سىگنالى چېلىنغىلى خېلى بولدى، بېشىم قېيىپ ئورنۇمدىن زادىلا تۇرالمىدىم. پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر دېگەن نەرسە بولسا نىمە دەي، بىر چاغدا ئەزىمەت كۆزىنى ئاچتى. مېنىڭ لاغىلداپ تىترەپ ياتقان ھالىتىمنى كۆرۈپ جىددىلەشكەن ھالدا پىشانەمگە قۇلىنى ئۇزاتتى.
ـ ۋاي،خۇدايىم. قىززىپ قاپسىزغۇ. سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي. ئاستا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
ـ ئاۋۋال بالىلارنى چاقىرىپ، ناشتىلىقىنى بېرىپ،مەكتەپكە يولغا سېلىپ قويۇڭ.
ئاۋازىم شۇنچىلىك جانسىز. «ئادەمنى دەرت يەيدۇ، دەرەخنى قۇرۇت«دېگەن شۇ ئوخشايدۇ. دەرت-ئەلەم مېنى بىر كېچىدىلا شۇ قەدەر ماغدۇرسىز قىلىۋەتكەن ئىدى.
ھەممىنى ئاڭلاپ ياتىمەن.
ـ تۇرۇڭلار،بالىلىرىم، ھېكمەت، يۇلتۇز.... تېز تۇرۇڭلار...
ـ يەنە بىر دەم ياتايچۇ،دادا.
بۇ ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
ـ ياق،بولمايدۇ، مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسەن،ئۇماق بالام. تېز، بول. يۇلتۇز، تۇردىڭىزمۇ قىزىم؟
ـ ھە ئە. تۇردۇم،دادا. بۈگۈن ئەجەپ بىزنى سىز ئويغاتتىڭىزغۇ؟ئاپام قېنى؟
ـ ئاپىڭىز ئەتىگەندىلا مائارىپ ئىدارىسىغا بىر ئىش بىلەن كەتتى. بۈگۈن سىلەرگە ناشتىلىقنى مەن تەييارلاپ بېرىمەن. تېز، يۈزۈڭلارنى يۇيۇپ، داستىخانغا كېلىڭلار.
ـ نىمە يەيمىز،دادا؟،- ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى.
ـ بولدى، بالام.پۇل بەرسەم دۇقمۇشتىكى موماينىڭ قۇيمىقى بىلەن ئەتكەن چېيى بىلەن ناشتا قىلىپ مڭىڭلار. سىڭلىڭنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋال ،بالام ھە.
ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىدە«بالا، ئۇماق بالام» نى چۈشۈرمەسلىكى ئۇنىڭ بالىلارغا نەقەدەر ئامراقلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇ بالىلارغا مېنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىمنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بولسا كېرەك. ئۇلارنى ئەنسىرەپ، دەرىسىنى ياخشى ئوقۇيالماي قالمىسۇن دەپ ئويلىغان-دە. ھەي... ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ بۇنداق سۈكۈتتە تۇرىۋەرسەم بولامدۇ؟ بىر نىمە دەي دېسەم، ئۇ ھەممەيلەنگە شۇنداق قىزغىن. ئېلىشىپ قالايلا دېدىم...
بىر چاغدا ئۇ كىردى.
ـئەزىمەت...-، زەئىپ بىر خىل ئاۋازدا ئۇنى چاقىردىم.
ـ ھە...
ـ تۆنۈگۈنكى قىز...
ئۇ نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلدىمۇ تاڭ، دەرھاللا گەپنى بۇرىدى.
ـ بەك قىززىپ كېتىپسىز. مەن مەكتىپىڭىزگە تېلفۇن قىلىپ روخسەت سوراپ قويدۇم. سىزنى ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئاپىراي.
گېپىمنى يەنە دىيەلمىدىم.
دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ ھېچقانداق كېسەل تاپالمىدى. شۇ ئەمەسمۇ، يۈرىكىمدىكى كېسەلنى دوختۇر تەكشۈرۈپ تاپالامتى؟ شۇنداقتىمۇ ئەزىمەتنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن بالىنىستقا ئالدۇرۇلدىم. «ھاجىتى يوق»دەپ شۇنچە تىركەشسەممۇ ئۇنامدىغان. مەن ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكىمىشمەن، مەن يىقىلىپ قالسام بولماسمىش، شۇڭا تەلتۈكۈس ساقىيىپ كەتمىسەم بولماسمىش.«بالىلار...»دەپ بولغۇچە«بالىلارنى ئاچام ئۆيىگە ئەكىتىدىغان بولدى» دەپ بولدى.ئەمدى ماڭا بانا-سەۋەب قالمىدى. بوپتۇ،ياتساممۇ ياتاي.
ئوكۇل سۇيۇقلۇقى تەسىر قىلدىمۇ، يا ئەزىمەت زورلاپ ئىچكۈزگە شوۋىگۈرۈچ پايدا قىلدىمۇ تەخمىنەن بىرەر سائەتلەردە ئەسلىمگە كېلىشكە باشلىدىم. ئەزىمەت ئەتراپىمدا پەرۋانە ئىدى. خۇددى مۇشۇ ئارقىلىق گۇناھىنى يۇماقچى بولغاندەك.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا يەنە ئۇچۇر كەلدى.ئاھ، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىغا شۇنچىلىك ئۆچ بولدۇمكى....
ـ گۈزەل، مەن سىرتقا چىقىپلا كىرىمەن. ئىش بولسا، ماڭا تېلفۇن قىلىڭ ھە.
ئۇ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن چىقىپ كەتتى. ئۇنى زادى قانداق ئادەم دېسەم بۇلار؟ ماڭا ۋاي دەپ قىلمىغىنى قالمايدۇ يۇ،ئۇچۇر كەلسىلا تۇرالماي قالىدۇ.
ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتتى.ئۇ كىرىدىغاندەك ئەمەس. ئوكۇل تۈگەپ سېستىرا چۈشتىن كېيىن يەنە ئۇرىدىغان ئوكۇل بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. تەرىتىم قىستاپ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. قىززىتمام يېنىپ، بېشىممۇ قېيىشتىن توختىغان ئىدى. كارىۋاتتىن چۈشىۋېتىپ، كۆزۈم بىنانىڭ پەس تەرىپىدە تۇرغان بىر تۇنۇش سىماغا چۈشۈپ قالدى. گەرچە ئۇنىڭ كەينىدىن كۆرىۋاتقان بولساممۇ، مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىر قاراپلا تاپالايدىغان شۇ گەۋدىنى مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەتتا سايىسىدىنمۇ تۇنۇۋالالايمەن. ئۇ ئەزىمەت ئىدى.ئۇنداقتا يېنىدىكىچۇ؟ئاھ، دىيىشكە تىلىم كۆيىدۇ. ئۇ تۆنۈگۈن تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدامەن كۆرگەن ھېلىقى ساھىپجامال ئىدى. ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ، شۇنچىلىك قىزغان پاراڭلىشىۋاتاتتى.ئاھ،خۇدا. بېشىم پىررىدە قېيىپ جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئەمدى قانداق قىلاي؟ ئەزىمەتكە تېلېفۇن قىلدىم. قاراپ تۇرىمەن.ئۇ تېلفۇنغا قاراپلا، ھېلىقى قىزغا «جىم»دېگەندەك ئىشارە قىلدى.-دە تېلفۇننى ئالدى.
ـ ۋەي، سىز نەدە؟ نىمانداق كىرمەيسىز؟
ـ ھە، مەن ئىدارىدا، باشلىق ئازراق ئىش بىلەن تېلفۇن قىپتىكەن، شۇڭا كەلگەن، بىر دەمدىلا قايتىمەن. ياخشىراق ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ-ھە.
داۋامى بار |
|