تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 63250|ئىنكاس: 142

ئاپپاق خوجىنىڭ ئەپتى-بەشىرسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھايا-قىز بالىنىڭ

UID
6
يازما
86
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
2874
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-10 01:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

ئاپپاق خوجىنىڭ ئەپتى -بەشىرسى
مۇختار قادىر ھونزادە

بىز تارىخمىزنى ۋاراقلاپ كۆرگېنىمىزدە ئوغوزخان،باتۇر،كۆلبىلگە،مەخمۇت قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئوخشاش مەدەنىيەت چولپانلىرىنىڭ ئاجايىپ تۆھپىلىرىدىن پەخرلەنسەك،مەخدۇم ئەزەم،ئاپئاق خوجىا(ئاپئاقخوجىنىڭ تىگى -تەكتى ئۇيغۇر ئەمەس ) لارغا ئوخشاش جاھالەت پىرلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ئىختىيارسىز غەزەپلىنىمىز.شۇ سەۋەپتىن،ئالدىنقىلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئەسلەش قانچىكى زۈرىر بولسا،كىيىنكىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشمۇ ئوخشاشلا زۈرىر بولماقتا.چۈنكى،ئاللىقاچان تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىپ كەتكەن ئۇ كىشىلەر مىللىتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق ساۋاق ۋە سەلبىي دەرسلىك.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇندىن 370يىل ئىلگىرى قۇمۇلدا سوپىزىم تەلىماتىنى تارقىتىۋاتقان بىر ئىشاننىڭ ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن.ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ،18يېشىغىچە سوپىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا،ئۇنىڭ دادىسى يۈسۈپ خوقا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەچكە،ئۇنىڭ ئامىتى كېلىپ،"ئىشقىيە"سۈلىكى بويىچە "پىر"لىق ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن.مانا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئېچىنىشلىق يوقۇتۇشلارنى پەيدا قىلغان ئەشەددىي جاللات،دىنىي مۇناپىق ھىدايتۇللا (ئاپئاق) خوجا ئىدى.
شۇ چاغدا،جەنۇبىي شىنجاڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ،ئىسسمايىلخان ھاكىمىيەت بېشىدا ئىدى.سوپىزىمنىڭ "ئىشاقىيە"سۈلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ خان ئاپئاق خوجىلارنىڭ قەشقەردىكى "ئىشقىيە" سۈلىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ،مىلادى 1671-يىلى يازدا ئۇلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان(ئىسمايىلخانئىشاقىيە سۈلىكىگەمايىل بولغاچقا چوڭ تىكىننىڭئاپئاق خوجنى ئۆلتۆرۇش تەلپىنى رەت قىلغان. ).قوغلانغان ئاپئاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى قاتتىق ئۆچمەنلىك ئىچىدە كەشمىرگە بېرىپ،ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا يېلىنغاندا،شىزاڭدىكى دالاي لاما(ۋ)غا تونۇشتۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى،ئاپئاق خوجام،پىشىۋا ھەزرەت،پىر ئىشان،مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ 27-نەۋرىسى دەپ ئاتىۋالغان ھىدايتۇللا خوجا بۇددا دىنىنىڭ لاما داھىسى ئالدىدا تىزلىنىپ،ئۇنىڭ ئېتەكلىرىگە سۆيۈپ،زار-زار يىغلاپچاتراقلىرىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۆپ،ئىسمايىلخان ئۈستىدىن "شىكايەت"قىلغان. دالاي لاما(ۋ) شۇ چاغدا كۆزىنى شىنجاڭغا تىكىپتۇرغاچقاھەمدە سەئىدىيە خانلىقىدا بۇرۇن قىپقالغان قانلىق ؟ۆچى بولغاچقا ،ھىدايتۇللارغا "ئاپئاق"(زاڭزۇچە ئوتتۇرا قاتلامدىكى راھىپلارغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان) نامىنى "ئاتا" قىلغان ھەمدە شىمالىي شىنجاڭنى بېسىپ ياتقان جوڭغار(موڭغۇل)لارنىڭ باشلىقى غالدان قۇنتەيجىگە(غالدانسىرىن) لاما دىنى نامىدىن ياردەم بېرىش بۇيرۇقى ئەۋەتكەن.