- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 244
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 4662
- يازما
- 244
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 130 سائەت
|
ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇچۇر قايتۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، مېنىڭ كەينىدە ئوغرىلىقچە كۆرۈۋاتقىنىمنى سەزمىدى، ھەم ئۇ ئۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. "ھى ھى، كاساپەتنى"دەپ پىچىرلاپ قويۇپ، بېشىنى ياستۇققا قويدى. مەن تەرەپكە ئالاقىزادە بولۇپ قارىسا بوپتىكەن دەپ شۇ ھالەتتە تۇرسام،ئۇ قاراپمۇ قويمىدى. "توۋا..."خىيالىمغا بۇنىڭدىن باشقا گەپ كەلمەيتتى. كاللام شۇنچىلىك گادىرماش خىياللار بىلەن تولغان....
ئەتىسى ئەتىگەن قاپاقلىرىم ئىششىغان ھالەتتە ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئېنىقراقى بىر كېچە كىرپىك قاقماي، يىغلاپ چىقىپتىمەن. ئۇ تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. تىۋىش چىقارماي ئاستا تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ،ئەينەككە قارىدىم. اللە ماڭا چىراي دېگەننى ئايىماي بېرىپتىكەن. ئۇ بۇرۇن دائىم"كۆزۈڭ بەك چىرايلىق ،گۈزەل"دەيتتى. راست،كۆزۈملا ئەمەس،ئىشقىلىپ، ھەممە يېرىم ئىۋەنسىز ئىدى. چوڭى ئون بىر ياش، كىچىكى سەككىز ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بوپ قالغىنىمغا قارىماي، ياش قىزلاردەك تۇراتتىم. قارىغاندا ئۇنىڭ "ھېلىقىسى"بىر ھۆر پەرىكەن-دە...
تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ، ئوغلۇمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. قاش،كۆز، بۇرنىدىن تارتىپ، ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئوغلۇم يوتقاننى قۇچاقلىغان پېتى ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يوتقىنىنى تارتىپ يېپىپ قويدۇم. قىزىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم. قىزىم بەئەينى دادىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. قىزىمنىڭ ئۇيقۇسى بەك سەگەك،"تىرىق"قىلىپ ئاۋاز چىقىپ بولغۇچە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارايدۇ. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام،ئۇ قۇچاقلاپ ياتقان قونچىقىنى يېنىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ،
_ئاپا،مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىت بولدىما؟،دەپ سورىدى.
_ياقەي، قىزىم.تېخى بالدۇر،يەنە بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ. سىزنى ئېچىلىپ قالغان بولسا يېپىپ قوياي دەپ كىرگەن.
_كۆزىڭىزگە نىمە بولدى،ئاپا،يىغلىدىڭىزما؟
جىنتەك،كىچىككىنە بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.
_ ياقەي.مەن كىچىك بالا بولمىسام. نىمىگە يىغلايتتىم. كېچىدىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ، بەك ۋاقچى ياتقانتىم شۇڭا قىزىرىپ قاپتۇ. بولدى،قىزىم. يەنە بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ. سەل تۇرۇپ سىزنى چاقىرىپ قويىمەن ھە.
ئۇ يەنە قونچىقىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.
"ئۇلۇغ ئاللا. مۇشۇ نارەسىدەلىرىمنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ،ئەزىمەتنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن. بالىلىرىمنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلىمىغايسەن..."
ياتاق ئۆيگە كىردىم. ئۇ تېخىچە شۇ تاتلىق ئۇيقۇسىدا.
"قانداق قىلاي، ئۇنى ھازىرلا ئورنىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ چاچلىرىنى يۇلۇپ ئۇرۇشايمۇ؟ ياق، مەن بۇنداق قىلسام بولمايدۇ. بۇنداق قىلسام،ئىش يامىنىغا ئۆرۈلۈپلا قالماي، بالىلىرىمنىڭ قەلبىدە دادىسى بىر ۋىجدانسىز دادا بوپ قالىدۇ. بىلمىگەنگە سالايمۇ؟ ئۇنىڭ يازغان ئۇچۇرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ بىلمەس بولۇپ تۇرغىلى بولار؟ ئاھ،خۇدا. باشقا ھەرقانداق بەندەڭگە بۇنداق كۈننى كۆرسەتمىگەيسەن."
ئۇنى ئاستا نوقۇدۇم.
_ ئەزىمەت.ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ يەنە.
ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ، ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.
_ نىمە بولدىڭىز؟ كۆزلىرىڭىز ئىششىپ كېتىپتۇغۇ؟مىجەزىڭىز يوقما؟ يۈرۈڭ،دوختۇرغا بارايلى...
ماۋۇ كۆزلىرىم يەنە كونتروللىقىنى يوقاتتى، كۆزلىرىمدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ بايىقىدىنمۇ بەك جىددىلىشىپ كەتتى.
_ نىمە بولدىڭىز؟نىمىگە يىغلايسىز؟ بىرەر ئىستىن خاپا بوپ قالدىڭىزمۇ؟ يا بىرەر يېرىڭىز ئاغرىمدۇ؟
_ ھېچ...ھېچنىمە. كېچىدىن قارا بېسىپ قاپتىكەن، شۇ...
_ ۋاي-ۋۇي، چۈشكىمۇ شۇنچىۋالا قىلىش كېتەمدۇ؟ چۈش دېگەن ئۇيقۇنىڭ پوقى. بولدى،ئۇ ئىشلارنى ئويلىماڭ. ئۇ دېگەن پەقەتلا بىر چۈش خالاس.
مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ چۈش بوپ قېلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە.
_ ماڭا ناشتىلىقمۇ تەييارلىماڭ بولدى. ئىدارىغا ئەتىگەنرەك بېرىپ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار بار ئىدى. كىيىدىغان كىيمىمنى ئېپ بەرسىڭىز مەن ماڭاي...
ئۇ كەتتى. ئۇنى يەنە شۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن ئىشقا ئۇزىتىپ قويۇپ، بالىلىرىمنى ئويغىتىپ ناشتىلىقىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئېلىپ مەكتەپكە ماڭدىم. يولدا كېتىۋېتىپمۇ، مەكتەپتە دەرىس ئۆتىۋېتىپمۇ ئاخشامقى قىسقا ئۇچۇر خىيالىمدىن نېرى بولمايتتى. |
|