تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
25325
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 01:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ كۈچى بەزىدە بىزنى بىز ئويلىمىغان خوشاللىقلارغا ئېرىشتۈرسە يەنە بەزىدە قاتتىق ھىجران ئازابىغا تاشلايدۇ ...بەلكىم بۇمۇ ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەن ئېسىل سوۋغىسى بولسا كېرەك .ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز!

UID
18210
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
222
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 16:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر كۈتۈش بىلەن ئۆتمەكتە....................... ياراتقۇچى ياخشى ئىشلارغا ئۆمرىمىزنى ئۇزۇن قىلغاي.

UID
18210
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
222
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 16:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىسەم بولار ،       تور ئەدەبىياتىغا بۇنچىلىك قىزىقىپ قالىدىغىنىمنى ......  بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرگەن بولسا  بۇ يازمىنى...............................بەك پەيزى بولاتتى دە .

UID
15575
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
344
تىزىملاتقان
2011-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 17:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالاي

UID
6932
يازما
186
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5370
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 02:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى باپ

      
ئەسكەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن جەزمەن تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم. پەقەت تاياق يىيىشتىن بۇرۇن ھېچ بولمىغاندا بىرەر مۇش ئېتىۋېلىشنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ كېلەر-كەلمەي مۇشلىرىمنى تۈگۈپ تەييار تۇردۇم. بىراق مەن ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە ئەسكەر قولۇمدىن ئېلىپ يەنە ئورنۇمغا ئولتۇرغۇزدى-دە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قولۇمغا كويزا سېلىپ بولدى . مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئالدىدا مەن  ھېچ نىمە ئەمەسكەنمەن . بىراق ئۇ كويزا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا چېقىلماي ئاستا چىقىپ كەتتى .ئىشىك يېپىلىپ يالغۇز قالدىم .ئەمدى كىم كىرىپ مېنى قانداق قىينار؟قانداق قىيناش  تېخنىكىلىرىنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنار ؟!  ھازىر مەن تەجرىبە ئاق چاشقىنىنىڭ ئۆزى بولدۇم .ئىنسان نەزىرىدە  ئەرزىمەس، قەدىرسىز ھەتتا يىرگىنىشلىك بولسىمۇ  ئاق چاشقانلار تىببى تەتقىقاتلار ئۈچۈن بىباھا تۆھپە قوشالايدۇ . دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلكىم مەن بۇ ئىنسانلارنىڭ  بۈيۈك ئۇلۇغۋار پىلانلىرىغا  ئاق چاشقان بولۇپ   نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى  بىلمەي ئولتۇرىمەن. بۇنداق ئويلىغانچە ئۆز - ئۆزەمگە شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. لېكىن بىز ئۇيغۇرلاردا «چامغۇرنىڭ ئورىسى، غوجامنىڭ غوجسى بار» دەيدىغان گەپ بار. كامېرالار بىلەن ماڭا تىكىلگەن ئۇ  گىگانت كۆزلەرنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ  قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزەمنى ئاۋۇندۇردۇم. ئۇلار مېنى قانداق قىلسا نىمە كۆرسە مەيلى، قانچىلىك كۆپ ھەربىي-ئارمىيىسى بولسۇن ياكى بۈيۈك تېخنىكىسى بولسۇن تەڭداشسىز كۈچ ساھىبى پۈتۈن ئالەمنىڭ يالغۇز  پەرۋەردىگارى  ياراتقۇچىغا ھۆرمىتى  بولمىغان تەقدىردە  بۇلار شەيتاننىڭ تەجرىبىگە ئىشلىتىدىغان ئاق چاشقانلىرى خالاس .
     ئىشىك ئېچىلىپ بىرى كىرىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، قاراڭغۇدا ئۇ ئادەمنىڭ ھېچنىمىسىنى كۆرەلمىدىم. پەقەت ئالدىمدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئېغىز ئاچقاندىلا ئۇنىڭ بىر ياش ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدىم .   
