- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 244
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 4662
- يازما
- 244
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 130 سائەت
|
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم،ئۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ، بالىلار بىلەن بىللە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك خۇشال بولدۇمكى، خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشىمنى كۆرگەندەك، بۈگۈن بىر كۈنلۈك ھاردۇقۇم چىقىپلا كەتتى.ئۆيگە كىرىپلا چۇڭۇلداپ سۆزلەپ كەتتىم.
_ قايتىپ كەلگەنمىتىڭىز؟ قورسىقىڭلار ئاچتىمۇ؟ نىمە تاماق يىگۈڭىز بار؟ سىلەرنىڭچۇ؟ بالىلىرىم، نىمە تاماق يىگۈڭلار بار؟ سىلەرگە ئوخشىتىپ بىر سۇيۇقئاش ئېتىپ بەرسەم قانداق؟
ئەزىمەت سۇيۇقئاشقا ئامراق بولغاچقا، مەن ئادەتتە ئۆيدە تولىراق كەچلىك تاماققا سۇيۇقئاش ئېتەتتىم.
_ ئەتىگەن قارىسام، كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس. قارىغاندا كېچىدىن يامان چۈش كۆرۈپ، شۇ چۈشنىڭ تەسىرىدىن يىغلاپ چىققان ئوخشايسىز. شۇڭا بۈگۈن بىر ئائىلە سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى دەپ ئىشتىن بالدۇرلا چۈشۈپ يېنىپ كەلگەنتىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بالىلىرىم خۇشاللىقتىن سەكرىشىپ كەتتى.
_ ئەجەپ ياخشى، دادا. ماڭا ئالبېنى ئېپ بېرىسەنغۇ ھە؟
_ دادا، ماڭىمۇ جىق يەيدىغان نەرسە ئېپ بېرىسەن ھە. ئوي،ئوي.... مېنىڭ دادام بەك ياخشى.
بالىلىرىم خۇشاللىقتا دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ كېتىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىدىن بىردە خۇش بولسام، بىردە تۆنۈگۈن كەچتىكى كۆڭۈلسىزلىك كاللامغا كىرىۋېلىپ، بەك بىئارام بوپ كېتىۋاتاتتىم.
_ نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز؟ تېز، كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ. چىرايلىق ياسىنىڭ، بۈگۈن سىلەرنى بىر مېھمان قىلاي. بالىلىرىم، سىلەرمۇ چىرايلىق كىيمىڭلارنى كىيىپ تەييار بولۇڭلار.
"توۋا، بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان تۆنۈگۈن كەچ باشقا بىرىنى "سېغىندىم، قوزام"دەپ ئۇچۇر يازغان ئېرىم شۇمۇ؟ مەن چۈش كۆردۈممۇ يا؟ راست شۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ماڭا ۋە بالىلىرىمغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش بولاتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك . ماڭا شۇنچە قىزغىن، بالىلارغا شۇنچە مېھرىبان. قارىغاندا مېنى راستلا قارا بېسىپ قالغان ئوخشايدۇ. ھەي، مېنىڭ مۇشۇ كاللامنىزە. يوق بىر ئىشنى دەپ، شۇنچە ياخشى ئېرىمدىن گۇمانلىنىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان."
شۇنىڭ بىلەن ،ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان،ئادەتتە كىيىشكە كۆزۈم قىيمايدىغان ،پەقەت ئاندا-ساندا مۇھىم سورۇنلارغا بارغاندىلا كىيىدىغان كىيمىمنى كىيىپ چىقتىم. بۇنىڭغىچە ئۇلارمۇ تەق بولۇپ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
_ قاراڭلار،بالىلىرىم. ئاپاڭلار چىرايلىق بوپ كېتىپتۇمۇ؟
_ چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ،_ دىيىشتى بالىلىرىم تەڭلا.
