تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16778
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
103
تىزىملاتقان
2011-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-13
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 01:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال ساقلىۋالاي!

UID
15258
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
188
تىزىملاتقان
2011-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 23:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز  دىليار  ،
سىز كەڭ تورداشلارغا   ھەپتىدە بىر يىڭى تىما يوللىنىدۇ دەپ ۋەدە بەرگەنتىڭىز
لىكىن بۇقىتىم  ئون نەچچە كۇن بولدى  سىز ۋەدىڭىز دە  تۇرالمىدىڭىز
ياكى ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى قانداق چۇشۇرۇشنى بىىلەلمەي بىشىڭىز قىتىۋاتامدۇ ؟؟؟؟؟؟؟

UID
19343
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 07:51:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىىزىلىپتۇ  ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي  ئوقاي

UID
13946
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
159
تىزىملاتقان
2011-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
18583
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، دىليار ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى بەكلا ساقلاپ كەتتىم.ئەسلىدىمۇ  كىچىكىپ ئوقۇپتىكەنمەن .نىمىشقىمۇ بالدۇر ئوقۇغاندىمەن دەپ ئەپسۇسۇلىنىپ قالدىم.
كۈندە نەچچە رەت كىرىپ قاراپ باقىمەن.....
بولسا ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى تىزىرەك ئوقۇۋالسام دەيمەن. يېڭى يىلمۇ كەپ قاپتۇ،سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە يېڭى بىر يىلىڭىزدا ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇخلۇق بولىشىنى مېھرىبان بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن.

UID
21725
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 22:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئەسەرنى زور ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇۋاتىمەن. ئاخىرىنى كۈتىمەن .

UID
21081
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 23:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
6932
يازما
186
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5370
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 00:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىڭى باپ


ساقچى ماشىنىسى توكيو شەھىرىدىن چىقىشى بىلەنلا كۆزۈمگە ۋەھىمىلىك  قارا لاتا چىگىلدى. ساقچىلار قولۇمغا كويزا سالمىدى . ماشىنا شەھەر ئىچىدىن چىقىپمۇ يەنە ئىككى  سائەت ياق ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت يوقىرى سۈرئەتتە ماڭغاندىن كېيىن بىر چاغدا ئايروپىلانلارنىڭ كۆتۈرۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋازلىرىنى سۇس ئاڭلاشقا باشلىدىم .بۇ ئاۋاز ماڭا قورقۇنچلۇق خىياللارنى قىلدۇرۇشقا باشلىدى، چۈنكى مېنىڭ ئىشىم خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان تەقدىردە ھازىر ئۈزىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىران زەم زەم بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان ئۈرۈمچى زەم زەم شىركىتىگە چېتىشلىق بىر دىلو بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بولىدىغان بولسا   بۇلار مېنى ئايروپىلانغا سېلىپ ئۇدۇل كوباغا يەنى  گۋانتاناموغا يوللىۋېتىدۇ . تىرورچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم  ئىشى بىلەن قارا تىزىملىككە چۈشكەن ئىران زەم زەمنىڭ شۇ چاغلاردىكى  قارىسى ئۈرۈمچى زەم زەم شىركىتى ئارقىلىق ماڭىمۇ يۇققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ دەپتەر ماڭا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېپىلىپ، كونا خامانغا ئايلانغان بىلەن بىرلىرىگە ئۇنداق ئەمەس بولۇشى تامامەن مۇمكىن .چۈنكى   مۇتەللىپ بوۋاينىڭ ئەلىنىڭ بۇ شىركەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەجبۇرى ئۈزىۋېتىشى ئەينى ۋاقىتتا مەن چۈشەنگەندەك مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى مۇتەللىپ بوۋاينىڭ ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ تىرورچىلارغا قارشى دۇنياۋى تەكشۈرۈش باشلانغاندا ئەلىگە ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان  يول ھازىرلىشى، ھېچ بولمىغاندا خەتەرلىك رايوندىن ئۇنى يىراقلاشتۇرىشى بولۇشى مۇمكىن .ئىش مۇشۇنداق بولسا مېنىڭ مەسىلەم پەقەت مۇتەللىپ بوۋاي ئالدىن كۆرەلىگەن، نەتىجسى تامامەن ياخشى بولىدىغان  ئاشۇ  تەكشۈرۈشلەرنىڭ باش قىسمىدىكى ئىشلار  بولىدۇ. دىمەك تەكشۈرۈش باشلاندى، يەنە كېلىپ مەندىن. ئەمما ئۈرۈمچى زەم زەم شىركىتىنىڭ ئىران بىلەن باغلىنىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مېنى جەزمەن گۋانتاناموغا ئەۋەتىشى لازىممۇ ؟ ئۇچۇر قىممىتى مەنچىلىك ئادەملەرنى ئۇ يەرگە ئەۋەتكىلى تۇرسا، گۋانتاناموغا ئادەم سىغماي قالىدۇ، بۇ ئېھتىمالدىن يىراق. لېكىن مەن ئويلاپمۇ باقمىغان باشقا سەۋەپ بىلەن ئەۋەتسە... ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇنداق بولمايدۇ ... ئايروپىلان ئاۋازلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلاشقا باشلىدىم. لېكىن توكيو ئايرودرۇمىدىن تارتىپ ماڭا ھەمراھ بولۇۋاتقان  جىددىيچىلىك ،تىتىلداش ئايروپىلاننىڭ كۈچىيىۋاتقان ئاۋازلىرىنىڭ ئەكسىچە پەسىيىپ قالدى. ئادەمنى نامەلۇم خەۋپ-خەتەر مەلۇم بولغان ئۆلۈمدىن بەكرەك ئازاپلايدىكەن. بۇ ئايروپىلان ئاۋازىدىن تۇغۇلغان يېڭى يىپ ئۇچىلىرىنى بويلاپ كاللام ھازىرقى ئەھۋالغا نىمە ئۈچۈن چۈشكەنلىكىم توغرىسىدا ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن جىددىيلىشىشلىرىم پەسىيىپ قالدى. ئۆزەمنى سەل توختىتىۋېلىپ ئۈرۈمچى  زەم زەم شىركىتى ۋە ئەلى ھەققىدە نىمىلەرنى دىيىشنىڭ پايدىلىق نىمىلەرنى دىيىشنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ روھى تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم .ئەلىنى مۇتەللىپ بوۋاي كۆيۈۋاتقان  ئوت يېنىدىن تارتىپ ئەكەلگەن ئىكەن ،ئاغىنىسى بولغان مەن ئۇنىڭ ئوت قويغۇچىلار قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى، شىركىتىنىڭمۇ تامامەن نورمال شىركەت ئىكەنلىكىنى  دەلىللەيدىغان نىمە بولسا شۇنى ئوتتۇرغا قويۇشۇم كېرەك، ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ توغرا دۇرۇس ياشاشنى يادرو قىلغان روھى دۇنياسىنى دەيمەن ، بارلىك كىشىلەرگە مىللەت ئايرىماستىن ئەقلى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇ-غايىسىنى ۋە ئانا يۇرتقا پايدا ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدىكى ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنى دەيمەن ، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ زەم زەم ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىش سەۋەبىنىڭ مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدە خەلقئارالىق كۆلەمگە ئىگە تىجارەت قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، قانداقتۇر بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرسە بولىدۇ دەيدىغان تىرورچى كۈچلەرگە قېتىلىپ ئىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى سۆزلەيمەن. بۇلار-ئىشىنىمەنكى- ئەلىنىڭ خۇددى مۇتەللىپ  بوۋاي ئويلىغاندەك بۇ تەكشۈرۈشتىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىشىگە پايدىسى بولىدۇ، ئەلى بۇ بالادىن جەزمەن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ . چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، يەتتە قازاندا تاۋلىنىپ شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ كارخانا بولغان قىزىل ئالمىنىڭ لىدىرى بولالىغىدەك ماقامغا يۈكسەلگەن مۇتەللىپ بوۋاينىڭ ئەلىنىڭ سالامەت قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بولمىسا ئەلۋەتتە ئۆزىنى بىلمەيدىغان ياش بالىلاردەك  ئەلى بىلەن بىر تۈر بېشىغا تەڭ شېرىكلىشىپ كەلمەيتتى-دە ..
ماشىنا توختاپ ئىككى ساقچى مېنىڭ قولتۇقىمدىن تۇتۇپ   بىنا كارىدورىغا ئېلىپ كىردى. دىمەك، ئۇلار مىنى كۇبا گۋانتاناموغا ئەۋەتمەيدىكەن. لېكىن كارىدوردىكى ئاۋازلاردىن باياتىن قىلغان  روھى تەييارلىقلىرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ساقچىلارنىڭ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن بۇ پەلەمپەي ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، بۇ دوقمۇش ئۇ دوقمۇشقا قايرىلىش جەريانىدا بىر ئەمەس بىر قانچە قېتىم مەزمۇنىنى بىلەلمىگەن بولساممۇ ياپونچە ئەمەس ئامېرىكا تەلەپپۇزىدىكى ئىنگىلىزچە ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالدىم. دىمەك، مېنى ياپون ساقچىلىرى ئەمەس 11-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا ترورىزىمغا قارشى ئوموميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلغان ئامېرىكا بۇ يەرگە ئېلىپ كەپتۇ دە . بەلكىم بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق بىرەر ھەربى بازىسى- كەتكەن ۋاقىت ۋە ئايروپىلان ئاۋازلىرىدىن تەخمىن قىلغىنىمدا  ئېھتىمال مەن دەسسەپ تۇرغان بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق  ئارمىيىسىنىڭ بىرى بولغان ئامىرىكا دىڭىز ئارمىيسىنىڭ    ئىۋاكۇنى ئايرپىلان  بازىسى-بولۇشى مۇمكىن.

ئىشىك ئېچىلىپ بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدىم  ،بۇ چاغدا روھى تەييارلىقلىرىم تامام بولۇپ بەدىنىمگە ئازراق بولسىمۇ جان كىرىپ قالغانىدى .
بىنا ئىچىدە ئۇزاق چۆرگىلىتىشلەردىن كېيىن كۆزۈمدىكى قارا لاتا ئاخىرى ئېلىۋېتىلدى.كۆرگىنىم ئۈستەل- ئورۇندۇقتىن باشقا بىر نەرسە بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، نۇر چۈشىدىغان بىرەر پەنجىرىسىمۇ يوق قاپ-قاراڭغۇ بىر ئۆي بولۇپ ئۈستەلدە كىنولاردىكى سوراق مەيدانىدىكىىدەك بىر ئۈستەل چىراغ ياندۇرۇقلۇق ئىدى. بۇ چىراق ئۈستەل ۋە قارشى تەرەپتىكى ئورۇندۇق قويۇلغان كىچىك بىر جاينى يورىتىۋاتقان بولۇپ ئۈستەلنىڭئۇ تەرىپىدىكى تامدا قاۋۇل بىر ھەربىينىڭ ئەرۋاھتەك بېشىنى كۆتۈرۈپ قىمىرلاپمۇ قويماي  تىك تۇرغانلىقىنى غۇۋا كۆرەلىدىم .سوراقخانىدا مۇشۇنداق كۈچ كۆرسىتىدىغان بىرىنىڭ تىكلەپ قويۇلىدىغانلىقىنى كىنولاردىمۇ كۆرمەپتىكەنمەن . بۇ ئەرۋاھ ئەسكەرنىڭ ياپون ياكى ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىگەندەك ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان ئۇ ئادەمنىڭ ئىرقىنى ئەمەس ھەتتا بېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم،چىراق تۈۋى ھەقىقەتەن قاراڭغۇ بولىدىكەن.
-چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، رەھمەت سىلەرگە، – ئۈستەل قارشىسىدىكى ئۇ ئادەم مېنى ئىلىپ كىرگەن ئىككى ساقچىغا شۇنداق دىدى .ئۇلار چىقىپ كېتىپ ماڭا يەنە ياپون تىلىدا – مۇھىد تۆمۈر ئەپەندى،قېنى ئولتۇرۇڭ-دىدى.
ئۈستەل ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغىنىمدا ئۇ  ھۆججەتلەرنى چىراغقا تۇتۇپ ۋاراقلاشتىن توختاپ ئورۇندۇققا يۆلەندى.
- مۇھىد تۆمۈر ، سىزگە  ياپونچە سۆزلەيمۇ ئىنگلىزچىمۇ ؟ كەچۈرۈڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيمەن.- ۋەھىمىلىك سورۇندىكى بۇنداق قائىدىلىك ،مويسىپىتلارچە سىلىق-سىپايىلىق مەن كىنولاردا كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر  مەنزىرە ئىدى .
- سىز قايسى تىلدا ياخشى سۆزلىسىڭىز شۇ تىلدا سۆزلەۋېرىڭ، مەندە چاتاق يوق. سىزگە قولاي بولسىلا بولدى.
- ھا ھا  ھا ... بۇنداق دەڭ، – ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ھېچ بىر تەبىئىيلىك ھېس قىلالمىدىم. ئەكسىچە توسالغۇلارغا ئۇچراپ چىقىۋاتقاندەك بىر خىل راھەتسىزلىك سىڭگەندەك ئىدى. – ئاۋۋال سىزگە بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قوياي ، – ئۇ ساپ ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا سۆزلىگىلى تۇردى. بۇنىڭدىن ئۇنى ئامېرىكىلىق ئىكەن دەپ يۈزدە- يۈز مۇئەييەنلەشتۈردۈم .- سوراق قىلىشنىڭ تۈرلۈك تاكتىكىلىرى بار، قىيناش بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇسۇل. لېكىن مەن بۇ ئۇسۇلغا قارشى. چۈنكى مېنىڭ كۆز قارىشىمدا سوراق قىلىنغۇچى يالغان ئېيتىشقا مەجبۇرلانمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ھەقىقى ،ئەتراپلىق ۋە كارغا كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ .  قىينىلىپ راست گېپىنى  قىلغان تەقدىردىمۇ مۇناسىۋەتلىك  باشقا ئۇچۇرلارنى ئالغىلى بولمايدۇ ،ئادەم دىگەن قۇتا ئەمەس چېقىپ ئىچىدىكى نەرسىنى تۆكۈپلا ھەممىنى قويماي ئېلىۋالىدىغان. شۇنداقمۇ ؟ ئەمما، –ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. – مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قوشۇلمايدىغانلارمۇ بار. ئۇلار سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ . تۆمۈر ئەپەندى، سىزنى ئاۋۋال سىلىق-سىپايىلىق بىلەن  ئۆزەمنىڭ مىتودى بويىچە سوراق قىلىپ باقىمەن. بۇ ئاقمىسا باشقىلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا مەن قارشى چىقالمايمەن. مەسىلەن: ئۇخلاتماسلىق ،سوغۇقتا قويۇش ،تاپانچىنى بېشىغا تەڭلەش يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ، سۇدا تۇنجۇقتۇرۇش،توك سوقتۇرۇش يەنە تۈرلۈك نىېرۋا غىدىقلىغۇچى تەسىرلەرگە ئىگە دورىلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈم كۆرۈلمىسە ھەتتا گۋانتاناموغا ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئايلاپ - يىللاپ سوراق قىلىش  .ماڭا ئامال يوق، دىموكراتىيە دىگەن شۇ ...ھى ھى
  ئۇ بۇ قىتىم ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا ئازادىرەك كۈلدى . لېكىن ئازادە چىققان  بۇ كۈلكە ئاۋازى مېنى بوغۇۋاتقاندەك بىلىنىپ نەپسىم قىسىلىپ كەتتى .
- نىمە !؟ بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟-بوينۇمنى تولغاپ كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىنى كۈچەپ تۆۋەنگە تارتتىم.- بۇ ئادەمگە  تەھدىت سالغانلىققۇ !؟ مېنى نېمىشقا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىسىلەر ؟ ئادۋوكات چاقىرىمەن !!
