- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 290
- تىزىملاتقان
- 2010-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-25
- UID
- 8260
- يازما
- 28
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 290
- تىزىملاتقان
- 2010-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-25
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ ئىتوتتىكى بەڭۋاش قىز رولىنى ئالغان قىز(ئامىنە ئابدۇرېھىم) بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ چىققان.(ئېسىۋالغان سومىكىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ)بۇ قىزنىڭ كىيىنىش،سۆز-ھەرىكەت،تەققى-تۇرۇقىدىن بۇ قىزنى ئوقۇغۇچى دېيىشكە تىلىمىز كۆيىدۇ.چۈنكى ھازىر مەكتەپلەردە ئەخلاقىي -تەربىيە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى بۇ قىزدەك ياسىنىشى،ھېچقانداق تارتىنماي چوڭلارنىڭ ئالدىدا بىلجىڭشىپ يۈرۈشلىرى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.بۇ قىزنىڭ سەھنىدىكى ھەر بىر سۆز-ھەركىتى،چوڭلاردىن ھىچقانداق تارتىنماسلىقى بۇ قىزنى ئوقۇغۇچى ئەمەس بەلكى ھېچقانداق تەربىيە كۆرمىگەن، ھازازۇل شەرمى-ھاياسىز كوچا قىزلىرىغا ئوخشىتىپ قويغان.بىر شەھەردە چوڭ بولغان قىز ئانىسىنىغۇ پوش دېمىسۇن،دۇكاندىكى چوڭلاردىن قىلچىمۇ تارتىنماي ئاغزىنى تاپانچىنىڭ ئوقۇدەك قويىۋېتىشى،ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ يۈرۈشلىرىلى ، كىرىسلودىكى ئولتۇرۇشلىرى ،شەھەر مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن،رېئاللىقتىن خېلىلا چەتنەپ كەتكەن.بۇ قىزنىڭ ئالغان رولى ھەرگىزمۇ شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ(ئەخلاق جەھەتتە ئىنتايىن بۇزۇلغان ئوقۇغۇچى بولسىمۇ)تۇرمۇش رېئاللىقىمۇ ئەمەس، يېزا-قىشلاقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىمۇ ئەمەس،كاللىسى بىنورمال، ياۋايى تەبىئەتلىك قىزنىڭ ئالجوقا سۆزلىشى ،بىلجىڭلىشى بولۇپ قالغان.ئوقۇغۇچىلار بىلەن كوچا قىزلىرىنىڭ نېمىلا بولمىسۇن پەرقى بار.بۇ پەرق دەل ئەدەپ-ئەخلاقتا.شەرمى-ھايادا،چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتە،بولۇپمۇ ئۆز ئانىسىنى ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىدۇ.بىز بۇ قىزنىڭ ئوينىغان رولىنى ياخشى بولدى-دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا بۇ قىزنىڭ ئاشۇنداق ئەخلاقسىز تەربىيلىنىپ قېلىشىنى توسمىغان ئانا (ئاپرىل سەمەت)دىنمۇ قاتتىق ئۆكۈنمەي،ئاشۇنداق قىزنى تەربىيلىگەنلىكىدىن نەپرەتلەنمەي تۇرالمايمىز.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆز قىزىنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن ئانىنىڭ باشقا ئاياللارغا تەربىيە قىلىش،ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىنى ئەسلەپ سۆيۈنۈپ كېتىشلىرى رېئاللىقتىن تولىمۇ چەتنەپ كەتكەن.ئەگەر ئانا ياش ۋاقتىدا شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولسا ،نېمە ئۈچۈن ئۆز قىزىنى ياخشى تەربىيەلمىدى؟؟؟بىزدە (ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق)دېگەن ماقال بار.بۇ گەرچە مۇتلەق توغرا چىقىرىلغان يەكۈن بولمىسىمۇ ،مەلۇم ئىجدىمائىي ئاساسى بار.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندائانىنىڭ ياش ۋاقتىمدا ئۇنداقتىم،بۇنداقتىم دېيىشى كۆز ئالدىدىكى قىزى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىق بولۇپ،ئانىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەخلاقلىق بولماستىن قىزىغا ئوخشاش شەرمى-ھاياسىز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىپ قالىدۇ. سەھنىدە ئانا باشقىلارغا قىزىنىڭ ئۆزىگە زىنھار ئوخشىمىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ دەرت-ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۆككەن بولسا، ئۇ چاغدا ئانىنىڭ ياش ۋاقتىدا ھەقىقەتەن ئەدەپلىكلىكى،لېكىن قىزىنىڭ ئۆزى(ئانا)نى دورىمىغانلىقى ئىپادىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئانىغا بولغان ھۆرمىتى،ئىچ ئاغرىتىشى پەيدا بولاتتى.لېكىن ئانا ساتىراچخانىغا قىزىنىڭ چېچىنى ياسىتىپ ،قىزىنى "ئادەم '' قىلىشقا ئەمەس بەلكى باشقىلارغا تەربىيە قىلغىلى كىرگەندەك رول ئېلىپ قالغان.ئادەمنىڭ خاراكتىرى بىر كۈندە شەكىللىللەنمەيدۇ.قىزنىڭ ئەشۇ ياشقا كېلىپمۇ ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى،ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى،ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي، غەلىتە سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ،ئىتوتنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەننى ئويغا سالماي قالمايدۇ.چۈنكى كۆپىنچىمىزنىڭ قىزى بار، قىزلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار،كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان پەرزەنتلەرنى تەربىيەلىگۈچىلەردۇر.يەنە ئۇزۇن چاچ قويغان، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس كىيىنگەن ئايال(گۈلجامال)نىڭ ئۇزۇن چېچىنى ئالدۈرۋېتىش نىيتىگە كېلىپ، ساتىراچخانىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ساتىراچخانىدىكىلەرنىڭ شۇنداقلا قىلغان تەربىيسىدىن 90گىرادۇس ئۆزگىرىپ چېچىنى چۇشەرتىۋېتىش قارارىدىن يېنىشى ھەرگىز رېئاللىق ئەمەس.چۇنكى ئۇ ئايالنىڭ چېچى يولدىشىنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇشتكى ئاجىز ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۇكاندىكى ئاياللارنىڭ بىر قانچە ئېغىز تاتلىق نەسەھەتلىرى بىلەن ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى ئالدۇرماسلىق قارارىغا كېلىشىنىڭ ئۆزى بۇ ئايال ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋەتكەن.مەن ئىتوت ئاپتورىنىڭ سان قوغلاشماي، سۈپەت قوغلىشىشىنى،پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ياراتقاندا تۇرمۇش رېئاللىقىغا بەكرەك ھۆرمەت قىلىشى بىلەن بىرگە ئۆزىنى قوللاۋاتقان كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىمۇ ئويلاپ قويۇشىنى ھەر ۋاقىت ياخشى ئوبراز تىكلمىمەك نېچچە يىللىق بولسا ئوبرازىنى تۆكۈش بىر كۈنلۈك بىردەملىك ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدىن چىقارماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.مېنىڭ بۇ يازمىلىرىمنىڭ مۇتلەق توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، كەڭ تورداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى
ئۈمۈد قىلىمەن ! |
|