    - تۆمۈر ئەپەندى، مەن سىز بىلەن بىر دەم مۇڭدىشىپ باقاي دىدىم . سەۋەبىنى بىلەمسىز ؟ سىزنى شۇنداق  جىددى سوراق قىلىۋاتسا مۇڭلۇق   مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەپ تۇرىۋاپسىز.- ئۇ ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى. – ئەرلەر بۇنداق ھىكايىلەرگە بىز ئاياللاردەك قىزىقمايدۇ ، شۇڭا ھىكايىڭىزنى مەن ئاڭلاپ باقاي دەپ كىردىم.
     -سىز ئاڭلاپ نىمە قىلىسىز ؟ چۈشەنمىدىم.  
     - بۇنى چۈشەنمىگىدەك بىر يېرى يوق. قېنى ھېكايىڭىزنى بىر باشتىن سۆزلەپ بېقىڭ.
   مۇشتۇمۇمنى قاتتىق تۈگۈپ بىرەر جاللات كىرەمدىكىن دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقىسىدىنمۇ يۇمشاق، مۇلايىم بىرىنىڭ كىرگىنى قىزىق . كىم بىلىدۇ بۇ ئايال  مۇھەببەت ھىكايەمنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەشكە كىرگۈزۈلگەن  پىسخولوگمۇ تېخى . بۇنى ياخشىلىقتىن بېشارەت ھېسابلاپ گۈزەلنۇرنىڭ «ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىسىڭىز مەندىن ئۈمىد كۈتمەڭ » دىگەن سۆزىدىن باشلاپ تېخىمۇ بەك ئىنچىكە قىلىپ مۇھەببەت ھېكايەمنى- بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان ھايات مۇساپەمدىكى تۈرلۈك-تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىمۇ- بىر ياندىن بايان قىلدىم . ئۇ ئايال ئادەمنى سۆيۈندۈرۈپ ئەستايىدىل ئاڭلىدى . باشتىن-ئاخىر بايانىمنى بۆلۈۋەتمەي ماڭا گۈزەلنۇرنىڭ ئۇيغۇرئايغا  ئۆزگىرىشىنىمۇ دىگىلى قويدى.  ھەتتا بەزى يەرلەرگە كەلگەندە سوئاللارنى سوراپ ئادەمنى ئىشەندۈرىدىغان ئىنچىكە ھالقىلارنىمۇ دەۋېلىشىمغا ئىمكان بەردى .
    - مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ئوقۇپ تۇرىمەن . ھېكايىڭىزنى ئاڭلىغان ئادەم راسمىكىن دەپ تەسىرلىنىپ كېتىدىكەن. ئەمما ھېكايىدە چىنلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان   بىر نۇقتا  كام. بۇ  نىمە، بىلەمسىز ؟
  ھېكايەمنى تولۇق تۈگەتكەندىن  كېيىن ئۇنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى بىلەن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭ باشتىكى ئەستايىدىل ئاڭلىشى ئەمەلىيەتتە  بىر شەكىل  بولۇپ چىقتى.  
   -سىز نىمە دىمەكچى ؟– تېرىكىپ شۇنداق سورىدىم.   
- قېنى دەڭە، سىز ئۇ قىزنى سۆيۈپ باقتىڭىزمۇ ؟   
    -ياق .   
   - دەل مۇشۇ نۇقتا كام .بۇ دىگەن مۇھەببەت  ھېكايىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم قىسىملار ، سىز سۆيگىنىڭىزنى سۆيۈپ باقماپسىز . ئەگەر  باياتىن ئېيتمىغان بولسىڭىز ھازىر تولۇقلاپ ئېيتىپ بېقىڭ .ئاشۇ قىسمىنى ئىنچكە ھالقىلىرىغىچە تەپسىلى سۆزلەڭ . بۇنى ئاڭلاپ مۇھەببەت ھېكايىڭىزنىڭ راست-يالغانلىقىغا بىر نەرسە دىگىلى بولىدۇ .   