- تۆمۈر، بۇ يەر ساقچىخانا ياكى ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئادالەت بېرىمىز دەيدىغان سوتخانا ئەمەس ، بۇ يەرنى ھېچقانداق يەرگە ئوخشاتماڭ . مۇنداقلا دەي، سىزنى توكيودا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقتى، بىنادىن يىقىلىپ چۈشتى ، بۇلاڭچىغا  ئۇچراپ ئۆلدى... ۋاھاكازا  دەپ خەۋەر بېرىپلا يوق قىلىۋېتەلەيمىز .ئەمدى ئازراق بولسىمۇ چۈشەندىڭىزمۇ بىز كىم ؟  بۇنىڭغا سۆزلۈك تاپالمىسڭىز ئۇنداقتا بىزنى شۇ كۈچلەرگە ساھىپ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر ئورۇن دەپ چۈشىنىڭ  .
- ئاللاھ...- نېرۋىلىرىم ئىشلەشتىن توختاپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدىم.  مەندە قالغان ھەممە كۈچ بىلەن پەقەت ۋە پەقەت  مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلالىدىم، يەنە كېلىپ بۇ سۆزنىمۇ شۇنچىلىك تەستە قىلالىدىم.  
قارشىمدىكى ئۇ ئادەم مېنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىمنى چىراي ئىپادەمدىن ئېنىق بىلمەكچى بولغاندەك ئۈستەل چىرىقىنىڭ بېشىنى مەن تەرەپكە بىلىنەر بىلىنمەس قىيسايتىپ  بىر دەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى ،قارىغاندا ئەلىنىڭ قويغان  «پسىخىكىسى ئاجىز»دىگەن دىئاگنوزى يۈزدە- يۈ توغرا ئوخشايدۇ. مەن تاياق توقماققا تۇتۇلماستىن بىر نەچچە ئېغىز سۆز  بىلەن قويدەك يۇۋاشلاپ ھەتتا بىر يەرلىرىمنى تىترەك بېسىپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئەقەللى سوئاللاردىن بىرى بولغان « سىلەر ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىمۇ؟» دىگەن سۆزنى قىلىشقا كېتىدىغان كۈچنىمۇ يوقاتتىم.
-ھازىر سائەت دەل يەتتە بولدى - ئۇ سائىتىگە بىر قارىۋەتتى – سوراق رەسمى باشلاندى .قېنى ئېيتىڭا، تۆمۈر ئەپەندى ،سىز ياپونىيىگە نىمە مەقسەتتە كەلگەن؟
ئۇ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان، تەييارلىقىم يوق سوئالدىن بىرنى سورىدى. كاللامدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم .
-ئۇسىسۇلۇق ئىچەمسىز ؟ -سوراقچى ماڭا سۇ تەڭلىدى.
سۇنى ئېلىپ ئىچتىم ۋە يەرگە قاراپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ كەيپىياتىمنى تەڭشەشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم. لېكىن يۈرىكىم يەنىلا نورمالدىن تېز سوقىۋاتاتتى. باياتىنقى قورقۇنچتىن چېچىلىپ كەتكەن پىكىرلىرىمنى بىر يەرگە يىغالماي سوئال شۇنچىلىك ئاددى بولسىمۇ يەنە ئېغىز ئاچالماي قالدىم .
-تۆمۈر ئەپەندى ، بىزنىڭكىلەر سىزنى توكيو مەسچىتىدە كۆپ ئۇچرىتىپتۇ ،ئىمام ئەردوغان ئۇيغۇر بىلەن ياخشى ئۆتىدىكەنسىز. نامازنى تاشلىمايدىغان دىندار مۇسۇلمانكەنسىز.- ئۇ بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىنى يورۇتتى ،ئۇ يەردە كۆك رەڭلىك جەيناماز سېلىقلىق ئىكەن. – كۆردىڭىزمۇ، سىزنى ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمىسۇن دەپ ئاتايىن جەيناماز ھازىرلاتقۇزۇپ قويدۇم . نامىزىڭىزنى شۇ يەردە قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، مېنى ئەخمەق قىلىپ قىبلىنى خاتا كۆرسىتىدۇ دەپ قالماڭ ،جەينامازدا كومپاس بار ، ماڭا قاراڭ تۆمۈر ئەپەندى،  مېنىڭ ئېتىقادىڭىز سەۋەپلىك سىزگە ھېچقانداق دۈشمەنلىكىم يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە  ئىسلام دىنىغا ھۆرمىتىم چەكسىز. پەقەت سەمىمى بولۇپ ياپونىيىگە نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىزلا سىزنى ئۇ قەبىھ خىزمەتداشلىرىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەي سوراقنى  ئۆزەم تاماملايمەن. گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسىز ؟     
جەينامازنى كۆرۈپ يادىمغا بىر چاغدىكى بېشىمنى سىلىغان سىرلىق بوۋاي كېلىپ بىر ئۇھ تارتىپ قويدىم . ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئەلىگە ئەمەس ماڭا قىزىقىۋاتقانلىقىدىن قارىغاندا گۈزەلنۇرنىڭ كەينىدىن دەرۋىشلەرچە يالغۇز مېڭىۋېرىپ ئاخىرى ماڭا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدىغان بىر يەرگە كېلىپ قالغاندەك تۇرىمەن . بۇ كىشىنىڭ ھېچبىر مەخپى يېرى يوق  توكيوغا كېلىش سەۋەبىمنى سورىشى مېنى ئەجەپلەندۈرگەن بولسىمۇ  بېشىمغا نىمە كۈن كەلسە كۆرەرمەن دەپ ئەلى بىلەن تونۇشۇش، يېقىنلىشىش ۋە بىرگە شىركەت قۇرۇش ۋە زەم زەم ھەم  قىزىل ئالما شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى دىگەندەك ئىشلارنى ئۇ يەر بۇ يەردىن تارتىپ سۆرەپ تولۇقلاپ  بايان قىلىپ توكيوغا كېلىش سەۋەبىمنى چۈشەندۈردۈم . بىراق مۇتەللىپ بوۋاينىڭ ئەلىنىڭ 11-سېنتەبر ۋەقەسىگە چېتىلىپ قالغان ئىران زەم زەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋېتىشى دىگەندەك مېنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىم بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغان سۆزلەرنى دەپ ئولتۇرمىدىم. ئارىلىقتا ئەلىنىڭ ئىسمىنىڭ چىقىشى بىلەن سوراقچىنىڭ گەپ قىستۇرۇشى ۋە ئەھۋال ئىگىلەشنى باشلىشىنى قىياس قىلىپ ھەر قېتىم ئەلى دېگىنىمدە تىنىپ تىنىپ تۇرغان بولساممۇ ئۇ گىپىمنى ئازراقمۇ بۆلۈۋەتمەي ياكى خاتىرىمۇ قالدۇرماي ئاڭلاپلا ئولتۇردى .