ئاپئاق خوجا بۇ "بۇيرۇق"نى ئېلىپ،چىڭخەي ئارقىلىق قۇمۇلغا،كىيىن جوڭغارغا كەلگەن ۋە سىچۇئەن،چىڭخەي،نىڭشىيا خۇيزۇلىرى ئارىسىدا "پەيغەمبەر ئەۋلادى چىڭخەيگە كەلگەن..."دېگەندەك رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان.غالدان قۇنتەيجى گەرچە موڭغۇل بولسىمۇ،لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، دالاي لاما(ۋ)نىڭ كۆرسەتمىسىنى مۇقەددەس بۇيرۇق قاتارىدا كۆرەتتى.نەتىجىدە،ئاپئاق خوجا جوڭغارلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەشقەر،يەكەنلەرنى ئىشغال قىلىپ،170يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.
ئاپئاق خوجا جەنۇبىي شىنجاڭدا قورچاق "خانلىق" تىكلىگەندىن كىيىن،بىر تەرەپتىن سوپىزىم مۇرىتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتسە،يەنە بىر تەرەپتىن يوقۇتۇش خارەكتىرلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان.ئۇ يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن 81كىشىنى تىرىك پېتى يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆلتۈرگەن.مەشھۇر بىلىم يۇرۇتلىرىنى چېقىۋەتكەن.ناخشا-ئۇسۇللارنى چەكلەپ،تارىخىي،ئەدەبىي كىتاپلارنى كۆيدۈرگەن.ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنى تۇتۇپ،جوڭغارلارغا سوۋغا قىلغان.ئىسمايىلخاننىڭ كىچىك قىزىنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ،ئۆزىنىڭ "ئىشاقىيە"چىلەرنى تۇخۇمىدىن قۇرۇتۇش "ئىرادىسى"نى بىلدۈرگەن.مەشھۇر شائىر بابا رەھىم مەشرەپنى ئاتالمىش "دەھرى"لىكتە ئەيىپلەپ،بەلغتە دارغا ئاستۇرغان.بۇنىڭ ئەكسىچە،ئاشىقلىق،مازارچىلىق،مۆمىنچىلىك ئىدىيىسىنى كەڭ تارقىتىپ،رېئاللىقتىن چەتنىگەن سوپىزىمنى ئەۋج ئالدۇرغان،ھەتتا ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ "داھىسى" دەۋالغان.
ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدىغان ئىدىيىۋى ئەپسۇنى ۋە قانلىق قىلىچى ئارقىلىق خەلقىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالغان جاھالەت پىرى ئاپئاق خوجا 68ياشقا كىرگەن چېغىدا (1694-يىلى) يەكەن شەھرىدە "ئىشاقىيە سۈلۈكى" تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭ ناپاك جەسىدى ئۇ ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي ئىلگىرى ياسىتىپ قويۇلغان قەشقەردىكى "مازارى شاھان"(بۈگۈنكى ھەزرەت) گە دەپىن قىلىنىپ،چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا تەرىپىدىن گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇلغان.شۇندىن ئېتىۋارەن،ئاپئاق خوجىنىڭ خوتتۇن-بالىلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش يۈز بېرىپ،ئاخىرى مۆھتىرەم خېنىم (پاشا خېنىم) ئۇتۇپ چىققان ۋە ئۈچ يىل ئىچىدە 20 مىڭدىن كۆپ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ،"جاللات خېنىم"دەپ ئاتالغاچقا،1699-يىلى دولانلىق سوپىلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئاپئاق خوجا ھاكىمىيىتى(1678-1699)سوپىزىمنى قانۇن ۋە ئەخلاق مىزانى قىلغاچقا،پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنى خۇراپاتلىق،زۇلۇم،نامراتلىق،نادانلىق،جەڭگى-جىدەل،ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن.بۇ ھال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چېكىندۈرىۋېتىشكە سەۋەپ بولغان.
تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.خەلقىمىز ئاپئاق خوجا ۋەكىللىكىدىكى سوپى-ئىشانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى پەقەت يېقىنقى يىللاردىلا تونۇپ يەتتى ۋە يەتمەكتە.بۇ ئەقىل-ئىدرىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ،ساپايىمىزنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.شۇنداقتىمۇ،ئەشۇ ئېچىنىشلىق تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ئۈستىدە دائىم پىكىر يۈرگۈزىپ تۇرىشىمىز كېرەك.
ئىزاھ:پايدىلانغان ماتىرياللار تىزىملىكى قىسقارتىلدى