شۇ كۈنكى تاماق شۇنچىلىك خۇشال كەيپىياتتا يىيىلدى.ئۇزۇن بوپتىكەن،خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن بىر ئائىلە بۇنداق ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇپ باقمىغىلى. ئۆيگە يانىدىغان ۋاقىتتا ئۇ تاللا بازىرىدىن ئىككى بالىنىڭ دېگەن نەرسىلىرىنى ئېپ بېرىشنى ئۇنتۇمىدى.
ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. بالىلار خۇشاللىقتا بىردەم ئويناپ ئۇخلاپ قالدى.ئەتە شەنبە بولغاچقا، مەنمۇ ئۇلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بويرۇمىدىم. يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ياتاق ئۆيگە كىرسەم ئۇ ئۇخلاپ بولغان ئىكەن. ئەمدى يېتىشىمغا ھېلىقى نەس باسقان ئۇچۇرنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. "تىت-تىت" بۇ قېتىم ئۇ تىترەيدىغان قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن. شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلاپ قالغان ئادەم ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىدىن شۇنچىلىك تېز ئويغىنىپ، تېلېفۇننى ئالدىكى، بۇ چاققانلىقىغا مەنمۇ ھەيران قالدىم.ئۇ ئۇچۇرغا قاراپلا ئۆڭسىلى قالمىغان ھالدا ماڭا قارىدى. مەن چىرايىمنى قىلچە ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ:
_ كىمدىن كەلگەن ئۇچۇركەن؟ نىمە ئىش بوپتۇ؟،_ دەپ سورىدىم.
_ دىلشاتنىڭ تېلېفۇنىدىن كەپتۇ.ئۇ ھاراق ئىچىپ، بىر قاۋاقخانىدا يېتىپ قاپتۇ. قاۋاقخانا خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ يانفۇنىدىن مېنىڭ نۇمۇرۇمنى تېپىپ ، ماڭا ئۇچۇر يوللاپتۇ. مەن بېرىپ باقاي.ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپلا يېنىپ كېلىمەن، سىز ئۇخلاۋېرىڭ.
ئۇ قېپقىزىل يالغان سۆزلەۋاتاتتى.
_ ھە ،بوپتۇ. بېرىپ كېلىڭ. يولدا دىققەت قىلىڭ-ھە. ماشىنىنى بەك تېز ھەيدىمەڭ. بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ.
ئاھ،خۇدا. مەن ساراڭمۇ ياكى بەك ئاقكۆڭۈلمۇ؟ئېرىمنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ يولغا سېلىپ قويىۋاتىمەن...
ئۇ كەتتى."ھېلىقى"نىڭ يېنىغا كەتتى. ئۇ زادى بايا بىز بىلەن شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەن ئەزىمەت شۇمۇ؟ ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەس بوپ قېلىپ، بۇ ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي شۇنداق قىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ياق، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھازىرمۇ ماڭا بولغان مۇھەببەت بىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇنداقتا نىمىشقا؟ زادى نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟
تەخمىنەن ئىككى سائەتلەردە ئۇ قايتىپ كەلدى. مېنىڭ تېخىچە ئۇخلىماي ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، سەل ئوڭايسىزلاندى بولغاي:
_ ئۇ قاۋاقخانىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بوپ كەتتىم .ئاران تاپقاندا دىلشات ماشىنىغا چىقمايمەن دەپ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتى. ئۇخلاۋەرسىڭىز بولمامدۇ؟ بۇندىن كېيىن مەن كەچتە سىرتقا چىقىپ كەتسەم، مېنى ساقلىماي ئۇخلاۋېرىڭ، چارچاپ قالىسىز.
بۇ نىمە دېگىنى؟ بۇنداق كېچىسى سىرتقا مېڭىشىم يەنە بوپ تۇرىدۇ دېمەكچىما؟ ئاھ،خۇدا. مەن بىر تىلسىز، تەپەككۈرسىز مەخلۇق ئەمەسقۇ ئاخىر. نىمىشقا ئۇنىڭغا"بولدى، بەس. ئۇيۇنىڭىزنى توختىتىڭ" دىيەلمەيمەن. ئۆز-ئۆزۈمدىن تۇنجى قېتىم شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم....
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. |
|