  - ياق دىدىمغۇ ، ئۇنداق ئىش يوق.  - باشقا  گەپ قىلماي تۇرىۋالدىم. راستىنى ئېيتسام بۇ قىزنىڭ تېمىنى نەگە ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى قىياس قىلالماي گاڭگىرىغىلى تۇردۇم.  بىكاردىن- بىكار مېنى گەپكە سېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ  تاقىتىم قالمىغىلى تۇردى.
  - داڭلىق مۇھەببەت داستانلىرى ۋە ھېكايىلەردە بۇنداق مەزمۇنلار ئاز-تولا بولىدۇ. رومىيو  بىلەن جۇلىتا، بۇلارنى ئاددى كىشىلەر دەپ تۇرايلى. ئەمما  چوڭ ئەرباپلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرى مەسىلەن رىم ئىمپىراتورى   كەلئوپاترا بىلەن مىسىر ئايال شاھى مارىك ئانتوننىڭ ھېكايىسى ، ئىمپىراتور ناپالىيون بىلەن مەشھۇر ئاقسۆڭەك ئايال جوسىفىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار ... بۇلارنى يازغان ئەڭ مۇتەئەسسىپ  يازغۇچىلارمۇ ئۇ تەسۋىرلەرنى چۈشۈرۈپ قويمىغان .مۇھەببەت ھېكايىسىدە بۇنداق مەزمۇنلار بولمىسا ئوقۇرمەنلەر زېرىكىپ كەتمەمدۇ ؟
      - سىز دىگەن ئۇ كەلئوپاترا، جوسىفىنا ...بۇلار كىم ؟راست ياشىغان ئادەملەرمۇ ۋە ياكى سىياھ قەلەملەر بىلەن توقۇلۇپ ياسالغان كىشىلەرمۇ    بىلمەيمەن ھەم قىزىقمايمەن ...لېكىن  سىز زادى نىمە دىمەكچى؟ مېنى يالغاننى توقۇدى، يازغۇچىلىق قىلدى، لېكىن چېنىپ قالدى دەمسىز ؟ يەنە تەكرارلاي خانىم ، مەن مۇتەئەسسىپ ،كونسىرۋاتىپ ياكى قەلىمى ئەركىن... ھەرقانداق تىپتىكى  يازغۇچى ئەمەس . مېنىڭ ياپونىيىگە كېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم راستىنلا بىر قىز ئۈچۈن بولغان. بۇ ئەمەلىيەت، راست بولغان ئىش ...مەن ھېكايە يازمىدىم ياكى يالغاندىن ھېكايە توقۇمىدىم! مېنى بىر قىزنى دەپ چۈپرەندە بوپتۇ ، ۋەيران بوپتۇ ، ۋاي ھالىڭغا دەپ مەسخىرە قىلىڭ، كۈلۈڭ، نىمە دىسىڭىز دەڭ. لېكىن مېنى يازغۇچىغا ئوخشاتماڭ.  يالغانچى تېخىمۇ  دىمەڭ ، مەن يالغانچى ئەمەس. - بۇ گەپلەرنى تېرىكىش ھېسلىرى ئىچىدە ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ ئېيتتىم.  قانچە ئۆزىنى بېسىۋالاي دىگەن بىلەن بىرلىرى  قارىنى يۈزگە سۈركەۋەرسە چىدىمايدىغان گەپكەن .
     - مۇھەببەت ھىكايىلىرىدە  تەسۋىرلەرنىڭ بەك ئوچۇق- ئاشكارا بولۇپ كېتىشىنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.  – ئوچۇق ئىپادە  قىلغان كەيپىياتىمنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى ،  ئۇ خۇددى باياتىنقى گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك گويا  بىر ئەدەبى ئەسەرگە ئوبزور يېزىۋاتقاندەك سۆزلىرىنى داۋام  قىلدى.- لېكىنزە، ھېكايە دىگەن سىزنىڭكىدەك  ھېسسىيات-تۇيغۇلا يېزىلىپ  ھەۋەس-ئىستەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ جسمى تەپتى  كام بولۇپ قالسا تېخىمۇ قاملاشمايدۇ   . بۇ مۇھەببەت ھېكايىڭىزدا ھېسسىيات-تۇيغۇ  چىن. لېكىن بايا دەپ ئۆتتۈم. مۇھەببەت ھېكايىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك بەزى بايانلارنى دىمىدىڭىز . ۋاي تەڭرىم،سۆيۈپمۇ باقماپسىز. بۇنداق ئىش يوقمىش، بۇنى قانداقمۇ مۇھەببەت دىگىلى بولىدۇ ؟!
   بۇ يەردە ھەر قانداق سۆزنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتقانچە ئۇ ئايالدىن نەزىرىمنى ئۈزۈپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئولتۇرۇپ قالدىم . كاللام ئۇنىڭ تېمىنى نەگە ئاپىرىپ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى يەنىلا ئايدىڭلاشتۇرالماي قىينىلىۋاتاتتى.
     -تۆمۈر ئەپەندى چۈشكۈنلەشمەڭ. – ئۇ شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۈستەل ئالدىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپلا باياتىنقى قاراڭغۇ ئۆينى يوپ-يورۇق قىلىۋەتتى .  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراڭغۇلۇقتا ئۆزىنى كۆرسەتمەي مېنى سوراق قىلىۋاتقان بۇ ئايالغا قارىدىم . دەل مۇشۇ ئەسنادا ئۇ ھەربى شەپكىنى ئېلىۋېتىپ ئالتۇندەك ساپ سېرىق چاچلىرىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈپ ئۇنى قوللىرى بىلەن تۈزەشتۈرگىلى تۇردى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ قېتىپلا قالدىم. مېنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت ھېكايەمنى يازغۇچىنىڭ ئىشى، توقۇلما دەپ تۇرىۋالغان بۇ خېنىم يازغۇچىلار رومانتىك ئىستەكلەرنى سىڭدۈرۈپ تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئارقىدىن رەسساملار قۇسۇرسىزلىقنى تەلەپ قىلىدىغان  تەسەۋۇرلىرى ئارقىلىق سىزىپ چىققان ئەدىبى-سەنئەت  ئەسەرلىرىدىكى ساھىبجامالنىڭ ئۆزى ئىدى. -  بۇنى تولۇقلاپ كېتەلەيمىز، يەنە كېلىپ  بىرلىكتە . – ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ كىيىۋالغان  ھەربى فورمىنى سېلىپ ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكىگە قويۇپ قويدى. ئۇچىسىدا بولسا   مەيدىلىرىنى ئوچۇق قالدۇرىدىغان قىزىل رەڭلىك كىيىم قالدى . كۆزلىرىمنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچاي دىدىميۇ ئۇنداق قىلالمىدىم.– تۆمۇر ئەپەندى، بايىقى  گېپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ يازغۇچى دىگەن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەننى، ئۆزى تېتىپ باققاننى يازسا ئاندىن يازغانلىرىغا جان كىرىدۇ ، كاللىسىغا كەلگەننى ، ئۆزى بىلمەيدىغانلىرىنى قىياس قىلىپ يازسا يازغانلىرى ئۆلۈك ۋە تەمسىز چىقىدۇ. بۇ ھىكايىڭىزنىڭ باشلىنىشى خېلى چىن، تەسىرلىك.  لېكىن بارغانچە  ئۆلۈك، تەمسىز، سۈنئىي  داۋاملاشقان. ھەتتا  كەينىگە بېرىپ خۇددى ئاسمانغا قاراپ يوق ئىشلارنى خام ماتىرىيال قىلىپ  ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تاقا-تۇققا  ھېكايىلىرىدەكلا  بولۇپ قالغان.  - ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ مۈرەمگە قولىنى ئېلىپ بىر كىم ئاڭلاپ قالمىسۇن دىگەندەك سول قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلىدى، بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ئاجايىپ  ئەتىر دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ ۋۇجۇدىمدا بىر نەرسە قايناپ غىدىقلىنىشقا باشلىدى.
- سىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھەببەت ھېكايىسى يېزىشنىڭ  سىرىنى دەپ بېرەيمۇ ؟ تاقا-تۇققا، تاغدىن-باغدىن سۆز ئېچىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ دىققىتىنى چاچماي ساپ  شەھۋەت ۋە چىن مۇھەببەتنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇپ  يازىسىز. – ئۇ سول قۇلىقىمدىن ئوڭ قۇلىقىمغا كېلىپ يەنە شۇنداق ئادەمنى ئەزگۈدەك، تۆمۈرنى خېمىر قىلىۋەتكۈدەك تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋام قىلدى. مەن بولسام سېھىرلەنگەن ئادەمدەك شۈك ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم.   - شۇنداق بىر مۇھەببەت ھېكايىسى يازىسىزكىن ، ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى ئېرىتىپ كۆيدۈرۈپ تاشلايسىز. بۇنى تەسەۋۋۇر-خىيال بىلەن يازالمايسىز ، قىلالمايسز . بايا دىدىمغۇ، يازغۇچى دىگەن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەننى، ئۆزى تېتىپ باققاننى يازسا ئاندىن يازغانلىرىغا جان كىرىدۇ . بۇ كام قالغان چىن  تۇيغۇلارنى سىزگە مەن بېرەي. يەنى مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ  ئەڭ جەۋھەر قىسمىنى ئىككىمىز مۇشۇ يەردە  يارىتىمىز ،شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ھېكايىڭىز  تامام بولسۇن . ئاندىن ئەدىبى ئەسەرلەرنى قويۇپ رەسمىي دۇنياغا قايتىپ كېلىمىز ۋە باشقا ماۋزۇلارغا ئۆتىمىز. قانداق بۇ قېتىم چۈشەنگەنسىز نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى ؟ بىزنىڭ كەيپىمىزنى ھېچكىم ئۇچۇرالمايدۇ. ۋاقتىمىز يېتەرلىك ...ھېكايىڭىز مۇكەممەل ئاياغلىشىدۇ ...     
  ئۇ  مېنىڭ كەينىمدە تۇرۇپ قوللىرىنى  كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىشكىچە ئۇزاتتى .ئۇنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان پۇراقلار ئىچىدە ئۆزەمنى يوقىتىشقا، كىملىكىمنى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىدىم . ھەتتا  باياتىن ھېلىقى سوراقچى قورقۇنچلۇق تەھدىت سالغاندا تەستە بولسىمۇ  دىيەلىگەن« ئاللاھ »سۆزىنى بۇ ساھىپجامالنىڭ ئالدىدا دىيەلمىدىم.  پەقەت كۆ‍زۈم ئۇ ئەر سوراقچى ماڭا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قويۇپ قويغان جەينامازغا چۈشكەندىلا يۈرىكىمدىن بىر سادا كېلىشكە باشلىدى . «ئەئۇزۇبىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن » . دەسلەپ ماڭا  بۇ ئاۋاز خىيالىمدا دىيىلگەندەك بىلىندى. « ئەئۇزۇبىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن » بۇ قېتىممۇ كاللامدىكى  يازغۇچىلارچە نېرىپلانىڭ ئىشى بۇ  دەپ بىلدىم. بۇ بىلىنەر-بىلىنمەس  سادا مېنى قوللىرى ياقامدا بولغان بۇ ئايالنىڭ باشلاپ مېڭىۋاتقان  تەرىپىدىن تارتالمىدى . « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن » ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. ياق...ياق... بۇنى مەن دىمىدىم. گويا يۈرىكىمگە بىر ئادەم كىرىۋالغاندەك. « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن ».بۇ يۈزدە-يۈز ئىچىمدىن كېلىۋاتقان ئاۋاز  ،ياق ياق ... كۆكرىكىمگە بىر كىم كىرىۋالماپتۇ.  بەلكى  يۈرىكىمگە تىل چىقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سۈرەتتەك گۈزەل بۇ ساھىپجامال ئالدىمغا ئۆتۈپ ئېڭىشكىنىچە كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىلىرىنى  يېشىپ بولغان، تۇمشىقىنى بولسا  مەيدەمگە ئېلىپ كېلىپ بولغان ئىدى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا، خۇددى ئۇنىڭ دىگىنىنى دىمىسەم ئېتىلىپ باغرىمنى قانغا لىق توشقۇزىۋېتىدىغاندەك  قاتتىق رىتىمىسز گۈپۈلدىمەكتە ئىدى .
يۈرىكىمنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ  بىلىنەر-بىلىنمەس « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم » دەپ پىچىرلىدىم ۋە  بۇ قورقۇنچتىن ئۇ ئايال پەيدا قىلغان مەسلىك يېشىلىشكە باشلىدى.
« ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن ، مەندىن قورقۇپ ئەمەس پۈتۈن جىسمىڭ بىلەن دىگىن » يۈرىكىم يەنىلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ مەندىن قانائەت قىلمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ سىرلىق  تىلى بىلەن ئىپادە قىلىۋاتاتتى .
      بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا فانتازىيىلىك ھېكايە ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقانسىز-ھە!؟ ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىمەن. لېكىن ئەقىل ئالماس ئىشلارنى ئوقۇش تەس ئىشلاردىن ئەمەس،  ئىشەنمەي قويسىڭىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنى  تەسەۋۋۇر  خىيالغا تايىنىپ  يېزىش بەلكىم مەزمۇنغا بېقىپ تەس بىر ئىش سانىلىپ قالار. چۈنكى باشقىلارنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلىغاندەك يالغاننى توقۇش بەكمۇ ئاسان ئىشلاردىن ئەمەس . نىمىلا دىگەن بىلەن بۇنداق قىلىش ئۈچۈن يازغۇچىدا  مول تەسەۋۇر كۈچى بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇنى باشتىن كەچۈرۈپ يەنى رېئال دۇنيادا كۆرۈش ،ھېس قىلىش، ئىچىدە ياشاش... بۇ ھالەتتە قالغان ئادەمنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلىشالامسىز ؟ ياق، ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن ئەمەس  قانچە تالانتلىق يازغۇچىلارمۇ بۇ تۇيغۇلارنى باشقىلارغا شۇ پېتى يەتكۈزۈپ تۇيغۇلاردا  ئورتاقلىشىشقا ئىمكان بېرەلمەيدۇ. بۇ زادى باشقىچە، ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغان، تىل بىلەن تەسۋىرلەش،  ئەقىل بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ھېسلار... مەن  ئەينى چاغدا دەل مۇشۇنداق ئەقىل ئالماس كەچۈرمىشكە دۇچ كەلگەن. يەنى  ئۆزەمنىڭ يۈرىكىم بىلەن دىئالوگلاشقان بولغاچقا  قورقۇنچ ھېسلىرىدىن قۇتۇلىشىم ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى .
« ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم دىگىن » يۈرىكىمنىڭ ئاۋازى باشتىكىدەك ئىچىمدىن ئەمەس قۇلىقىم بىلەن تۇيغۇدەك چىقتى.