بۇ ماقالە ئەسلىدە "جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"نىڭ 1995-يىلى 7-ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلغان

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
20
يازما
180
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-10 21:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاباق ، ئاباق .ئاباق . ئاپاق .ئاپاق .....ئاپپاق ،،،،،،،،بوپ كەتتى ...............

مۇھەممەت پەيخەمبەرنىڭ 27_نەرۋىسى تۇرۇپ لاما دىنىغا ئىتقات قىلدى !!! بۇنداق يىلىگەر قۇۋلاردىن يەنە بىرسى چىقامۇ زادى !

-------------------------------------------------
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 10:59:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
20
يازما
180
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6307
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 18:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتۇرلارنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستىكەن ،ئىنكاسلار قايتا يوللىنىپ قاپتۇ ....كەچۈرگەيسىزلەر .
<سۇغۇق چۈشۈپ قالدى > چاپاننى سالسا توڭلايدىغان گەپ ...

-------------------------------------------------
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-11 20:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
61
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2008-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 13:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپئاق خوجىغا ئائىت تېمىدىن بۇرۇنمۇ قايسى بىر مۇنبەردە كۆرگەن ،نۇرغۇن كىشىلەر تېما يازغۇچىنى تىللاپ كېتىپتىكەن ،دىمەك ئۇنىڭ ئاسارىتى تېخىچە يوقالمىغان گەپ ،«جاللات خېنىم »«ئۆتكەن كۈنلەر»قاتارلىق رومانىدا ئۇنىڭ ئەپتى بەشىرىسى ئىچىۋىتىلگەن.ھەقىقەتەن رەزىل ئادەم ئىكەندۇق..................

UID
60
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2008-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 13:54:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ھازىرقى جەمىيەتتىمۇ ئاشۇنداق سۇپى-ئشانلارنى [ئۇلۇغ ئاللاھنى مەدھىيەلەشنىڭ ئورنىغا قۇيۇۋالغان ]گىزەندىلەرمۇ كۈرۈپ باققان بولسا ئەجەپ ياخشى بۇلار كەن.

UID
60
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2008-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 13:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغئاللاھ بىزلەرنى [ئيمان.ئسلام.تەۋھىد.سۈ ننەت] تىن ئبارەت توغرا يولدىن ھەرگىز ئازدۇرۋەتمىسۇن.ئامىيىن

تىرىشچان ئەزا

ھامان غەلبە قىلى

UID
35
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
847
تىزىملاتقان
2008-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 23:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا << بەخىتسىز سەئىدىيە >> دىگەن كىتاپنى ئوقۇپلا  بۇ ھايۋاندىن تۆرەلگەن مۇناپىقنىڭ ئەپتى - بەشرىسىنى بىلىپ  بولغان ئىدىم .  بۇ يەرگە ئەسكەرتىپ قايتا  يوللاپ  ساۋابلىق  ئىشتىن  بىرنى  قىپسىز  بۇرادەر....!!!

چىدىساڭ ياشا .

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
964
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42687
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
215 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-6-5 20:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوتتىرىدىكى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە بار ئىدىغۇ، شۇ چاغدىلا ئەدەبىيات مۇئەللىمىم بۇ كىشى توغرىسىدا مېغىزلىق قىلىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بەرگەن، ئانچە-مۇنچە ھېس قىلىپ قالغانتۇق.
«جاللات خېنىم» نى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرسىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ياسىنجان سادىق ئاكىمىزغا ھۆرمىتىم بار.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك ئادەم ئەمەس لېكىن قانداق ئادەملىكىنى بىلىپ قويغان ياخشى. ھېتلىر قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە كەم تېپىلىدىغان«جاھانگىر» بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە پەقەت بىر قانخۇر جاللات-خالاس!

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش