- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2012-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-8
- UID
- 49598
- يازما
- 12
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2012-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-8
- توردا
- 0 سائەت
|
مەنچىمۇ بۇ .ئىتوتتا چىنلىق تۆۋەنكەن.تۇرمۇشتا نەدىمۇ ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ ئۇزۇن چېچىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولۇپ كېلىپ،ساتىراچخانىدىكى ئاياللارنىڭ بىر قانچە ئېغىز ياغلىما سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئىددىيدە ئۆزگۈرۈش ياساپ،يولودىشىدىن يىگەن تاياقلقرىنى بىردىنلا ئۇنتۇپ كېتىپ چېچىنى ئالدۇرماسلىق قارارىغا كېلىدىغان ئىش بار.بۇ ئىتوت ئۇيغۇرلارنىڭ 90-يىللاردىكى ئەنەنىۋى ئۇسلۇبىدىن قۇتۇلالماپتۇ.ئىتوتنىڭ ئىپادىلىگەن تېمىسى ياخشى بوپتۇ.لېكىن رېئاللىقتىن سەل يىراقلىشىپ كەتكەن.بۇ نۇقتىلارنى بىلمەك ئۇنچە تەس ئەمەس،بىز ھېلىقى مودا قىز بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى ،ئاپىسى بىر ھەقىقى ئۇيغۇر ئايالى،لېكىن قىز ئاپىسىنى ئازىراقمۇ تارتمىغان،يا ئاپىسىدىن يا ساتىراچخانىدىكى ھەدىلىرىدىن ھىچقانداق تارتىنماي تاپانچىنىڭ ئوقۇدەك سۆزلەۋاتقان قىزنىڭ چېچىنى ئادەتتىكىچە ياسىتىشتوغرىسىدا ئىدىيىسىگە ھىچقانداق بىر ئىش تەسىر قىلمىغان تۇرۇقلۇق بىردىنلا (مەن چېچىمنى ياسىتىمەن)دەپ يۈرۈپ كىتىشى رئىئاللىق بولماستىن بەلكى ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ سوبىكتىپ چۈشەنجىسىدىنلا ئىبارەت.ئۇ قىزنىڭ بىردىنلا ئىددىيدە 90گىرادۇس بۇرلۇش ياساپ ئۆزگىرىشى ئۇ قىزنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي يورتۇپ بېرەلمىگەن .ئەسەردىكى ھېلىقى چېچىنى كەستۈرىۋەتمەكچى بولغان ئايالنىڭ تىراگىدىيىلىك سەرگۈزەشتىسى بىلەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا بارلىق ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ خۇشال ھالدا يېڭى تۇرمۇشقا يۈزلىنىشى رېئاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن دېيىشكە بولىدۇ.بەزىلەر ئىتوتنىڭ ۋاقتى قىسقا شۇڭا مەزمۇننى تولۇق يورۇتالمايدۇ،دېدى.گەپنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە،يەنى ئاپتور بەك چوڭ تېمىنى تۇتۇۋالغان،بۇ ئىتوتتا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەخلاق،ئەنئەنە،ئائىلە تەربىيىسى،ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى.......قاتارلىقلاردىكى بۇزۇلۇش مەسىلىىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا تۇتۇۋاغاچقا چىنلىق تۆۋەن چىقىپ قاغان.مۇشۇنداق ئون بارماقنى بىراقلا ئاغزىغا سالسا پاتمايدۇ ئەلۋەتتە. |
|