  بىردىن  توك سوقىۋەتكەندەك  بىلىنىپ « ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم » دىدىم-دە،  قىزنىڭ كۆكرىكىمدە تۇرۇپ قالغان  بېشىنى ئىتتىرىپ تاشلىدىم. چىرايلىق قىزنىڭ بېشى ئالدىمدىكى ئۈستەلگە تېگىپ ئۇ ئۈستەلمۇ ئۆرۈلۈپ  كەتتى . شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ سوراقخانا يەر تەۋرىگەندەك قالايمىقان بولۇپ ئۈستەل چىرىقى بىر ياندا ،قەلەم-دەپتەرلەر بىر ياندا، ئۇ  قىز  بولسا ئۆرۈلگەن جوزىنىڭ ئاستىدا قالغان ئىدى . قىزنىڭ ھالى بەكمۇ خاراپ ،تەسلىكتە ئۈستەلنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ   ئورنىدىن تۇردى. لېكىن ئۇ ماڭا نەپرەت ياكى ئۆچمەنلىك بىلەن قارىمىدى. چىرايىدىن مەندىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكى  مەلۇم . ئۇ كەينىگە نەچچە قەدەم چېكىنىپ بىردەم سول قولۇمدا ساڭگىلاپ تۇرغان كويزىغا بىر دەم چىرايىمغا قارايتتى. بۇ ئارىلىقتا بىر قانچە قوراللىق  ئەسكەر ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ مەندىن قورقتىمۇ قانداق ئىتتىك يېقىنلاشماي مېنى چەمبەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ  قورشىۋالدى. سىرىق ۋە ئاق تەنلىك بىر قانچە ئەسكەردىن باشقا بۇلارنىڭ  كۆپىنچىسى نېگىر ، بىر-بىرىدىن بەستلىك ۋە قاۋۇل. لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەممىسى قوراللىرىنى  قورقۇنچلۇق بىر مەخلۇققا تەڭلىگەندەك ماڭا بەتلەپ تۇرۇشاتتى .
-ئۇ ئادەم ئەمەسكەن ، ئۇ.. ئۇ ...–قىز يىغلاۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا ئېغىز ئاچتى. – ئۇنىڭ بەدىنىدە ئۈسكۈنە بار ...ئۇنىڭ بەدىنىدە... – ئۇ يىغلاپ كەتتى   - ئاۋاز ئاڭلىدىم، ئۇ ...ئۇ ...ئادەم ئەمەس ... ۋاي تەڭرىم...

      ئوق ئاۋازىمۇ ياكى مەن بىلمەيدىغان باشقىچە بىر  نەرسىمۇ  بىلمىدىم «پاڭ » قىلغان ئاۋاز بىلەن  تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. پۇت قولۇمنىڭ زەنجىرلىنىۋاتقانلىقىنى  غۇۋا ھېس قىلدىم. قالغان ئەڭ ئاخىرقى  خاتىرەم بەدىنىمنىڭ كارىدورنىڭ ئىچىدە   سۆرەپ مېڭىلىۋاتقانلىقى بولدى.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
9713
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
624
تىزىملاتقان
2011-2-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 13:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا قايتۇرغان جاۋاپ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇدۇم لىكىن ئىنكاس يىزىشقا ئالدىرىمىغانىدىم ،روماننىڭ بۇ قىسمى كۆرۇپ تەنقىتلەردىن ئۇستاتلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھىس قىلىپ ئەسەرگە يەنە ۋاقىت چىقىرىپ  باھا يىزىشنى قارار قىلدىم .
بۇ باپ  ماڭا 魔幻现实主义 يىزىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئەسلەتتى،سىز مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانمۇ ؟  

UID
9713
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
624
تىزىملاتقان
2011-2-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 13:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىكتىرون ئەسۋاپلىرى دۇنياغا داڭلىق ئىجى گۇروھىنىڭ باشلىقى خىرويىكى ئەپەندى  مۇھىدنىڭ بەدىنىگە  ئىلىكتىرونلىق ئەسۋاپ ئورنىتىپ قويدىمۇ ؟ ، مۇھىد بىچارە ياپونىيە ئامىرىكا تىخنىكا جىڭىنىڭ قۇربانىمۇ؟! بۇ رومان تۈگىمەيدىغان بولدى ...لىكىن خاتىرجەم بولۇڭ چىداپ ئاڭلاپ بەرسىڭىزلا ئاچچىق تەنقىتلىرىم تىخى ئالدىمىزدا

UID
8075
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-13
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 18:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  قانچە كۇندىن كىيىن كۆرەرمىز ئاخىرىنى .....

UID
12857
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1271
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 01:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن يېرىمگە ئىنكاسىم ئارقىلىق بەلگە سېلىۋالاي

UID
5059
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2010-8-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-20
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 13:17:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ، دىليار ئەپەندى ، غەيرەت قىلىڭ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش