- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 290
- تىزىملاتقان
- 2010-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-25
- UID
- 8260
- يازما
- 28
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 290
- تىزىملاتقان
- 2010-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-25
- توردا
- 0 سائەت
|
مەن بۇ ئىپىزوتنى تېلېۋىزوردىنمۇ كۆرگەن.پىرسۇناژلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىدىن قارىغاندا ئۆزئارا ماسلىشىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان.ئەگەر بۇ ئىپزوتتىن ئىدىيە ئىزدەشكە توغرا كەلسە جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئايالىنى ھۆرمەتلىمەسلىك.قەدىرلىمەسلىك،سىرتقا قاراشتەك ناچار ئىللەتلەر پاش قىلىنىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىزدىكى ياسىنىش،گىرىم قىلىشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىشتەك ئىللەتلەر قامچىلانغان دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.بۇ ئىپىزوتتا ئوقۇغۇچى رولىدنى (ئېسىۋالغان سومكىسىن شۇنداق چۈشەنجىگە كەلدىم)ئالغان ئامىنە ئابدۇللانىڭ چاچ پاسۇنى،كىيىنىشى،ئەڭ موھىمى سۆز-ھەركىتى رېئاللىقتىنلا ئەمەس بەلكى بەدىئىي توقۇلمىدىنمۇ خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.ئەگەر بىز ئۇ پىرسۇناژنى ئوقۇغۇچى دېسەك مەيلى تولوق ئوتتۇردا ئوقۇسۇن،مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسۇن بىر ئىلمىي تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر قىزى ئەمەس بەلكى كوچىغا چىكەتكەن ئاتالمىش قىزلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.چۈنكى بۇ پىرسۇناژدا چوڭلاردىن نە تارتىنىش،نە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،قىزلىق شەرمى-ھايادىن ئەسلا سۆز ئاچقىنى بولمايدۇ.ئاخىرقى ھېساپتا بۇ پىرسۇناژنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ئانىسى،مەكتەپ ۋە جەمىيەتنىڭمۇ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقنى بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ قىزنىڭ ئەشۇنداق لۇكچەك،شەرمى-ھاياسىز،ئۆسۈپ يېتىلىشىدە بىۋاستە مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.قىزنىڭ يا ئاپىسىدىن يا ساتىراچخانىدىكى ھەدىلىرىدىن ھىچقانداق تارتىنماي تاپانچىنىڭ ئوقۇدەك سۆزلەۋاتقان قىزنىڭ چېچىنى ئادەتتىكىچە ياسىتىش توغرىسىدا ئىدىيىسىگە ھىچقانداق بىر ئىش تەسىر قىلمىغان تۇرۇقلۇق بىردىنلا (مەن چېچىمنى ياسىتىمەن)دەپ يۈرۈپ كىتىشى رئىئاللىق بولماستىن بەلكى ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ سوبىكتىپ چۈشەنجىسىدىنلا ئىبارەت.ئۇ قىزنىڭ بىردىنلا ۈئىددىيدە 90گىرادۇس بۇرلۇش ياساپ ئۆزگىرىشى ئۇ قىزنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي يورتۇپ بېرەلمىگەن.يانا بىر پىرسۇناژ-ھەقىقىي ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس كىيىنگەن،ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ ئۇزۇن چېچىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولۇپ كېلىپ،ساتىراچخانىدىكى ئاياللارنىڭ بىر قانچە ئېغىز ياغلىما سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئىددىيدە ئۆزگۈرۈش ياساپ،يولودىشىدىن يىگەن تاياقلقرىنى بىردىنلا ئۇنتۇپ كېتىپ چېچىنى ئالدۇرماسلىق قارارىغا كېلىشىنى بىر قىسىم گول كۆرۈرمەنلەر قوبۇل قىلغىنى بىلەن تۇرمۇشنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى بولۇپمۇ يولدىشىدىن تاياق يەپ قاتتىق خورلانغان ئاياللارنىڭ چىقارغان قارارىدىن ئالدىراپ يانمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا ئۇ چېچىنى ئالدۇرۋېتىش قارارىغا كەلگەن ئايال ئوبرازى مۇھەپپىقىيەتلىك يارىتىلمىغان.بۇ مېنىڭ قاراشلىرىم.بۇ ھەقتە ئاپتۇرنىڭ ياكى باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ باشقىچە قارشى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەڭ كۆرۈرمەن ،ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىشىنى شۇنداقلا ماڭا تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. |
|