- مۇھىد تۆمۈر ئەپەندى ، بىزنى سىز مۇشۇنى بىلىۋالغىلى بۇ دۇنيادىكى ھېچ بىر  ھايات ئادەم كىرىپ قېلىشنى خالىمايدىغان بۇ ئۆيگە چىللاپ ئېلىپ كەلدى دەپ قارامسىز ؟
   - چۈشەنمىدىم ...
-مەن سەۋىرچان ئادەم .بايا كۆردىڭىز، زېرىكمەي قۇرۇق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بەردىم. سىزدەك ئەقىللىق ئادەمگە ئەپسۇسلىنىپ تۇرۇپ يەنە ئەسكەرتىدىغان بولدۇم ،ئاڭلاڭ، بۇ يەردە نىمە بولسا شۇ ھەقىقى قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . ھەتتا كىشىلەر جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇچىسىغا ئارتىۋالىدىغان ئەخلاق مەدەنىيەت دىگەندەك  زىننەت قىياپەتلەرمۇ بۇ يەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ . باھانە- سەۋەپ ، قۇرۇق پاراڭلار سىرتتا قالدى. بۇلارنى بۇ  يەرگە ئېلىپ كىرىمەن دىسىڭىز بىزنى كىچىك كۆرگەن بولىسىز . بىزنى كىچىك كۆرۈشنىڭ بەدىلىنى ئۆمۈر بويى تۆلەپ بولالمايسىز ، چۈشىنىۋاتامسىز ؟
   - گېپىڭىزنى راستىنلا چۈشىنەلمىدىم.
- بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا  سىزگە بىر ئاز ۋاقىت بېرەيمۇ ؟ 10 مىنۇت ئويلىنىۋالامسىز ؟
-لېكىن مەن  راستىنلا چۈشىنەلمىدىم - سوراقچىنىڭ گېپىنى ھەقىقەتەن چۈشەنمىگەن ئىدىم .ئۇنىڭ دىققىتىنىڭ مەن كۈتكەندەك ،ئۈمىد قىلغاندەك ئەلى ياكى زەم زەم شىركىتى ھېچ بولمىغاندا ئىرانغا يېقىنلىشىپ ماڭماسلىقى مېنى تېخىمۇ بەك ساراسىمىغا سېلىۋەتتى ،ئەجىبا مېنى بىر كىملەر ئۇلۇغ غايىلىرى ياكى ھاياجانلىق  سىىياسى پىلانلىرىغا قۇربانلىق قىلىپ تاشلاپ بەرگەندىمۇ؟ خىرويۇكى ئەپەندىگە يارايمەن دەپ يازغان «ياپونىيە ئەنئەنىنىڭ دۇنياۋى قۇتقۇزغۇچىسى بولالامدۇ؟»دىگەن ماقالەمدە زامانىۋىلىشىشنى غەرپلىشىشكە تەڭ قىلىۋېلىپ ئۆز خەلقىدىن يىراقلاشقان ياكى زامانىۋىلىشىشنى ئۆز ئەنئەنىسىگە دۈشمەن بىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان  سەرخىللاردىن ئايرىلغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى بەزى مەشھۇر داھىيلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا  ئېلىپ بارغان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئسلاھات ياكى تازىلاش پائالىيەتلىرى  ۋە  بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كەمچىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى شۇنداقلا ئۇ خىل ھەرىكەتلەر ئۇچرىغان توسالغۇلار ئۈستىدە ئۇزۇن مەزمۇنلار قوشقان ئىدىم .  بۇ سىياسى داھىيلار ئۆزلىرىگە قارشى چىققان كۈچلەرنى ھەتتا بۇ كۈچلەر مىڭ يىللار ئىلگىرىكى كىتاپ ۋە مەدەنىيەتلەر ۋە ياكى ئەڭ يېڭى پاكىت دەلىللىك ئىلمى ئىزدىنىشلەردىن بولغان خەلقئارالىق كۆلەمگە ئىگە مەرىپەت ھەرىكەتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ئىنكار قىلىپ دەسسەپ چەيلىگەن ،ئادەملەرنى بولسا  رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ باستۇرغان . كۆزىتىشىمچە بۇنىڭ  ئارقىسىدا بىر ئاجايىپ مەنتىقە بار. يەنى كاتتا ئادەملەر ،ئادەتتىن تاشقىرى قابىل سىياسىيونلار ھەرگىز ئەخلاق ،ۋىجدان پىرىنسىپلىرىغا باغلىنىپ ئىش قىلالماي تۇرۇپ قالماسلىقى لازىمكەن. بۇ تېمىدا نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلغانىكەن . كىتاپ ئاپتورلىرى بولغان كىشىلەر قىلچە يوشۇرماستىن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئويلايدىغان نوچىلارغا قانداق يالغان ئېيتىش ،ئادەملەرنى قانداق قىلىپ ئۆزلىرىگە سەزدۈرمەستىن ئالداش ،ئۇلارنى ۋاقتى كەلسە ئەڭ يېقىن  ئادەملىرى بولغان تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا تۇتۇپ بېرىش ، سېتىۋېتىش ياكى كوللېكتىپ قەتلى قىلىش دىگەندەك  تۈرلۈك-تۈمەن نەيرەڭلەرنى ئۆگىتىدىكەن. سوراقچىنىڭ قورقۇنچلۇق تەھدىتلىرىدىن مەن باشقا ئەللەرگە زىيادە مەپتۇن بولۇپ بىر شەكىلدە ئۆزىدىن ياتلىشىۋاتقان بولۇپمۇ غەرپلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە باش بولۇۋاتقان داھىيلارنىڭ  ئەنئەنىگە غايەت زور زىيانلار سالغانلىقىغا ياكى دىنى ھېسسىيات ۋە يەرلىك قىممەت قاراشلىرىغا زىيادە چاپلىشىۋالغان دىنى ياكى مىللى داھىيلارنىڭ  خەلقلىرىنىڭ ئۆز مەرىپەت يىلتىزلىرىدىن زامانىۋى نوتىلارنىڭ چىقىشىغا بېكىنمىچىلىك قىلىپ يول بەرمىگەنلىكىگە ،  زامانىۋى گۈللىنىش ئىمكانىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىغا مىسال قىلىپ تەتقىق قىلغان ئۈچىنچى دۇنيا سىياسىيونلىرىدا كۆرۈلگەن ئۇ  قانۇن تونۇماسلىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرنىڭ بىرىنچى دۇنيادىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقىدىن گۇمانىم قالمىدى . بۇ مەسىلىلەرغۇ چوڭ چوڭ ئادەملەر ئويلىشىدىغان  دۇنياۋى ئىشلار، مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ. لېكىن بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق، جەمىيەتنىڭ مەسىلىسگە ئەمەس ئۆزەمنىڭ شەخسىي ئىشىغا باش قاتۇرسام بىرلىرى مېنى قۇربانلىق قىلىپ تاشلاپ بەردى .  مەندەك ئاددى ئادەم كىمنىڭ ئۇلۇغ ئىشىغا ياراپ قالغاندىمەن ؟!  دۇنياۋى ئېمپىرىيە بولغان ئوسمانلىنىڭ سۇلتانىنىڭ پىلانى؟ ياق، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى ، خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ غايىسىگە قۇربان بولۇپ چۈشتۈممۇ ؟ ياكى  مۇتەللىپ بوۋاينىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىغا يەم بولدۇممۇ يە؟   ياكى ئەلىنىڭ  ...ياق ياق، گەرچە  ئۇ يۇلتۇزى پارلاۋاتقان ياش بولسىمۇ  بۇ ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا يەنىلا كىچىك بىر بالا، بەلكىم كېيىن ئەخلاق، ۋىجدانى پىرىنسىپلاردىن خالى بولىشى كېرەك بولىدىغان   ئۇلۇغ ئادەم بولۇپ يېتىشىپ قالار ،لېكىن ھازىرچە ئۇ كىچىك ...
  - قانداق ،ئويلىنىپ چۈشەندىڭىزمۇ ؟ - سوراقچى ئېغىز ئاچتى – سېزىپ تۇرىۋاتىمەن ، ئىدىيىڭىزدە قاتتىق بىر مەيدان كۈرەش بولۇۋاتىدۇ ، بەزى ئىشلارنى بىر ئامال قىلىپ يوشۇرىۋالالايمەنمۇ دەپ ئويلاۋاتىسىز، لېكىن ئاۋارىچىلىقنى ئالىبۇرۇن  تېپىپ بولدىڭىز ، بۇنى بىر يەرگە تىقىپ يوشۇرۇپ قالالمايسىز ،ئۇنىڭدىن قېچىشىڭىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئەھمىيىتى يوق، مۇھىد ئەپەندى .سىز تاپقان مالىمانلىرىڭىز سەۋەبىدىن ئالدىمىزدا سوراقخانىدا  ئولتۇرىۋاتىسىز ،گەپ  چۈشىنىۋاتامسىز ؟ يەنە ئويلىنىۋالامسىز يا ؟
-توغرا مەن سوراقخانىدا ،لېكىن سەۋەبىنى بىلمەيمەن .بۇنى مەن بەك تەكرارلاپ كەتتىم. راسىتىنلا چۈشەنمىدىم ،سىلەر ماڭا دەپ بېرىڭلار، مەن نىمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمەن ؟
-ئۆمرۈمدە سىزدەك زېرەك ئادەمنى كۆرۇپ باقمىغانمەن تۆمۈر ئەپەندى ،پۈتۈن ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن ،بەك زېرەككەنسىز  ، خۇپسەنلىكنىمۇ شۇنداق قاملاشتۇرىدىكەنسىز ،ئاۋازلىرىڭىز راستىنلا ئۇۋالچىلىقتا قالغاندەك چىقىۋاتىدۇ ، شۇڭا سىز ئالاھىدە خادىم بولالىغان. شۇنداقمۇ ؟
-گىپىڭىزنى يەنە چۈشەنمىدىم.
-راستكەن، سىزدەك ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن. سىز نېمىدىگەن ئەقىللىق .بىر نەرسىنى يوشۇرىۋاتىسىز. لېكىن پەقەت چاندۇرمايدىكەنسىز ،قىلچە...سىزدىكى سوغاققانلىق،زېرەكلىك،  بۇنى تالانت دەيمىز . بۇ تالانتتىن مەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۇلارنىڭ سىزنى تاللىغانلىقى  ھەقىقەتەن توغرا بوپتىكەن، بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سىزدەك سوغاققان ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش قىلمايدىغان ،قىلغان ئىشىنى پەقەت چاندۇرۇپ قويمايدىغان پۇختا ئادەم لازىم .لېكىن سىز شۇنچىلىك سوغۇققان، ئەتراپلىق پۇختا ئادەم تۇرۇقلۇق ئۆزىڭىزنىڭ مىجەزىگە پەقەت ماس كەلمەيدىغان بىر ئىش قىلىپ پاش بولۇپ قالدىڭىز.مۇشۇنداق ئاددى بىر خاتالىق سادىر قىلغىنىڭىز ئەقلىمدىن پەقەت ئۆتمەيدۇ. لېكىن شۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز  سىزنى مەڭگۈ بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىمىزكەن . مۇكەممەل ئادەم يوقتە دۇنيادا.
  بۇ گەپ بىلەن دەرھاللا ئەلىنىڭ تېلفونىنى ئۆزەم ئەتكۈزىۋېتىپ تاپالمىغاندىن كېيىن خىيالىمدىلا ئەلىنى گۋانتاناموغا سولىۋېتىپ يەنە تەسەۋۇر- پەرەزلىرىمگە تايىنىپ ئۆزەمچە ئەلىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىگە يازغان ھېلىقى قاملاشمىغان «مېنىڭ ئىككى دوستۇم»ناملىق يازمام ئېسىمگە كەلدى ، بۇ مەن ئەسلىيەلەيدىغان مىجەزىمگە پەقەت ماس كەلمەيدىغان ئىش مۇشۇ ئىش ئىدى .لېكىن بۇ خەت بىلەن مەن زادى نىمە ئىشنى پاش قىلىپ قويدۇم ؟ جىم ئولتۇرۇپ قانچە ئويلىساممۇ بۇ ئىش پەقەت ئۆزەمنىڭ كالۋالىقىمنى دۆتلىكىمنى پاش قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق رول ئوينىمىغان ئىدى. كالۋالىقم دۆتلىكىم بىلەن بۇ ئادەملەرنىڭ نىمە ئىشى بار؟

- قانداق ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ ئۇ ئىشنى ؟
-ياق.
-دىمەك دۇنيادا راستىنلا  مۇكەممەل ئادەم يوق دىگەن گەپ ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇنداق قابىلمۇ ساناپ كەتمەڭ. مانا تۇتۇلۇپ قالدىڭىز. ئەمدى ئالدىڭىزدا ئىككى يول بار. بىرى قولىڭىزدىكى پۈتۈن ماتىرىياللارنى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئەركىنلىككە چىقىسىز. يەنە بىرى  تىرورچىلار يانتاياقچىسى جىنايىتى بىلەن گۋانتاناموغا ئەۋەتىلىسىز ۋە ئۇ يەردە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلىسىز  .ئەمدى سىزگە ئۇ ئەخمىقانە ئىشىڭىزنى دەپ بېرىمەنمۇ ياكى ياپونىيىگە نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭىزنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى ئۆزىڭىز ئېيتامسىز؟
ئەلىمۇ سەمىمى دوستلىقى بىلەن ئاشكارىلىيالمىغان مېنىڭ بۇ سىرىمنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەھدەت بىلەن ئاچىمەن دىيىشى قانداق قىزىقارلىق ھە ؟ ئىچىمدىن كۈلگۈم كەلگەن بولسىمۇ سىرتتىن كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق سىگناللار تەرىپىدىن بېسىلىپ چىرايىمغا چىقمىدى. مېنىڭ شەخسى ئىشىم بىلەن بۇلارنىڭ نىمە ئىشى بولاتتى . يا مەن ئويلىيالمايدىغان بىر سەۋەپتىن سورىلىۋاتىمەنمۇ ؟ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .
–تۆمۈر ئەپەندى ، مۇشۇنداق جىم تۇرۇشنى يەنە بەش مىنۇت داۋام قىلسىڭىز ، مېنىڭ سوراق مىتودىم مەغلۇپ بولغان بولىدۇ، چۈشەندىڭىزمۇ ؟ گەپ قىلىڭ...
- مەن ئېيتاي ،ئېيتاي ئەپەندىم ، ياپونىيىگە مەن ھەقىقەتەن باشتا دىگەن سەۋەپ بىلەن كەلمىدىم ،سىزگە ھەقىقى كېلىش سەۋەبىمنى ئېيتىپ بېرەي – بۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىشىغىلا سوتچى ئۆزىنى جىددى ئوڭشاپ ئالدىغا زوڭزايدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ھەربىيمۇ قەستەن گېلىنى قىرىپ  قويدى .
      بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ساھىپ بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ دۇنيادىكى  ئەڭ يۇمشاق نازۇك ھېسلار يۇغۇرۇلىدىغان  مۇھەببەت ھېكايىلىرىدىن بىرنى سۆزلەشكە باشلىدىم  . ھېكايەمنى ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئالى مەكتەپكە، ئالى مەكتەپتىن خىزمەتكە چىقىشقىچە بىر ياندىن بايان قىلدىم . ئۆزىنى سەۋىرچان دەپ قارايدىغان سوراقچى مەن تەپسىلى بايان ئۇسلۇبىچە   گۈزەلنۇرنى دەپ ياپونىيىگە بارماقچى بولۇپ ئەلىنىڭ ئىشخانىسغا  كەلگەن يېرىمگە كەلگەندە  نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا تېرىككىنىدىن ئولتۇرالماي قالدى.
- بۇ يەرگە بىر قىزنى دەپ كەلدىم دىمەكچىمۇ ؟
      - شۇنداق مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ھازىرمۇ شۇنداق.
      - ئىپلاس چۈپرەندە ...- ئۇنىڭ باياتىنقى مۇلايىملىقى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن بولۇپ ئىنتايىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقى ئاۋازىدىن مەلۇم ئىدى . – سەن بىزنى مۇھەببەت ھېكايىسىغا شۆلگىيىنى ئېقىتىدىغان 16ياشلىق قىز بالا دەپ ئويلىدىڭمۇ ؟!. ياپونىيىگە بىر قىزنى قوغلىشىپ كەلدىڭ ؟ .. ئەڭ ئاخىرىقى بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىمەن.راست گېپىڭنى قىلمىساڭ  قىلدۇرىدىغانلار چىقىدۇ .
     - مەن راست گەپ قىلدىم .بىر يىل ۋاقىت بېرىلسىمۇ دەيدىغىنىم شۇ
      - ئەمىسە بۇ نىمە؟ بۇنى بىز ئۈرۈمچىگە ئەخمەقلەرچە يوللىغان يۈك -تاقلىرىڭ ئارىسىدىن تاپتۇق. -سوراقچى ئۈستەلگە ئىدىۋىينا نىيىرىڭ بەرگەن ئۈزۈكنى قويدى - تويلىق ئۈزۈكمۇ بۇ؟-ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن مەسخىرە چىقىپ تۇراتتى.
     - شۇنداق.
      - نىمە دىدىڭ  ؟
      - بۇنى گۈزەلنۇرغا بەرمەكچى بولغان ،ئۇ رەت قىلدى.  
      - بۇمۇ مۇھەببەت ھېكايەڭنىڭ بىر قىسمىما ؟- ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.
      -شۇنداق.
       سوراقچىنىڭ سەۋىر تاقىتى توشقاندەك ئۆز ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى .  
- ئۇسۇلۇم كار قىلمىدى. يەنە تېخى  مېنى مەسىخىرە قىدىڭ ئىپلاس ! قارىغاندا دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئارزۇ قىلغاندەك چىرايلىقچە ھەل بولمىغىدەك . مەن بۇ ئۈستەلنى باشقىلارغا بوشىتىپ بىرىشكە مەجبۇر .شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت: ياپونىيىگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە؟؟
ئۇ « ياپونىيىگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە؟؟»دىگەن جۈملىدىكى سۆزلەرنى بىردىن بىردىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چىشلىرىنى غۇچۇلداتقىنىچە  تۇرۇپ  دىدى.
-مەن ئۇيغۇرئاينى دەپ بۇيەرگە كەلگەن،ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇ ئامىرىكىغا كەتكەن بولسىمۇ بىر ئامال قىلىپ ئۇ يەرگىمۇ باراتتىم – بۇ سۆز يۈرىكىمدىكى تامغا ھەتتا پۈتۈن بەدىنىمدىكى ھۈجەيرىلەرگە بېسىلغان تامغا ئىدى .باشقا سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە بەلكىم ئۆز ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلالماي راست دىيەلمەسلىكىم مۇمكىن. لېكىن بۇ سۆزۈم ھەقىيقى ۋە راست ئىدى
      سوراقچى ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشى بىلەن تامدا ھەيكەلدەك قاراپ تۇرغان ھېلىقى ئەسكەر ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى .  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
6932
يازما
186
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5370
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 00:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار .كومپىيوتوردا  قارا خەتنى كۆرىۋەرسە ئادەمنىڭ كۆزى ئاغرىيدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە تورخانىلاردىكى ئىكرانلارنىڭ كۈپىچىسى نىپىز ئىكران ئەمەس،   كاللىغا ئازىراق ئارام بەرسۇن دەپ ماس كىلىدىغان قىستۇرما رەسملەر ياكى ناخشا مۇزىكىلارنى  ئىشلەپ كىرىشتۇرۇپ قويىۋاتىمەن لىكىن رەسىم ئىشلەش ناخشا مۇزىكا تاللاش ئىقتىدارىم چەكلىك تورداشلار ئەسەرگە مۇۋاپىق رەسەملەر ئىشلىيەلىسە يوللاپ بەرسەڭلەر .كۆپچىلىككە رەخمەت
ۋاقىتنىڭ قىسلىقى سەۋەپ ئەسەر ئەڭ بالدۇر  بولغاندا 15 كۇندە بىر ئەڭ كىچىككەندە ئايدا بىر يوللىنىدۇ . ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى  خالىمايدىغان تورداشلارىنڭ   بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىش كۆرىشىنى  ئۇمۇت قىلىمەن      

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
173
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5293
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 11:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،دىليار!ئەسىرىڭىزنىڭ  داۋامى  بىلەن  يەنە  يۈز  كۆرۈشتۇق.
سىزگە سالامەتلىك  يار  بولسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش